گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 266 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 114|ئىنكاس: 2

ئازابتىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
23
تېما
36
قىزغىنلىق
163
تىللا
519
تۆھپە
87
توردا
82 سائەت

چوڭ باشقۇرغۇچى  ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 16:51:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                         ئازابتىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى



    بىر يىگىت دانىشمەندىن سوراپتۇ: ئاتا–ئانامدىن كىچىك قېلىپ يېتىمچىلىكتە چوڭ بولدۇم،چوڭ بولۇپ تۇرمۇشۇم ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ مېيىپ بولۇپ قالغاچقا،يەنىلا ئازاب ئىچىدە ياشاۋاتىمەن،بۇ ئازابتىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى بارمىدۇ؟
   دانىشمەن ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلماي ئۇنى ئىككى خالتا تۇز ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ،ئاندىن بىر چىنە سۇ تەييارلاپ بىر خالتا تۇزنى چىنىدىكى سۇغا تۆكۈپ يىگىتكە ئىچكۈزۈپتۇ،يىگىت سۇنىڭ تۇزلۇقلىقىدىن سەسكىنىپتۇ،يەنە بىر خالتا تۇزنى بىر كۆلگە تۆكۈپ كۆلدىكى سۇنىمۇ يىگىتكە ئىچكۈزۈپتۇ. يىگىت كۆل سۈيىنى ئىچكەندىن كېيىن ھېچقانداق غەيرىيلىك ھېس قىلماي دانىشمەنگە سۇئال نەزىرىدە قارىغانىكەن،دانىشمەن جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەپتۇ:
   –ئازاب خۇددى تۇزغا ئوخشايدۇ،سەن ئۇنى سىغىمى كىچىك نەرسىگە سالساڭ ئەلۋەتتە ئاچچىق تېتىيدۇ،ئەمما ئۇنى پايانسىز قەلبىڭگە قويساڭ تەسىرى چوڭ بولمايدۇ.دېمەك، ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆڭۈلنى كەڭ تۇتۇش كېرەك.
   توغرا، كىشىلىك تۇرمۇشتا ئادەم تۈرلۈك قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ھاياتلىقنىڭ ئاسمىنى دائىم ئوچۇق بولىۋەرمەيدۇ. ئۇنىڭ تۈتەكلىك، قار–شىۋىرغانلىق كۈنلىرىمۇ بولىدۇ. تەقدىرنىڭ كېمىسى ئوڭ كەلگەن ئامەت شامىلى بىلەن ئوڭۇشلۇق ئۈزۈپ كېتىۋاتقاندا، شىددەتلىك بوران–چاپقۇنغا دۇچ كېلىپ ئۆرۈلۈپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ.ئازاب ئويلىغانسېرى كۈچىيىپ ئادەمگە زەربە بولىدۇ،شۇڭا بىز ئازابنى يۈك قىلىۋالماي كۆڭلىمىزنى ئازادە تۇتساق،ئۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كېتىپ تۇرمۇش بىزگە كۈلۈپ باقىدۇ.


* سەن يىغلاپ – قاخشىساڭمۇ ، ئىچىڭ ئېچىشسىمۇ كۈنلەر بىر كۈن بىر كۈندىن ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ ؛ خوشال ياشاپ ، خوشال ئۆتسەڭمۇ ،كۈنلەر يەنىلا بىر كۈن – بىر كۈندىن ئۆتۈۋېرىدۇ .سەن خالا ياكى خالىما ،قۇياش ھامان ھەركۈنى چىقىۋېرىدۇ.بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشتا خۇشال – خورام يۈرەلىشى شەيئىلەرگە بولغان مۇئامىلىسىدىن بولىدۇ .

*ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆڭۈلنى كەڭ تۇتۇش كېرەك.ئازاب ئويلىغانسېرى كۈچىيىپ ئادەمگە زەربە بولىدۇ،شۇڭا بىز ئازابنى يۈك قىلىۋالماي كۆڭلىمىزنى ئازادە تۇتساق،ئۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كېتىپ تۇرمۇش بىزگە كۈلۈپ باقىدۇ.
*كۈلكە دۈشمىنڭگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى...كۈلۈپ ياشا،چىھرىڭدە تەبەسسۇم جىلۋە قىلسۇن



ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا ، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن
؟

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تېما
30
قىزغىنلىق
539
تىللا
2110
تۆھپە
77
توردا
791 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 18:19:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا! ئادەم تۇرمۇشتىكى ئازاپ، كۆڭۈلسىزلىكنى ئويلاۋەرگەن بىلەن ئۆزىنى تۈگەشتۈرۋالىدىغان گەپ شۇ!  
ياخشى تېمىكەن،


Rank: 3Rank: 3

تېما
34
قىزغىنلىق
597
تىللا
728
تۆھپە
374
توردا
99 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 05:01:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازاب خۇددى تۇزغا ئوخشايدۇ،سەن ئۇنى سىغىمى كىچىك نەرسىگە سالساڭ ئەلۋەتتە ئاچچىق تېتىيدۇ،ئەمما ئۇنى پايانسىز قەلبىڭگە قويساڭ تەسىرى چوڭ بولمايدۇ.دېمەك، ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆڭۈلنى كەڭ تۇتۇش كېرەك.
...ما ھېكىمەتلىك سۆز بۇلدىكەن جۇمۇ...مەن چۇقۇم ئىسىمدە تۇتىۋالمەن ....رەھمەت..بەك ياخشى يولاپسىز.



گۈزەل باي توى بىزنىڭ ھەم سىزنىڭ ئىللىق ماكانىمىز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-15 02:45 , Processed in 0.099683 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش