گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 266 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 131|ئىنكاس: 3

ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزىدىن سوراشقا تىگىشلىك 41 سۇئال؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
23
تېما
36
قىزغىنلىق
163
تىللا
519
تۆھپە
87
توردا
82 سائەت

چوڭ باشقۇرغۇچى  ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 11:02:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشىرىكلاردىن بىرسى ھەزرىتى ئەلىدىن مۇنداق سوئال سوراپتۇ:

- يا ئەلى! ھالىڭغا قاراپ شۇنداق ھەيران قالىمەن. ھەر كۈنى ئەتتىگەندە تۇرۇپ نامازغا بارىسەن، ئىبادەت قىلىسەن، ھالال-ھارام دەپ ئىنتايىن كۆپ نەرسىلەردىن مەھرۇم قالسىەن. بۇنچىۋېلا قىيىنىلىپ يۈرۈشنىڭ نېمە ھاجىتى بار؟…. سەنمۇ ياشاۋاتسىەن، مەنمۇ شۇ، ئۇنداقتا ئارىمىزدىكى پەرق نېمە؟

ھەزرىتى ئەلى مۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ:

-توغرا دەيسەن، سىرتتىن قارىغىنىمىزدا سەنمۇ ھاياتىڭنى داۋاملاشتۇرۇپ كېتىۋاتىسەن، مەنمۇ ئوخشاش.

سېنىڭ ئويلىغىنىڭدەك ئاخىرەت ئالىمى يوق بولۇپ قالسا بۇ دۇنيادا قىيىنالغىنىملا قالىدۇ. ئەگەر ئاخىرەت ئالىمى بولۇپ قالسا (مەن بارلىقىغا چىن دىلىمدىن ئىشىنىمەن) بۇ دۇنيادا قىلغان نام ئەمەللىرىمنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىمەن. ئۇنداقتا سەن قانداقمۇ قىلارسەن؟

مۇشىرىك ئۇ ۋاقتتىن باشلاپ «ئاخىرەت ئالىمى يا بولۇپ قالسا، يا بولۇپ قالسا» دەۋېرىپ چوڭقۇر ئويلىنىشقا ۋە ئۆز-ئۆزىدىن بىر قاتار سوئاللارنى سوراشقا باشلاپتۇ…

ھاياتىمىز بويىچە بەزى سوئاللارنى ئۆز-ئۆزىمىزىدىن سوراشقا پېتىنالمايمىز. ئەگەر قەتئىي نىيەتكە كېلىپ بۇ سوئاللارنى سوراشقا جاسارەت قىلغان ۋاقتىمىزدا، روھى دۇنيارىمىزدا قانداقتۇر بىر نەرسىلەرنىڭ ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.

تۆۋەندە ئۆز- ئۆزىمىزىدىن سوراشقا تىگىشلىك مۇھىم سوئاللارنى ئۇچرىتىسىز.

قېنى خوش! «ئۆلۈم ۋە ئاخىرەت» ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىنىپ «41 سوئالنى» ئۆزىمىزدىن ھازىردىن باشلاپ سوراشقا باشلايلى:

1-     قەيەردىن كەلدىم ۋە قەيەرگە بارىمەن؟

2-     بۇ دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلدىم؟

3-     ئۆزۈم ئۈچۈن خالىغان نەرسىلەرنى باشقىلار ئۈچۈن خالامدىم؟

4-     جەمئىيەت ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن نېمەلەرنى قىلدىم؟

5-     ئارقامدا مېنى ئەسلىتىدىغان نېمىلەرنى قالدۇرۇپ كەتتىم؟

6-     ھاياتىمدا ھەممىدىن بەك نېمىگە ئەھمىيەت بېرىمەن؟

7-     ئىچىمدىكى «مەن» بىلەن ئەمەلىيەتتە قىلغانلىرىم ماسلىشامدۇ؟

8-     بىر ئەسىر بۇرۇنقى ئىنسانلار ھازىر نەدە؟

9-     بىر كۈن كېيىن ئۆلىدىغانلىقىمنى بىلەلىسەم، نېمىلەرنى قىلىۋېلىشنى ئارزۇ قىلغان بولاتتىم؟

10-   ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمنىڭ ھېساۋاتىنى بېرەلەيدىغان يوللۇق سەۋەبلىرىم بارمۇ؟

11-   ھاياتتا ھەممىدىن بەك ئەھمىيەت بەرگەن نەرسە نېمە؟ نېمە ئۈچۈن؟

12-   پۇشايمان قىلغان ئىشلىرىمنى قايتا-قايتا قىلامدىم؟

13-   شارائىت ياخشى بولسا باشقىلار ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلىگەن بولاتتىم؟

14-   ئىمكانىيەتلىرىم ئۆلگەندىن كېيىن ماڭا قانداق پايدىسى بولىدۇ؟

15-   ئۆزۈم يالغۇز ۋاقىتتا ئەڭ كۆپ نېمىنى ئويلايمەن؟

16-   خاتالىقلىرىمدىن تەجرىبە ساۋاق چىقىرىۋاتامدىم؟

17-   ماڭا ئۆلگە بولالايدىغان بىرەرسى بارمۇ؟

18-   ئۆزۈمدە ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم نەرسە نېمە؟

19-   ئۆزۈمنى روھى جەھەتتىن تەسەللىي تاپقۇزۇش نېمىلەرنى قىلىمەن؟

20-   مۇۋاپپىقىيەتلىرىمۇ مۇھىم ياكى غۇرۇرۇممۇ؟

21-   باشقىلار بىلەن نېمىنى بەكرەك ئورتاقلىشىمەن؟

22-   مېنى ھەممىدىن بەك نېمە خوشال قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟

23-   بىرەر ئىشنى خاتا قىلماسلىق ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى ئالىمەن؟

24-   ھەممىدىن بەك نېمىدىن قورقىمەن؟ سەۋەبىچۇ؟

25-   يالغۇز قالغان ۋاقىتتا نېمىلەرنى ئويلايمەن؟

26-   ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنى ۋە يېقىن-يورۇقلىرىمنى ئەسلەپ تۇرامدىم؟

27-مەنمۇ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغاندا بۇ دۇنيادا مېنى ئەسلىتىدىغان بىرەر ئىش قالدۇرۇپ قويۇشقا تىرىشۋاتامدىم؟

28-   ناچار ئادەتلىرىمنى تۈگىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتىمەن؟

29-   قانداقراق ياخشى ئادەتلىرىم بار، باشقىلارغا پايدىسى بولىۋاتامدۇ؟

30-   نېمىنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن؟ سەۋەبى؟

31-   ھاياتىمنىڭ مەنىسى نېمە؟ مەن نېمىشقا ياشايمەن؟

32-   داۋاملىق بىللە بولىدىغان 5 كىشىنىڭ ئالاھىدىلىكى نېمىلەردىن ئىبارەت؟

33-   ياشانغان ۋاقتىمدا ماڭا ئەڭ كۆپ كىم كۆڭۈل بۆلىدۇ؟

34-   ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىم بىلەن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتىمەن؟

35-   خۇلۇم-قوشنىلىرىم بىلەن مۇناسىۋىتىم قانداقراق؟

36-   ھالىمدىن رازىمۇ ئەمەسمۇ؟ سەۋەبى؟

37-   ئۆزۈمنى كىملەر بىلەن سېلىشتۇرىمەن؟

38-   كېلەچەكتە ئۆزۈمنى قانداقراق ئىنسان سۈپىتىدە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن؟

39-   ئېرىشىدىغانلىرىم زادى قانچىلىكى ئۆزۈمنىڭ قان تەرى بەدىلىگە كەلگەن؟

40-   ئەتتىگەندە ئورۇنۇمدىن تۇرغاندا نېملەرنى ئويلايمەن؟

41-   قىلغان خاتالىقلىرىمدىن كەچۈرۈم سورىيالامدىم؟



ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا ، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن
؟

Rank: 3Rank: 3

تېما
34
قىزغىنلىق
597
تىللا
728
تۆھپە
374
توردا
99 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 20:08:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

3-     ئۆزۈم ئۈچۈن خالىغان نەرسىلەرنى باشقىلار ئۈچۈن خالامدىم؟

4-     جەمئىيەت ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن نېمەلەرنى قىلدىم؟

5-     ئارقامدا مېنى ئەسلىتىدىغان نېمىلەرنى قالدۇرۇپ كەتتىم؟

6-     ھاياتىمدا ھەممىدىن بەك نېمىگە ئەھمىيەت بېرىمەن؟

7-     ئىچىمدىكى «مەن» بىلەن ئەمەلىيەتتە قىلغانلىرىم ماسلىشامدۇ؟............



ھەقىقەتەن     ئويلىنىشقا   بەك بەك   ئەرزىيدىكەن ............


گۈزەل باي توى بىزنىڭ ھەم سىزنىڭ ئىللىق ماكانىمىز

Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
13
تىللا
52
تۆھپە
10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-13 00:32:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
32-   داۋاملىق بىللە بولىدىغان 5 كىشىنىڭ ئالاھىدىلىكى نېمىلەردىن ئىبارەرەت؟                                      

34-   ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىم بىلەن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتىمەن؟
مۇ نۇ ئېككى سۇ ئالنى چۇشنەلمىدم ؟؟؟؟   سىز بۇيەردە قانداق ياخشى كورگەن كىشلەرنى دىمەكچى ؟؟؟؟ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟        كوڭلىڭزگە ئالمىسىڭز جاۋاپ يېزۋىتەمسىز ؟؟؟؟؟؟




Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تېما
36
قىزغىنلىق
163
تىللا
519
تۆھپە
87
توردا
82 سائەت

چوڭ باشقۇرغۇچى  ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-13 00:55:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋايى ئەپەندى (34-   ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىم بىلەن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتىمەن؟
مۇ نۇ ئېككى سۇ ئالنى چۇشنەلمىدم ؟؟؟؟   سىز بۇيەردە قانداق ياخشى كورگەن كىشلەرنى دىمەكچى ؟؟؟؟ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟        كوڭلىڭزگە ئالمىسىڭز جاۋاپ يېزۋىتەمسىز ؟؟؟؟؟؟)
مەسلەن سىز ياخشى كۆرگەن كىشى، دوستڭز  ياكى سىز ياخشى كۆردىغان قىزنى


ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا ، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن
؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-15 02:33 , Processed in 0.100179 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش