گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 266 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 81|ئىنكاس: 1

كەچمىشلەردىن تۆكۈلگەن خىيال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
23
تېما
36
قىزغىنلىق
163
تىللا
519
تۆھپە
87
توردا
82 سائەت

چوڭ باشقۇرغۇچى  ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-14 18:58:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزلىرىم بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە چەكسىز خىياللار دېڭىزىغا غەرق بولدۇم:
تۇنجى بوپ سەن يادىمغا كەلدىڭ، بۇ سېنىڭ قەلبىم تۆرىدىكى ئۆرنۇڭنىڭ ئۆزگەرمەس ئىكەنلىگىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى،خۇددى مەن سېنى ئويلىغاندەك سەنمۇ بەلكىم مېنى ئويلاۋاتقانسەن ياكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان گىرىمسىمەن تۇرمۇش يوللىرىدا تولا مېڭىپ ھېرىپمۇ قالغانسەن، كاللاڭغا ئۆزگە خىياللارمۇ ھازىر بوپمۇ ئۈلگۈرگەندۇ ئېھتىمال!چۈنكى سەن شۇ خىياللارنى قىلىشقا مەڭگۈ ھوقۇقلۇق ئۆزگىرىشكىمۇ ھەم شۇنداق، مەيلى قانداق بول قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ساڭا مەڭگۈ بەخت تىلەيمەن، چۈنكى سەن شۇ بەختلەرگە ئېرىشىشقا تامامەن ھەقلىق. سۆيگۈ دېگەن ئاجايىپ بولىدىكەن، بەزى ۋاقىتلاردا ئويلىنىپ قالىمەن،سەن ئۇنىڭغا ئىنتىلگەنسېرى ئۇ سېنىڭدىن بىلىنەر-بىلىنمەس قاچىدىكەن، سەن ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشقا باشلىغىنىڭدا بولسا ئۇ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ سېھرى كۈچى بىلەن سېنى ئۆزىگە تارتىدىكەن،سەن ئۇنىڭغا تاتلىق لەززەتلەرنى ئەمەس بەلكى تالاي ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنى ھەدىيە قىلساڭ ئۇنىڭ سېھرى كۈچىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايدىكەنسەن. سۆيگۈ دېگەن بۇ سۆزگە تالاي تەبىرلەرنى ئاڭلاپ كەتكەن بولساممۇ ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇنۇ بىر كونىلار سۆزى ئېسىمدىن چىقىپ كەتمەيدۇ: قەدىم زاماندا بىر كىشى بىر ئۆلىمادىن مۇھەببەت دېگەن زادى قانداق نەرسە دەپ سورىغىنىدا ئۇ ئۆلىما مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن، مۇھەببەت دېگەن خوشاللىق بېغىشلىساڭ جايىدا جىم تۇرىدىغان، زۇلۇم قىلساڭ قىممىتى ھەسسىلەپ ئاشىدىغان نەرسە دەپ. ئەلۋەتتە ھېچكىمنىڭمۇ ئۆز مۇھەببىتىگە ئاسىيلىق قىلغۇسى ياكى زۇلۇم سېلىشى مۈمكىن ئەمەس، بەلكىم كونىلار دېگىنىدەك شۇنداق ئەگرى-توقايلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مۇھەببەت ھەقىقى چىن بولسا كېرەك.
قايسىدۇر بىر كۈنى ئىككى دوستۇمنىڭ قىلىشقان گەپلىرى كاللامغا كېلىپ قالدى، بىرسى ئۆزىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىدىن قاتتىق زارلىنىپ خۇدايىم نېمىشقا مېنى نەزەر-كۆزىگە ئىلىپ قويمايدىغاندۇ دېگىنىدە يەنە بىرسى ئۇنىڭغا مۇنۇلارنى دېدى، خۇدا كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى، مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى باشقا دىندىكىلەر بولسۇن،ھايۋاناتلار بولسۇن ساناپ تۈگەنكۈسىز جانلىق-جانسىزلار، كۆز بىلەن كۆرگىلى ھەم كۆرگىلى بولمايدىغان نۇرغۇنلىغان جىسىملارنىمۇ خۇدا ياراتقان، ئۇلارنىڭ سانىنى بەلكىم بىزمۇ ئېنىق بىلىپ بولالمايمىز، خۇدا شۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارىشى كېرەك، بىر يىلنى دەقىقىگە سۇندۇرۇپ ھېساپلىساڭ ئىككى مىلياردقا بارمايدۇ، دۇنيادىكى سانسىزلىغان جانلىق-جانسىزلار ھەممىسى ئۇنىڭ قارىشىنى كۈتىدۇ، دېمەك سەۋرى قىلىشىڭ كېرەك، تىرىشىشىڭ كېرەك، ئەجىر قىلساڭ چوقۇم مىۋىسىنى كۆرىسەن. بۇ گەپلەر مېنى ئويغا سېلىپ قويدى دېمىسىمۇ ياراتقان ئىگەم ھەممىسىگە تەڭ ئىگە بولۇشى كېرەكتە، گەرچە ئۇ دوستۇم ئۆز ۋاقتىدا ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك يارىتىپ تەڭتۈشلىرىلا ئەمەس بەلكى شۇ شەھەردە داڭ چىقارغان تىجارەتچىلەرنىڭ بىرسى ئىدى. كېيىن تىجارەتتىكى ئوڭۇشسىزلىق ئۇنى ھەممىدىن مەھرۇم قىلدى، ھەممىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلدۇق،چۈنكى ئۇ زېھنى ئوچۇق، كاللىسى ئىشلەيدىغان، تىرىشچان بالا ئىدى، ئۇنىڭ يەنە نەتىجە قازىنىشىدا گەپ يوق ئىدى، شۇندىمۇ ئۇ زارلىنىشقا باشلىدى، سەۋرى-تاقىتى توشۇپ قالغان بولسا كېرەك. تۇيۇقسىز كاللامغا دوستلۇق دېگەن ئۇقۇم كىرىۋالدى، دوستلۇق دېگەن ئۆز-ئارا چۈشىنىش، ياردەم ۋە قوللاشلار ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغان بىرلىك بولسا كېرەك، ئۇ قېرى-ياش دەپ چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىمايدىغان،جىنىس ئايرىمايدىغان ھىسيات ئەركىسى. ھەتتا يات جىنىسلار ئىچىدىمۇ ھەقىقى دوستلۇق مەۋجۇت.خەنزۇلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن "بىر يېرىم دوست" دېگەن ھىكايە تۇيۇقسىز كاللامغا كېلىپ قالدى، ۋاڭ ئەپەندىنىڭ يالغۇز بىر تاللا ئوغلى بولۇپ ئۇ ئوغۇل ئەركە چوڭ بولغاچ ناھايىتى نۇرغۇن دوست تۇتۇپ، ئويۇن-تاماشا بىلەنلا كۈن ئۆتكۈزىدىكەن، بىر كۈنى ۋاڭ ئەپەندىم ئۇنىڭغا سەن كۈنلىرىڭنى بۇنداق ئۆتكۈزمە، ۋاقتى كەلگەندە دوستلىرىڭ ئەسقاتمايدۇ دەپتىكەن،ئوغلى ئۇنىڭغا مېنىڭ شۇنداق نۇرغۇن دوستلىرىم بار ئۇلار ھەممىسى شۇنداق ياخشى بېشىمغا كۈن كەلسە ئۇلار چوقۇم ئەسقاتىدۇ دەپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئاتا-بالا ئىككىسى سىناپ باقماقچى بوپتۇ، ۋاڭ ئەپەندى ئوغلىغا قانغا بويۇلۇپ كەتكەن بىر كىيىمنى تۇتقۇزۇپ سەن بۇنى كىيىپ دوستلىرىڭنىڭ قېشىغا بېرىپ مەن بىرسىنى ئۆلتۈرىۋەتتىم قانداق قىلىمەن ياردەم بېرىڭلار دېگىن، ئۇلار ساڭا ياردەم قىلامدۇ يوق كۆرۈپ باقايلى دەپتۇ. ئوغلى ماقۇل دادىسىنىڭ دېگىنى بويىچە دوستلىرىنى ئىزدەپ بېرىپتۇ، شۇنچە نۇرغۇن دوستلىرىنىڭ ئىچىدىن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدىغان بىرسىمۇ چىقماپتۇ، ھەممىسى ئۆزىنى قاچۇرۇپتۇ، ئوغۇل سالپايغان ھالدا دادىسىنىڭ قېشىغا كەپتۇ، دادىسى ئۇنىڭغا مېنىڭ بۇ دۇنيادا بىر يېرىم دوستۇم بار، ئەمدى بېرىپ شۇلارنى ئىزدىگىن دەپتۇ، ئوغۇل ئاۋال دادىسىنىڭ دېگىنى بويىچە جاڭ ئەپەندىنى ئىزدەپ بېرىپ ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ، جاڭ ئەپەندى تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنى ئۆيىگە باشلاپ ئەكىرىپ ئايالى ۋە ئۆزىنىڭ ئۆمرىدە يىققان بارلىق پۇلى ساقلانغان بانكا ھېساۋات كارتىسىنى بېرىپ دەپتۇ، ئاتاڭنىڭ يۈزى بالام بۇ مېنىڭ پۈتۈن بايلىقىم بۇنى ئېلىپ يىراقلارغا كەتكىن، قولۇمدىن كېلىدىغىنى شۇ دەپتۇ، ئوغۇل ناھايىتى خوشال ھالدا قايتىپ كېلىپ دادىسىغا دەپتۇ دادا ئۇ سېنىڭ ھەقىقى دوستۇڭ ئىكەن، ئۆمرىدە توپلىغان بايلىقىنىڭ ھەممىنى بېرىۋەتتى دەپتۇ، دادىسى كۈلۈپ قويۇپ ئۇ مېنىڭ يېرىم دوستۇم،ئەمدى لى ئەپەندىمنى ئىزدەپ بارغىن دەپتۇ، ئوغۇل لى ئەپەندىنى ئىزدەپ بېرىپ ئەھۋالنى دەپتىكەن، لى ئەپەندى ئۇنى ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ بىر ھازا تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ئوز ئوغلىنى چاقىرتىپ دەپتۇ مەن جاڭ ئاتاڭ بىلەن قىيامەتلىك دوستلاردىن، بۈگۈن ئوغلى ياردەم تەلەپ قىلىپ كەپتۇ، ئۇنىڭ دۇنيالىقتا بىرلا ئوغلى بار، شۇڭا ياردەم قىلمىسام بولمايدۇ، باققىنىمغا رازى بول بالام دەپ جاڭ ئەپەندىنىڭ بالىسىنىڭ ئۈستىدىكى كىيىملەرنى ئۆز بالىسىغا كەيدۈرۈپ ئۇنى قاتىل سۈپىتىدە تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بوپتۇ، ئوغۇل قايتىپ بېرىپ دادىسىغا دەپتۇ بۇ سېنىڭ ھەقىقى دوستۇڭ ئىكەن، مەن بۇندىن كېيىن چوقۇم دىققەت قىلىمەن دەپ، ئۆزگىرىپ ياخشى ئادەم بولغان ئىكەن. مەنىسى چوڭقۇر بۇ ھېكايە ھەر ۋاقىت ئەستە ساقلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. مېنىڭمۇ كاللامدا دوستلار ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ، بىرسى دورىغا ئوخشايدۇ، بىز پەقەت ئاغرىپ قالغان چاغلاردىلا ئۇنىڭغا مۇھتاج بولىمىز، يەنە بىرسى بىز يەۋاتقان ئۈچ ۋاق تاماققا ئوخشاش،ئۇنىڭغا بىز داۋاملىق مۇھتاج بولىمىز. ھەممە دوستلىرىمنى ئالدىمغا تىزىپ باقتىم، ھەقىقى سىناقلاردىن ئۆتكۈدەك بىرەرسىنىمۇ تاپالمىدىم، قارىغاندا مەنمۇ ھېكايىدىكى جاڭ ئەپەندىنىڭ بالىسى باشتا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان بولسام كېرەك، ياكى بەلكىم بېسىپ ئۆتكەن مۇساپەم ئىچىدە ئەشۇنداق دوستلارنى سەۋەنلىكىم تۈپەيلى قولدىن بېرىپمۇ قويغاندىمەن. ئۆتكەنگە سالاۋات، بەلكىم كېيىنكى ھايات يولۇمدا سىرداش دوستلار نېسىپ بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، ساڭگىلاپ كەتكەن بېشىمنى ئاستا كۆتۈرۈپ نۇرسىز كۆزلىرىمنى يىراقلارغا تىكتىم، غېرىپلىق قاپلىغان جىسمىم خۇددى يىراقتىن سىرداش دوستلار كېلىۋاتقاندەك تەلپۈنمەكتە ئىدى.
پالانچى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋاپتۇ، پوكۇنچى بىنادىن ئۆزىنى تاشلىۋاپتۇ دېگەندەك گەپلەر ھازىر تۇرمۇشىمىزدا ئانچە-مۇنچە پەيدا بولىدىغان بولدى، كىشىلىك جەمئىيىتىمىزدىكى ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان ئورۇنغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن سەرسانلىقتا تەنھا ئۆتكۈزىۋاتقان يېقىنقى ھايات مۇساپەمدە بەزى ئوڭۇشسىزلىقلار تۈپەيلى ئۆلۈمنىمۇ ئويلىشىپ باقتىم، قايسىدۇر بىر مەشھۇرلىرىمىزنىڭ بىر جۈملە گېپى مېنى بۇ خىيالدىن ساقىت قىلدى، "بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمى تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك بولىدۇ، بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمى ھاڭگىرىت پېيىدىنمۇ قەدىرسىز بولىدۇ" ئۆتكۈزگەن ھايات مۇساپەمگە قاراپ باقتىم، ئەل-خەلق يادىغا ئالغۇدەك ھېچبىر ئىزنالار كۆرۈمەيتتى، ھەممە ئىنسانغا ئوخشاش كۆڭلىگە بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈككەن بىر ئىنسان قانداقمۇ ھاڭگىرىت پىيىدىنمۇ قەدىرسىز ئۆلۈمنى تاللىسۇن؟؟!! يەنىلا ھاياتقا كۈلۈپ بېقىش كېرەك، چۈنكى ياشا مۇساپىسى ھەر قانداق بىر ئادەمنى ئەگرى-توقاي يوللار ئارقىلىق سىىنىسا كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن بىلىنەر-بىلىنمەس يېنىمدىن سۈركىشىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بەخىت قۇشىنى تۇتۇش ئۈچۈن ئۈمۈت بىلەن يىراققا باقتىم.


[مەنبە erdarim.com/read.php?tid=2802  ] بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىرپان517 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-14 19:05  



ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا ، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن
؟

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تېما
30
قىزغىنلىق
539
تىللا
2110
تۆھپە
77
توردا
795 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 00:28:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە رەخمەت، ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-15 18:05 , Processed in 0.100271 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش