گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 267 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 124|ئىنكاس: 0

سېنى ئۇنتۇپ كېتىمەن... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
23
تېما
36
قىزغىنلىق
163
تىللا
519
تۆھپە
87
توردا
82 سائەت

چوڭ باشقۇرغۇچى  ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 06:06:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                      سېنى ئۇنتۇپ كېتىمەن...
                                                               نەسىر

دىكابىر روھىمغا قار بولۇپ ياغماقتا.مېنى پىراقىڭدا زار يىغلاتقان دۇنيا، تىلىم-تىلىم يۈرىكىمدىن رەڭلەنگەن چېچەكلىرىنى ئاپئاق قارغا چاچقۇ قىلماقتا.ۋۇجۇت قەپىزىمدە بۇغۇچلانغان ئۈمۈد قۇشلىرىم نىمجان ئاۋازى بىلەن ئۆزىلا چۈشۈنىدىغان  پىغانلىق ناخشىسىنى ئېيتماقتا.سېنى ئۈنسىز سېغىنىشلىرىم قاتمۇ-قات جىرالاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ قۇلاقلىرىڭغا يېتىپ بارسا-ھە؟!ياق،ئەمدى مېنىڭ ھەسرەتلىك نىدالىرىمغا قۇلاق سالمىغىن،ھەم مېنى بوشقىنا پەپىلەپ ياشلىرىمنىمۇ سۈرتۈپ قويمىغىن .يەنە ھەم مېنى سېغىنغانلىقىڭنى بىلدۈرۈپ شاماللاردىن نامە ئەۋەتمىگىن. نېمىشقا دەمسەن؟چۈنكى سېنى جاھاندىكى جىمى مەۋجۇداتلاردىن ئۈستۈن كۆرگىنىم، تەرىپلىگۈسىز ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈن ئۇنتۇپ كەتمەكچىمەن.
بۈگۈن،ھەممە ياق تىمتاسلىققا چۆمگەن بۇ كېچىدە ئاخىرقى قېتىم پىچىرلاشلىرىمنى ئاڭلىۋالغۇڭ بارمۇ،ئەزىزىم؟ئاڭلىغۇڭ بولسا كەل، سىردىشايلى.بۇ كېچەپەقەت مۇشۇ كېچىلا ماڭا مۇتلەق تەۋە بولۇپ كەل.مۇمكىنسىز بەختىمنىڭ ئېگىز تاملىرىنى  ئۆز قولۇم بىلەن پاچاقلاپ تاشلاپ،ئۆزۈمگە  ياق،ئىككىمىزگە خاس بوشلۇقتا ساڭا  يېرىم يوشۇرۇن،يېرىم ئاشكارا ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى،ئۈمۈد،يېلىنىشلىرىمنى،سەندىن رەنجىگەن چاغلىرىمنى ۋە ساڭا ئەڭ مۇھتاج بولغان چاغلىرىمنى ساڭا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بېرەي.
ئەسلىدە ناتىۋان دۇنيانىڭ قەۋەتلىرىدە سېنى ئۇچراتقان ئاشۇ كۈنۈم مېنىڭ تەبەسسۇم  بوستانلىقىمغا  قۇرغاقچىلىق ياغقان كۈنى بوپتىكەن.سەن قەلب خانەمگە يۇمشاق ئاياقلىرىڭ بىلەن قەدەم باسقان ئاشۇ كۈندىن باشلاپ ھەمىشە كۆڭلۈمنىڭ ئاقلىقى ئىچىدىن سېنى چۈشەپ،سىزىپ ۋە كۆرۈپ چىقاتتىم.سېنىڭ  مۇھەببەت تۆكۈلۈپلا تۇرغان ئەشۇ كېلىشكەن قامىتىڭ قەلب گۈلشەنىمدە يىگانە،ئىزگۈ ناۋالىرىمغا غەمخانە ئىدى.شۇڭا سېنى ھەر سەھەر قىزارغان ئۇپۇقتىن،ئاخشاملىرى  ئاتەش تىنىقلىرىڭدا قىزارغان كەچكى شەپەقتىن  سورايتىم.تۈنلىرىم تاتلىق پىچىرلاشلىرىڭغا ھامىلدار ئىدى...مەن سېنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتىم.مەن سېنى ئۆزۈمدىن بىردەممۇ نېرى قىلماي ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرەتتىم.سۆزلىرىڭدە ئېرىپ،ئېرىقىڭدا شىلدىرلاپ ئاقاتتىم.تىزىق-تىزىق ئاقما كۈلكىلىرىم پەقەت سەندىلا ئۆز مەناسىنى تاپاتتى.سېنىڭ بىر تىنىق سۆزۈڭمۇ ھاياتىمنى زۇلمەتكە ياكى يورۇقلۇققا ئايلاندۇرۇشقا يېتىپ ئاشاتتى.دېمەك ھايات-ماماتنىڭ چىگرىسى سەن ئىدىڭ.سەن شادلىق ئاراچلىرىدىن شۇڭغۇپ كىرىپ ۋىسالنىمۇ،ھىجراننىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرەلەيتىڭ.سەن قەلبىمدە شۇنداق قۇدرەتلىك كۈچ ئىدىڭ...
سەن قەلبىمدە قۇدرەتلىك كۈچ ئىدىڭ،قىممەتلىكىم!
سەن ئۈچۈن يازغان تالايلىغان خەتلىرىم،تالايلىغان مىسرالىرىم مۇمكىنسىز تىنىقلىرىمدا كۆيۈپ كېتەتتى.سەن قەلب خانەمگە قەدەم باسقان ئاشۇ كۈن مېنىڭ ئۆيۈمگە ئوت كەتتى.مەن ئۆي-ماكانسىز قالدىم.قەھرىتان قىشنىڭ جاندىن ئۆتكىدەك  سوغۇقلىرىدا ،يازنىڭ تومۇز ئىسسىقلىرىدا لەۋلىرىم چاڭقاپ، چاك-چاك يېرىلغاندا مەن ساڭا شۈنچىلىك مۇھتاج بولاتتىم.قوللىرىمنى مېھىرلىك بارماقلىرىڭنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ ئىسسىتىپ قويۇشۇڭنى،تومۇز ئىسسىقلىرىدا سايىۋەن بولۇپ ماڭا باشباناھ بولىشىڭنى ئۈمۈد قىلاتتىم.ئەپسۇس،بۇ چاغلاردا ماڭا پەقەت ئاچچىق رېئاللىق،ئامالسىزلىق قاپلىغان غەمكىن ئاۋازىڭ ھەمرا بولاتتى.
مۇھەببەت-ئۇ تەن ئەمەس،روھنىڭ بىرىكىشى دەپ تەسەللىلەر تاپاتتىم ئۆزۈمگە.بىلەمسەن؟ئاۋازىڭنى بەكلا ياقتۇراتتىم.مەيلى ماڭا شادلىق ئاتا قىلسۇن،مەيلى دەريا-دەريا ياش توغانلىرىمنى ئېچىۋەتسۇن ئوخشاشلا ئاۋازىڭ ماڭا چەكسىز ھاياتىي كۈچ بېغىشلايتى.ھەر كۈنى سەھەر يېراقلاردىن ئۇچۇپ كەلگەن ئاۋازىڭنى تاقەززالىق بىلەن كۈتۈۋالاتتىم.مۇراد قۇشلىرىم ۋىسال تېپىش ئۈچۈن يېراققا،سېنىڭ يېنىڭغا ئۇچۇپ كېتەتتى.
سېنى سۆيەتتىم،سەنمۇ ھەم مېنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتىڭ.يۈرىكىڭنىڭ قېنىدەك ئېچىلغان گۈللەردىن دەستە تىزىپ ماڭا سۇنغۇڭ،لەۋلىرىمدە تەبەسسۇم پارلاتقۇڭ،يوللىرىمغا ئەبەدىيلىك ۋىسال چىراقلىرىنى ياققۇڭ كېلەتتى.لېكىن ئۇنداق قىلالمايتىڭ...ھەر مىنۇت سۆيگۈمىزدىن ھىجراندىن مول-ھوسۇل ئالاتتۇق.ئۆلۈك ھىجراننىڭ كۈللىرى يۈز-كۆزلىرىمىزگە توختىماي  ئۇرۇلاتتى.ئىككىمىز مۇشۇنداق ياشاپ كېلىۋاتاتتۇق...
   مەن مۇشۇ جەرياندا سانسىز قېتىم خۇداغا سېغىنىپ ماڭا چەكسىز چىدام-غەيرەت ئاتا قىلىشىنى تىلىگىنىمنى بىلمەيسەن.بېراق بۇ ئۇرۇنۇشلىرىمنىڭ ھەممىسى بىكارغا كەتتى.گاھىدا بەخىت ھەققىدە خىيال سۈرۈپ قالىمەن،بەخىت زادى نېمە؟ئۇ پىرىلداپ ئۇچۇۋاتقان يالقۇنمۇ؟ئېيتە،بەخىتنىڭ ماكانى بولامدۇ؟
ئۆزۈمنى    بارغانچە خوراپ كېتىۋاتقاندەك،بارغانچە يوقلۇققا يۈزلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.شۇنداق،مېنى ۋىسالسىز سۆيگۈ خورىتىۋاتىدۇ.مەن بەرداشلىق بېرەلمەي قېلىشىم مۇمكىن...ئوت-يالقۇنغا دەسسەپ تۇرۇپ سېنى سۆيگەنمەن.
جاراھەتلىك لەۋلىرىمدىن چىقىۋاتقان يىغلاڭغۇ ئاۋازىمغا ئەمدى قۇلاق سالمىغىن،ماڭا ئىچ ئاغرىتمىغىن،چاچلىرىمنى  شامالدەك يەڭگىل سۆيۈپ قوي،بېراق<چاچلىرىڭنىڭ ئورمانلىقىدا ئېزىقىمەن..>دېمىگىن.دەرىزەڭنى يېپىۋەت،نۇر بولۇپ ھوجراڭغا كىرىپ لەۋلىرىڭگە سۆيۈپ قالماي.
سېنى ئۇنتۇپ كېتىشىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئازابنىڭ چىرايلىق يىپلىرىدا ياسالغان دارغا ئاستىم.چۈنكى ساڭا چىدىمىغانلىقىم ئۈچۈن سېنى ئۇنتۇپ كېتىشىم كېرەك!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارا كۆلەڭگە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-18 16:10  



ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا ، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن
؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-16 07:48 , Processed in 0.096279 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش