دىبا ياشلىرى
سوزلەيدىكەن نادانلار ، ھايات پەيزى سۇرەلمەي ،
بىزگە ئوخشاش دىبادا پەيزى بىلەن كۇلەلمەي ،
ھايات نىمە ئەركىنلىك ! ئەقىل قۇلدۇر بىزلەردە ،
تەلمۇرشىدۇ نادانلار تا ركوچىغا كىرەلمەي .
ھايات پەيزى سۇرىمىز بىزگە نىم بار مۇنبەردە،
ھايات تاتلىق سىزلەرگە بىز يۇرمىز ئولەلمەي.
ئانام كەتتى چايغا دەپ،دادام نەدە بىلمىدىم،
چىقىپ ئويناپ كىلىمەن يالغۇزلۇققا كونەلمەي.
مەكتەپ نەدە بىز نەدە ؟ سۇرۇشتۇرمەڭ بۇلارنى
خۇددى ئشەك بولىسىز قالغان ھارۋا سورەلمەي.
بىز شاش دەۋىر باللىرى قىنى ئيتىڭ ئوزىڭىز؟
دىبا ئالدىغا كەپسىزيۇ ؟ نىمە تۇرىسىز كىرەلمەي.
چاقىرامسىز بىزنى تاللاي كىلەر سىزدەكلەر ،
جاپا تارتىپ قالىسىز چوقۇم ئۇنى سۆرەلمەي.
ئۇنچە يامان ئەمەسقۇ دىبا سەنئەت خۇمارغا،
ئۇنچە جاپا تارمايسىز ئاۋازلارنى سۇزەلمەي.
دىققەت مانا باشلاندى بەلنى تولغام ئويناڭلا،
قالار ھەتتا ئۇسۇلچى شۇ چاغ سىزنى كورەلمەي.
توختاڭ ئۇساپ قالدىڭىز بۇنى دەررۇ ئچۋىتىڭ،
ياشلىق بۇ شاشلىق ئۆتۇپ كەتمەڭ سۇرەلمەي،
قىنى مىھمان تۆرىگە تۇرىۋەرمەڭ ئۇ يەردە،
شۇنداق ئسىل كۆرۇنۇش ئۆتۇپ كەتمەڭ كۆرەلمەي.
تاشلاپ كەتتى يايرىڭىز،كونىرغاندۇ يارىڭىز،
كۇندە سۆيۇش بۇ يەردە ئازاپ تارتماڭ سۆيەلمەي.
ئبادەتكە بارامسىز؟ھە ،قىرىغاندا قىلارسىز،
ئوينىۋىلىڭ ياشلىقتا كىيىن قالىسىز يۇرەلمەي.
قىز ئوغۇللار باراۋەر قىزلار شۇنداق ئالامەت،
قايدا قاينار مۇنچىلىك نەغمە ناۋا ئەۋجىدە
نى خانلارمۇ ئۆتكەندۇ بۇنداق سورۇن كورەلمەي.
ئۆمۇر ، ئۆمۇر بولامدۇ ئۆتكۇزمىسەڭ بۇ يەردە،
نۇرغۇن نادان كىتىدۇ بۇ كەيىپنى سۇرەلمەي.
ئەخلاق ھايا نەدىدۇر؟بۇندا پەقەت ھاجەت يوق،
بۇيۇك شۇنداق دىبالار يۇرمەڭ ھەرگىز كىرەلمەي.
‹ 2 ›
ئۆز مەيلىڭىز دۇملامسىز ياكى سەكرەپ ئوينامسىز،
پەقەت قالماڭ قايتقاندا ئرىقلاردىن ئوتەلمەي.
شۇنداق تاتلىق سۆزلەرنى قىلىپ بىرەر يايرىڭىز،
مۇھەببەتنىڭ سىرىنى يۇرىۋەرمەڭ بىلەلمەي.
مەن ساھىپخان سىز مىھمان نەغمە ناۋا بۇ يەردە.
چەتئەل پاسۇن ئۇسۇلغا چىقىپ كەتمەڭ چۇشەلمەي.
ئوزىمىزنىڭ ئۇسۇلنى ئويناي دىگەن ئەسلىدە،
سەتلىشىمىز شۇ سازغا پۇت قوللارنى چۇشۇرەلمەي.
ئويناڭ بۇندا ئوزگىچە سىزگە ھىچ بىر توساق يوق،
نۇمۇس چىقىپ كەتسىڭىز بۇ كەيىپكە چۆكەلمەي.
ھالال نىمە ھارامچۇ ؟ بۇنى بىزدىن سورىماڭ،
ئۆزىڭىزنى ئاز دەپ بىز يۇرمەيلى ئچەلمەي.
كەيىپ ساپا ھارام دەپ قورقۇتماقچى بولامسىز،
سىز چەكمەيسىز توغىرا بىز يۇرمەيلى چىكەلمەي.
تاڭ ئاتقىچە گاھىدا نەغمە ناۋا قاينايدۇ،
قالار گاھى ئشىمىز يەڭ ئچىدە ئەپلەشمەي،
يۇرت چوڭلىرى تۇكىرەر ئەگەر ئۆتسە بۇ يەردىن،
ياش بالىلار بۇ يەردە ئوينىماقتا كىتەلمەي.
سىزگە سۇناي ھۆرمەتتە،ياق دىگەننى ئاڭلىماي،
ھارام دىمەڭ ھاراقنى مەنمۇ ماختاپ سوزلەيمەن.
ئيتالمىغان سوزىڭىز بولسا ئيتىڭ بۇ يەردە،
قىچىپ يۇرمەس قىزلارمۇ ئززا تارتماڭ كۆنەلمەي،
قىز بولسىڭىز ئەگەردە ئوغۇللارمۇ پەرۋانە،
پەقەت تاشلاڭ ھايانى نۇمۇس تۇغىنى كۆتەرمەي.
‹ 3 ›
قىنى مھمان يۇقىرغا كوپ تەكەللۇپ قىلدىڭىز،
قۇلاقلىرىڭىز پىشسۇن يۇرسىڭىزمۇ كۆرەلمەي.
مۇھاببەت نىمە؟ سۆيگۇ نىمە ؟ ۋاپا دىگەنچۇ؟
دەرت بولىدۇ دەيدىكەن ؟بىز يۇرىمىز بىلەلمەي.
ئوغۇل بالا ئەركەك سىز قىنى مھمان ئەركىڭىز،
نىمە خىجىل بولىسىز ئارىمىزغا كىرەلمەي.
يىقىن كىلىڭ ئەي مھمان بىر خۇش-خەۋەر ئيتايمەن،
ھاڭۋىقىپلا قالماڭ ھە،گەپ تىگىگە يىتەلمەي.
دەرت تارتمايسىز بۇ يەردە دەۋاسىدۇر بۇ نىشە،
تارتىشىدۇ قىزلارمۇ يۇزنى تۆكمەڭ چىكەلمەي.
ئوغۇل بالا ئەركەكسىز قىزلار ئچسە قالامسىز،
قالماڭ بەكلا نۇمۇستۇر قىز ئالدىدا ئچەلمەي.
يانچۇق بوشمۇ؟ بولدىمەن مھمان قىلاي سىزنى ھەم،
ئەقىل بارغۇ سىزدىمۇ دات باسمىسۇن ئشلىمەي.
ئبرەت بولسۇن دەپ سالماڭ سىزمۇ دوراپ ئۇلارنى،
ھەر ئۆتكەندە تۇكىرەر يىنىمىزغا كىرەلمەي.
شۇنداق ئۆچۇق ھالەتتە ئنسان سىرى بۇ يەردە،
كوزىڭىزدە مەسلە بار ئەگەر قالسا كۆرەلمەي.
كالتا ئشتان دەپ قالماڭ مودا ئشتان ئەسلى بۇ،
مايكىلارنى قىسقارتتۇق جاپا تارتقاش تۈرەلمەي.
سىرتتا شۇنداق قىسامدۇ قىزلار ‹ بۇلاق كۆزىنى ›؟
بۇ قىسىشتا مەنا بار يۇرىۋەرمەڭ سىزەلمەي.
قىنى دوستۇم ئاغىنەم سوقۇشتۇرۇپ ئچەيلى،
يۇرەر ئدى ما لوبەن بۇ سۇدۇكنى توكەلمەي.
خاتىمە
لەنەت ئۇيغۇر قىزلىرى دىبا ئارلاپ يۇرمىسەڭ،
لەنەت ئۇيغۇر يىگىتى بۇ كەيىپنى سۇرمىسەڭ.
‹‹ ئەسلى خاتا يازمىشىم ھىچ ئچىمگە پاتمىدى،
ئسىت دەيمۇ ئۇيغۇرۇم ، مىللەت يۇرسە تۇزەلمەي.››
مەنبە: [
http://bayawankuyi.com/bbs/portal.php]