گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 267 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 130|ئىنكاس: 2

كەڭ جەمئىيەتكە «ئازگال مېيى» ساتقان 32 ئالدامچى قولغا ئېلىندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
71
تېما
30
قىزغىنلىق
541
تىللا
2110
تۆھپە
77
توردا
802 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 16:02:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


بېيجىڭ- جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىكنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا كۆرسىتىلىشچە،مەملىكەت مىقياسىدىكى « ئېرىق مىيى» دىلوسىدا 32 ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان.«ئازگال مېيى» قانۇنسىز تەكرار ئىشلىتىلدىغان يىمەكلىك مىيى بولۇپ، ئاشخانا ئەخلەتلىرى،ئېرىقتىكى پاسكىنا سۇلاردىن ئايرىۋىلنىپ،رىستورانلارغا سىتىپ بىرىلىدۇ. بەزى ۋاقىتتا بۇ خىل ماي ئېرىق بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. رىستۇرانلار ئىشلىتىپ بولغان كىرەكسىز مايلارنى بانكىلارغا يىغىپ ساتىدۇ.«ئازگال مېيى» دىگەن سۆز قانۇنسىز تەكرار ئىشلىتىلدىغان يىمەكلىك مىيىنى تەسۋىرلەشكە ئىشلىتىلدۇ.
جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىكى مۇنداق دىدى: جېجىياڭ، شەندۇڭ، خېنەن قاتارلىق 14 ئۆلكىگە تارقالغان جىنايەتچىلەر تورى پاش بولغاندىن كىيىن 100 توننىدىن ئارتۇق «ئازگال مېيى» مۇسادىرە قىلىنغان.بۇ دىلونىڭ پاش بۇلىشى بۇۋاقلار سۈت پاراشۇگى ۋەقەسىدىن كىيىنكى يىمەكلىك بىخەتەرلىكنى ياخشىلايدىغان ھەركەتنىڭ بىر قىسمى.جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىكى بىخەتەرلىك باشقارما ئىدارىسنىڭ باشلىقى ليۇ شاۋۋۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « يىغىش، سىتىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، قانۇنسىز يىمەكلىك مىيىنى تارقىتىدىغان يەر ئاستى سانائىتىنىڭ ئاساسلىق تورىنى تۇنجى قىتىم بۇزۇپ تاشلىشمىز.»

بۇ دىلونىڭ تۇنجى قەدىمى مارت ئايلىرىدا بولۇپ، ساقچىلار جېجىياڭ ئۆلكىسى نىڭخەي شەھەرلىك ئاھالىلەردىن بەزى كىشلەرنىڭ شۇ جايدىكى رىستورانلاردىن كىرەكسىز مايلارنى سىتىۋالغانلىقى توغۇرلۇق مەلۇماتنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن  تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

مارت ئىيىنىڭ ئاخىرلىرىدا ،جېجىياڭ ساقچىللىرى ئىشلىتىلگەن كىرەكسىز ماينى سىتىۋالغان ۋە پىششىقلاپ ئىشلىگەن ئالتە نەپەر ئادەمنى قولغا ئالغان. مەلۇم بولدىكى، ئۇلار ھەمىشە كىرەكسىز مايلارنى جىياڭسۇ ۋە شەندۇڭلۇق سودىگەرلەرگە ساتىدىكەن.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك گېلىن بىئو-ئىنىرگىيە  چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ساقچىلار تەرىپىدىن كېرەكسىز مايلارنى يىغىپ پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان ئورۇن دەپ گۇمانلانغان.

4-ئىيۇل جېجىياڭ ۋە شەندۇڭ  ساقچىلىرى بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، شىركەت دىرېكتورى ليۇ لىگو  قاتارلىق توققۇز ئادەمنى قولغا ئالغان ۋە نەق مەيداندا 70 توننا قانۇنسىز ماينى مۇسادىرە قىلغان.ساقچىلار يەنە خېنەن ئۆلكىسى جىڭجۇ شەھىرىدىكى يېمەكلىك بازىرىدا «ئازگال مېيى» توپ سېتىش سودىگىرى يۈەن لى باشچىلىقىدىكى بەش ئادەمنى قولغا ئالغان. ساقچىلار ئاللىقاچان ساختا ماركا چاپلانغان 100 تۇڭ قانۇنسىز ماي ۋە بۇنىڭدىن باشقا 30 توننا ھەجىمدىكى قانۇنسىز ماينى مۇسادىرە قىلغان.
مىنىستىرلىقنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار ئالتە يەر ئاستى دۇكان ۋە ئىككى قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنى پاش قىلغان. «ئازگال مېيى» نى ساتقان ۋە تارقاتقان باشقا 12 ئادەم قولغا ئىلىنغان.
باش گۇماندار ليۇ لىگو جېجىياڭ ئۆلكىسى دېڭخەي ناھىيىسىدىكى قاماقخانىدا بۇ خىل «ئازگال مېيى»نىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكنى ئىقرار قىلغان.قانۇنلۇق يېمەكلىك مېيىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى 10000 يۈەن بولۇپ، «ئازگال مېيى» نىڭ ھەر توننىسىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى تەخمىنەن 8000 يۈەندىن 9000 يۈەنگىچە ئىكەن.
ليۇ لىگو مۇنداق دېدى: «بىز ئىشلىتىلگەن كېرەكسىز ماينىڭ ھەر توننىسىنى 5500 يۈەندىن 6000 يۈەنگىچە سېتىۋالىمىز، پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كىيىن 8100 يۈەندىن 8300 يۈەنگىچە توپ سېتىش سودىگەرلىرىگە ساتىمىز.»
جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بىخەتەرلىك باشقارما ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ شاۋۋۇ ساقچىلار ھوشيارلىقنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى لازىم دېدى.
ليۇ شاۋۋۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى : « يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يىل ئاخىردىن بۇرۇن، قانۇنسىز يېمەكلىك مېيى دېلوسىنىڭ يىپ ئۇچىغا قارىتا تولۇق تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىش ھەمدە قانۇنسىز يېمەكلىك مېيى ئىشلەپچىقارغان ھەرقانداق دۇكان، زاۋۇت، بازىسنى بىتچىت قىلىشىنى بۇيرۇق قىلمىز.»
جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىك ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى دەي پىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« «ئازگال مېيى» غا چېتىشلىق ئادەملەرنى قولغا ئىلىش بەسى مۈشكۈل. گۇماندارلار ئوخشىمىغان رايونلارغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، ساقچىلارنىڭ بىرلا ھەرىكەتتە ئۇلارنى قولغا چۈشۈرۈشنى قىيىنلاشتۇرغان.»
« بۇ دېلو ئۈستىدە ، ھەر قايسى ئورگانلار، مەسىلەن سەھىيە، سانائەت، سودا تارماقلىرى ماس قەدەمدە نازارەت قىلماي، «ئازگال مېيى» نى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۈچۈن يوچۇق قالدۇرماقتا».
جېجىياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋىيبىياۋ مۇنداق دېدى:« ساقچىلار ۋە ئاھالىلەرنىڭ رەڭگى ۋە تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ راست يېمەكلىك مېيى ۋە يالغان يېمەكلىك مېيىنى پەرقلەندۈرۈشى تولىمۇ قىيىن.»
« راست يېمەكلىك مېيى ۋە قانۇنسىز ساختا ماينى پەرقلەندۈرىدىغان تېخنىكىلىق ئۆلچەم يوق.»
« زەھەرلىك ۋە زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقارغان ۋە  ساتقان كىشىلەر مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.» دېدى جۇڭگو سىياسى-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى خوڭ داۋدى.
مەنبە: نۇر تورى


قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

Rank: 2

تېما
1
قىزغىنلىق
135
تىللا
205
تۆھپە
95
توردا
19 سائەت

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 16:42:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا گۆشنى سەھرا بازىرىدىن، ياغنى دىخاندىن سېتىۋېلىش ئەڭ ئاقىلانە تاللاش بۇلىشى مۇمكىن، كۆپىرەك يول ماڭساقمۇ ھەقىقى ساپ مۇسۇلمانچە يىمەكلىك سېتىۋېلىپ يەيلى.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-16 02:00 , Processed in 0.101997 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش