گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 266 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 119|ئىنكاس: 1

ۋىسالسىز مۇھەببەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
23
تېما
36
قىزغىنلىق
163
تىللا
519
تۆھپە
87
توردا
82 سائەت

چوڭ باشقۇرغۇچى  ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 00:57:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋىسالسىز مۇھەببەت
ھېكايە

ئەتتىگەن دۇكاننى ئېچىپ تازىلاپ بولۇپ كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان ناخشىلارنى ئاڭلاپ ئولتۇراتتىم. دۇكانغا بىر قىز كىرىپ كەلدى ۋە سومكىسىدىن بىر تېلېفۇننى چىقىرىپ ئۆزىنىڭ ئاۋازىنىڭ قارشى تەرەپكە بارمايدىغان بۇلۇپ قالغانلىقىنى، ياساپ بىرىشىمنى، چۈشتىن كېيىن كىلىپ ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى.
قىز ئەكەلگەن تېلېفۇننىىڭ تىپى، رەڭگى، ماركىسى، ئىشقىلىپ، ھەممە يىرى مېنىڭ ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان تېلېفونۇم بىلەن ئوخشاش ئىدى. تېلېفوننىڭ ئىچىنى ئېچىپ مېكروفۇننى ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ ئاۋازىنى سىناپ بولغاندىن كېيىن تېلېفونۇم بىلەن بىر يەرگە قويۇپ قويۇپ باشقا ئىش بىلەن مەشغۇل بولدۇم. چۈشكە يېقىن تېلېفونۇم سايراپ كەتتى. قارىسام ئانام چۈشتىن كېيىن چوڭ ئاچامنىڭكىگە بارىدىغانلىقىمىزنى، مېنى ماشىنىنى ھەيدەپ بىللە بېرىشىمنى ئېيتىپ تېلېفون قىپتۇ. تېلېفوننى قويۇپ چۈشلۈك تاماقنى يەپ بۇلۇپ دۇكانغا كىلىپ تۇرۇشۇمغا ھېلىقى قىز تېلىفۇننى ئالغىلى كەپتۇ. مەن يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ ئاۋازىنى سىناپ بىرىپ ئۇنىڭغا تېلېفونىنى بەردىم. ئۇ قىزمۇ تېلېفونىنى ئېلىپلا ئالدىراش چىقىپ كەتتى.
مەن دۇكاننى تاقاپ چوڭ ئاچامنىڭ ئۆيىگە ماڭدۇق، كىتىۋاتسام تېلېفونۇم سايراپ كەتتى. تېلېفوننىڭ ئېكرانىغا قاراپ تاڭ قالدىم. چۈنكى تېلېفون ئېكرانىدا مېنىڭ يانفون نومۇرۇم لىپىلداپ تۇراتتى. شۇ ھامان ئۇلىنىش كۇنۇپكىسىنى باستىم. قارشى تەرەپتىن بىر قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم... - ئادەتتە ماڭا قىزلاردىن ئانچە تېلېفۇن كەلمەيتتى. بۇ قىز كىمدۇ ؟ - دېگەن خىيال بىلەن:
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام... - دېدىم.
- سىز ئادىلمۇ ؟
- ھەئە، مەن شۇ. سىز كىم بولىسىز؟
- مەن ئەتتىگەن سىز گە تېلېفونۇمنى رېمۇنت قىلدۇرغان قىز بولىمەن... - مەن ئۇ قىزنى تونۇغاندىن كېيىن:
- مەندە بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟ - دەپ سورىدىم.
ئۇ قىز ماڭا ئىككىمىزنىڭ تېلېفونىمىزنىڭ ئالمىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ مېنىڭ دۇكىنىم ئالدىدا ئىكەنلىكىنى دېگەندىلا ئاندىن مەنمۇ تېلېفونۇمنىڭ راستلا ئۇ قىزنىڭ تېلېفونى بىلەن ئالمىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم. ھەر كۈنى تولا تېلېفون كىلىدىغان تېلېفوندىن بۈگۈن نېمىشقا سادا چىقمايدىكىن دېسەم، ئەسلى ئىش مۇنداقكەن ئەمەسمۇ...
مەن ئۇ قىزغا ئۆزۈمنىڭ يىراق يەرگە ماڭغانلىقىمنى، بۈگۈن دۇكانغا بارالمايدىغانلىقىمنى، خاپا بولماي ئەتە كىلىپ تېلېفونىنى ئېلىپ كىتىشىنى دەپ خوشلاشتىم .
ئاچامنىڭ ئۆيىدىن كەچ كەلدىم. ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ DVD دىن ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان ناخشىلارنى ئاڭلىغاچ ئۆزۈمنى كارىۋاتقا تاشلىدىم.
ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇرسام قىزنىڭ تېلېفونىغا ئۇچۇر كەلدى. قارىسام 10086 دىن كەلگەن ئۇچۇر ئىكەن. ئۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ بولۇپ تېلېفوندىكى ئۇ قىزغا كەلگەن بۇرۇنقى ئۇچۇرلارغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. كۆرمەسلىككە شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ يەنىلا قىزىقىشىم غالىب كەلدى. تېلېفۇننى قايتا قولۇمغا ئالدىم ۋە بىر ئۇچۇردىكى قۇرلارغا كۆز يۈگۈرتتۈم: ( كەچۈرۈڭ، مەن سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن، مەن باشقا بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. مېنى ئۇنتۇپ كىتىڭ! ) بۇ قۇرلاردىكى خەتلەرنى ئوقۇپ بىردەم خىيال سۈرۈپ قالدىم. بىردەمدىن كېيىن كەينىدىكى ئۇچۇرلارنى بىرمۇ - بىر كۆرۈپ چىقىپ ھەممىنى چۈشەندىم. ئۇ قىزنىڭ يىگىتى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىپ، پاك مۇھەببىتى ھاقارەتكە ئۇچراپ، ئۇ قىزنىڭ غۇبارسىز قەلبىگە چوڭقۇر جاراھەت چۈشكەنلىكىنى، ۋاپاسىز يىگىتىنىڭ باشقا بىر قىزنىڭ كەينىدىن كەتكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ قىزنىڭ چىرايىدىن بىر خىل ئېغىر ئازاب چىقىپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدىم. كۆڭلۈمدە ئۇ قىزغا ھېسداشلىق قىلدىم. ئۇنىڭ يىگىتىنى بولسا ئىچىمدە مىڭنى تىللايتتىم. مانا مۇشۇنداق بەزىبىر مۇھەببەتنى ئۇيۇن ئورنىدا كۆرىدىغان ئوغۇللارنىڭ دەستىدىن چىن مۇھەببەتنى جېنىدىنمۇ ئەلا بىلىدىغان بىر قىسىم ئۇغۇللار قىزلارنىڭ نەزىرىدە ئالدامچى بۇلۇپ قېلىۋاتاتتى...
شۇ خىياللار بىلەن يېتىپ بىر چاغلاردا كۆزۈم ئۇيقۇغا كىتىپتۇ...
ئەتىسى ئەتتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەتتىگەنلىك تاماقنى يەپ بولۇپ يەنە دۇكانغا ماڭدىم، دۇكاننى تازىلاپ بولۇپ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا كىلىپ يەنە مەشغۇلاتىمنى داۋاملاشتۇردۇم.
ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ھېلىقى قىز كىرىپ كەلدى ۋە:
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم... - دېدى. مەن:
- ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام... - دەپ جاۋاب قايتۇردۇم ۋە ئۇ قىزنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم. ئۇ قىز ئولتۇرغاندىن كېيىن:
- تېلېفونۇمغا كەلگەن ئىدىم.. - دېدى. مەن:
- بەك سەت ئىش بولدى. قارىمايلا سىزگە ئۆزۈمنىڭ تېلېفونۇمنى بىرىپ قويۇپتىمەن... - دەپ كەچۈرۈم سورىدىم. ئۇ:
- ھېچقىسى يوق، بۇنچىلىك ئىشلار دېگەن بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېلېفونىمىز ئوخشاش ئىكەن ئەمەسمۇ، ئەمسە مەن ماڭاي... - ئۇ شۇنداق دەپلا ماڭماقچى بولۇۋېدى، تۇيۇقسىز ئېغىزىمدىن: ( ھەي... ) دېگەن بىر ئېغىز سۆز چىقىپ كەتتى. ئۇ قىز ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ماڭا قارىغان ۋاقتىدا مەن جىددىيلىشىپ دەيدىغان گېپىمنى تاپالماي قالدىم. ئارقىدىنلا:
- ئىسمىڭىز نېمە ؟ - دېگەن سۆزنى ئېغىزىمدىن ئارانلا چىقىرالىدىم. ئۇ بىردەم تۇرۇۋېتىپ:
- ئاينۇر، قانداق بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى ؟ دەپ سورىدى.
- ياق. باشقا ئىشقۇ يوق... - دېدىم. شۇنىڭدىن كېيىن خوشلاشتۇق.
ئەسلى مەن ئۇ قىزدىن ئۇنىڭ تېلېفونىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز كۆرۈپ قالغانلىقىم ئۈچۈن كەچۈرۈپ سورىماقچى ئىدىم، لېكىن گەپ قىلالمىدىم.
كەچتە ئۆيگە بېرىپ كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپلا ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم. ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ ئۇ قىزغا تېلېفون قىلىپ كەچۈرۈم سوراش نىيىتىگە كەلدىم - دە ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدىم. تېلېفون ئۇلاندى. قىزنىڭ تېلېفونىدىن شۇ كۈنلەردە مودا بولۇۋاتقان پەرغانە ئالىمنىڭ ( رەنجىمىگىن ) دېگەن ناخشىسى چىقىپ تۇراتتى.
- ۋەي، ئاينۇرمۇ سىز ؟
- ھەئە، مەن شۇ. سىز...؟
- مەن ئادىل، ھېلىقى تېلېفون...
- تونۇدۇم. مەندە بىرە ئىشىڭىز بارمىدى؟
مەن ئۇنىڭ تېلېفونىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى، كەچۈرۈشىنى، ھەمدە مېنىڭ ئۇنىڭغا ناھايىتى ھېسداشلىق قىلغانلىقىمنى ھەم ئىككىمىزنىڭ كەچۈرمىشىنىڭمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئەگەر خالىسا ئۇنىڭ بىلەن سىرداش دوستلاردىن بولغۇم بارلىقىنى... دېدىم.
ئۇ قىز بىردەم تۇرغاندىن كېيىن قاتتىق بىر ئۇھسىندى. ئۇنىڭ بۇنداق ئۇھسىنىشلىرىدىن ئۇنىڭ قەلبىدىكى جاراھەتنىڭ مەن ئويلىغاندىكىدىنمۇ خېلىلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلگەندەك بولدۇم.
ئۇ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن ئاخىرى ئېغىز ئاچتى ۋە مۇنداق دېدى:
- بولدى، ھېچقىسى يوق. سىز كۆرگەن بۇ ئۇچۇردىكى ئىشلار ئاللىبۇرۇن بىر چۈشكە، يەنە كىلىپ ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر چۈشكە ئايلانغان. ئەمدى ئۆتكەن كۈنلەرنى قايتا ئەسلىگۈم يوق... - دېدى.
مەن ئۇ قىزغا بىر ئاز تەسەللىي بەرگەندىن كېيىن ئەگەر ۋاقتى بولسا ئەتە بىرگە تاماق يىيىشنى ئېيتتىم.
ئۇ قىز بىر ئېغىزمۇ تىنمىدى.
- خالىمىسىڭىز سىزنى بەك زورلاپ تۇرۇۋالماي، مېنىڭ باشقىچە نىيىتىم يوق. پەقەت سىز بىلەن ئادەتتىكى يېقىن سىرداش دوستلاردىن بولغۇم بار، ئەگەر ئەتە ۋاقتىڭىز چىقسا تېلېفون قىلارسىز... - دەپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم.
ئارىدا بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن دۇكاندا ئالدىراش ئىشلەۋاتسام تېلېفونۇم سايرىدى، ئېكراندا ئاينۇرنىڭ تېلېفون نومۇرى ياپراقتەك لىپىلداپ تۇراتتى.
خوشال بولۇپ تېلېفوننى ئالدىم:
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم... - دېدىم.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قانداق ئەھۋالىڭىز...؟
- مەنمۇ يامان ئەمەس، خۇداغا شۈكرى. ئۆزىڭىزچۇ؟
- ۋاقتىڭىز بولسا بىللە تاماق يەيلى دېگەنتىم. ۋاقتىڭىز بارمۇ؟ - دېدى.
- ۋاقتىم بار. ئەمىسە سائەت 12.00 دە قىزىلگۈل ئاشخانىدا كۆرۈشەيلى...
تېلېفۇننى قويۇپلا ئىشلىرىمنى تاشلاپ بىز دىيىشىپ قويغان ئاشخانىغا چاپتىم. ئۇ مەندىن بۇرۇن كىلىپ بوپتۇ. بىز سالاملىشىپ بولۇپ تاماق يىگەچ پاراڭلاشتۇق.
ئۇ مەن بىلەن دوست بولۇشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى ھەم ئۆزىنىڭ مۇھەببەتتىن ئېغىر زەربە يىگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبلىك داۋاملىق كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان سەبىي چىرايى ئاستا - ئاستا بىر مىسكىن چىرايغا ئۆزگەرگەنلىكىنى، ھەم بارلىق ئوغۇللار ئۇنىڭ كۆزىگە ئالدامچى، ساختىپەز ، ئىشەنچسىز ، ۋاپاسىز، ۋىجدانسىز كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ يەنە بىر ئۇھسىندى.
مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئۆتمۈشىنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن بارلىق ئوغۇللارنىڭ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدىسە بولمايدىغانلىقىنى ھەم ئۆزىنىڭ داۋاملىق روھلۇق يۈرۈشىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردىم.
شۇ بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن كېيىن بىزنىڭ ئالاقىمىز بارغانسىرى قۇيۇقلاشتى، تېلېفونلىرىمىز ئۈزۈلمىدى. كۆرۈشۈشلىرىمىزمۇ توختاپ قالمىدى. ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىز نۇرغۇن ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. مانا بۇ ئۇچرىشىشلار ئوتتۇرىمىزدىكى دوستلۇق تۇيغۇسىنى ئاستا - ئاستا مۇھەببەتكە ئۆزگەرتتى. ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنى مۇۋاپىق بىر پەيتنى تاللاپ ئىزھار قىلدىم. ئۇنىڭ تەلىپىمگە ماقۇللۇق بىلدۈرگەن چاغدىكى ھېسسىياتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن. مەن شۇنى تەبرىكلەپ ئۇنىڭغا بىر ئۈزۈك سوۋغا قىلدىم. بۇ بىز تونۇشقىلى دەل 5 ئاي بولغان ۋاقىت ئىدى. كۈنلىرىمىز شۇنداق خوشال ئۆتۈۋاتاتتى.
بىز تۇنۇشقان بۇ 5 ئاي ۋاقىت تولىمۇ قىسقا بولسىمۇ لېكىن بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز زور دەرىجىدە چوڭقۇرلاشتى. بىر بىرىمىزنى بىر كۈن كۆرمىسەك پەقەتلا چىدىمايتتۇق.
بىر كۈنى كەچ مەن دۇكاننى تاقاپ بۇلۇپ ئاينۇرغا تېلىفۇن قىلىپ بىرگە تاماق يىيىشنى ئېيتتىم، ئۇمۇ تېخى تاماق يىمىگەن ئىكەن. ئىككىمىز ھەمىشە بىللە تاماق يەيدىغان ئاشخانىدا ئۇچرىشىدىغان بولۇپ خوشلاشتۇق. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قۇيۇش ئۈچۈن ماڭدىم. يولدا تاكسى توسۇيلى دېسەم ئۇ ئۇنىماي: ( سىز بىلەن كۆپرەك بىللە مېڭىۋالاي... ) دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ پىيادە ماڭدۇق.
شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتىۋاتتۇق. تۇيۇقسىز ئالدىمىزدىن بىر ماشىنا چىقىپ شۇنداق تېز سۈرئەت بىلەن كىلىۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىمەن. ئاينۇرنىڭ:
- ئادىل، تېز قېچىڭ... - ئۇ شۇنداق دېگىنىچە مېنى ئىتتىرىۋەتتى. ( گۈپ ) قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئەتراپقا ئادەملەر يىغىلدى. ( ئاينۇر ) بار كۈچۈم بىلەن ۋارقىردىم ۋە يۈگۈرۈپ ئاينۇرنىڭ يېنىغا كەلدىم. ئۇنىڭ ئېغىزىدىن قان چىقىۋاتاتتى. چىققان قاننىڭ كۆپلىكىدىن چىرايىنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى. ئەتراپنى قۇيۇق قان ھىدى قاپلىدى. ئۇنىڭ يۈزىنى يۈزۈمگە قايتا - قايتىلاپ سۈركەيتتىم. ئۇنىڭ كۆزىنى ئېچىپ ماڭا بىر قېتىم قارىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس...
بىردەمدىن كېيىن ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ، دېمىقىمغا زىڭڭىدە بىر ئاغرىق كىرىپ كەتتى. كۆز يېشىمنى توختىتالماي بار ئاۋازىم بىلەن ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ بار ئاۋازىم بىلەن ۋاقىرىۋەتتىم. ئاۋازىم گۇگۇمنىڭ قاپقارا قوينىغا سىڭىپ كەتتى. نېمە قىلىشىمنى بىلمەي ئاينۇرنىڭ جەسىتىنى قۇچاقلىغىنىمچە ئولتۇرۇپ قالدىم. ئۇنىڭ تېنى ئاستا - ئاستا سوۋۇشقا باشلىغان ئىدى. بىردەمدىن كېيىن قۇلىقىمغا ناھايىتى يىراقتىن ساقچى ماشىنىسىنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازى كىلىشكە باشلىدى ۋە بىردەمدىن كېيىن يېنىمىزغا بىر ساقچى ماشىنىسى كىلىپ توختىدى...
ئۇ كەتتى. بۇ دۇنيا بىلەن شۇنداقلا خوشلىشىپ كەتتى. مەن بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلىشىپ كىتىپ قالدى. ئىككىمىزنىڭ شېرىن مۇھەببىتى قان ۋە ياش بىلەن ئاخىرلاشتى...
ئۇنىڭ يەتتە نەزىرىدىن كېيىنكى بىر يامغۇرلۇق كۈنى ئەتتىگەن بىر دەستە گۈلنى ئېلىپ ئۇنىڭ قەبرىسىگە چىقتىم ۋە گۈلنى ئۇنىڭ قەبرە توپىسى ئۈستىگە قويۇپ قويۇپ ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن ئاستا تولىمۇ ھالسىز شىۋىرلىدىم:
سەن كىتىپ قالغان بولساڭمۇ سېنىڭ روھىڭ مەن بىلەن مەڭگۈ بىللە. ساڭا جەننەت تىلەيمەن،


ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا ، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن
؟

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تېما
30
قىزغىنلىق
539
تىللا
2110
تۆھپە
77
توردا
791 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 01:34:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدىيا


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-15 02:10 , Processed in 0.100273 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش