گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 266 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 156|ئىنكاس: 3

كىشىلەر تېخىچە يەۋاتقان «ئازگال مېيى» دىن چوشقا گېنى بايقالدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
71
تېما
30
قىزغىنلىق
541
تىللا
2110
تۆھپە
77
توردا
798 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 16:37:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


تۈنۈگۈن ، بىيجىڭ شەھەرلىك يىمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ كونترۇل قىلىش مەركىزىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا ، خىزمەتچى خادىملار تەكشۈرۈشكە ئەكەلگەن ماي تۇڭىنى ئالماقتا.
ج خ مىنىستىرلىقى جېجىياڭ ئۆلكىسى ، شەندوڭ ئۆلكىسى قاتارلىق رايونلاردا كۆپ مىقداردىكى گۇمانلىق "يېمەكلىك ماي"ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى ، ھازىر بېيجىڭ شەھەرلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ كونترول قىلىش مەركىزىگە تەكشۈرۈشكە ئىلىپ بېرىلماقتا . تۈنۈگۈن ، مۇخبىرىمىز شەھەرلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ كونترول قىلىش مەركىزىگە بېرىپ ، يەر ئاستىدا ياسالغان ماينىڭ تەكشۈرۈلۈش جەريانىنى ئۇقۇشتى .
بىر تەرەپ قىلىش ئۆيىدە ، تېخنىك خادىملار تۈرلۈك مايلاردىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى قېتىم ئەۋرىشكە ئىلىپ ، ئوخشاش بولغان نومۇر قويدى ." ھەر بىرخىل مايدىن ئوخشاش ۋاقىتتا چوقۇم ئىككى قېتىم ئەۋرىشكە ئىلىپ ، ئىككى قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىنلا نەتىجىسى ئىشەنچلىك بولىدۇ "دېدى شەھەرلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ ۋېي مەن.
مىڭلىغان ماي ئەۋرىشكىسى پروبىركىسى ئىچىدىن ، يەر ئاستىدا ياسالغان ماي ئىزىنى بايقاشتا ، "تۆت چوڭ تۈردىكى يادرولۇق كۆرسەتكۈچنى تەكشۈرۈش ئەڭ مۇھىم"، بۇ تۆت تۈرلۈك يادرولۇق كۆرسەتكۈچ بولسا ئايرىم - ئايرىم ھالدا بولى ھالقىلىق ئاروماتىك گىدروكاربونلار ، خولېستېرىن ، توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى ۋە ئالاھىدە گېندىن تەركىب تاپىدۇ ،ئەگەر تۆت تەرەپتىن "جاھاننامە"بىلەن كۆزەتسەك ، ئوخشاش بولمىغان تەجرىبە گۇرۇپپىلىرى ئوخشاش ۋاقىتتا خىزمەت قىلىپ ، ھەر قانداق بىر كۆرسەتكۈچ تۈرىدە بىنورماللىق بولسا ، " يەر ئاستى ماينىڭ خەتىرىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ "، يەنە بىر قانچە ئورۇن دەرىجە بويلاپ قايتا دەلىللەش ئۆتكىلىدىن ئۆتكەندىن كىيىن بېكىتىلىپ ، ئەڭ ئاخىرىسىدا يەر ئاستىدا ياسالغان مايغا قاچىدىغان تۆشۈك قالمايدۇ دەپ چۈشەندۈردى .
خولېستېرىننى جاھاننامىدىن ئۆتكۈزۈش :
مۇخبىر بىر تەجرىبىخانىدا ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇيۇقلۇق خروماتوگرامما ماسسا سىپىكتىر ئاپپاراتىدا بىر تەرەپ قىلىپ بولغان ئون نەچچە ماي ئەۋرىشكىسىگە قارىتا خولېستېرىننى تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى .پەن-تەتقىقات خادىملىرى ئاپپارات بىلەن ئۇلانغان كومپيۇتېر ئېكرانى ئارقىلىق ، ھەر بىر پروبىركىدىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈپ ، "ھەقىقىي يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيىدا خولېستېرىن بولمايدۇ ياكى مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ ، ئەگەر مەلۇم بىر ماي ئەۋرىشكىسىدىكى  خولېستېرىننىڭ مىقدارى بەلگىلەنگەن نورمالىنى دائىرىدىن يۇقىرى بولسا ، بۇ مايدا يەر ئاستىدا ئىشلەنگەن ماي تەركىبى بار دەپ گۇمان قىلىشقا بولىدۇ ." دېدى
توك ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى جاھاننامىدىن ئۆتكۈزۈش :
توك ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشنىڭ پرىنسىپىمۇ ئوخشايدۇ . پەن-تەتقىقات خادىملىرى تونۇشتۇرۇپ ، نورمالىنى ماي توك ئۆتكۈزمەيدۇ ، ئەمما ماي ئىچىپ قالغاندىن كىيىن ھاسىل بولغان تۈرلۈك قۇتۇپلۇق ماددىلار مايدا توك ئۆتكۈزىدۇ . يەر ئاستىدا ياسالغان ماي قايتا - قايتا چۆچۈتىلگەن ، تەركىبى مۇرەككەپ ، زور مىقداردا مېتال قالدۇق ئىئونى بولغاچقا ، توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ .
بولى ھالقىلىق ئاروماتىك گىدروكاربونلارنى جاھاننامىدىن ئۆتكۈزۈش :
راك پەيدا قىلغۇچى بولى ھالقىلىق ئاروماتىك گىدروكاربونلار بولسا يەر ئاستىدا ياسالغان ماينىڭ بىخەتەرلىك خەتىرى ئىچىدىكى خەتىرى ئەڭ زور زىيانلىق تەركىب .جاڭ ۋېي مىن مۇنداق دېدى . " بولى ھالقىلىق ئاروماتىك گىدروكاربونلار "تىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تەكشۈرۈلىدىغان كۆرسەتكۈچ بولۇپ ، يەر ئاستى ماينى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى ئورنىتىش جەريانىدا ، پەن-تېخنىكا خادىملىرى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرگەندىن كىيىن ، يەر ئاستى ماينى ئىشلەپچىقىرىش جەريانى ۋە خەتىرىنى تەقلىدى تەسۋىرلەش ئارقىلىق بېكىتىلىدىغان بولۇپ ، 16تۈرلۈك كونكرېت تەكشۈرۈش تۈرى بولىدۇ .ئەمما بېيجىڭ رايونىدىكى يېمەكلىك ماي خەتىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە بۇ كۆرسەتكۈچلەر تەكشۈرۈپ چىقالمىغاچقا ، تەتقىقات ئۆمىكى بۇ كۆرسەتكۈچلەرنى بېكىتىشنىڭ ئەھمىيىتىدىن گۇمانلىنىپ ، "بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرىغا بارغاندا ئاندىن، بىز ج خ
مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈشكە ئەكەلگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى قارا ئۇۋىدىن قولغا چۈشۈرگەن ماي ئەۋرىشكىسىدىن يەر ئاستىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ماي تەركىبى ۋە بولى ھالقىلىق ئاروماتىك گىدروكاربونلارنى تەكشۈرۈپ چىقىپ ، ئۇلارنىڭ خەتىرىنى ئىسپاتلىدۇق دېدى .
ئالاھىدە گېننى جاھاننامىدىن ئۆتكۈزۈش :
بۇ تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئەڭ قىزىقارلىق تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى بولۇپ ، گۇمانلىق "يېمەكلىك ماي " ئەۋرىشكىسى ئىچىدىكى " ئالاھىدە گېن گۇرۇپپىسى " نى تېپىپ چىقىدۇ . جاڭ ۋېي مەن تونۇشتۇرۇپ ، يەر ئاستىدا ياسالغان ماي كۆپ خىل مەنبەلەردىن كەلگەن كېرەكسىز مايلارنىڭ ئارىلىشىشىدىن شەكىللىنىدىغان بولۇپ ، تەركىبىدە ھايۋانات مايلىرى بولىدۇ .شۇڭلاشقا ، پەن-تەتقىقات خادىملىرى مولېكۇلا بىئولوگىيىسىدىكى گېننى بېكىتىش پرىنسىپىغا ئاساسەن ، نۇرغۇنلىغان ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ، ئەۋرىشكە ئىچىدە ھايۋانات گىنىنىڭ بار يوقلۇقىنى ئىزدەپ ، تېپىلغان گېن بۆلەكلىرىنى رەتكە تىزىپ ، يېمەكلىك مايدا ھايۋاناتنى مەنبە قىلغان تەركىبلەرنىڭ بار يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ . ج خ مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈشكە ئىلىپ كەلگەن كۆپلىگەن ئەۋرىشكىلەر ئىچىدە ، بىز چوشقىنى مەنبە قىلغان گېن بارلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق دېدى .
پەردە ئارقىسىدا
پەن-تەتقىقات خادىملىرى قازان ئېسىپ ئەسلىدىكى يەر ئاستىدا ياسالغان ماي ئىشلەپچىقىرىشنى تەقلىدى قىلدى .
جاڭ ۋېي مەن  ئەسلەپ ، ئۇدا " يەر ئاستىدا ياسالغان ماي " ئەۋرىشكىسىنى تاپالمىغاچقا ، پەن-تەتقىقات خادىملىرى تەجرىبىخانا سىرتىغا قازان ئېسىپ ، بازاردىن ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى ، مايلىرىنى سېتىۋېلىپ ئەكېلىپ ، پىلتا قۇيماق ، ياڭيۇ پارچىسى بىلەن بىرلىكتە خاسىڭ مېيى ، دادۇر مېيى قاتارلىق ئادەتتىكى ئۆسۈملۈك مېيى بار قازانغا سېلىپ ،قايتا -قايتا قورۇپ ، مايدىن ئېچىق پۇراق چىققۇچە قويۇپ قويدى .ھەم سۇ بىلەن ماينى ئايرىپ ، ئىشقارلىق بور روپىسى قاتارلىق سۈمۈرۈپ يېپىشتۇرغۇچى (ئادسوربسىيە)خۇرۇچ ئارقىلىق قالدۇق ماددىلىرىنى سۈمۈرۈپ،ئاكتىپ كاربون ئارقىلىق پۇرىقىنى يوقىتىپ ، "يەر ئاستىدا ياسالغان ماي"نى يىغىش ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بارلىق جەريانىنى تەقلىدى قىلدى دېدى.
مۇشۇنداق قايتا -قايتا تەقلىدى جەريان ئارقىلىق ، پەن-تەتقىقات خادىملىرى قايتا -قايتا تەكشۈرۈپ ، دەلىللەپ ، ئەڭ ئاخىردا ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ دۆلەتنىڭ تازىلىق ئۆلچىمىدىن سىرت ،تۆت چوڭ تۈردىكى 20دىن ئارتۇق ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇپ ، "يەر ئاستى ماي "نىڭ ئىز دېرىكىنى قىلدى .
بىر قاتارلىغان چەككىلەش ئارقىلىق ، تېخنىك خادىملار ھەقىقەتەن ئاز بولمىغان مەسىلىلەرنى بايقىدى .بىرىنچىدىن ، " يەر ئاستىدا ياسالغان ماي "نى بىر قانچە قېتىم بىر تەرەپ قىلىپ، يېمەكلىك ماينىڭ دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، كۆرسەتكۈچتە ھەقىقەتەنمۇ "لاياقەتلىك مەھسۇلات " ئىكەنلىكى بېكىتىلدى .ئىككىنچىدىن ، ئادسوربسىيە خۇرۇچلىرى قاتارلىق ماتېرىياللار نىسبەتەن ئەرزان بولغاچقا ، "يەر ئاستىدا ياسالغان ماي"نى چەكلەشتە ،ھەقىقەتنىمۇ ھەددىدىن ئارتۇق پايدا ئىلىش قىلمىشى بارلىقى بېكىتى



قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

Rank: 3Rank: 3

تېما
135
قىزغىنلىق
682
تىللا
947
تۆھپە
325
توردا
92 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى  مۇنبەر قىززىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 23:00:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداقمۇ قىلارمىز ئەمدى.


Rank: 3Rank: 3

تېما
34
قىزغىنلىق
597
تىللا
728
تۆھپە
374
توردا
99 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-16 01:34:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي....بۇ چوشقىجانغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار نىمانداق جىق...دىققەت قىلساق بولغىدەك....رەھمەت .


گۈزەل باي توى بىزنىڭ ھەم سىزنىڭ ئىللىق ماكانىمىز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-16 00:33 , Processed in 0.107942 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش