گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 266 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 118|ئىنكاس: 1

ئەقىل،ھىسىيات ۋە ئاقىۋەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
23
تېما
36
قىزغىنلىق
163
تىللا
519
تۆھپە
87
توردا
82 سائەت

چوڭ باشقۇرغۇچى  ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 14:23:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقىل،ھىسىيات ۋە ئاقىۋەت

ئەقىل،ھىسيات ۋە ئاقىۋەت مەسىلىسى ئىنسانلارنىڭ ياشاش جەريانىدا ئىچكى ئېتىياچ تۈپەيلى پەيدا بولىدىغان مۇھىم پىسخىلوگىيەلىك جەريانلار بۇلۇپ،بۇلارنىڭ كىشىلەر ھەركىتىدىكى ئىنكاسى،كىشىلەرنىڭ ئەمىليەت جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ئورۇنىنىڭ قىممىتىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ.
ئەقىل،ھىسىيات ئاقىۋەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا قۇماندانلىق قىلىپ،مۇقەررەر بىر ھادىسنىڭ ئاقىۋىتىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ.مەيلى ئەقىل مەيدانغا كەلتۈرگەن ئاقىۋەت بولسۇن،مەيلى ھىسىيات مەيدانغا كەلتۈرگەن ئاقىۋەت(نەتىجە) بولسۇن ھەر ئىككىلىسى ئەڭ ئاخىرقى ھىساپتا ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئاقىۋەتنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ.بۇ دىگەنلىك پەزىلەتلىك ئېقىل-پاراسەت بىلەن نورمالنى ھىسىيات شەكىللەندۈرگەن ئاقىۋەتلەر ئىنسانىيەتنىڭ تەرەقىيادى ۋە شەخسىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ئېتىياجىنى ياخشى ،پەزىلەتلىك يۇلۇنۇشتە داۋاملاشتۇرۇشقا تۇرۇتكە بولىدۇ.پەزىلەتسىز ئېقىل بىلەن چەكتىن ئاشقان ھىسىيات نەتىجىلىگەن ئاقىۋەت بولسا شەخسى ۋە جەمىيەت ئۈچۈن بىر بالا-قازادىن باشقا نەرسە ئەمەس،ئۇ شەخسىنى تەلۋىلىككە،جەمىيەتنى زوراۋانلىققا باشلاپ بارىدۇ.
يۇقارقى ھۈكۈمدىن شۇنى كۈرىۋېلىش تەس ئەمەسكى مەيلى ئېقىل،مەيلى ھىسىيات بولسۇن چۇقۇم ئۇ ئۈزىگە پەزىلەتنى(ياخشى-ياماننى بىلىشنى)ھەمرا،يول باشلىغۇچى قىلىشى، ھەرگىزمۇ ئۈزىنى گۇناھنىڭ ئاساسى قىلىۋالماسلىقى لازىم.شۇنداق بولغاندا كىشىلەر ئادىمىلىكنى نامايەندە قىلىپ،بەلگۈلۈك ئىززەت-ھۆرمەت،قەدىر-قىممەتكە ئىرشەلەيدۇ،ھەم باشقىلارغا زۇلۇم ئېلىپ كەلمەي،باشقىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدايدۇ.
1.ئەقىل
ئەقىل كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەركەتنىڭ قانداق ئاقىۋەتتە بولدىغانلىغىغا بولغان ئالدىن ھۈكۈم قىلىش ئىقدىدارىدىن ئىبارەت.
بۇنداق ھۈكۈم قىلىش ئىقدىدارى(ئېقىل)ئىنسانلارنىڭ باشقا مەخلۇقاتلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان بىردىن-بىر بەلگىسى،ئەقىل بولمىسا ئادەممۇ بىر ئادەم سۈپىتىدىكى ئادىمىي ھايۋاندىن ئىبارەت-خالاس.
ئېقىلنىڭ ئاقىۋىتىگە قاراپ بىز پەزىلەتلىك ئېقىل ۋە پەزىلەتسىز ئەقىل(ئەقىلسىزلىق)دەپ ئىككى تۇرگە بۆلەلەيمىز.پەزىلەتلىك ئەقىل بولسا-كىشىلەر ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ قانداق نەتىچىلىنىشىگە ئالدىن ھۈكۈم قىلىپ،شۇ ھۈكۈمگە قارىتا تەبىر بىكىتىپ،ئىشنى خاسىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇشقا تىرشىدىغان مۇھىم بىر ئىچكى ئېتىياچ،ياكى ئاڭدىكى يۈكسەكلىكتۈر.پەزىلەتسىز ئېقىل بولسا ئىش-ھەركەتنىڭ قانداق ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ،ۋەقە ھادىسىنى ئېچىنىشلىق ئاخىرلاشتۇرۇشنى تىزلىتىش ئۈچۈن قوللانغان تەبىرلىرىدىن ئىبارەت بۇلۇپ،بۇنداق ئېقىل ئىنسانىيەتكە،باشقىلارغا شەخسىگە ئۈزىگە بالاھى-قازانى ئاتا قىلغانلىغى ئۈچۈن، ئۇنىڭ قوللانغان تەبىرىنىڭ خاسىيەتلىكلىگى نولگە تەڭ بولغانلىغى ئۈچۈن، پەزىلەتسىز ئەقىلنى كىشىلەر ئەقىلسىزلىق دەپ قاراپ كەلگەن.ئەمىليەتتە بولسا ناچار ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىشقا نۇرغۇنلىغان پەزىلەتسىز ئەقىلى كۈچ سەرىپ بولىدۇ.
ساغلام بولمىغان ئەقىل ئەمىليەتتە كىشىلەردە يىتىلگەن ساغلام بولمىغان پىسخىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئەقىلنى تەكىتلىگەندە ساغلام ئېقىلنى تەكىتلەپ ساغلام بولمىغان ئەقىلنى تەشەبۇس قىلماسلىغىمىز،ھەم ئۇنىڭ ئاقىۋەت پەيدا قىلىشىغا قەتتىئى يول قويماسلىغىمىز لازىم.
پەزىلەتسىز ئەقىل ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى،ئۇ كىشىلەرگە ئاپەت خارەكتىرلىك بالاھىقازالارنى ئاتا قىلالايدۇ.
مەسىلەن:ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغۇغۇچى گىتلىرنى ھىچكىم <<دۆت>>دەپ كىسىپ ئېيتىيالمايدۇ،چۈنكى ئۇنىڭ ناتىقلىغى،ھەربىي جەھەتتىكى ئۈستۈ ئەقىل-پاراسىتى...قاتارلىقلار ھەممىمىزگە ئايان.بۇنىڭدا بولمىغىنى پەزىلەتلىك ئەقىل،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئەقلىنى توغرا نوقتىدا تۇرۇپ ئىشلەتمەي مۇمكىن بولمايدىغان قۇرۇق خىيالىنىڭ پاتقىقىغا پاتتۇرۇپ قۇيۇپ،ئاخىرى ئۈزىگە،پۈتكۈل نىمىس مىللىتىگە،پۈتۈن دۈنيا خەلقىگە مەڭگۈ ئىسىدىن چىقمايدىغان بالا-قازا ئاتا قىلىپ،ئەقىلنى ئەقىلسىزلىك بىلەن نەتىچىلەندۈردى.
<<ئەقىل بىلەن ئىش قىلىش،ئەقىلسىزلىك قىلماسلىق>>دىگەن ھىكىمەتتىنمۇ ،ئەقىل بىلەن ئىش قىلسا مىسىلىنىڭ ياخشى يامان تەرەپلىرىنى ئويلۇنۇپ،ئىشنىڭ ياخشى تەرەپكە بۇرىلىشىغا سەۋەپ قىلىپ،ساقلانغىلى بولىدىغان ئاقىۋەتنىڭ يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىغىنى،ئەقىلسىزلىق قىلسا ساقلانغىلى بولىدىغان ئاقىۋەتىنى ساقلانغىلى بولمايدىغان دەرجىگە كۈتۈرۈپ،مەڭگۈ پۇشايمانغا قالىدىغانلىغىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس.بىز <<ئەدەپنامە>>دە تۈۋەندىكىدەك ھىكايەتنى ئۇچرىتىمىز بۇنىڭدىن پەزىلەتسىز ئېقىلنىڭ ئاقىۋىتىنى ئازراق بولسىمۇ كۈرىۋالالايمىز.
بىر ياغچى شاگىرتىغا:
-سەن باشقىلارغا ياغ كەملەپ بەرگەندە،قاچا ئىچىگە باش بارمىغىڭنى تىقىۋالساڭ بىز ياغدىن خېلىلا پايدىغا ئىگە بولىمىز.
شاگىرتى بولسا:
-ئۇستام بۇنداق قىلغاندا ئەل ھەققىگە خىيانەت قىلغان بولمامدۇق دەپتۇ
ئۇستىسى دەپتۇ:-ھەي ئەقىلسىز،بۇ دىگەن سودىگەرچىلىكنىڭ سىرى.
ئۇستىسى شاگىرتىنىڭ گىپىگە قۇلاق سالماپتۇ.
شۇنداق قىلىپ ياغچى باشقا شەھەردە ياغنىڭ باھاسىنىڭ ئۈستۈنلىكى ئۇقۇپ ھەممە بىساتىغا ياغ(چىراق ياغى)ئېلىپ،كېمىگە قاچىلاپ دەريا بىلەن يۇرۇپ كىتىپتۇ.شۇ چاغدا دەريادا قاتتىق بوران چىقىپ،كېمە ئۆرلۈپ كىتىش خەۋىپىگە دۇچ كەپتۇ.كېمىچى:
-خۇجايىن ياغلارنى دەرياغا توكىۋاتمىساق ھەممىمىز ئامان قالمايمىز دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ياغچى بارلىق ياغلىرىنى دەرياغا تۇكۈشكە مەجبۇر بوپتۇ.شۇ چاغدا شاگىرتى ئۇستىسىنىڭ قېشىغا كىلىپ:
-ئەي خوجام،بارماقلاپ قاقتى- سوقتى قىلمىغىنىڭزدا،كۈپ-ئېدىشلەپ تۆكمىگەن بولاتتىڭىز دەپتۇ
2.ھىسىيات
ھىسىيات كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەركەت، ۋەقە- ھادىسىلىرگە نىسپىتىن مايىللىغىنى،مايىل ئەمەسلىگىنى ئىا  دىلەيدىغانى پىسىىك ئېتىياچ.بۇ خىل ئېتىياچ مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە كىشىلەر قەلبىدە يۇشۇرۇن ھەم ئاشكارا ھالدا مىھرى-مۇھابەت ۋە غەزەپ نەپرەتكە ئايلىنىدۇ.ئۇنىڭ ئايلىنىش خارەكتىرىگە قاراپ ئۇنى ئەقلى ھىسىيات ۋەكونتىرىلسىز ھىسىيات دەپ ئىككىگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
ئەقىلى ھىسىيات بولسا مەسىلىنىڭ ماھىيىتىگە ئاساسەن ئەقىلنىڭ كونتۇرۇللىغى ئاساسىدا خۇلاسسە چىقىرىپ،يەكۈن ئارقىلىق(ئەقلى يەكۈن)ئۈزىنىڭ مايىللىغىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل ئەقلى كۈچ.ئۇ ئەقىلنىڭ كونتۇرۇللىغىدا تۇرۇپ،ئەقىلنىڭ ئەمىليەتكە ئايلىنىشىغا تۇرۇتكە بولىدۇ.شۇنداقلا يۈز بىرىشى ئىتىماللىغى بولغان ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،يامان ئىشنى ياخشى تەرەپكە بۇرايدۇ ،ھىچ بولمىغاندا مەسىلىنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە شارايىت يارتىپ بېرىدۇ.
كونتۇرۇلسىز ھىسىيات بولسا ۋەقە-ھادىسىگە دۇچ كەلگەندە ئېقىلنىڭ كونتۇرۇللىغىدىن چىقىپ،ئېقىلنى يۇقۇتۇپ،ھىسىيات ئۈزىنىڭ مەيلىچە ئادەمنى كونتۇرۇل قىلىپ،يۈز بىرىش ئېتىماللىغى بولمىغان ئاقىۋەتنىڭ يۈز بىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان ھىسىياتتىن ئىبارەت بۇلۇپ،ئۇ ئۈزىنىڭ كونتۇرۇللىغىنى يوقاتقاندا ئۆچمەنلىك،غەزەپ-نەپرەتكە ئايلىنىپ كېتىدۇ.ھىسىيات غالىپ كىلىپ،يۈز بەرگەن ئاقىۋەتلەردە مەسىلە سادىر قىلغۇچى ھامان پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىدۇ.كونتۇرۇلسىز ھىسىيات ماھىيەتتە ئېقىلنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىدۇر.
ئەقلى ھىسىيات پەزىلەتلىك ئەقىلنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.ئۇ كىشىلەرنى قاراملىق بىلەن ئىش قىلىشتىن توسۇپ،ئىلمىي،توغرا بولغان قارار چىقىرىشقا ئۈندەيدۇ.ۋەقە ھادىسىلەرگە نىسپەتەن مايىللىق ئىپادىلەنمىسە كىشىلەر ئەقىل ئىشلىتىپ ،شۇ مەسىلىگە نىسپەتەن تەبىر قوللانمايدۇ.بۇ ئەقلى ھىسىياتنىڭ ئەقىلنىڭ قاناتلىنىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
مەسىلەن:سىز يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقاندا ئىككى ئادەمنىڭ ئۇرشۇپ قالغانلىغىنى كۆردىڭىز،شۇ چاغدا سىزنىڭ ئەقلى ھىسىياتىڭىز ئۇلارنى ئۇرۇشتۇرماسلىققا مايىل بولسا سىز ئەقلى ئىقدىدارىڭىزغا تايىنىپ،ئۇلارنىڭ ئۇرۇشۇشىنى توسۇپ،ئاقىۋەت يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىسىز.ئەگەر مايىللىق ئىپادىلەنمىسە كۆرمەسكە سېلىپ ماڭىسىزدە-ھىچقانداق تەبىر قوللانمايسىز،بۇنداق تەبىر قوللانمالىق ماھىيەتتە ئاقىۋەت پەيدا قىلىشى مۈكىن.
ھىسياتنىڭ غەزەپكە ئايلىنىشى،ھىسياتنىڭ كونتۇرۇلسىزلىغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ھىسيات كونتۇرۇلسىز قالغاندا ھەرقانداق يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىش ئېتىمماللىغى ئەڭ چوڭ بولىدۇ.
<<ئەدەپنامە>>دىگەن ئەسەردە مۇنداق بايانلارنى ئۈچرىتىمىز<<غەزەپلىنىشنى ئادەت قىلما،كىشى غەزەپلەنگەنسىرى غەزەپى ئۇنىڭدىن غالىپ كىلىپ،ئۇنى دائىم غەزەپلىنىشكە مەجبۇر قىلىدۇ
ئەدەپنەمىدىكى بۇ ھۈكۈمدىن كىشى غەزەپلەنگەنسىرى غەزەپنىڭ شۇ كىشىنىڭ ئەقلىدىن ئۈستىن كىلىپ،دائىم غەزەپلىنىپ،مەسىلىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يۈز بىرىشنى تىزلىتىدىغانلىغىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىھۆدە غەزەپلىنىشنىڭ كىشىنىڭ ئەقلى ئىختىدارنى خۇنۇكلەشتۇرۇپ،مىجەزدىكى ئوسۇللۇقنى پەيدا قىلىدىغانلىغىنى كۈرىۋالالايمىز.
يۇقارقىلاردىن يامان ئاقىۋەتنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئۆز ھىسىياتىنى ئەقىلنىڭ كونتۇرۇللىغى ئاستىغا ئېلىپ،ھىسىيات بىلەن ئەمەس ،ئەقىل بىلەن ئىش كۈرۈشنىڭ زۈرۈرلىگىنى كۈرىۋېلىشمۇ تەس ئەمەس.
غەزەپلىنىشمۇ بىر خىل نورمال پىسخىكا،بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان ھىسىياتنىڭ غەزەپكە ئايلىنىشى مۇنداق ئىككى خىل مەناغا ئىگە.بىرى-غەزەپلىشىكە تىگىشلىك ئىشقا چۇقۇم غەزەپلىنىش كېرەك.ئەگەر غەزەپلىنىشقا تىگىشلىك ناھەقچىلىك ئىشلىرىغا غەزەپلەنمىسە بۇ شۇ كىشىنىڭ پىسخىكىسىدا نورمالسىزلىقنىڭ بارلىغىنى بىلدۈرۈدۇ.ئىككىنىچى بىرسى بولسا غەزەپلىنىشكە تىگىشلىك بولمىغان ئىشلارغا غەزەپلىنىپ،قەستەن ئاقىۋەت پەيدا قىلىش بۇلۇپ،بۇ خىل غەزەپلىنىشمۇ شۇ كىشىنىڭ پىسخىكىسىدا ئېغىر توسالغۇ بارلىغىنى ئىپادىلەيدۇ.
غەزەپلىنىشكە تىگىشلىك ئىشلارغا غەزەپلىنىش ھىسىيادى بولسا ئەقىلنىڭ كونتۇرۇللىغىغا مەنسۇپ بولغان ئەقلى ھىسىياتقا تەۋە.غەزەپلەنمەسلىككە تىگىشلىك ئىشلارغا غەزەپلىنىش بولسا كۈتۇرۇللۇغىنى يوقاتقان كۈنتىرىلسىز ئەقىلگە تەۋەدۇر.يۇقىرىدا دىيىلگەن ئەقىلنىڭ غەزەپكە ئايلىنىشى دىگەندە ئۇ كونتۇرۇللىغىنى يوقاتقان كونتۇرۇلسىز ھىسىياتقا قارىتىلغان.
3.ئاقىۋەت
كىشىلەرنىڭ ۋەقە –ھادىسىلەرگە ئەقىل ۋە ھىسىيات ئارقىلىق بىلدۇرگەن ئىنكاسى(پۇزۇتسىيەسى)نەتىچىسىدە مەيدانغا كەلگەن رىياللىق(نەتىجە) ئاقىۋەت بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ئاقىۋەتنىمۇ ياخشى ئاقىۋەت ۋە يامان ئاقىۋەت دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ.ياخشى ئاقىۋەت بولسا –كىشىلەرنىڭ ئەقىل كونتۇرۇللىغى ئاساسىدىكى ھىسىياتى تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن ئاقىۋەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.
مەسىلەن:بىرسى تىغ ئېلىپ،يەنە بىرسىنى قوغلاپ ماڭغاندا تۇيۇقسىز تىغنى شۇ كىشىگە تىقسا يامان ئاقىۋەت كىلىپ چىقىپ،ئۈزىنىڭ مەڭگۈلۈك پۇشايمانغا قالدىغانلىغىنى ھىس قىلىپ،نىيىتىدىن يېنىش.ياكى غەزىپىنى كەلتۈرگەن شۇ كىشىنى ئەپۇ قىلۋېتىش ... ...  قاتارلىقلار.
يامان ئاقىۋەت بولسا-كىشىلەرنىڭ ھىسىيادى ئەقىلنىڭ كونتۇرۇللىغىدىن چىقىپ،غەزەپكە ئايلىنىپ،كۈتۈلمىگەن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولۇشنى كورسىتىدۇ.بۇ خىلدىكى ئاقىۋەت، سادىر قىلغۇچىنىڭ يۇرىگىدە تۈگىمەس ھەسرەتنى پەيدا قىلىدۇ.
مەسىلەن:بىراۋ بىلەن گەپ تالىشىپ ئولتۇرۇپلا،ئۇنىڭ يامان يىرىگە ئۇرۇش،تىغ تىقىۋېتىش ... ... قاتارلىقلار.
قانداقلا بولمىسۇن كىشىلەر ئەقىل بىلەن ھىسىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ،ئەقىل بىلەن ئىش كۈرۈپ،ئەقىل بىلەن يەكۈن چىقىرىپ،كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،كىشىلەر ئارىسىدىكى مىھرى-مۇھابەتنى مەڭگۈلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرشىشى لازىم.ھىسىياتنى كونتۇرۇل قىلىش- كىشىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئازاپقا قېلىشىنى دەپنە قىلغانلىق بىلەن باراۋەر.


ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا ، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن
؟

Rank: 3Rank: 3

تېما
34
قىزغىنلىق
597
تىللا
728
تۆھپە
374
توردا
99 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 04:54:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا...ئەقلىمىزھىسياتقا قۇل بوپ قالسا ئاقىۋەت......ھەي....ھىسياتقا ئەمەس،ئەقلىمىزگە قاراپ ئىش قىلايلى.....


گۈزەل باي توى بىزنىڭ ھەم سىزنىڭ ئىللىق ماكانىمىز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-15 02:22 , Processed in 0.097775 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش