گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 267 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 84|ئىنكاس: 0

ئېغىزىڭىزنى بىرمىنۇت يۇمۇپ بېقىڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
40
تېما
135
قىزغىنلىق
682
تىللا
947
تۆھپە
325
توردا
92 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى  مۇنبەر قىززىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 12:31:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېغىزىڭىزنى بىرمىنۇت يۇمۇپ بېقىڭ!

چوڭ بىركۆلدە ياشايدىغان بىرتاشپاقا كۆلنىڭ بۇيىغا ھەركۈنى كىلىپ تۇرىدىغان بىرجۇپ ياۋاغاز بىلەن دوست

بۇلۇپ قاپتۇ. ئاي-يىللارئۆتۈپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۆل سۈيى تۈگەپتۇ.تاشپاقا بىرجۇپ ياۋاغاز دوستىغا«مەنمۇ ئۇچالىغان بولسام، سۈيى ئەلۋەك جايلارغا سىلەربىلەن بىللە كەتكەن بۇلاتتىم. . . »دەپ يىغلاپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن، بىرجۇپ ياۋاغاز مەسلىھەتلىشىپ، ئەپچىل چارە ئويلاپ، تاشپاقىنى بىللە ئېلىپ كەتمەكچى بۇپتۇ: ئۇزۇن بىرشاخىڭ ئىككى ئۇچىنى ياۋاغاز چىشلەپتۇ، تاشپاقا ئوتتۇرنى چىشلەپ ئېسىلىپ تۇرۇپتۇ. بىرجۇپ ياۋاغاز ھەرقانداق ئەھۋالدا گەپ قىلماسلىقنى جىكىلەپتۇ. . . ئۇلارنىڭ شۇھالەتتە كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بالىلار چۇرقىرىشىپ كۈلۈشۈپ « ھوي تاشپاقا!  سىنىڭ ھالىڭ نېمە دېگەن كۈلكىلىك؟!…»دەپ ۋارقىرىشىپتۇ. تاشپاقا ئاچچىقىنى باسالماي بالىلارنى تىللىماقچى بۇلۇپ ئېغىزىنى ئېچىشىغىلا يەردىكى قۇرامتاشنى ئۈستىگە چۈشۈپ پارچە-پارچە بۇلۇپ كىتىپتۇ.

بۇمەسەلدە ئىپادىلىگەن ئەھۋالنى بىزكۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، كىشىلەرئارسىدا دائىم دىگۈدەك ئۇچرۇتۇپ تۇرىمىز.

پىسخولوگىيەلىك ئانالىز بويچە ئېيتقاندا، ئادەم ئاچچىقلىنىپ ئۆزىنى كونترول قىلالمىغان ھامان ئۇنىڭ ئەقىل بۆلۈنمە نىسبىتى نۆلگە چۈشۈپ قالىدۇ، بىرمىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن تىزلائەسلىگە كىلىشكە باشلايدۇ. بۇخۇلاسىدىن چۈشۈنىۋېلىشقا بۇلىدۇكى، سىزئاچچىقىڭىزكەلگەندە ئاغزىڭىزنى يۇمۇۋېلىپ بىرمىنۇت جىم بۇلۇۋېلىشنى ، مۆلچەرلىگۈسىز كۈڭۈلسىزلىكلەردىن ساقلىنىپ قالالايسىز. ئاغىزىڭىزنى چىڭ يۇمۇپ تۇرغان بىرمىنۇت ۋاقىت سىزئۈچۈن ھايات ياكى ماماتنى بەلگىلەيدىغان پەيت بۇلۇش ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى بېسىۋېلىپ بىرمىنۇت جىم بۇلىۋالالايدىغان، ھەمدە ئاشۇ بىرمىنۇتتا زادى نىمە ئۈچۈن ئاچچىقلانماقچى بولغانلىقىنى، ئاچچىقلىنىشنىڭ زۆرۈرىيتى، ئەھمىيىتى، پايدىسى بارمۇ-يوق، دېگەنلەرنى ئويلىيالايدىغان ئادەم دانا ئادەمدۇر.

ئادەم نېمە ئۈچۈن ئاچچىقلىنىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى بىرلا، يەنى باشقىلارنىڭ خاتالىقىدىن نارازى بۇلۇش. شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز كېرەككى، روھىڭىز ۋە تىنىڭىزنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىدۇ-دە سالامەتلىكىڭىز ئېغىردەرىجىدە زىيانغا ئۇچۇرايدۇ. دىمەك، ئاچچىقلىنىش-باشقىلارنىڭ خاتالىقى بەدىلىگە ئۆز-ئۆزىنى جازالاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئادەمنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ئۆزكەيپىياتىنى كونترول قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. ئاچچىقى كەلگەندە ئېغىزىنى باشقۇرالماسلىق، توختىماي سۆزلەش، تىل ياغدۇرۇش، ئۆزگىنىڭ غۇرۇرىغا تىگىش، ھاماقەتلەرنىڭ قىلىقىدۇر. چۈنكى، بىرىنچى بۇلۇپ ھەمدە بەكرەك جاراھەتلىنىدىغىنى يەنىلاتىل ياغدۇرماقچى بولۇپ ئاغىزىنى ئاچقان ئادەمدۇر.

ئەجداتلىرىمىز: «يولۋاسنى يەڭگەن باتۇرئەمەس، ئاچچىقىنى يەڭگەن باتۇر»دەپ ئىنتايىن توغرائېيتقان؛ ئاچچىقى كەلگەندە ھېچنىمىگە قارىماي ئۆزكەيىياتى بىلەن ھىسابلىشىپ نۇرمال مۇناسىۋەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى«پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلاش» دەپ تەمسىل كەلتۈرگەن. ھالبۇكى، كەيپىياتى بۇزۇلغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان ئادەم پەلەككە تاقاشقان تاغنى يەلكىسىگە ئېلپ كۆتۈرەلەيدىغان گىگانت ئادەمدىنمۇ كۈچلۈكرەكتۇر.

ئامېرىكا پىسخولوگلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بۇلۇشىچە ئادەم ھاياتىنىڭ 30% پاسسىپ كەيپىياتقا دۇچ كىلىدىكەن ياكى ناچار كەيپىيات ئىچىدە ئۆتىدىكەن.

خارۋارد ئونىۋېرستېتى يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتاربولغان 1600 نەپەر ئادەمنى تەتقىق قىلىپ، دائىم ئاچچىقلىنىپ يۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك، مىڭە كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتى ئۆزىنى كونترول قىلالايدىغان ئادەملەرگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسە يۇقۇرى بۇلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

روھسىزلىق، ئۈمىدسىزلىنىش، ئاسان ھاياجانلىنىش، جىددىيلىشىش، ئۆپكىسىنى باسالماسلىق، تىت-تىت بۇلۇش، تېرىكىش، چىچاڭشىش، رەنجىش، نارازىلىق، نەپرەتلىنىش، غەيۋەتخورلۇق، ھەسەتخورلۇق، بىزارلىق، غەزەپلىنىش قاتارلىق قاتارلىق پاسسىپ كەيپىياتلارنىڭ ھەممىسى سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق بۇلۇپ بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى تۇرمۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت، جاھاندارچىلىق، قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى ئۈچۈنمۇ مۆلچەرلىگۈسىز يوقىتىشلارى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئادەم ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىشنى بىلمەيدىغان ياۋا توڭگۇز ياكى ياۋا ئات ئەمەس.ئادەم شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمكى، ئۇ ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. تەربىيەلىنىش ئادەمنى ئۇلۇغلۇققا ئېرىشتۈرىدۇ. مىجەز-خاراكتىرنىڭ قانداق بۇلىشىمۇ تەربىيەلىنىشكە باغلىق. بىزكەيپىياتىمىز ۋە ھېسياتىمىزنىڭ قۇلى بولماستىن، بەلكى ئۇنى تاۋلاشقا ماھىربولىشىمىز، تۈرلۈك بېسىم، زىددىيەت، خېيىم-خەتەرۋە كىرىزىسلارغا دۇچ كەلگەندە ئۆزىمىزنى كونترول قىلىشنى بىلىشىمىز لازىم.

بىرئادەمنىڭ مىجەز خاراكتىرى شۇ ئادەمنىڭ تەقدىرىى بەلگىلەيدۇ. سىزنىڭ بەخت-ئىقبالىڭىزياكى بەخىتسىزلىكىڭىز ئۆز مىجەز-خاراكتىرىڭىزنىڭ قانداق بولۇشىغا پايدىلىق.

مەنبە: جۇڭگو مىللەتلىرى ژورنىلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جەسسۇر2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-17 13:27  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-16 05:22 , Processed in 0.096094 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش