شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتىلىقى ۋاشىنگىتون 1-سىنتەبىر تىلگىراممىسى
تىمسى:ئامېرىكدا « مۇسۇلمانلاردىن قورقۇش» ۋە«مەدىنيەتلەر تۇقۇنۇشى»10يىلدىن بۇيان پەسەيمىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى:ۋۇ چىڭسەي
«زوڭتۇڭ ئەپەندى،مىنىڭ ئىسمىم خان، مەن تېرورچى ئەمەس!»، ئىسلام دىنىغا ئىشىندىغان رىزۋانخان مڭبىر جاپا مۇشەقەتتەئامېرىكا زوڭتۇڭى ئوباماغا قاراپ توۋلىدى.
ئوباما ئاخىرى رىزۋانخاننىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى،بىراق بۇ پەقەت ھىندىستان فىلىمى «مىنىڭ ئىسمىم خان»دىكى كۆرۈنۈشلەر. ئەمىليەتتە رىئال تۇرمۇشتا ،ئامېرىكىدىكى تەخمىنەن 2مىليۇن 750مىڭ مۇسۇلمان ئاۋۋالقىدەكلا «11-سىنتەبىر»تېرورلۇق ھۇجۇمنىڭ قارا سايىسىدا ياشاۋاتىدۇ.
11-سىنتەىبر»ۋقەسى پەقەت قوش مۇنارنىلا ۋەيران قىلىپلا قالماي ئامېرىكىلىقلار ئەزەلدىن پەخىرلىندىغان كەڭ قورساقلىق ۋ ەئىرقى ئىتتپاقلققا زەربە بەردى. توپتوغرا 10يىل ئۆتكەندىن كىيىنمۇ كۆپ قىسىم ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى يەنىلا كەمسىتىشكە ئۇچۇرماقتا.
پىيۇ تەتققات مەركىزىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك سانلىق مەلۈماتىدا كۆرسىتىلىشچە:%52ئامېركىلىق مۇسۇلمان ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ «نازارىتى »گە ئۇچرايدىكەن، %43 زىيارەتنى قۇبۇل قىلغۇچى ئۆتكەن بىر يىلدا ئۆزلىرىنىڭ پاراكەندىچىلككە ئۇچۇرغانلقىنى بىلدۈرگەن.
ئىسلام تونىغا ئورۇنۋالغان بېن لادىن ئامېرىكا جامائىتىنىڭ قەلبىدە قارا سايىگەئايلانغان. پەقەت بېن لادىن بىلەن بىرلا باش كىيمى ئوخشايدىغانلىقى ۋە مۇسۇلمانلىق سالاھىيىتى بولغاچقىلا كىنودىكى خان ئويلاپ باقمىغان دۈشمەنلىك ۋ ەئاۋارىچىلققا ئۇچىرايدۇ، ھەتتا ئۆگەي ئوغلىمۇ ناھەق ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋېتىلدۇ.
بۇنداق كۆرۈنۈشلەررىئال تۇرمۇشتىمۇ كۆپلەپ يۈز بېرىۋاتىدۇ.ئامېرىكا ئەدىليە مىنىستىرلىكى خەلىق ھوقۇقى مەھكىمىسىنىڭ دىنىي كەمسىتىش دىلولىرىغا مەسئۇل ئالاھىدەمەسلىھەتچىسى ئرىك.تېنىي يېقىندا «11-سىنتەبىر»ۋەقەسىدىن كىيىن ئامېرىكا جەمىيتىدە مۇسۇلمانلار ۋ ەجەنۇبى ئاسىيالىقلار ئەۋلاتلىرىغا ئۆچمەنلىك قىلش دىلولىرى تىز سۈرئەتتە ئاشقانلىقىنى ئېتراپ قىلدى.
ئامېرىكا ئەدىليە مىنىستىرلىكى خلەىق ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى توماس. پىلس يىل بېشىدىكى بىر دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىندا: مۇسۇلمانلار توختىماي مىنى ئىزدەپ باللىرىنىڭ مەكتەپتە پاراكەندىچلىككە ئۇچرايدىغانلقى،تېرورچى ئاتىلىپ يۇرتتىغا قايتىپ كېتىش تەلەپ قىلنغانلىقى، بىراق، قانداقلا بولسۇن ئامېرىكا ئۇلارنىڭ ئائىلسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىللىنويىس شىتاتلىق پارلامېنتنىڭ ئەزاسى رىچارىد.دىبىن« بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ بەزىلىرى ئامېركىدىكى بەزى سىياسىيونلار ۋە دىنى شەخىسلەرنىڭ ئىسلامنى خۇنۇكلاشتۇرۇپ ھەممىنى ئۇنىڭغا دۆڭگەپ قۇيۇشىدىن يۈز بېرۋاتىدۇ.» دىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشچە: دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر مۇھىم ئەزاسى گەپنى ئەگتىپ ئۆلتۇرمايلا:« بۇ دۆلەتتە مەسچىتلەر بەك كۆپ بۇلۇپ كەتتى»دىگەن. يەنە بىرداڭلىق دىنىي داھىي ھەتتا« ئىسلام بىر قەبىھ دىن »دىگەن.
مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىش ھەتتا قىسمەن ئامېركىلىقلارنىڭ كوللىتىپ يۇشۇرۇن ئېڭىغا ئايلاندى. بۇيىل 7-ئايدا نورۋگىيەدە93ئادەم ئۆلگەن ئوققا تۇتۇش،پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋ ەمۇتەخەسىسلەر باركۈچى بىلەن قاتىلنى مۇسۇلمان،بازا تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار دپ پەرەز قىلدى،بىراق ئىشتىن كىيىن قاتىلنىڭ 32ياشلىق ئاق تەنلىك بۇلۋىك بۇلۇپ ئۇنىڭ مۇسۇلمان ئەمەس بەلكى بىرمۇتەسىسىپ خىرستىيان مۇرىتى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.
8-ئاينىڭ 30كۈنى ئەقىل ئامبىرى«ئامېرىكا ئىلگىرلەش مەركىزى» ئېلان قىلغان بىر پارچەدوكىلاتتا بۇ مىسال تىلغا ئېلىندى، ھەمدە بۇلۋىكنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان ئەشەددىي ئۆچمەنلىكى ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم مەلۇماتلىق مۇسۇلمانلارغا قارشى مۇتەخەسىسىلەرنىڭ تەسىردىن بولغانلىقى ئاشكارلاندى. ئۇ بەتكە 1500كە يتىدىغان باياناتىدا ئامېرىكىلىق مەشھۇر ئىسلامغا قارشى ئالىم بوت.سىپىنسەينىڭ «غازاتچىنىڭ كۆز قارشى»قىسىمىدىن 162 قېتىم نەقىل كەلتۈرگەن.
بۇ بىر پارچەئامېرىكا جەمىيتىدىكى«ئىسلامدىن قورقۇش»ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتەيەنە بىر قەدە م ئاشكارلىنىشچە: ئۆتكەن 10يىلدا ئامېرىكىدا 7فوندى جەميەت 420مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىنى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۆچمەنلىك قۇتۇرتۇشقا ئىشلەتكەن.
دوكىلادتا ،ئامېرىكىلىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىشى قىسمەن ئوڭ قانات گورۇھلارغا دۆڭگەپ قۇيۇلغان.دوكىلاتتا ئاشكارلىنىشچە نۆۋەتتە ، %37ئامېرىكىلقنىڭ ئىسلامغا بولغان تۇنۇشى ياخشى بۇلۇپ بۇ 2001-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نوقتا ئىكەن.
«ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان مەھەللىرىدىن يىراقلىشىش دىنىي ئەركىنلىككە تەھدىت سېلىش بۇلۇپ قالماي، بىزنىڭ تېرورىزىمغا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىمىزنى يوققا چىقىردۇ» دوكىلاتتا « 11-سىنتەبىر»دىن بۇيان ئامېركىدىكى مۇسۇلمان مەھەللىرىدىكى بىخەتەرلىك ۋە قانۇننى ئىجرا قىلغۇچىلارتۆت قېتىم بازا تەشكىلاتى تېرورچى ئۇنسۇرلىرنىڭ ئامېرىكىغا تەھدىت سالدىغان تېرورلۇق سۇيقەستىنى تۇسۇپ قالدى.»دىيىلدى.
بىراق ئۆتكەن يىلدىكى «قۇرئان كۆيدۈرۈش ۋەقەسى» ۋ ەدۇنيا سودا مەركىزى ئەتراپىغا مەسچىت سېلىش تالاش-تارتىشىشى شۇنى چۈشەندۈردۇكى:«11-سىنتەبىر» ئامېرىكا جەميىتنى ئۈزۈل كىسىل يىمىرىپ تاشلىدى، ئامېرىكنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى «مەدىنيەتلەر تۇقۇنۇشى»10 يىلدا پەسىيىپ قالماي ئەكسىنچەكۈنسىرى كەسكىنلىشىدىغان يۈزلنشتە تۇرماقتا.
ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغا دەسلەپكى مەزگىلدە ئاكتىپ ھالدا ئىسلام دۇنياسى بىلەن ياخشىلشىپ «مەدەىنيەتلەر تۇقۇنۇشى»دىكى ئىستىراتىگىيلىك بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى. بىراق يىلتىزى چوڭقۇر بولغان «ئىسلامدىن قورقۇش كىسەللىكى» ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنى تەتۈرسىگەبۇراپ قانچەقېتمىلاپ ئۇنىڭ« ئىسلام بىلەن دۈشمەنلەشمەيدىغان شۇئارى»نى خىىجىللقتا قالدۇردى.
توغرا كىلىپ قالغىنى، ئامېركىنىڭ«1-سىنتەبىر»نىڭ 10يىللىقنى خاتىرلىشى دەل رۇزا ھېيىت بىلەن دەل كىلىپ قېلشى بۇلدى. 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئوباما يەنەبىر قېتىم ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رۇزا ھېيتىنى مۇبارەكلىدى. بىراق ، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سۆزى بىلەن ئېيىتقاندا: ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلدىغنى بىرنەچچەجۈملە تەبىركلەش سۆزى بولماستىن بەلكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۇلارنىڭ « مىنىڭ ئىسىمىم خان، مەن تېرورچى ئەمەس»دىگەن ھەققىي سۆزنى كۆڭۈل قۇيۇپ ئاڭلىيالايدىغان بۇلۇشى ئىدى.
مەنبە:ماقالە خەنزۇچە:«مۇسۇلمانلار لىنيىسى» دىن تەرجىمە قىلندى
ئادىرىسى:
http://www.muslimwww.com بۇ يازمىنى ئاخىرىدا anwar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-9-2 21:41