گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 266 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 142|ئىنكاس: 1

گۆر ئازابى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
23
تېما
36
قىزغىنلىق
163
تىللا
519
تۆھپە
87
توردا
82 سائەت

چوڭ باشقۇرغۇچى  ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 23:38:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                گۆر ئازابى  

ئۆزبېكىستاننىڭ نەمەنگان ۋىلايىتىدەخاتىپلىق قىلىدىغان قابىل قارى ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن مۇنداق بىر ۋەقەنى ئېيتىپ بەرگەن:

       1996-يىلى دوستۇمنىڭ 21ياشلىق ئىنىسى ناركوتىك(زەھەرلىك چېكىملىك)نى ئۇكۇل قىلىپ پەيلىرى قاتقان ھالەتتە ئۆلۈكى ھاجەتخانىدىن تېپىلىپتۇ.ئەسلىدە ئىسلام شەرىئىتى بۇيىچە ھارام ئەمەلدە (يەنى زىناخورلۇق قىلىپ جۇنۇپلۇقتا ،ھاراق ئىچىپ كەيپلىكتە،زەھەر ئىستىمالىدا ۋاقىتسىز)ئۆلگەن كىشىگە جىنازا نامىزى دۇرۇس بولمايتتى ھەم نامازمۇ چۈشمەيتتى،-دەپ گېپىنى داۋام قىلىدۇ قابىل قارى،-بىراق دوستۇمنىڭ زورى بىلەن يۈز كېلەلمەي نامىزىنى چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم.ئەسىر ۋاقتىدا قەبرىستانلىققا ئېلىپ كېلىپ  يەرلىككە قويۇشقا تەييارلاندۇق.دوستۇم ئېگىزدە تۇرۇپ ئىنىسىنىڭ مېيىتىنى سۇنۇپ بەردى،مەن ئىچ يەرلىك(يەنى-لەھەت)نىڭ ئىچىدە تۇرۇپ مىيىتنى تارتىپ ئالدىم.مىيىت ئورالغان كېگىزنى يېشىپ ئاپئاق كېپەنلىكتىكى مىيىتنى ئاۋايلاپ ياتقۇزدۇم.پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىدىكىدەك يۈزىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىپ قوياي دەپ شۇنچە تىرىشساممۇ قېتىپ كەتكەن بويۇن ئۇدۇل كەلمىدى.شۇ ئەسنادا قاراڭغۇ لەھەتنىڭ بۇلۇڭىدىن تۇيۇقسىز بىر جۈپ قىزىل رەڭلىك نۇرنى كۆرۈپ قالدىم-دە يۈرىكىم‹‹قارت›› قىلىپ قالدى.ئۆزۈمنى سەل بېسىۋېلىپ سىنچىلاپ قارىسام كىچىك بالىنىڭ بېلىكىنىڭ توملۇقىدا بىر تال قارا رەڭلىك يىلان تۇرىدۇ،قارا تەرگە چۆمۈلدۈم،قىسقا ۋاقىت ئۆزۈمنى يوقاتتىم،ئاخىرى يەنە غەيرەتكە كېلىپ ئىچىمدە ‹‹سەئىدۇل ئىستىغفار››نى ئوقۇپ سىرتقا قاراپ ئاستا سۈرۈلدۈم.شۇ ئەسنادا يەرلىكنىڭ تۆت بولۇڭىدىن يەنە ئۈچ جۈپ‹‹قىزىل نۇر››كۆرۈندى،‹‹دىمەك بۇ يىلانلار ئازئەمەسكەن›› دەپ ئويلىدىم،شۇندىلا كاللامغا‹‹بۇ يىلانلار نىمىشقا باشقا يىلانلاردەك تەرتىپسىز لۆمشۈپ چىقماي،تېنىنىڭ يېرىمى يەر ئارىسىدا يېرىمى ئوچۇقچىلىقتا تۇرىدۇ؟نىمىشقا ماڭا قارىغۇلارچە ھۇجۇم قىلماي خۇددى مېنىڭ چىقىپ كېتىشىمنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقاندەك جىمجىت قاراپ تۇرىدۇ؟بۇلار ئاللاھنىڭ مىيىتنى ئازاپلاش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئالاھىدە مەخلۇقلىرىمىدۇ -يا؟››دىگەن خىيال كاللامدىن لىپ قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى.نىمىلا بولمىسۇن تېزراق چىقىپ كېتىشىم كېرەك ئىدى.سىرتقا قاراپ ئۆمىلىدىم،كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا يىلانلارغا قارايمەن،سۈرئىتىم ناھايىتى ئاستا ئىدى.يىلانلار ئەمدى رەسمى تۆشۈكلىرىدىن قىمىلداپ چىقىپ مىيىتقا قاراپ سىلجىشقا باشلىدى.مەنمۇ چىقىۋالدىم،بىراق ئېھتىياتسىزلىقىمدىن كەينىدىنراق تارتىپ چىقارغان سول پۇتۇمنىڭ ئوشۇقىغا بىر يىلاننىڭ قۇيرۇقى سەل-پەل تېگىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم.شۇئان تاپىنىمدىن كىرگەن يۇقىرى بېسىملىق توك سوققاندەك  بىر ئاچچىق ئاغرىق مىڭەمدىن چىقىپ كەتتى.قارىسام يىلاننىڭ قۇيرۇقى سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن يەر قىزىرىپ قاپتۇ.دەرھال يۇقىرىدىكىلەرگە كېسەك سۇنۇپ بېرىشنى بۇيرۇدۇم، ماڭا سۇنۇپ بېرىشتى.توۋا كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم،لەھەتنىڭ نەلىرىدىن چىققان بولغىيتتى بىردەمنىڭ ئىچىدىلا بىرەر يۈزدەك يىلان مىيىتنى ئورىۋاپتۇ ،ھەتتا ئاق رەڭلىك كېپەننىمۇ ئىلغا قىلالمىغۇدەك ھالغا كېلىپ قاپتۇ.قورققىنىمدىن يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالغاندەك بولۇپ كېسەكلەرنى ئىتتىك-ئىتتىك قويۇپ كامارنىڭ ئاغزىنى ئەتتىم،ئەجەپلىنەرلىكى بۇ يىلانلار مەن تەرەپكە قاراپمۇ قويماي ئۆلۈكنىڭ ئۈستىگە تاشلىنىش بىلەن ئالدىراش ئىدى....
   ئىخلاس توپىسىنىمۇ سېپىشكە ئۈلگۈرمەي لەھەتنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ گۈرجەك بىلەن ئازراق توپا دۆۋىلەپ قويۇپ يۇقىرىسىغا ئاران چىقىۋالدىم.دوستۇم چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى،نىمە بولغانلىقىنى سوراپ تۇرۇۋالدى.كۆرگىنىمنى دىيىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم،ئۇنىڭغا مۇسىبەت ئازابىمۇ يېتىپ ئاشاتتى.پەقەت يەر ئاستى بەك دىمىقكەن،دېمىم سىقىلىپ كەتتى.››دەپلا قويدۇم....
   ئۆيگە ئاران كېلىۋالدىم.شۇنچە نۇرغۇن مىيىتنى يەرلىككە قويۇپتىمەن،بۈگۈنكىدەك ئەھۋالنى ئۇچراتمىغانىدىم.دوستۇمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن بۇ ئىنىسىنىڭ -كىشىنىڭ ھەققىنى قانداق يىگەنلىكىنى،ئاتا-ئانىسىنى قانداق قاخشاتقانلىقىنى،كەيپ-ساپاغا قانچىلىك بېرىلگەنلىكىنى...ھازىر ئۇ مىيىتنىڭ نىمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمغا ئەكەلدىم.پۇتۇمنى سىلاپ قويدۇم.توختىماي ئىششىۋاتاتتى.ئايالىمغا بولغان ئىشلارنى ئېيتىپ بەردىم.ئايالىم كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ:‹‹بىر يىلاننىڭ قۇيرۇقى ئازغىنە تېگىپ كەتكىنىگە پۇتىڭىزنىڭ ئەھۋالى شۇ بولغان بولسا قەبرە ئازابىغا دۇچار بولغان مىيىت يىلانلار تەرىپىدىن جانجەھلى بىلەن چېقىلغان بولسا ،ئۇ يەردە نىمە كۈن كۆرۈۋاتقاندۇر-ھە؟››دەپ ئۇلۇغ-كىچىك تىندى.
   پۇتۇمدىكى ئىششىق مېنى توپ-توغرا بىر ئاي قىيناپ ئاخىرى يىرىڭلاپ،كەينىدىن قەقەچ تۇتۇپ ئالدىرىماي ساقايدى.شۇ كۈنگىچە جامائەتكە چىقالماي نامازنى ئۆيدە ئوقۇدۇم.ھەر نامىزىمدا ياراتقان ئاللاھنىڭ قۇدرىتى،جازاسى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ يىغلاپ تۇرۇپ دۇئا قىلدىم.ئەلھەمدۇلىللاھ مانا ھازىر سەللىمازا ساقايدىم.بىراق قەبرە ئازابىنىڭ ئىسپاتى بولغان سول پۇتۇمدىكى يىرىڭلىق ئىز يالداما بولۇپ ماڭا ھەر ۋاقىت ئاگاھلاندۇرغۇچىدەك بىلىنىدىغان بولۇپ قالدى.......


شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى سىز مەيلى قانداق چاغدا ياكى نېمە ئىش قىلماڭ ،سىز قىلۋاتقان ھەربىر ئىشڭىزنى ئاللاھ بېلىپ تۇردۇ، بۇجاھاننىڭ سورىقى بار، ئولۇغ ئاللاھ بىزنىڭ بىلىپ -بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەي ئىلاھىم.....
ھازىرقى جەمئيىتمىزدە نۇرغۇن كىشلەر بار خۇدادىن قورقۇدۇ ، لىكىن يەنە شۇقىلدىغاننى قىلدۇ........................ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jassur2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-13 00:37  



ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا ، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن
؟

Rank: 2

تېما
9
قىزغىنلىق
97
تىللا
380
تۆھپە
28
توردا
41 سائەت

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-13 09:33:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللانىڭ  قۇدىرتى  ھەقىقەتەن ئۇلۇغ  ئاللا  بىزنىڭ بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزگەن  گۇناھلىرىمىزنى   كەچۈرگەيسىز      ھىدايەت  بەرگەيسىز   ئاسانلىقنى بەرگەيسىز   شەيتاندىن ساقلىغايسىز  قېرىنداشلار   گۇناھدىن ساقلىنايلى   ئۈلۈمنى   كۆپرەك ئويلايلى...........


دىل ئازا،خۇدا بىزا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-15 02:28 , Processed in 0.099223 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش