گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 267 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 89|ئىنكاس: 1

ئاتۇش بىلەن پەيزاۋاتتىكى يەر تەۋرەشتە 708 ئائىلە زىيانغا ئۇچرىدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
56
تېما
55
قىزغىنلىق
704
تىللا
1441
تۆھپە
103
توردا
136 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 00:09:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  شىنجاڭ يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، 12-ئاۋغۇست سەھەر سائەت 1دىن 30مىنۇت ئۆتكىچە،  ئاتۇش شەھىرى، قەشقەر پەيزاۋات ناھىيىسى چېگراسىدا يۈز بەرگەن 5.8 بال يەر تەۋرەشتە جەمئىي 708 ئائىلىلىك ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان.
      شىنجاڭ يەرتەۋرەش ئىدارىسى خىزمەت گۇرۇپپىسى 11-ئاۋغۇست كەچ سائەت 10دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە قەشقەر ئايرودرومىغا چۈشۈپلا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن رايونلارغا قاراپ يولغا چىققان. ئۇلار ئەڭ تېز سۈرئەتتە يەر تەۋرەش مەركىزى بولغان شېكەر بازىرىغا يېتىپ كەلگەن ۋە دەرھال كىچىك تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە يەر تەۋرەشنى باھالاش خىزمەتلىرىگە كىرىشىپ كەتكەن.
      ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش قوماندانلىق بۆلۈمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 21 نەپەر ئادەم يارىلانغان بولۇپ ئىچىدىكى 4 نەپەرنىڭ يارىسى ئېغىر بولغان. يارىدارلار دەرھال شۇ يەردىكى دوختۇرخانا ۋە قەشقەر شەھىرىگە يۆتكىلىپ قۇتقۇزۇلغان. ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەر ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولۇپ، بەزى بىر خىش ۋە ياغاچ بىرلەشتۈرۈپ سېلىنغان ئۆيلەردە ئۆرۈلۈش ۋە يېرىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن.
      شىنجاڭ يەر تەۋرەش ئىدارىسى ئەۋەتكەن 2-تۈركۈم خىزمەتچى خادىملار 12-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن 8دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە ئاپەت رايونىغا يېتىپ بېرىپ خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى.
      تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 11-ئاۋغۇست كەچتە، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق شۇ يەردىكى قوراللىق قىسىم جەڭچىلىرى تەرىپىدىن چېدىرلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، شېكەر بازىرى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە بەزى جايلاردا توك ۋە سۇ توختاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن.
      ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭ يەر تەۋرەش پونكىتى تورنىڭ ئۆلچىگىنىدە، 12-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8دە، يەنە 13 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرىسى 2.3 بال بولغان.

مەنبە:  http://xamal.cn/news.asp?id=829 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yusupjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-17 00:10  



قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تېما
30
قىزغىنلىق
541
تىللا
2110
تۆھپە
77
توردا
802 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 00:18:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبئىي ئاپەتلەر ئەجەپ كۆپىيىپ كىتىۋاتىدۇ يا! خۇداساقلىسۇن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-16 07:24 , Processed in 0.104046 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش