گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 266 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 202|ئىنكاس: 2

ئۆكسىگەن قەلب (تۇلۇق) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
23
تېما
36
قىزغىنلىق
163
تىللا
519
تۆھپە
87
توردا
82 سائەت

چوڭ باشقۇرغۇچى  ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 10:25:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                             ئۆكسىگەن قەلىپ                                             
                                                                      1                          
                                                                مۇقەددىمە

   قوللۇرۇمنى رىشاتكىغا چىڭ كىرىشتۈرۈپ ئۆزۈم تەرەپكە كۈچەپ تارتاتتىم ، كۆزلىرىمنى بولسا شۇ رىشاتكا سىرتىغا ئۇزۇنغىچە تىكەتتىم . تەلپۈنەتتىم .
__ ئارام ئېلىش ۋاقتى توشتى !
تۈرمە ساقچىسىنىڭ ۋارقىرىشىدىن كىرىشتۈرگەن قوللۇرۇمنى ئاستا بوشاتتىم . كۆزلىرىمنى يەنىلا سىرىتقا تىككەن ھالدا كامىرغا قاراپ ماڭدىم . ئۈستىمدىن يۇرۇتۇپ تۇرغان قوياشقا ئەتە كۆرشەيلى ، خوش دىگەن مەنىدە كۆزلىرىمنى قىسىپ قارىۋەتتىم .
__16388 سنى بىرى يوقلاپ كەپتۇ .
تۈرمە ساقچىسىنىڭ چاقىرىشىدىن كۆزلىرىمنى تەستە ئاچتىم . ئۇيقۇسىرىغانلىقتىن بولسا كېرەك كۆزلىرىم يەنە يۇمۇلغان ئىدى .
__16388 ساڭا دەۋاتىمەن . ئورنۇڭدىن تىز تۇر .
ئورنۇمدىن ئېرىنچەكلىك بىلەن تۇردۇم . كېرىلىپ بىر ئەسنىگەندىن كىيىن :
__ كىمدۇ ؟
تۈرمە ساقچىسى كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ:
__ سېنىڭ يالاقچىڭمۇ مەن ؟ كىملىكىنى مەندىن سورامسەن ؟
ئاغزىمغا كەلگەن گەپنىڭ ھەممىنى يۇتۋەتتىم . پەقەت مەنمۇ ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە غەزەپ بىلەن قاراپ قويدۇم .
__ نىمىگە قارايسەن تىز ماڭ !
كامىر سىرتىغا چىقىپلا ئادىتىم بويۇنچە ئاسمانغا قارىدىم . بىراق ھاۋادا بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرگەچكە قوياشنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايتتى .
__ئەسسالام قوياش . بۈگۈن ئەھۋالىڭ بەكلا بوشقۇ ؟
تۈرمە ساقچىسىنىڭ ئالدىمغا تۈرتىشىدىن خىياللار دېڭىزىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ ئالدىمغا قاراپ مېڭىشقا باشلىدىم .

كۆرۈشتۈرۈش ئۆيىگە كىرىپلا تۇرۇپ قالدىم . كەينىمگە قايرىلىشىمغا
__ ئەسقەرجان ، ئوغلۇم __ دىگەن ئاۋاز مېنى چىقىپ كېتىشتىن توسۇپ قالدى . كەينىمگە ئىپادىسىزلا قايرىلدىم . ۋە ئۆينىڭ ئوتتۇرۇسىدىكى رىشاتكا بىلەن ئايرىلغان ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇم . ئۇنىڭ ئۇ يېقىدا ئانام ، ياق ئانا دىيىشكە تىلىم بارمايدىغان بىر ئايال كۆز ياشلىرىنى يامغۇردەك تۆكۈپ ئولتۇراتتى .
__ئوغلۇم!
ئۇنىڭ ئاغزىدىن شۇ سۆز چىقىشىغىلا كۆزلىرىگە تىكىلدىم . ئۇمۇ مېنىڭ بۇ تىكىلىشلىرىمگە بەرداشلىق بېرەلمىدى بولغاي يەرگە قارىغىنىچە يىغلاپلا ئولتۇردى .
__ ماڭا دەيدىغانلىرىڭ تۈگىدىمۇ ؟
ئۇ مېنىڭ بۇ سۆزىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئاۋازنى قويۋېتىپ يىغلاپ كەتتى .
__بولدى قىل ، مېنىڭ بۇ قېتىپ كەتكەن يۈرۈگۈم سېنىڭ بۇ ئېسەدەشلىرىڭ بىلەن ئېرىپ قالمايدۇ ، ئەخمەق بولما .
مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم .
__ئوغلۇم .
__ مېنى بۇنداق ئاتىما ! سېنىڭ مېنى ئوغلۇم دىيىشكە سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ . سېنىڭ ئانا بولۇشقا سالاھىيېتىڭ توشمايدۇ . شۇنى بىلىۋاتامسەن ؟ ئانا دىگەن بۇ ئاتاققا ئېرىشمەك شۇنچە ئاسانمۇ ؟ بىر بالىنى تۇغۇپ ئېمىتىپ قويغانغىلا ئانا دىگەن ئاتاققا ئېرىشكىلى بولامدۇ ؟
كەينىمگە يېنىپ تۈرمە ساقچىسىنىڭ يېتىلىشى بىلەن كامىرىمغا قايتتىم . كامىر ئالدىغا كەلگەندە
__ خەيىر قوياش ، ئەتە كۆرشەيلى .
شۇندىلا ئۆزۈمنىڭ يىغلىغانلىقىنى ھېس قىلدىم . قوللۇرۇم چىڭ تۈگۈلگەن . شۇ ئايال ئالدىدا يىغلىغىنىمغا ئۆزۈممۇ ھەيران . كارۋىتىمغا چىقىپ كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمدۇم . بايقى ئىشنى ئەسلىمەي دىسەممۇ كۆزلىرىمگە كىنو لىنتىسىدەك چىقىۋىلىۋاتقان كۆرنىشلەردىن قۇتۇلالمايتىم .

                                                                           1        
__دادا ، بولدى قىل ئانامنى ئۇرما .
دادامنىڭ قولىغا بار كۈچۈم بىلەن ئېسلىۋالدىم ، بىراق دادام ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى . ئانام بولسا دادامنىڭ مۇش تېپىكلىرى ئاستىدا ئاجىز ئېڭرايتتى ، بىر چېتىدە بولسا چىقىرغىنىچە يىغلاۋاتقان ئىنىم .
ئىنىمنى چىڭ قۇچاقلىغىنىمچە مەنمۇ يىغلاشقا باشلىدىم . دادام قايسى چاغدىدۇر توختىدى ، ئىسپىرىتنىڭ كۈچىدىن بولسا كېرەك ، جايىدىلا ئۇخلاپ قالدى . ئانام بولسا ئاچچق ئېڭىرىغىنىچە بىر چېتىدە ياتاتتى ، ئانامنىڭ بېشىنى قۇچۇقۇمغا ئالدىم . يىرىك چاچلىرى كۆز ياشلىرى بىلەن نەمدىلىپ يۈزىگە چاپلىشىپ قالغان ئىدى . ئانامنىڭ بېشىنى ئاستا ياستۇققا ئالدىم . ئۈستىگە بولسا ئاتاقتا يوتقان ، ئەمما يوتقانچىلىك ھارارەت بېرەلمەيدىغان ئاشۇ ئەسكى ئەدىيالنى تاشلىدىم .
ئىنىمنىڭ ئاستا تۈرتىشىدىن ئويغاندىم .
__ ئاكا ، قورىسقىم ئېچىپ كەتتى .
ئاناممۇ ، داداممۇ ئۆيدە يوق . كۆزلىرىم ئاچچىق بولدى . ئۆيىنىڭ بىر بۇلۇڭىدىن ئىنىمغا پەرچە نان بولسىمۇ چىقتى . شۇنىڭ بىلەن ئىنىمنى گوللاپ تۇردۇم .
__ ئاكا ، ئانام قېنى ؟
ئىنىمنىڭ مەيۈس ، سەبىي كۆزلىرىگە تىكىلدىم . ئۇنىڭ شۇ سەبىيلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن مەن غۇبارسىز ، پاك بىر قەلىبنى كۆرگەندەك بولدۇم ، ئېسىت دادام ئاشۇ پاك قەلىبنى كۆرگەن بولسىچۇ ؟
__ ئانام ... بەلكىم قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كەتكەندۇ ، بىر ئاز ساقلاپ باقايلى ھە ! سەن چىقىپ مەھەلىدىكى دوستلىرىڭ بىلەن ئويناپ كىر .
ئىنىم چىقىپ كەتتى . مەن شۇ قالايمىقان ، بوران ئۇچۇپ تۇرغان ئۆيگە بىر ھازا قارىدىم ، بۇ ئۆيگە شۇنچە مېھرىم بىلەن تىكىلەي دىسەممۇ نىمىگە شۇ مېھرىم بىلەن تىكىلەرمەن . كۆزلىرىمگە ياش ئالغىنىمچە ئۆينى بىر باشتىن يۇغۇشتۇرۇشقا باشلىدىم .
  
                                                                     2                  

ئىشىكنىڭ تاقىلىشى بىلەن ئىنىم ئىككىمىزنىڭ كۆزى ئىشىككە تىكىلدى ، ئىشىكتىن كىرگىنى ئانام بولماستىن يەنىلا كونا مۇقامغا دەسسەپ كىرگەن دادام ئىدى . ئىنىم دادامنى كۆرۈپلا قۇچۇقۇمغا كىرىپلا كەتتى . ئۇنىڭ قوقۇمسىرىغان كۆزلىرىدە ياش ئەگىگەن ئىدى .
__ ئاناڭ قېنى ؟
دادامنىڭ سۇئالى جاۋاپسىزلا قالدى . ئۇ دەلدەڭشىگىنىچە بىر جايىدا جىم تۇرالمايتتى .
__ ئىتنىڭ شۇمى ، سەندىن گەپ سوراۋاتمەن . ئاناڭ قېنى ؟
__بىلمەيمەن .
قورققىنىمدىن ئاغزىمدىن پەقەت شۇ گەپلا چىققان ئىدى .
__ نەلەردە يۈرۈيدىكىن لالما !
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئورنىغىلا يىقىلپ چۈشتى . بىر ھازادىن كىيىن چىققان  دادامنىڭ يەڭگىل خورەك ئاۋازى مېنى خاتىرجەم قىلغان ئىدى . ئىنىم بولسا قۇچۇقۇمدا ماڭا تەلمۈرگىنىچە ئولتۇراتتى .
__ ئاكا قورسۇقۇم ئېچىپ كەتتى .
ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ، ياش ئەگىگەن كۆزلىرىدە يەنىلا شۇ پاك ، غۇبارسىز بىر نۇر چاقنايتتى .
__ مەن چىقىپ نان ئەكىرەي ئۇكام ، مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇر .
شۇنداق دېدىم ۋە سىرتقا ئۆزۈمنى ئالدىم .شەھەر سىرتىغا جايلاشقان  يېزا ئەمەسمۇ . كەمبەغەل كەمبەغەلنىڭ قاياشى دەپ قوشنىمىزمۇ بىر نان بەردى . شۇنى خۇشاللىق بىلەن ئىنىمغا ئەكىرىپ بەردىم . ئۇنىڭدىن باشقا نىمە ئىش قولۇمدىن كېلىدۇ .
ئىنىم ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن . مېنىڭمۇ سەككىز ياش ۋاقىتلىرىم . بىر ھەپتىنى ئارانلا ئۆتكۈزدۈم . ئاناممۇ مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە بىزگە كۆرۈنۈپمۇ قويمىدى . توغىرىسى مەن ئانامنى سېغىنغان ئىدىم . دادام بولسا كۈندە ئوخشاش ئانامنى ئىزدەپمۇ قوياي دىمەيتتى . ئىچكىنى ئىچكەن .
قوشنىلارنىڭ قېشىغا كۈندە كىرىشتىنمۇ يۈزۈم قىزاردى . كىچىكلىكمۇ ياكى باشقا سەۋەپمۇ ئىنىم دوستلىرىنىڭ ئۆيىدە قورىسقىنى تويغۇزاتتى . مەن بولسام ئۆيۈمىزنىڭ ئۇدۇلىدىكى ناۋايغا قارىشىپ بېرىپ قوساق باقاتتىم . كۈنلىرىم ئىشنى قىلىپ قوساق تويسا بولدى بىلەن ئۆتەتتى ، ئۇنىڭدىن باشقا نىمە غېىمىم بار . ئوقۇمايمەن .
ئوقۇش يېشىم توشقاندا ئىنىم ئېغىر كېسەل بىلەن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئوقۇشۇممۇ ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى . مانا ھازىرغىچە ئا بىلەن ئە نى پەقەتمەيمەن . ئىنىم ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە ئۈمۈدۈم شۇنى بولسىمۇ مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئىدى .  
                                                                        3

بەلكىم ئارىدىن بېرەر ئاي ئۆتكەندىن كىيىنكى بىر سەھەردە ئانام ئۆيىمىزدە پەيدا بولدى . ئىنىم ئانامغا ئۆزىنى ئاتقىنىچە يىغلاپ كەتتى . مەنمۇ ئانامنىڭ قۇچۇقىدا بۇقۇلداپ يىغلايتتىم . دادام بولسا يەنىلا ئۆيدە يوق .
__ ئانا سېنى شۇنداق كۆيگىم كەيدى . قەيەگە بادىڭ .
ئىنىمنىڭ ئانامنىڭ قۇچىقىدا تۇرۇپ دىگەن سۆزلىرىنى مەن دىيەلمەي تۇراتتىم . ئانامنىڭ ئاغزىدىن قانداق سۆزلەر چىقاركىن دەپ  قاراپ تۇراتتىم .
__ مېنىڭمۇ سىلەرنى كۆرگۈم كەلدى . قورۇسقۇڭ ئاچقاندۇ ، ساڭا ئوخشۇتۇپ تاماق ئېتىپ بېرەي ھە قوزام .
كىچىك بالا يەنىلا كىچىك بالىدە ، ئۇ ئەركىلىگىنىچە ئانامغا ئەگەشتى .
__ ئانا ، بۇندىن كىيىن بىزنى تاشلاپ كەتمەڭ بولامدۇ ؟
كۆزلىرىمدە ياش لىغىرلايتتى . ئانامنىڭ كۆزلىرىدىمۇ ياش لىغىرلايتتى .
ئانام ئېتىپ بەرگەن ئاش بىزگە شۇنداق مەزىلىك بىلىندى ، يەنىلا ئانىنىڭ ئەتكەن تامىقى ، ئۆز ئانىنىڭ ئەتكەن تامىقى باشقىچە دە .
تاماقنى يەپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا دادام كەلدى .
__ دادا دادا ئانام قايتىپ كەلدى ، قارا ئانام كەلدى .
ئىنىمنىڭ دادامنىڭ ئالدىغا يۈگرەپ بېرىشى ۋە دادامنىڭ چاڭڭىدە سالغان بىر تەستىكىدىن ئىنىم كەينىگە ئۇچۇپ كەتتى ۋە پاڭڭىدە يىغلىدى . ئانام بولسا بىر چەتكە پۈكۈلگەن ئىدى . ئۇمۇ ئاللىقاچان دادامنىڭ مۇش پەشۋالىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى . مەن بولسام ئىنىم بىلەن ، ئۇ تېخىچە شۇنداق قاتتىق يىغلاۋاتاتتى . دادام ھاردى بولغاي ئانامنى ئۇرۇشتىن توختىدى .
ئۇ يەنىلا شۇ مەس ھالەتتە ، ئۇياق بۇياققا لەلەڭشىيتتى . ماڭا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن ، قاچانلاردىدۇر ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىپ قالغان ياستۇققا بېشىنى قويغىنىچە ئۇيقۇغا غەرىق بولدى .  ئۇنىڭ شۇ  خورەك ئاۋازى مېنى بىر ئاز خاتىرجەم قىلاتتى . ئانامغا قارىدىم . ئۇنىڭ باش كۆزلىرى تاياق دەستىدىن ئىشىشقا ۋە كۆكىرىشكە باشلىغان ئىدى . ئۈنى بولسا ئېغىر كېسەلدەك ئېڭراپ ئېڭراپ چىقاتتى . ئانامغا قاراپ ئىچىم سىيرىلىشقا ، ئاشۇ ئاجىز بىر بەندىگە ئىچىم ئاغرىيتتى .
قايسى ۋاقىتتا ئۇخلىغىنىم ماڭا نامەلۇم. كۆزۈمنى ئاچقاندا تاڭ ئاللىقاچان يۇرۇغان ، ئۆي يەنىلا ئىنىم بىلەن ئىككىمىزگە قالغان ئىدى. ئىنىمنىڭ بىر مەڭزىدە خۇددى تامغىدەكلا چۈشكەن بەش قولنىڭ ئىزى تۇراتتى . ئۇنۇڭغا قاراپ كۆزلىرىمگە يەنە ياش ئالدىم ، ئاشۇ مەسۇم ، ھېچ نىمىنى ئۇقمايدىغان بالىدا نىمە گۇناھ !
__ ئاكا قورسۇقۇم ئاچتى .
مەن شۇندىلا ئورنۇمدىن  تۇردۇم . تۈنۈگۈن ئانام داداڭلا يىسۇن دىگەن تاماقنى ئىنىم بىلەن يىدىم  . تاماقنى يىگىچە ئىنىم:
__ ئاكا ، ئانام قېنى ؟-دەپ سورىدى.
كۆزۈمدىكى ياشلىرىمنى تەستە يۇشۇردۇم .
__ بىلمەيمەن !  
                                                                     4  

ئانامنى كۈتە- كۈتە مانا بىر يىلغا يېققىن ۋاقىت بوپ قالغانىدى ، بىراق ئۇنىڭدىن قىلچە سادا يوق . ئىنىممۇ ئانامنى بۇرۇنقىدەك سورىمايدىغان بولدى . مەنمۇ بۇ ئۆيدە خۇددى ئانام بولۇپ باقمىغاندەك ئىدىم ، داداممۇ ئۇنى سورىمايدىغان ، ئۆيگە بولسا بۇرۇنقىدەك مەس كىرىپ ئۇخلاۋېرىدىغان بولدى .

بىر كۈنى تۇيۇقسىز كەلگەن خەت مېنى ئانامغا ئاشۇ كۆڭلۈمدە مېھرىبان ، دۇنيادىكى ياخشى ئادەملەر قاتارىدا سانايدىغان ئانامغا ئۆچ قىلىۋەتتى . مەن ساۋاتسىز بولغاچقا خەتنى قوشنىمىزنىڭ 8 ياشلىق ئوغلىنى ئەكىرىپ ئوقۇتتۇم .



                                                        <<قەدىرلىك ئوغۇللۇرۇم :ئەسقەرجان ، ئۈمۈت

جان جىگەر پارىللىرىم ، ئەھۋالىڭلار قانداق ؟ داداڭلارچۇ ؟ سىلەرنى شۇنداق كۆرگۈم كەلدى . بىراق بارالمايمەن . مەندىن ئەھۋال سورىساڭلار خۇددى دوزاقتا ياشاۋاتقاندەك ، سىلەرنى يۇرتنى سېغىنىش ئىچىدە ئۆتۈۋاتىمەن .

ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن دەسلەپكى كۈنلەردە مېنىڭ قانچىلىك زۇلۇم ۋە جاپا تارتقانلىقىمىنى بىلمەيسىلەر . مەن داداڭلار بىلەن ئاجىرىشىپ كەتتىم . ئۇنىڭ زۇلۇمىغا ھەر قېتىم مەس كىرىپ مېنى ئۇرۇشلىرىغا ، ھەتتا يېرىم جان قىلىپ قويۇشلىرىغا چىدىمىدىم . ئەگەر خالىساڭلار مۇشۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن مۇشۇ ئادىرىسقا جاۋاپ خەت يېزىڭلار . سىلەرنى ئېلىپ كېتىمەن . ئوقۇتىمەن . بۇ يەردە يەنە سىلەرنىڭ بىر ئىنىڭلار بار بولدى . يەنە تېخى داداڭلارمۇ بار . ئۇ سىلەرنى ئېلىپ كېلىشىمگە قوشۇلدى .



سىلەرنىڭ جاۋاپ خېتىڭلارنى كۈتۈپ يۈرىكى لەختە بولغان ئاناڭلاردىن >>

كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمغىنىمغىچە يۇم- يۇم يىغلىدىم ، ئۆزۈمنىڭ سەزگۈلىرىمگە ئىشەنمەيتتىم . ئانامنىڭ نىيىتىنى تېخى بىلمەيتتىم .

__ ئاكا ، ئانامنىڭ قېشىغا كېتەيلىچۇ ؟

__ قايسى ئاناڭنىڭ ؟؟؟؟؟ ئۇ ئەمدى سېنىڭ ئاناڭ ئەمەس ، سېنىڭ بۇندىن كىيىن ئاناڭ يوق بىلدىڭمۇ ؟؟؟؟

ئىنىم كۆزلىرىمگە تىكىلگىنىچە تۇرۇپلا قالدى .

__ توغرا ئىنىم بىزنىڭ بۇندىن كىيىن ئانىمىز يوق . بۇندىن كىيىن ئانىمىز ھەم بولمايدۇ . چۈشەندىڭمۇ ؟؟؟

ئۇ بېشىنى يەڭگىل لىڭىشتتى . مەن ئۇنىڭ قولىدىن يېتىلىگىنىمچە ئۆيگە قاراپ ماڭدىم ، بارا _ بارا سوغۇق چۈشۈۋاتاتتى . ئوتۇننىڭ كۆمۈرنىڭ غېمىنى قىلمىسا تېخى . قوساقنىڭ غېمىنى قىلمىسا تېخى . دادامنىڭ شۇ بىز بىلەن چاتىقى يوق . ئۆزىنىڭ ھارىقى نەخ بولسا بولدى . ھەي دۇنيا مەن تېخى نىمە كۈنلەرنى كۆرەرمەن ؟؟؟

                                                                             5  

__ 16388  سېنى بىرى يوقلاپ كەپتۇ !

ئورنىمدىن ئېرەنسىزلىك بىلەن تۇردۇم . كامىرنىڭ ئىشكىنى ئېچىشىغىلا سىرىتتىن چۈشكەن كۈن نۇرى كۆزلىرىمنى ئاچۇرمىدى .

__ ئەسسالام قوياش . ئاچىقڭنى نىمانداق يامان قىلىسەن بۈگۈن .

تۈرمە ساقچىسى گېپىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى . ۋە ماڭا ئالدىنى شەرەت قىلىپ كەينىمدىن يالاپ ئېلىپ ماڭدى .

كۈرۈشتۈرۈش ئورنىغا كىرىپلا ئارقامغا ياندىم .

__ كۆرۈشمەمسەن ؟

تۈرمە ساقچىسىنىڭ سورىغان سۇئالى مېنى ئىككىلەندۈرۈپ قويدى . كەينىمگە ئاستا ياندىم .

__ يەنە نىمىگە كەلدىڭ ؟

__ ئوغلۇم .....

__ ساڭا بۇنداق ئاتىما دېدىمغۇ ؟ مەن سېنىڭ ئوغلۇڭ ئەمەس .   

ئارىنى بىر ئاز جىمجىتلىق باستى . ئۇ كۆزلىرىمگە چىرايىمغا سەپ سالاتتى .

__ ئۆزگىرىپسەن ؟

__ ئۆزگىرىپسەن ؟ مېنى كۆزمىگىلى قانچە يىل بولدى . 14 يىل . ھېساپلاپ باق ، مەن ئەنە شۇ 14 يىلنى قانداق ئۆتكەزدىم . 14 يىل ھەي ، مانا 22 دىن ئېشىپمۇ قالدىم .

__ ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ ئامالسىز ئىدىم ....

__ ئامالسىز ؟ ھىم ! ئامالسىزمىش . كىم بىلىدۇ قايسى بىرى بىلەن ئىش پەش تارتىشىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىڭ تېخى .

__ مەن چىدىيالمىدىم ، داداڭنىڭ ماڭا قىلغان زۇلۇملىرىغا چىدىيالمىدىم .

__ بىزگە ئەجەپ چىداپسەنغۇ ؟ مەن بىر قارا قورساق . بىلەمسەن ؟ بىراق مەن شۇ ھايۋان جېنىدا ئۆزى تۇغقان بالىسىنى قوغداپ ، ئاسىراپ قاتارغا قوشىىدىغىننى بىلىمەن . شۇمۇ جېنىدا بالىسىنى تاياق بىلەن ئۇرسا بالىسى ئۈچۈن مەرەيدۇ . سەنچۇ ؟؟؟؟ ماڭا قارا ! سەندە ئانىدا بولىدىغان خىسلەت بارمۇ  ؟؟؟ دادامنى ئاشۇ قارا قىش يۇتۇپ كەتكەندە ، بىزنى بالام دەيدىغان سەن نەدە ئىدىڭ ؟؟؟ مەن باشقىلارنىڭ يانجۇقۇغا قولۇمنى سالغاندا سەن نەدە ئىدىڭ ؟؟؟؟ باشقىلار بىزنى يېتىم دەپ مازاق قىلغاندا سەن نەدە ئىدىڭ ؟ ؟؟؟ نەدە ؟ ؟؟؟؟

ئۇ ئۆزىنى تۇتالماي ئاۋازىنى چىقىرىپ يىغلاشقا باشلىدى . مەن ئارقامغا ئۆرۈلۈپ چىقىپ كەتتىم .

__ ئۇ سېنىڭ نىمەڭ ؟

تۈرمە ساقچىسىنىڭ سورىغان سۇئالىنى جاۋاپسىزلا قالدۇردۇم .

__ خەيىر قوياش ئەتە كۆرىشەيلى !

قوياشمۇ ماڭا كۈلۈمسىرەپ قارىغاندەك سېخى نۇرلىرىنى يۈزۈمگە چاچاتتى . تۈرمە ساقچىسىنىڭ يەڭگىل نوقۇشى بىلەن كامىرغا كىرىپ كەتتىم .

ھەي ، يەنە سەكسەن كۈن قالدى . قاچانمۇ توشا بۇ سەكسەن كۈن !


                                                                 6


سوغۇقتا دىردىيىپ ، ئارنلا ئوتتۇرغان ئىدۇق . ئىشىكنىڭ ئەنسىز چېكىلىشىدىن ۋە جالاقلاپ ئېچىلىشىدىن ئەندەرەپلا تۇرۇپ كەتتىم .

__ ئەسقەر بول بالام .

قوشنىمىز ئىنىمنى كۆتۈرگىنىچە مېنى يېتىلەپ سىرىتقا ماڭدى بايلى تېخى ناۋايىنىڭ تونۇرىدىن ئەكىرىۋالغان چوغ مەشى ئارانلائىسىتىپ قالدى .

سىرىتتا قار لەپىلدەپ چۈشۈۋاتاتتى . قار چۈشۈۋاتقاچقىمىكىن سىرت ئانچە سوغۇق ئەمەس . بىراق ئىنىمنىڭ يالاڭ پۇتلىرىنى سوغۇق سوققان بولسا كېرەك .

__ ئاكا پۇتلۇرۇم..... دىگىنىچە كېتىۋاتاتتى . قوشنىمىز ئىنىممنىڭ پۇتلىرىنى كۆرۈپ دەرھال قوينىغا يۆگىدى . ئالدىمىزدا بىر توپ ئادەم بىزگە قاراپ . << ھە كەلدى ، كەلدى >> دىيىشمەكتە ئىدى .

__ دادا !!!

ئۆزۈمنى دادامنىڭ ئۈسىتىگىلا تاشلىدىم . مۇزدەك قاتقان ئۇ تەنلەر ، كىرىشكەن چىشلەر ، بەلكىم ئارمان بىلەندۇر كەتكەن ئاشۇ كۆزلىرى ، قار ئىچىدىن نىمىنىدۇر بىر نەرسىنى ئىزدىگەن قوللىرى ، نەدىنى يەنىلا ھاراق بۇراپ تۇراتتى.

__ ھەي بىچارىلەر ، ئانىسى تېخى تاشلاپ كەتتى ، داداىسىمۇ ئەمدى .....

__ ئانىسى نىمە بولۇپ بۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكەن ؟

__ ئانىسى مۇشۇ مەلئۇننىڭ تاياقلىرىغا چىدىماي بۇنىڭدىن ئاجىرىشىپ باشقا بىرى بىلەن ئاقسۇغا كەتكەنمىش . ھەي دۇنيادا ئادەم ھەيران قالىدىغان ئىشلار كۆپ!

قۇلاقلىرىمغا ھېچ نىمە كىرمەيتتى . يېنىمدا ئىنىم يالاڭئاياغلا دادامنىڭ ئۈستىگە تاشلانغان :

__ دادا ، دادا ! تۇرە دادا ! ئۆيگە كېتەيلى ، توڭلىمىدىڭمۇ ؟ مەن توڭۇپ كەتتىم دادا ، كېتەيلى !!

ئىنىمنىڭ نالىسى يىراق يىراقلارغا كېتەتتى . مەھەلىدىكى قۇلۇم قوشنىلارنىڭ ياردىمى بىلەن دادامنى يەرلىككە ئېلىپ ، يەتتە نەزىرىىنىمۇ ئۆتكۈزىۋالدۇق .

بۇرۇن ئانىسى يوق يېتىملاردىن ئىدۇق ، مانا ھازىر داداممۇ يوق . ئەمدى بىز قارا يېتىم ئاتالدۇق . دۇنيادا ھېچ قانداق بىر يۆلەنچۈكسىزلا ، تىكەندەكلا يالغۇز قالدۇق. ئاھ خۇدا. بىزگە بىر چىقىش يولى بەرسەڭ سەندىن قانچىلىك خۇشال بولاتتىم ھە !!! بىزگە شۇ نىجاتىلىق يولىنى بېرەرسەنمۇ ؟

ئازغىنە ئىسسىق چىقىۋاتقان مەشنىڭ ئالدىدا ، مۈشۈكتەك پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان ئىنىمنى قۇچۇقۇمغا ئېلىپ يەنە نىمىلەرنىدۇر خىيال قىلماقتا ئىدىم . .....



                                                                    7

   

قىش ئايلىرىدىنمۇ ساق سالامەت چىقىۋالدۇق ، بۇنىڭدا يەنىلا مەھەلىدىكى ئاشۇ مېھنەتسىز قوشنىلارنىڭ ياردىمىنى ئويلىماي بولمايتتى . باش باھارنىڭ مەيىن شامىلى چاچلىرىمنى سىيپايدىغان بىر كۈنى ئىنىمنى دوستلىرى بىلەن قويۇپ ، قوشنىمىزغا ئۇنى كەچتە ئەكىرىپ كېتىشكە تاپىلاپ شەھەر يولىغا چۈشتۈم . ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق ئىرادىگە كەلگىنىمدىن ئۆزۈممۇ ھەيران ئىدىم . بىراق ماڭا ، ياق بىزگە بۇنىڭدىن باشقا چىقىش يولى ئەسلا يوق ئىدى .

شەھەرگە بەلكىم تۇنجى كىرىشىمدۇ ، مەھەللىمىزدىن ئانچە يىراق بولمىسىمۇ بىراق ھازىرغا قەدەر تۇنجى كىرىشىم ئىدى . يولدىكى ماشىنىلار ، ماشىنىلارنىڭ كۆپلىكى ، ئادەملەرنىڭ پۇزۇر كىيىنىپ يۈرۈشلىرى ئادەمنى باشقا بىر دۇنياغا ئەكىلىپ قويغاندەك ھېس قىلدۇراتتى .

__ ھەي ، يالاڭتۈش ، نىمە بار ساڭا بۇ يەردە ؟

ئۆزۈم بىلەن تەڭ دەمەتلىك ، كىينىشلىرى ئېسىل كەلگەن ئۈچ بالا ئالدىمدا تۇراتتى .

__ گاچىمۇ سەن ، گەپ قىلىۋاتمەن ! نىمە بار ساڭا بۇ يەردە ! ؟

__ مەن شۇ .....   

ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمەيتتى . ئۇلارنىڭ ئەلپازىدىن قورققان ئىدىم . ئۇلار كۈلگىنىچە مەن تەرەپكە قىستاپ كەلدى .

__ ھەي ،ھەي ئاكام كەلدى .

ئۇلاردىن بىرى شۇنداق دىيىشىگە قالغان ئىككىسىمۇ جىم بولۇشتى . كەينىمگە ئۆرۈلدۈم . يەنە مۇشۇلاردەك ئېسىل كىيىنگەن ئۈچى كېلۋاتاتتى .

__ ھە نىمە بۇ يەردە تۇرۇپ قاپسىلەرغۇ ؟ _ ئۇ شۇنداق دىگىنىچە باللىلار بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى . مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ __ سەنچۇ ؟ كۆرۈشۈپ قويامدۇق يە ؟

ئۇ قولىنى ماڭا تەڭلىشىگە مەن كەينىمگە ئاستا سۈرۈلدۈم . ئۇ مەندىن چوڭ چىقسا پەقەت بېرەر ئىككى ياش چوڭ چىقىشى مۇمكىن ئىدى .كەينىمگە يانغىنىمنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى .

__ مەن ئادەم يىمەيمەن ھوي ! نىمانداق قاچىسەن ؟

ئۇنىڭ قولىغا قولۇمنى ئاستالا بەردىم . ئۇ قولۇمنى چىڭ سىقىپ ،

__ ئوغۇل بالا دىگەن مۇنداق بولمامدۇ !؟ ھە ئەمدى بۇ يەردە تۇرۇپ قاپسىلەر ! نىمە بېرەر نىمە دىيىشىپ قالمىغانسىلەر !؟

__ ياق ئاكا ! شۇ مۇشۇ يولدىن ئۆتكەنلەرگە يىگۈدەك قاراپ ئولجىلارنى قاچۇردى ، شۇڭا بۇ يەردە ئولجا ئالالماي بۇنى ئەدەپلەيلىكمىكىن دەپ .

ئۇ ماڭا بىر ھازا قارىۋەتكەندىن كىيىن :

__ قەيەردىن سەن ؟

__ شەھەر سىرتىدىن .

__ نىمە ئىش قىلىسەن ؟

__ ھېچ ئىش . شەھەرگە شۇ ئىش بولسا قىلاي دەپ كىرگەن .

__ ھاھاھاھا !!!! شەھەردە ئىش ، سەندەك ، مەندەكلەرگە بۇ شەھەردە ئىش بارمۇ ؟ ئىش بولسا بىز مۇشۇنداق يۈرەمدۇق ؟ ئاتا ئاناڭ بارمۇ ؟ نىمە ئىش قىلىدۇ ؟

كۆزلىرىمگە لىق ياش ئالغان ئىدىم .  بېشىمنى يوق دىگەن مەنىدە لىڭىشتتىم !

__ بولدى ، بولدى . بىزنىڭمۇ شۇ ، ھەممەيلەن قارا يېتىم . ماڭا قارا بۇ شەھەردە بىز قىلىدىغان بىر ئىش بار بىللە قىلامسەن ؟

__ نىمە ئىش ؟

__ ئىشنى قىلىپ قوساق تويىدىغان ، كىيىم پۈتۈن بولىدىغان يامان ئىش !

__ يامان ئىش ؟!

__ شۇنداق خەقنىڭ يانچۇقى بىلەن قوساق باقىمىز ! قانداق ؟

__ مەن ......

ئىككىلەندىم . ئەمدىلا ئون ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان مۇنۇ بالىلار ، ماڭا ئوخشاشلا قارا يېتىم ئىدى . ئۇلاردىمۇ باشقا ئامال يوق مۇشۇ ئىشنى قىلىۋاتاتتى . ئىككىلەنمەي تۇرالايمەنمۇ ؟؟؟

__ بولدى ، كۆپ ئويلانما ؟ ماڭا قارا ماۋۇ پۇلنى يېنىڭغا سېلىپ قوي . بىزنى ئىزدىسەڭ ، سېپىمىزگە قوشۇلساڭ مۇشۇ كوچىدا پەيدا بول .

ئۇ شۇلارنى دېدى ۋە قولۇمغا بىر قىزىل قەغەزنى ( ئۆمۈرۈمدە مۇشۇنداق كۆپ پۇلنى تۇنجى تۇتۇشۇم ئىدى) تۇتقۇزۇپ قويۇپ ئارقىسىغىمۇ قارىماستىن كېتىپ قېلىشتى .

مەنمۇ شەھەردىن قايتتىم . قوياشمۇ ئۆز ئۆيىگە ئالدىرىغاندەك قىلاتتى . قىسمەت مېنى يەنە قايسى باغلاردىن تاغلارغا تاشلا . ئاھ يېتىملىك !!

                                                        8
ئىنىمنىڭ قورسقىنى تويغازغاندىن كىيىن ئىنىمغا قارىدىم .
__ ئاكا ، بۇ پۇلنى قەيەردىن تاپتىڭ ! ؟
__ نىمە چاتقىڭ قورسقىڭ بىلەن بولە !
ئۇ ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى . بىراق مېنىڭ جاۋابدىن ئانچە رازى ئەمەس ئىدى .
بۇ يۈز سوم پۇلمۇ بىزگە بىر نەچچە ھەپتىلا يېتەتتى ، ئۇ ماڭا پۇل بېرىۋەرمەيدۇ دە ! قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئۇلارغا قېتىلسامچۇ ؟ ھەي بۇ يامان يول ، بىراق مەن دە بۇنىڭدىن باشقا يول يوقمۇ ؟
كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ باشلىرىمنى ئالقانلىرىم ئىچىگە ئالدىم .
ئەتىسى سەھەر تۇرۇپلا شەھەرگە ماڭدىم . تۈنۈگۈن كەلگەن كوچىغا يەنە كەلدىم . بىر ئاز ئۇياق بۇياققا ماڭدىم . يەنە ئىككىلىنىش ھېسياتى مېنى ئورايتتى .
__ تۇرۇپ كېتىپسەنغۇ ! قانداق ئويلىنىپ بولدىڭمۇ ؟
ئالدىمدا تۈنۈگۈن باشقىلار ئاكا دىگەن بالا تۇراتتى . مەن بېشىمنى شۇنداق دىگەن مەنىدە لىڭىشتتىم . ئۇ كۈلگىنىچە كېلىپ مېنى قۇچاقلىدى .
__ئىسمىڭ نىمە ؟
__ ئەسقەر .
__ ھە جۈر باللارنىڭ قېشىغا بارايلى !
شۇنداق قىلىپ بىز بىر نەچچە كوچىدىن ئۆتكەندىن كىيىن پەقەت بىر قەۋەتلىكلا  ، ئىشىكىمۇ كونىرىغان بىر ئۆينىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدۇق . ھويلا ئىچىگە كىرىپ بۇنىڭ پەقەت بىرلا ئۆي ئەمەسلىكىنى كۆردۈم . بۇ ھويلىسى كەڭرى چۆرگىلىتىپ ئۆي سېلىنغان ، ئىچىدە 9 ئۆي بار بولغان بىر تۇرالغۇ ئىدى .
__ ھەر بىر ئۆيدە بىر بالا تۇرىدۇ . ھازىر بىكا ئۆي يوق ، شۇڭا ئۆيۈڭ شەھەرگىمۇ نېرى ئەمەسكەن سەن ئۆيۈڭدىن كەلسەڭ قانداق ؟
__ بولىدۇ .
ئۇ دۇلامغا قولىنى قويۇپ :
__ئەتىدىن باشلاپ مەشىق قىلىسەن باشقا بالىلارنىڭ ھەركەتلىرىنى كۆرىسەن . بىر نەچچە ھەپتىدە بەلكىم كوچىغا چىققۇدەكمۇ بولۇپ قالاسەن !
ئۇ ئۇچامغا بىر ھازا سەپ سالدى . ۋە قولۇمغا ئىككى قىزىل قەغەزنى تۇتقۇزۇپ :
__ مانىڭغا ئۆزۈڭنى بىر قۇر تۈزەشتۈر . ئەتە بۇرۇنراق مۇشۇ قورۇغۇلا كەل ! سەن بىللە چىقىپ ئۇنۇڭغا كىيىم ئېلىپ بەر !
بىز چىقىپ كەتتۇق .
__ ئىسمىڭ نىمە ؟
__ ئەسقەر ، سېنىڭچۇ ؟
__ قاسىم
__ ھەي بۇ ئاكا دىگىنىڭلارنىڭ ئىسمىچۇ ؟
__ تېخى بىلمەمسەن ؟ ئىسمى قەيسەر .  مەن شەھەرگە تۇنجى كەلگەندە ئۇ ماڭا ياخشى قارىغان كىيىن ماڭا شۇنى ئۈگەتتى ، ئۇ چاغدا چوڭ ئاكىمىز تېخى تۈرمىگە كىرىپ كەتمىگەن !
__ چوڭ ئاكا ؟
__ ھە ، بىزنى ئاساسلىق تەربىيەلىگىنى شۇ  ، ئالدىقى قېتىم بىرىگە پىچاق تىقىپ قويۇپ 12 يىللىق كېسىلىپ كەتكەن !
يەنە جىمىپ مېڭىشقا باشلىدۇق . مېنىڭ بۇنداق ماڭغۇم كەلمەيتتى .
__ ئاتا -ئاناڭ بارمۇ ؟
ئۇ كۆزلىرىمگە بىر ھازا تىكىلدى .
__ بىزنىڭ ھېچ قايسىمىزنىڭ ئاتا ئانىسى يوق . قەيسەر ئاكام بىزنىڭ ھەم ئاكىمىز ھەن ئاتا ئانىمىز ئۇ بىزگە شۇنداق كۆيۈنىدۇ . كىچىك بولغان بىلەن كاللىسى ناھايتى ئىشلەيدۇ . بەزىدە تېخى بىزنىمۇ شۇنداق بولۇشقا كاللا ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ !
شۇنداق پاراڭلار بىلەن بىر نەچچە قۇر كىيىممۇ ئالدۇق ، ئۇنىڭغا ئىنىمغا يۇ ئالايلى دىسەم يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئېلىپ بەردى .
ئەتىسىدىن باشلاپ بىر ئايغا يېقىن مەشىق قىلدىم . قولۇمنى قىززىق قۇمغا تىقاتتىم ، يىلىمان سۇدىن سوپۇننى يۇلۇپ ئالاتتىم .ئوتتۇرا بارمىقىم بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىم تەڭ بولغاندا مېنى بازار ئايلىنىشقا ئېلىپ چىقتى .
ئالدىمدا قاسىم كېتىپ باراتتى ئۇ ماڭا ئولجا كۆرسەتتى . مەن ئولجىغا ئاستا - ئاسـتا يېقىنلاشتىم ، پۇت قوللۇرۇم بىر خىل تىتىرەيتتى . ئۇ كىشى ماشنا ساقلاۋاتقان بېكەتتە ئىدى . ئۇ كىشىگە يېقىن تۇردۇم . سەل ئەپسىز بىلىندى . ماشىنا كەلگەن ئىدى . ئۇ كىشىنىڭ ئارقىسىدىن قىستىلىپ چىقتىم ، ماشىنىغا بىر سوم پۇلنى سالدىم ۋە ئالدىمدىكى بايىلا يانچۇققا كىرگەن پورتمالنى ئالدىم . ۋە ئارقا ئىشككە بېرىپ كىيىنكى بېكەتتە چۈشتىم .
__ ئەسقەر !!
بېكەتتن چۈشۈپلا ئاڭلانغان ئاۋازدىن كەينىمگە قايرىلدىم .
__ قاسىم .
__ قانداق بولدى ! ؟
پورتمالنى يانچۇقۇمدىن ئېلىپ ئۇنىڭغا تەڭلىدىم . ئۇ كۈلۈپ كەتتى . ئىككىمىز بىرلىكتە يەنە تۇرالغۇغا قايتتۇق . ھەممەيلەن مېنىڭ بۇ ئىشىمنى ماختىشاتتى . قەيسەر كۈلۈپ :
__ مەن تۇنجى قېتىم بازار ئايلانغاندا تۇتۇلۇپ قېلىپ بولىشچە تاياق يىگەن ئارىمىزدا تۇنجى قېتىم تېخى سەندەك ئولجا ئالالىغىنى يوق . ھەقىقەتەن بولىدىكەنسەن !
پورتمالنىڭ ئىچىدە 300يۈئەن ، يەنە كىملىك قاتارلىق نەرسىلەر بار ئىدى .
__ كىملىكنى قانداق قىلىمىز !؟ __مەن ئۇلارغا سۇئال نەزىرىدە قارىدىم .
__ بۇ ئاسان بىزمۇ ئۇنى يالغان يۈتتۈرىمىز ، تېپىۋالغۇچلار ئۆز ئىگىسىگە ياندۇرۇپ بېرىدۇ !
شۇنداق قىلىپ ئەنە شۇ تۇنجى ئولجا بىلەن مەنمۇ بازار ئايلىنىشقا كىرىشىپ كەتتىم . ئىنىمنىمۇ شەھەر ئىچىدىكى ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇتۇپ مەنمۇ قاسىمنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە ياتىقىغا قىستالدىم . ئارلىقتا بىر نەچچە قېتىم سولاقخانىلاردىمۇ بىر نەچچە قېتىم يېتىپ چىقتىم . دوختۇرخانىدىمۇ ياتتىم . دۇنيانىڭ ھەممە خوۋلۇقىنى كۆردۈم ، كىچىكلىكىمگە باقماي بېشىمدىن نى نى ئىشلارنى ئۆتكۈزدم . ھايات مېنى شۇنداق قىىشقا قىستىغان ئىدى .

                                                                       9   

ھايات نىمە دىگەن رەڭدار ، بىراق مەن شۇ رەڭدار ھاياتتا 20 ياشقا كىرگىچە رەڭ قارىغۇسىدەك ياشاپ كەلگەن ئىكەنمەن . 10 يىل بازار ئايلاندىم . توغىرىسى  بۇ 10 يىل جەريانىدا جەمىيەتنى چۈشەندىم . ھازىر بازار ئايلىنىشمۇ بۇرۇنقىدىن تەسكە چۈشكەن ئىدى. شۇڭا باشقا ئىش قىلمايمۇ بولمايتتى .
بىر كۈنى قەيسەر ھەممەيلەننى يىغىپ :
__ يېقىننىڭزى بەزى ئىشلار بىزنىڭ بازار ئايلىنىشىمىزغا كاشلا بولۋاتىدۇ . يەنە كېلىپ كىشىلەر يانجۇققا نەخ پۇل سالمايدىغان بولىۋالدى . شۇڭا بىز چېىچىلىپ باشقا ئىش قىلساق ، ھەم بىزمۇ 10 ياشلاردىكى باللاردىن ئەمەس . باش ئەزايىمىز ساپمۇ ساق ، كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالساق بىر نىمە دەپ بولمايدۇ، شۇڭا ھەممەيلەن نىمە ئىش قىلغۇمىز كەلسە شۇنى قىلايلى . بازار ئايلىنىمەن دىگەنلەرگىمۇ يول ئوچۇق .ئامال بار ھالال ئىش قىلايلى .
ھەممەيلەن ئۆزىمىزنىڭ نىمە ئش قىلماقچى بولغانلىقىنى بىر ئېغىزدىن دىيىشتۇق . قەيسەر يەنە ئالدىغا بىر مۇنچە پۇلنى قويۇپ :
__ بۇ بىزنىڭ 10 يىلدىن بۇيان يىغقان پۇللىرىمىز . ھەممەيلەنگە ئوخشاش . مەنمۇ شۇنىڭ قاتارىدا !
پۇلنى ساناپ چاچقاندىن كىيىن ھەر بىرىمىزگە 22مىڭدىن كەلگەن ئىدى . قىزىق مېنىڭ بۇنچە كۆپ پۇلۇم بارلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم . پۇلنى قولۇمغا ئالغاندىن كىيىن نىمە ئىش قىلشنى ، نىمە ئىش قىلىشىمنى بىلەلمىدىم . ئۆز ئۆيۈمگە قايتىپ بىر كۈن ھېچ ئىش قىلماي ياتتىم . ئەتىسى مەھەلىنى بىر ئايلاندىم . مەھەلىدە نىمىنىڭ كاملىقىنى ، قايسى ئىشنى قىلسام مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ئويلاندىم . ئاخىرى كۆچمە خەۋەلىشىش مۇلازىمەت ئورنىنىڭ يوقلىقىنى بىلدىم ، ھازىر ھەممەيلەن ئۇچۇر ئالاقە دەۋرىدە بولغاچقا قول تىلفۇنمۇ ئومۇملىشىۋاتاتتى .
بىر نەچچە ھەپتە چېپىپ يۈرۈپ دىگەندەك ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئاران پۈتتۈردۈم ، تېخى كۆچمە خەۋەرلىشى شىركىتىگە قەرىزمۇ بوپ قالدىم . 22 مىڭ يۈئەن بىلەن بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقماق ھەقىقەتەن تەس ئىكەن !
دۇكاننىمۇ ئېچىپ سودىغىمۇ چۈشۈۋالدىم ، سوداممۇ يامان ئەمەس ئىدى .
بىر كۈنى شەھەرگە كۆچمە خەۋەرلىشىنىڭ كارتىسىدىن ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن كىردىم . كوچا ئاپتۇبۇسىدا ئادەم ناھايتى كۆپ ئىدى. ئولتۇرۇدىغان ئورۇنمۇ يوق ئىدى . ئۆرۈلا تۇردۇم . بىر نەچچە بېكەت ئۆتۈپ بىر قىز ماشىنىغا چىقىپ كەلدى . ئۇ قىز كۆزۈمگە شۇنداق ئىسسىق كۆرۈنگەن ئىدى . ئۇ قىز ئالدىمغا كېلىپلا تۇردى .
ئۇ قىزنىڭ سومكىسىغا قانداق بولۇپ قولۇم كىرىپ قالدى ، بۇنىسى ماڭىمۇ نامەلۇم ئىدى . ئۇ قىزنىڭ پورتمالىنى ئالدىم . كىيىنكى بېكەتتە يەنىلا ماشىنىدىن چۈشۈپ قالدىم ۋە كەينىدىكى بېكەتتە ماشىنىغا چىقتىم .  كەچتە دۇكانغا كىرىپ كارتىلارنى تىزىپ بولغاندىن كىيىن قىزنىڭ پورتمالىنى كۆردۈم . ھەي خەت ئۇقمايدىغىنىم !
شۇ ئارلىقتا ئىنىم مەكتەپتىن قايتىپ كەلدى . جۈمە كۈنى بولغاچقا ئۆيگە قايتىپ كېلەتتى .
__ ئۈمۈد ، ئۇكام ماۋۇنى ئوقۇغىنا !
ئۇ قولىغا قىزنىڭ كىملىكىنى ئېلىپ
__ مەغپىرەت ، ئاكا كىم بۇ ؟
__ بىلمەيمەن ، ماۋۇ پورتمالىنى تېپىۋالغان ، شۇنىڭ ئىچىدە بار ئىكەن !
ئۇ ھازىرغا كەلگىچە مېنىڭ بازار ئايلىنىدىغىنىمنى بىلمەيتتى شۇڭا ماڭا ئاسانلا ئىشەندى .
ئەتىسى يەنە شەھەرلىك كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە كەلدىم.
__ ماۋۇ كىملىككە ئاساسەن مۇشۇ كىملىكتىكى كىشىنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى بىلگلى بولامدۇ ؟
__ بۇنداق قىلساق بولمايدۇ !
مەن بېشىمنى بىر دەم قاشلىغاندىن كىيىن  :
__ ماۋۇ كىملىكنى پورتمالى بىلەن تېپۋالغان ئىدىم . شۇڭا ئېگىسىنى تاپالماي ... مۇمكىن بولسا ... ئىزدەپ بەرگەن بولسىڭىز !
__ قائىدىگە خىلاپ ئىدى . بوپتۇ ياخشى ئىش قىلىمەن دەۋېتىپسىز ! تېپىپ بېرەي !
ئۇ قىزنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىغىمۇ بىر دەمدە ئېرىشتىم . شىركەتنىڭ سىرتىغا چىقىپلا ئۇ قىزغا تىلفۇن قىلدىم .
__ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
تىلفۇندىن خۇددى باھار شامىلىدەك يەڭگىل بىر ئاۋاز كەلمەكتە ئىدى .
__ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
__ سىز .. ؟
__ ھە مۇنداق ئىش ، مەن بىر پورتمال تېپىۋالغان شۇنى ئېلۋالامدىكىن دەپ تىلفۇن قىلغان ئىدىم . باغچىغا كېلەلەمسىز ؟؟
ئۇ قىز بىر ئاز تۇرۋالغاندىن كىيىن :
__ بولىدۇ . مەن يەنە 15 مىنۇتتىن كىيىن يېتىپ بارىمەن !
ئۇ قىز راست دىگەندەك 15 مىنۇتلاردىن يېتىپ كەلدى ، يېنىمدلا تۇرۇپ ماڭا تىلفۇن ئالدى .
__ مانا مەن !
ئۇ قىز ئالدىمغا كەلدى . مەن ئۇ قىزغا پورتمالنى تەڭلىدىم ، ئۇ قىز خۇددى بىرسىدىن خىجل بولغاندەك پوتمالنى قىزىرىپ ئالدى .
__ ئىچىدىكى نەرسىلەر ساقمىكەن ، قارىۋېلىڭ !
ئۇ قىز يەنە قىزارغىنىچە پورتمالىنى ئاختۇردى . ۋە ماڭا قاراپ:
__ ئىچىدىكى نەرسىلەر جايىدىكەن ! رەھمەت سىزگە !
مەنمۇ باشقا گەپ قىلمىدىم ،
__ تاماق يىدىڭىزمۇ ؟
__ ھە بايىلا يىگەن __ جىددىيلىشىپ شۇنىلا دىيەلىدىم.
__ ئەمسە تىلفۇن نۇمۇرىڭىز مۇشۇ شۇغۇ ؟
__ ھەئە ، سىزنىڭمۇ مۇشۇ شۇغۇ ! مەن بىكار بولغاندا سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي قانداق !؟
__ مەن سىزگە رەھمەت ئېيتىدىغان تۇرسام ، سىزنى مەن تەكلپ قىلسام توغرا بولار !
__ ئەمسە شۇنداق كېلىشتۇق !
شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز بىلەنمۇ تونۇشۇپ قالدىم . ئۇ قزىغا ئارىدا بىر نەچچە تىلفۇن قىلىپ تاماقنىمۇ بىللە يىدۇق . بەزىدە ئۇ قىزغا تىلفۇن قىلسام ئالالماي قالسا جىددىيلىشىپ قالاتتىم، خۇددى ئۇنىڭغا بىر ئىش بولۇپ قالىدىغاندەك . يامان خىياللارنى قىلىپ كېتەتتىم .
بىر كۈنى بىللە تاماق يىگۈچە ئۇ مەندىن :
__ ئاتا -ئانىڭىز نىمە ئىش قىلدۇ ؟ __ دىگەن سۇئالنى سوراپ قالدى .
كۆزلىرىمگە يەنە شۇ سوغۇق ، ئاچچىق بىر سېزىم تىقىلدى .
__ يوق ! ئايا ئاانم يوق ، دۇنيالىقتا پەقەت بىرلا ئىنىم بار مۇشۇ شەھەردىكى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ . سىزنىڭچۇ ؟
__ دادام سودىگەر ، ئانام بولسا ئائىلىدە ! سىزچۇ نىمە ئىش قىلىسىز .
__ مەن كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ تارماق دۇكىننى ئاچىمەن !
__ ھە ، مەن سېستىرا ، دادام تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بولغىچەم مېنى تىببى مەكتەپكە ئەۋەتىۋەتكەن ، ھازىر شۇ شەھەرلىك دوختۇرخانىدا !
ئارلىقىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن گەپلەر شۇ . مېنىڭچە ئۇمۇ ماڭا قىزىقىپ قالغاندەك قىلاتتى . بىز ئەنە شۇنداق ئالاقىلىشىپ تۇردۇق . ئۇنىڭغا شۇنداق كۆڭۈل ئىزھار قىلغۇم كېلەتتى- يۇ، يەنە پەيىت ئىزدەيتتىم .
بىز ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بىر بىرمىزنى بىر كۈن كۆرمىسەك چىداشمايدىغان ھالەتكە يەتتۇق ! ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىلدىم ! ئۇمۇ رەت قىلمىدى . بىزنىڭ گۈزەل كۈنلىرىمىز ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاندى . شۇ كۈندىن باشلاپ ھايات ماڭا تېخىمۇ رەڭدار ، تېخىمۇ گۈزەل بىلىنىشكە باشلىدى . بىراق ھاياتنىڭ شۇ گۈزەللىكى ئىچىدە مېنى يەنە قانداق سىناقلارنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلمەيتتىم .
                                                                     10
__16388سېنى بىرى يوقلاپ كەپتۇ.
ئۆزۈمنى خىياللار ئېلىكىدىن ئالدىم . بىر خىل خوش ياقماسلىق نەزىرىدە ئورنۇمدىن تۇردۇم .
__ باشلىق كىمكەن ؟__ تۈرمىدە تۈرمە ساقچىسىنىڭ ھەممىسىنى باشلىق دەيتتۇق . ئۇ ماڭا بىر خىل قىزىقىش نەزىرىدە قارىغاندىن كىيىن :
__ نەچچە قېتىم سېنى يوقلاپ كەلگەن ئايال ئەمەس ، بىر قىز ! بولغاندۇ ؟ تىز بۇ ياققا چىق !
كامىرنىڭ سىرتى كامىر ئىچىدىن خېلىلا سوغۇق ئىدى . ئەتراپنى قوياش نۇرى يۇرتۇپ تۇرغان بولسىمۇ ، بىراق كۈز شامىلى ئۇنىڭ ھارارىتىنى قاياقلارغىدۇر قاچۇرغان ئىدى .
__ ئەسسالام قوياش ، سېنىمۇ بوزەك قىلىدىغان كۈز پەسلى كەپتۇ -دە ! بولدى ، قىينالما ئۇنى ھەرگىزمۇ بوزەك قىلالمايسەن كۈز ! بۇ پەقەت ۋاقىتلىقلا !
كۆرۈشتۈرۈش ئۆيۈگە كىرىپ تۇرۇپلا قالدىم .
__ مەغپىرەت ؟! __ ئۈنۈم بىر خىل تىترەپ چىقاتتى ، ئۇ كۆزلىرىمگە لاپپىدە بىر قارىدى . ئۇنىڭ ئىششىغان قىزارغان كۆزلىرىدىن يىغلىغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى . __يىغلاپسىزغۇ ؟ بېرەر ئىش بولدىمۇ ؟
ئۇ تېخىمۇ ئەدەپ يىغلاشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ نىمە سەۋەپتىن يىغلىغىنىنى بىلەلمەي تىت- تىت بولاتتىم . ئۇ يىغىسىدىن توختىدى .
__ نىمىگە يىغلايسىز ؟ نىمە بولدى ؟ ئۆيدە بېرەر ئىش بولدىمۇ ؟
ئۇ كۆزلىرىنى مەندىن ئەپقاچاتتى ، بىراق سورىغان سۇئالىمغا جاۋاپ بېرەلمەيتتى .
__ مېنى تىت -تىت قىلماڭ مەغپىرەت نىمە ئىش بولسا دەۋېرىڭ !
__ مېىنڭ تويۇم بولماقچى ....__ مەن سەزگۈلىرىمگە ئىشىنىش ئىشەنمەسلىكنى بىلەلمىدىم .
__ نىمە ؟!!!!__ ئاۋازىمنىڭ بۇنداق قاتتىق چىقىپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم .
__مەن ئامالسىز ئەسقەر ، دادام ماڭا سېنى ئۇنداق لۆكچەككە بەرمەيمەن دەيدۇ . ھەم مېنى ئۆزىنىڭ يېقىن ئاغىنىسىنىڭ ئوغلىغا بەرمەكچى . مەن راستىنلا ئامالسىز قالدىم . سىز سىرتتا بولغان بولسىڭىزمۇ بۇنداق بولۇپ كەتمەس ئىدىم ئەسقەر .
قوللىرىم ئوتتۇرىمىزدىكى توسۇق رىشاتكىنىڭ تۆمۈرىنى چىق قامالىغىنىچە ئۆزۈم تەرەپكە كۈچەپ تارتاتتىم .
ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپلا كەتكەن ، مەغپىرەتكە نىمە دىيىشىمنى ، قانداق يول كۆرسىتىشىمنىمۇ بىلمەيمەن .
__ مەن نىمە ئۈچۈن تۈرمىگە كىردىم ، مەغپىرەت بۇنى داداڭ بىلمەمدىكەن ؟ __ قوشۇمۇللۇرۇم چىڭ تۈرۈلگەن ، ئاچچىقتىن بولسا كېرەك ، مەغپىرەتنى سەنلەۋاتاتتىم . __ نىمە ئۈچۈن لۆكچەك بولدۇم بۇنىمۇ بىلمەمدىكەن ؟
مەغپىرەت يەنە يىغلىماقتا ئىدى . ئۇنىڭغا قاراپ قىزلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئاجىز بولىدىغانلقىغا ئىشەنمەيمۇ ئامال بولمىدى . كۆرۈشتۈرۈش ۋاقتىمۇ توشقان ئىدى . مەغپىرەتكە قاراپ ئىچىم سىيرىلماقتا !
__ خەيىر ، ئامان بول مەغپىرەت ، بەخىتلىك بول ! __ سۆزلىرىمنىڭ ئايغىنى ئېيتىۋاتقىنىمدا بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلەشكەندەك بوپ كەتتىم .
كۆرۈشتۈرۈش ئۆيىدىن چىقىپ كېتىۋاتقىنىمدا مەغپىرەتنىڭ ئۈن سېلىپ يىغلىغان ئاۋازى يۈرەك باغرىمنى تىلىپ ئۆتتى . ئۆزۈمنى شۇنچە تۇتقانچە يىغا مېنى قاپساپ تۇراتتى .
كامىرغا ئۇدۇللا كىرىپ كەتتىم ، تۈرمە ساقچىسى ماڭا تەئەججۈپلەنگەن ھالەتتە بىر قارىدى ، ۋە كامىرنىڭ ئىشكىنى شالاقلاتقىنىچە ئېتۋەتتى .
كۆزلىرىم ئاشۇ قاراڭغۇ بۇلۇڭغا تىكىلگەن . كاللام قۇپقۇرۇق ، شۇ قوپقۇرۇق كاللامدا بىرلا سىما مەغپىرەتنىڭ سىيماسى جىلۋىلىنەتتى .
ئاشۇ ئىش ، تۈرمىگە كىرىپ قېلىش ئىشى كۆز ئالدىمدىن كىنو لىنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىغان ئىدى .
مەغپىرەت بىلەن كوچىدا بىللە كېتىۋاتىمەن . پاراڭلىشىپ چاقچاقلىشىپ دىگەندەك ، ئۇ تېپىشماق ئېيتسا مەن تاپاتتىم ، مەن ئېيتسام ئۇ تاپاتتى . بەزىدە يۇمۇر ئېيتىپ ئاۋازىمىزنى قويۇۋېتىپ ، خۇددى كىچىك بالىلاردەك بىر- بىرىمىزنى قوغلىشىپ ، يولنىڭ ھەممە يېرىدە يۈگۈرىشىپ ماڭاتتۇق .
ئالدىمىزدىن كېلىۋاتقان ئىككى مەستنى كۆرۈپ مەغپىرەت كەينىمگە ئۆتۈۋالدى . مەنمۇ ئۇ ئىككىسىدىن مەغپىرەتنى قوغداپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتىم . تۇيۇقسىزلا بىرى چاققانلىق بىلەن:
__ ھوي تۇمۇچۇق __ دەپلا مەغپىرەتنىڭ قولىدىن تارتتى .
__ قويۇۋەت __ ھاۋا گۆلدۈرلىگەندەك جاراڭلىق چىققان ئاۋازىمدىن ئۇ مەسلىكتىن كونتۇروللۇقىنى يوقاتقان كاللىسىنى كۆتۈرۈپ:
__ نىمە ؟ قەھرىمان بولغىڭ بارمۇ ئۇكا ؟! تۇمۇچۇقتەك قىز بالا بىلەن كۈندە بىر ياتىسەن ھەقىچان . بېرەر كۈن بىز ياتساق نىمە بوپتۇ ! ؟
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى سۆڭەك سۆڭكىمدىن ئۆتتى . مەغپىرەت بولسا ئۇنىڭ قولىدىن يۇلقىنىشقا تىرىشىپ كۈچەپ خۇددى كىيىك بالىسىدەك جانسىز تىپىرلايتتى .
قەيەردىن كەلگەن كۈچنىڭ تۈرۈتكىسىدىنكىن ئۇنى مۇشت بىلەن بىرنى سالدىم . دەلدەڭشىپ بېرىپ يىقىلغان بولسىمۇ يەنە ئورنىدىن تۇردى . مەسلىكتىن بولسا كېرەك يەنە بىرىمۇ مەن تەرەپكە يېقىنلاشماقتا ئىدى . ئىككىسى بىلەن بىر ھازا تۇتۇشتۇم . بىراق قاياقتىندۇر كەلگەن چارلاش ساقچىللىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدىم . بۇ ۋاقىتتا مېنىڭمۇ باش كۆزلىرىم ئىششىق ئىدى .
توۋا 15 كۈندىن كىيىن ئېچىلغان سوت مېنى گاڭگىرىتپلا قويدى . 4 ئايلىق كېسىلگەن ۋە ئۇلارنىڭ داۋالىنىش پۇلى بولغان 8 مىڭ يۈەن پۇلنى تاپشۇرۇشۇم كېرەك ئىكەن. پۇلغۇ مەيلى بىراق بۇ 4 ئاي ....
كۆزلىرىمنى تورۇستىن ئالدىم . كىيىن كىمنى ئۇرغىنىمنى ئاڭلاپ مەنمۇ ھەيران قالدىم .
بىرى شەھەر باشلىقىنىڭ ئىنىسى ، يەنە بىرى شەھەر باشلىقىنىڭ يەنە بىر تۇغقىنى ئىكەن . ماڭا بۇنى دەپ بەرگەن تۈرمە ساقچىسى مېنڭ نىمىشقا مۇنچە ئۇزۇن يېتىشىمدىن ئارتۇقچە گۇمانلانمىساممۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ئۇنىڭغا پەقەتلا كۈلۈپ قويغان ئىدىم .
ھەي يەنە 12كۈن قالدى ، تىزىرەك بۇ قەپەستىن ئازات بولسام بولاتتى . كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمغان بولساممۇ ئۇخلىيالمايتتىم .... يىراق _ يىراقتىن ئىتلارنىڭ ھوۋشىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى .
                                                                خاتىمە   
      تۈرمە ئىشىگىدىن بىر پۇتۇمنى ئېلىشىمغىلا:
__ ئاكا!!!!__ دەپ يۈگۈرۈگىنىچە ئۈمۈت يېتىپ كەلدى ، ئۇ مېنى قۇچاقلىغىنىچە :
__ ئاكا سېنى شۇنداق سېغىندىم ! __ ئۇ يىغلاۋاتاتتى ، مەنمۇ ئۇنى قۇچاقلىغىنىمچە يىغلاپ تاشلىدىم .
__ ئەسقەر ، بىزنى كۆرۈشكە كۆزۈڭمۇ يوق شۇنداقمۇ ؟
__قەيسەر ! __ ھەيرانلىقتىن كۆزلىرىمنى يوغان ئاچقىنىمچە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئاتتىم __ بارمۇ سەن ئاداش !
ئىككەيلەن بىر ھازا بىر بىرمىزگە قانماي قۇچاقلاشتۇق .
__ قارا ، يەنە كىم باركەن ؟
ئۇ مېنىڭ مەڭدەپ قالغىنىمنى كۆرۈپ:  
__ بۇ يەڭگەڭ !
كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيتتىم . ئالدىمدا ئۇ ماڭا يەڭگەڭ دەپ تونۇشتۇرغىنى باشقا بىرى ئەمەس مەغپىرەت ئىدى . ئارتۇقچە گەپ قىلمىدىم . پەقەت :
__ مۇبارەك بولسۇن !
__ھاھاھا !!! ئەسقەر ، تونۇيالمىدىڭمۇ ؟ بۇ مەغپىرەت !
ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بوپ تۇرغىنىمدا بۇنىڭ كۈلكىسى مېنى تېخىمۇ جىيلە قىلدى .
__ بولدىلا ماشىنىغا چىقىپ دەپ بېرەي ئاداش .
ئۇ شۇنداق دىگۈنىچە مېنى ماشىنىغا ئېلىپ چىقتى . بۇ ماشنىدا مەن ، قەيسەر ئىككەيلەنلا بار ئىدۇق.
__ ماڭا قارا ئاداش __ ئۇ گەپ باشلىدى .__ بازار ئايلىنىشنى توختاتقاندىن كىيىن ، مەنمۇ ئۆزۈمگە تېگىشلىكىنى ئېلىپ سودىغا كىرىشىپ كەتتىم . سودا جەريانىدا مەغپىرەتنىڭ دادىسى بىلەن تونۇشتۇم . شۇ جەرياندا مەغپىرەتكە قىزىقىپ قالدىم . قىزىق- ھە ! ئۇنىڭدىن بىر كۈنى ئوغۇل دوستىڭىز بارمۇ دەپ سورىسام ، بار دەپ جاۋاپ بەردى . ۋە سېنىڭ رەسىمىڭنى ماڭا كۆرسەتتى . سېنى بىر كۆرۈپلا تونۇدۇم . شۇندىن كىيىن ئۇنىڭغا باشقىچە كۆزدە قارىمىدىم . ئۇنىڭ دادىسى ئىككەيلەننى چېتىپ قويۇشقا تۇتۇندى . بىلەمسەن شۇ كۈنلەردە سەن تۈرمىدە ئىدىڭ . سېنىڭ نىمە سەۋەپتىن تۈرمىگە كىرگىنڭنى مەغپىرەت ماڭا ئېيتىپ بەرگىنىدە مەن مەغپىرەتىنىڭ دادىسىغا ئەھۋالنى ئېيتتىم ، ۋە ئۇ ئادەمگە ئازراق سېسىق گەپ قىلىپ قويدۇم ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم ھەممىدىن يېنىۋالدى ، ئاداش بايقى يەڭگەڭ دىگىنىم پەقەتلا چاخچاق . بىرلا سېنىڭ تويۇڭ ئۇنىڭ بىلەن بولىدۇ ئاداش .
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ شۇنداق خۇشال بولدۇم . كەينىمدىن كېلىۋاتقان ماشىنىغا پات پات قاراپ قوياتتىم .
__ يەنە بىر گەپ . ماۋۇ خەتنى ...
ئۇ ماڭا بىر پارچە قاتلانغان خەتنى تەڭلىدى . خەتنى قولۇمغا ئالدىم . تونۇش بىر ھىد بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى .
<< ئەسسالام ئوغلۇم ئەسقەر
سېنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ شۇنداق ئاتىشىمغا يول قوي ، ئانىنىڭ مېھىر مۇھەببىتىدىن تاش ئېرىيدۇ . بىراق مەن ساڭا ۋە ئىنىڭغا شۇ خىل مېھىرنى بېرەلمىدىم . بىر ئانىنىڭ ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئورۇندىيالماسلىقتىن ئارتۇق گۇناھ بولمىسا كېرەك . مەن ئەنە شۇ ەۇناھنى قىلدىم .
ئوغلۇم . مەن كەتتىم ، سېنى ۋە ئىنىڭنى تاشلاپ يەنە كەتتىم . بىراق بۇ قېتىم كەلمەيدىغان بىر يەرگە يەنى داداڭلار كەتكەن يەرگە كەتتىم ، سەن بۇ خەتنى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭدا ئاشۇ ئىللىق تۇپراق مېنى ئۆز قوينىغا ئالغان بولىدۇ ! ئىنىڭغا ياخشى قارا ! ئۇنىڭغا ئانا ھەم دادا بوپ يەنە ياشايسەن ئوغلۇم . سېنى جاپادا قويدۇم !
ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالمىغان گۇناھكار ئاناڭدىن >>
كۆزلىرىمدىن ياش خۇددى يامغۇردەك تۆكۈلگەن ئىدى . مېنى ئەسقەر كىچىك بالىنى پەپىلىگەندەك پەپىلەپ ئولتۇراتتى .
__ ئاداش ، ئانام ...__ ئاغزىمدىن شۇ سۆز ناھايتى تەستە ، ناھايتى ئاجىز چىقاتتى . نىمە قىلمىسۇن مەن ئۇنىڭ ، ئاشۇ ئانىنىڭ قوسقىدىن چۈشكەن . ئاشۇ ئاننىڭ قوسقىدا ياتقان ئەمەسمۇ !
__ ئانام نىمە بوپ ئاداش ؟ __ كۆزلىرىمدىكى ياشنى توختىتالمايتتىم .
__ راك ، راككەن ئاداش . مەنمۇ كىيىن ئۇقتۇم . ھوي ئاكا ماشىناڭنى قەبىرىستانلىق تەرەپكە ھەيدە !
ئۇ شۇنداق دەپ ۋارقىرىدى . ماشىنا يولنىڭ ئىككى قاسنىقى ئاق تەرەك بىلەن توسۇلغان ئاسفالىت يولدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتى ، كۈزدە چۈشكەن غازاڭلار ماشىنىڭ چاقىدىن ئۇچۇپ ماشىنىغا ئەگىشىپ بىر يەرلەرگىچە باراتتى يۇ _يەنە توختاپ قالاتتى . قىيسايغان قوياش قەبىرىستانلىقتكى ھەر بىر قەبىرنىڭ يۈزىنى سۆيگىنىچە ئۆز ئۆيىگە ئالدىرايتتى . ۋە نىمگۇدۇر قانمىغاندەك كۈز غازاڭلىرىنى ئاستا ئاستا شىرىلدىتاتتى . ئاشۇ شىرىلداشلار ئارىسىدا بىر كىشىنىڭ ئۆكسۈپ- ئۆكسۈپ يىغلىغىنى ، ئىچ- ئچىدىن ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلىغىنى ئاڭلىناتتى ، يۈرگىنى بولسا قايسىدۇر پۇشايماننىڭ غاجاۋاتقىنىنى ئاشۇ ئۆكسىگەن يىغا ئاۋازىدىن بىلۋېلىش قىيىن ئەمەس ئىدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جەسسۇر2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-16 00:53  



ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا ، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن
؟

Rank: 2

تېما
0
قىزغىنلىق
207
تىللا
556
تۆھپە
35
توردا
20 سائەت

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-16 03:10:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ، بىر توپ ئازغۇن بالىلارنىڭ توغرا يولغا قايىتقان قىسىمى مېنى ناھايىتى خۇشال قىلدى، ھازىرقى چۈشكۈنلۈك ئەۋىج ئېلىۋاتقان مۇھىتتا مۇشۇنداق بىر تېمىنىڭ چىقىشى ئادەمنى ئۈمۈدكە باشلايدۇ.
تېما ئىگىسىگە رەھمەت، نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن!!!


Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
77
تىللا
247
تۆھپە
10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 11:22:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر رومانما؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا سەھىپىسىگە ماس كەلمەپتۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-15 17:56 , Processed in 0.112411 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش