گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
گۈزەل باي تورى مۇنبەر خەۋەرلەر شىنجاڭ خەۋرى چوشقىجاننىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇ ...
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 171 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 318|ئىنكاس: 5
go

چوشقىجاننىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرغا ئوچۇق خېتى

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
35
[?]
UID
137
جۇغلانما
2535
قىزغىنلىق
394
تىللا
1445
تۆھپە
57
0
0
توردا
403 سائەت
تىزىملاتقان
2011-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-10

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 23:41:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


سالام ئۇيغۇرلار!
سىلەر ناھايىتى يىرگىنىدىغان پىقىر چوشقىدىن سىلەرگە سالام.
سىلەر بەلكىم مىنىڭ ئىسمىمنى كۆرۆپلا يىرگىنىپ كەتكەن بولىشىڭلار مۇمكىن بىراق مىنىڭ كۆڭلۇمگە كەلمەيدۇ،ماڭا ئىنىق مەن ھەقىقەتەن مەينەت جانىۋار.ئۆزۆمنىڭ مەينەتلىكىمگە قايىلمەن،مەن ئۆزەمدىكى ئىللەتلەرنى تۇزىتەلمىسەممۇ بىراق بۇنى ئىتىراپ قىلىشقا كەلگەندە ئۆزۆمنى سىلەردىن مىڭ ھەسسە سەمىمى دەپ ئويلايمەن!
بۇ مەينەت نىمە دىمەكچىدۇ دەپ ئۇيلاپ قالغانسىلەر ھەقاچان؟
ئەمدى مەقسەدكە كەلسەم ،مەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىلەرگە كۆپلىگەن سۆزلىرىمنى ئويلىشىپ يۇرەتتىم،بىراق سىلەرمىنى كۆرۆپلا قالساڭلار غەزەپ بىلەن تۇكۇرۇپ نەچچە يۇزمىتىرقاچىدىغان بولغاچقا كۆڭلۇمدىكى بۇ سۆزلىرىمنى مۇشۇ كەمگىچە ھىچ ئىيتالماي كەلگەن ئىدىم....
مانا بۇگۇن مۇنبەرلىرىڭلارنىڭ بارلىقىنى جاھاننىڭ يېڭىلىقلىرىدىن بىرى بولغان ئىنتىرنىت دۇنياسىدا سىلەرنىڭمۇ ئۆزەڭلارغا چۇشلۇق ماكانىڭلارنىڭ بارلىقىنى بىلىپ سەل ھەيران بولدۇميۇ بىراق ئۇزاقتىن بۇيان دىيەلمىگەن سۆزلىرىمنى دەۋىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشكىنىمدىن ناھايىتى خۇشال بولوپ ،ئۆزەمنى تۇتالماي خورتۇلداپ كەتتىم....
ھەراس ئۆزەمنىڭ گىپىنى دىگۇچە بولغان ئارىلىقتا مۇنۇ سۆزنىمۇئىيتىۋالاي :
مەن بۇ مۇنبەرنى كۆرۆپ ھەيرانلىقىمدىن بىرقانچىلىغان تىمىلارنى كۆرۆپ باقتىم ،بايقىدىمكى سىلەرنىڭ بۇ يەردىمۇ ھالىڭلار چاغلىقلا ئىكەن...گەرچە مەن كوچا-كويلاردا كۆرگەن مەس_ئەلەس بولوپ ئىغزىغا كەلگەن مىنىڭ نىجاسىتىمدىنمۇ پاسكىنا سۆزلەر بىلەن بىر_بىرىڭلارنى تىللىشىپ يۇرگەن ،ئەخلەت ئازگىلىدا مەس_ئەلەس بىخارامان ئۇيقۇغا كەتكەن ............قىياپەتلىرىڭلارنى كۆرمىگەن بولساممۇ ...لىكىن ھەدىسلا بىر_بىرىڭلارنىڭ يىغىرىنى ئاچىدىغان
ئۆزەڭلارنى ئەۋلىيا چاغلايدىغان، قۇرۇق پەلسەپە ساتىدىغان ،گىپىڭلارغا خەق قايىل بولمىسا ئانىسىنى تىللايدىغان
...چىركىن ئادەتلىرىڭلارنى بۇيەردىمۇ ئۇبدانلا يىلتىز تارتقۇزۇپ< مىللى خاسىلق >ڭلارنى نامايەن قىلىۋىتىپسىلەر!
ھەي بولدىلا ئۆزگىپىمگە كىلەي:
مەن بىلىمەن سىلەر مىنىڭ گۆشىمنى يىيىش ئۇياقتا تۇرسۇن ،ئىسمىمنى ئاڭلاشتىنمۇ قاتتىق يىرگىنىسىلەر!
بۇنىڭ نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلىش مەقسىتىدە ماتىرىيال كۆرسەم ،سىلەر نەچچە ئەسىر ئىلگىرى ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىشقا باشلاپسىلەركەن ئەمەسمۇ؟!
راست ،ئىسلام دىنىدا مىنى يىيىش چەكلىنىدۇ،دىمىسىمۇ مىنىڭ گۆشىمنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇن لىغان چىركىنلىكلەر يۇشۇرۇنغان..
سىلەرنىڭ ھىچبولمىغاندا ئىتىقادىڭلار ئىچىدە مۇشۇنى بولسىمۇ ئىزچىل ساقلاپ كىلىۋاتقىنىڭلاردىن بىرئاز قايىلمەن سىلەرگە!
بىراق مەن سىلەردىن سوراپ باقاي :سىلەرچە سىلەرگە نىسبەتەن ئىيقاندا پەقەت مىنىڭ (چوشقا)گۆشۆملا ھاراممۇ؟
سىلەر ھەقىقەتەن ھارام نەرسىلەردىن شۇنچە خالى مىللەتمۇ؟
ياق ..ياق! مىنىڭچە سىلەر ئاللا قاچان ئۇنداق بولماي قالدىڭلار!سىەرنىڭ تۇتقان_تۇرغىنىڭلارنىڭ ھەممىسى ھارام بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى.
مەن باشقىسىنى ئىيتماي ،پەقەت ھاراقنى مىسال قىلاي!

ئىسلام دىنىمىزدا  ھاراق بارلىق گۇناھلارنىڭ ئانىسى دەپ قارىلىدۇ،بۇ ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق .ھاراقخۇرلۇق بارچە ناشايان ئىشلارنىڭ كىلىش مەنبەسى .
سىلەر چوشقا گۆشى يىگەن بىرەرسىنىڭ نۇمۇسنى قايرىپ قۇيۇپ كۈپكۈندۇزدە چوڭ كوچىنىڭ ياقىسىدا توپىغا،لايغا مىلىنىپ يىتىپ قالغىنى كۆرگەنمۇ؟چوشقا گۆشى يىگەن بىرەررىنىڭ چوڭ_كىچىك ،ئەر_ئاياللارنىڭ ئالدىدىلا كوچىغا سىيگىنى كۆرگەنمۇ؟؟
چوشقا گۆشى يىگەن بىرەرنىڭ ئەقلىدىن ئىزىپ بىر بىگۇناغا پىچاق تىققنىنى كۆرگەنمۇ؟
چوشقا گۆشى يىگەن بىرەرنىڭ ئادىمىيلىكنى ئۇنتۇپ ئۆزئانىسىغا،ئۆزقىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغىنى كۆرگەنمۇ؟؟؟؟؟؟؟

چوشقا گۆشى يىگەن بىرەرنىڭ...............؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
قىنى ئىيتمامسىلەر كۆرگەنمۇ؟ئىيتالمايسىلەر چۇنكى سىلەر كۆرمىگەن ،ئەمما مەن سىلەرنىڭ ھاراقنى بولىشىغا ئىچىپ ئەشۇ ئىشلارنى قىلغانلىقىڭلارنى كۆرگەن!!!!!
قىنى ئىيتىڭلارچۇ،سىلەرمىنى ھارام دەپ يىرگىنىپ قاچقىنىڭلار بىلەن ئەشۇ ھاراملارنىڭ ھارىمى بولغان ھاراقنى ئەتىۋارلاپ داستۇرخىنىڭلارنىڭ تۆرىگە چىقىرىپ قۇيۇۋاتىسىلەر بۇ يالغانمۇ؟تىخى شۇنىڭدىن ئىستىمال قىلمىسا قىرىق كۈن مىھمان بولسىمۇ رازى بولمايدىغىنىڭلارچۇ تىخى!
ئاڭلىسىام تىخى سىلەردە بىرەرىنىڭ ئايالى تۇغسا ھاراق بىلەن تەبرىكلەيدىغان،ئۆلۆملۇك بولغىچىنىڭ قارىسىنى ھاراق بىلەن ئۇشتۇيدىغان يېڭى ئادەتلەرمۇ شەكىللىنىۋىتىپتۇ !
ئەرلىرىڭلارنى ئازدەپ ئايال-قىزلىرىڭلار ،قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلىرىڭلارمۇ ھاراقتىن كۆڭۆل خۇشلۇقى ئىزدەيدىغان ئىشلارمۇ باركەن ؟!
ھەراست قايسى كۈنى مىنىڭ خۇجايىمنىڭ ئائىلىسىگە ئۇنىڭ باھار بايرىمىنى مۇبارەكلەپ بىرقانچىڭلار كەپتىكەنسىلەر
خوجايىنىم سىلەرنى ھاراق بىلەن تازا مىھمان قىلدى .....ئاخىرىدا مەس بولوپ قالغىنىڭلارنى كۆرۆپ مىنىڭ بىركۈن بۇرۇن سويۇلغان  قىرىندىشىمنىڭ گۆشىدىن قۇرۇما قۇرۇپ ئىلىپ كىرىۋىدى..تازا مەززە قىلىپ يىدىڭلار!....
ۋاھ ..قىنى ئەمدى نىمە دەيسىلەركىن؟
قىنى ئىيتىپ بىقىڭلارچۇ؟سىلەر ئىچىۋاتقان ئەشۇ ھاراق مىنىڭ گۆشۆمدىن پاكىزمۇ؟

ئاخىرىدا سىلەرنىڭ ۋاقتىڭلارنى ئىلىپ قۇيغۇنىمدىن خىجىلمەن ،ھۆرمەت بىلەن:
___سىلەرنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادىڭلارنىڭ ئاشكارە  يىمەكلىكى بولىدىغان  چوشقىجاندىن .

مەنبە: كەڭساي  مۇنبىرى
قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

Rank: 4

[?]
UID
99
جۇغلانما
1987
قىزغىنلىق
449
تىللا
856
تۆھپە
106
0
0
توردا
113 سائەت
تىزىملاتقان
2011-6-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-9

 ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 09:58:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىڭىزغا تەشەككۈر .بۇ يازمىنى بارلىق تورداشلارنىڭ ئۇقۇپ بېقىشىنى ،مۇمكىن بولغاندا باشقا دوستلىرغىمۇ تەۋىسىيە قىلىشىنى ئۈمد قىلىمەن .

Rank: 4

[?]
UID
76
جۇغلانما
2265
قىزغىنلىق
383
تىللا
1283
تۆھپە
29
4
1
توردا
99 سائەت
تىزىملاتقان
2011-6-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-9

 ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  رەسمى ئەزا ئالى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 10:32:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالدىغان تېما بوپتۇ  ھەقىقەت تۇلۇق ئەكىس ئىتىپتۇ تۇرمۇشمىزدىكى ناچار ئىشلار ئەينەن قامچىلىنىپتۇ .
سۈكۈت قىلىش -ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان كىشلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش

Rank: 2

[?]
UID
112
جۇغلانما
202
قىزغىنلىق
50
تىللا
64
تۆھپە
21
0
0
توردا
8 سائەت
تىزىملاتقان
2011-7-8
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 21:41:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوشقاجاننىڭ بۇ بايانلىرى نىمىدىگەن  ئۆتكۇر ،ئىللەتلىرىمىزنى  دەل جايىدا قامچلاپتۇ.
ھاي ،قېرىنداشلىرىم ! مەنزىلىمىز ئۇزۇن ماڭغان يولىمىزدىن تايمايلى،چوشقاجاننىڭ  دىگەنلىرى بىزگە كۇچلۇك سىگنال بولغاي.

[?]
UID
266
جۇغلانما
49
قىزغىنلىق
15
تىللا
9
تۆھپە
0
0
0
توردا
2 سائەت
تىزىملاتقان
2011-9-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-10 22:34:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالدىغان تېما بوپتۇ  ھەقىقەت تۇلۇق ئەكىس ئىتىپتۇ تۇرمۇشمىزدىكى ناچار ئىشلار ئەينەن قامچىلىنىپتۇ .

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|QQ59496604|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-10-10 06:06 , Processed in 0.076475 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش