گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 267 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 282|ئىنكاس: 4

3-2-بۈلۈم: قىزىل ۋە سايرامدىكى پاجىئەلەر ( داۋامى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
25
تېما
28
قىزغىنلىق
282
تىللا
780
تۆھپە
197
توردا
52 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-29 17:09:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيسىنىڭ باي ناھىيسىگە چۈشۈشتىن بۇرۇنقى
ۋە قايتىپ كەتكەندىن كىيىنكى پاجىئەلەر (داۋامى)
                        2-بۈلۈم: قىزىل ۋە سايرامدىكى پاجىئەلەر
مىللىي ئارمىيە قوشۇنلىرى بايدىن كېتىشى بىلەنلا، گومىنداڭنىڭ كۈچاردا تۇرۇشلۇق بىر پولىك ئەسكىرى بايغا قاراپ يۈرۈش قىلدۇ. بۇ چاغدا سايرام ، قىزىل، توقسۇن قاتارلىق جايلاردىن 12نەپەر ئادەم ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ سالىمىنى ئېلىپ بايغا بېرىپ ئابدۇكېرىم ئابباسوف، قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىق قىسىم رەھبەرلىرى بىلەن كۈرۈشۈپ خەلىق ئاممىسىنىڭ ئاررزو-تىلەكىلرىنى يەتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ يوليۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىلىرىنى ئېلىپ ھەم ئۇزۇتۇپ قۇيۇپ ھەر قايسىسى ئۆز يېزىسىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. بۇلاردىن مامۇت بۇرۇت، مەمەتخان، ئىمىر يۈسۈپ ( توقسۇن يېزىسىدىن )مامۇتخان زاغرا قاتارلىقلار سايرام يېزىسىنىڭ قارا ياغاچ بۇلاق دېگەن جايىغا بارغاندا كۇچادىن چىققان گومىنداڭ ئارمىيسى بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قېلىپ ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالىدۇ. نەتىجىدە مەمەتخاننى ئېتىپ تاشلايدۇ، قالغانلىرى ئامان قالىدۇ، مامۇتخان زاغرا سايرام تەرەپكە قېچىپ يولدىن ئادىشىپ سايرامنىڭ لاپا كەنتىگە كىلىپ قالىدۇ. ۋە شۇ مەھەللىدىكى ئوقۇتقۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئۆيىگە كىلىپ ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. مەمتىمىن ھوشۇر مامۇتخان زاغرىنى قوناقلىققا مۆكتۈرۈپ قۇيۇپ ئۆزى دەرھال سايرام بازىرىغا بېرىپ، كۇچادىن كەلگەن گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا مەلۈم قىلدۇ. گومىنداڭ ئەسكەرلىرى دەرھال بېرىپ قوناقلقتىن مامۇت زاغرىنى تۇتۇپ قولىنى باغلاپ كۆزىنى تېڭىپ سايرام بازىرغا ئېلىپ كېلىپ قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئالىدۇ، لىكىن ھىچنەرسىگە ئېرشەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن گومىنداڭ ئەسكەرلىرى مامۇتخان زاغىرىنى قاماپ قويىدۇ.
سايرام بازىرغا قايىتقان يۇرىت مۆتىۋەرلىرىدىن ئابلىتىپ مۇپتى ،لىتىپ ھاجىم، قاسىم ھاجىم،مامۇتخان قاتارلىق نۇرغۇن كىشلەر سايرام بازىرغا يېقىن ( سايرامنىڭ بۇرۇنقى بازىرى)چامغۇرلۇق مەھەللىسىگە كەلگەندە يولنىڭ ئىككى تەرپىدىكى قوناقلىققا يۇشۇرنۇۋالغان گومىنداڭ ئەسكەرلىرى يولغا يوپۇرلۇپ چىقىپ ئۇلارنى ئوققا تۇتىدۇ. ئابىلىتىپ ھاجىم نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىندۇ . مەمەتخاننىڭ گەردىنىدىن تەگكەن ئوق ئوڭ كۆزىدىن چىقىپ ئۇمۇ نەق مەيداندا يىقىلدۇ. گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ئوت قۇيۇپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، قىزىل،سايرامدا دەھشەتلىك تېرورلۇق ۋەزىيەتنى پەيدا قىلدۇ. ھېلىقى جەسەتلەرنىڭ ئىگىلىرى كېچىسى جەسەتلەرنى ئېلىپ كېتىدۇ. مەمەتخاننى ئۆيىگە ئېلىپ بارغاندا ئۇنىڭ تىنۋاتقانلقىنى بىلىپ بارلىق ئامال-چارىلەر بىلەن قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارىدۇ ۋە داۋالاپ ، ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇپ پەرۋىش قىلىپ ساقايتدۇ. بۇ كىشى 60-يىللارنىڭ ئاخىردا ۋاپات بۇلۇپ كەتتى.  
گومىنداڭ ئەسكەرلىرى كۇچادىن بايغا قاراپ يۈرۈش قىلغان ۋاقتىدا يول ئۈستىدىكى قىزىل، سايرام، توقسۇنلاردا قىرغىنچىلىق قىلىپ سايرامنىڭ قاراياغاچ بۇلاق كەنىتىگە كەلگەن كېچىسى مامۇتخان زاغرىنى بوغۇزلاپ تاشلۋېتىپ بايغا كەلدى ۋە بايدىمۇ توختىماي مىللى ئارمىينىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ قورغانغا بارغاندا مىللى ئارمىيە باھادىرىلىرى تەرپىدىن قاتتىق زەربىسىنى يەپ بىر قىسىملىرى ئاقسۇغا ، بىر قىسىملىرى تىجىك يولى بىلەن كۇچاغا بېرۋالدى.   
ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارميسى باينى ئازاد قىلىپ ئۇزۇن تۇرمايلا ئاقسۇغا كېتىپ ئارىدىن 15كۈن ئۆتكەندە ناسىروف قىسىملىرنى باشلاپ ئالدىنقىلارماڭغان يول بىلەن قېيىر يېزىسىغا يىتىپ كەلدى ۋە ئاممىغا ئىنقىلابىنى تەشۋىق قىلىپ، سەپەرۋەرلىك ئېلىپ باردى. گومىنداڭنىڭ كۇچادا تۇرۇشلۇق قىسملىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە كۈرۈش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى پىدائىيلققا مەلۈم قىلغانلاردىن  ئەسكەر قۇبۇل قىلىپ قوشۇننى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى ۋە تەرتىپكە سالدى. بىر بۆلەك قىسىمىنى قېيىردا قالدۇرۇپ ، گومىنداڭنىڭ ئاقسۇدىكى كۈچىلىرنى يىتىم قالدۇرۇش كۇچا، قاراشەھەر، بۈگۈر قاتارلىق جايلاردىكى قوشۇنلىرىنىڭ دىققىتىنى كۇچاغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاقسۇغا قىلدىغان ئۇرۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلۇشىنى مەقسەت قىلىپ تەلەمەت داۋىنىغا يۈرۈپ كەتىى. ئۇلار كۇچا تەۋەسىدىكى ئاغۇ،كان، تىك مەك قاتارلىق جايلاردا ئۈچ كېچە-كۈندۈز ئۇرۇش قىلىدى. گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنى سۈرۈپ توقاي قىلۋەتتى، ئۇرۇشتا ناسىرۇپ قىسمىنىڭ بىر دوختۇرىغا ئوق تىگىپ قۇربان بولغاندىن باشقا ئۆلۈم ئەھۋالى كۈرۈلمىدى. ناسىروپ قىسمى گومىندڭانىڭ بىر قانچە ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئېلىپ قېيىر يېزىسىغا غەلبە بىلەن قايتىپ كەلدى . ناسىروپ  قېيىرغا قايتىپ كىلىپ ئىككى لىيەن ئەسكىرىنى قېيىر ، قىزىلدا قالدۇرۇپ قالغان ئىككى لىيەن ئەسكىرىنى باشلاپ ئاقسۇغا بېرىپ ئابدۇكېرىم ئابباسوپلار بىلەن كۈرۈشتى ۋە ئۆزئارا كېڭىشىپ  ئابدۇكېرىم ئابباسوپلار داۋاملىق ئاقسۇدا قېلىش ، ناسىروپ بايغا قايتىپ كېتىش قارار قىلندى ۋە قارارغا ئاساسەن ناسىروپ بايغا قايتىپ كەلدى. شۇ چاغدا قىزىلدا تۇرۇۋاتقان 1-رۇتىنىڭ كوماندىرى سەيدۇللا، 2-رۇتىنىڭ كوماندىرى ئىبراھىم دېگەن كىشى ئىدى. مۇشۇ ۋاقىتتا گومىنداڭنىڭ كۇچادا تۇرۇشلۇق قىسىمىدىن بىر پولىك ئەسكىرى قىزلغا يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم كەلدى. بىركۈن قاتتىق جەڭ بولغاندىن كىيىن گومىنداڭ قوشۇنلىرى تەڭ كىلەلمەي قىزىل مڭئۆي تەرەپكە چىكىنپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا جەنۇپ تەرەپ بىلەن كېلىپ ئۆتەڭنى ( ھازىرقى قىزىل يېزا بازىرنى)مۇھاسىرىگە ئېلىۋالدى. دۈشمەن ئارمىيسى سان جەھەتتە مىللىي ئارمىيدىن كۆپ، قوراللىرىمۇ خىل ئىدى.  مۇنداق ئەھۋالدا ئورۇنسىز چقمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مىللىي ئارمىيە بايغا قاراپ چىكىندۇ. مارجان تېرەككە بارغاندا مىللى ئارمىينىڭ بايدا تۇرۇشلۇق قىسىم شىتابىدىن قىزىلنى قولدىن بەرمىسۇن دېگەن بۇيرۇق كىلىدۇ. سەيدۇللا قوشۇنى ئارقىسىغا  يېنىپ ئەتىسى چۈش مەھەلى ئاق مەسچىتكە بارغاندا گومىنداڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئۈچۇرشۇپ قاتتىق جەڭ قىلدۇ. مۇشۇنداق پەيىتتە ئاقسۇدىن مىللىي ئارمىيە جەنۇبى يۈلۈنۈش قىسمىنىڭ ئىلىغا قايتىشى توغۇرسىدا بۇيرۇقى كىلىدۇ. بۇلار نائىلاج ئۇرۇش توختۇتۇپ چېكىندۇ. سەيدۇللا بۇيرۇققا بىنائەن مىللىي ئارمىينىڭ چېكىنىشىنى مۇۋاپىزەت قىلىپ ئۆز قوشۇنى بىلەن قىزىل، قېيىردا قالىدۇ.  ئابدۇكېرىم ئابباسوپ، قاسىمجان قەمبرى ،سۇپاخۇن سوپۇرۇپلار مۇز داۋان بىلەن ،ناسىرڭپ قىسمى قېيىر بوز كىرىكى ئارقىلىق ئىلىغا چىقىپ كېتىدۇ. ئەڭ ئاخىردا سەيدۇللامۇ ئۆز قىسمىنى باشلاپ ساق-سلامەت چوڭ قوشۇنغا يېتىشۋالدۇ.
3-بۈلۈم: مىللىي ئارمىيە جەنۇبى يۈلۈنۈش قىسمى ئىلىغا قايتىپ كەتكەندىن كىيىنكى پاجىئەلەر
1.زايىت ئاخۇنلارنىڭ ئۆلۈمى
مىللىي ئارمىيە بۇيرۇققا بىنائەن ئىلىغا چېكىنپ كەتتى . ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيسى ئازاد قىلغان ئورۇنلار يەنە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ قانلىق ئاسارىتىدە قالدى . گومىنداڭ غالجىرلىشىپ ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيسىگە قاتناشقان ، ھېسداشلىق قىلغانلاردىن ھەھشەتلىك ئۆچ ئېلىشا باشلىدى. مىللىي ئارمىيە قېير يېزىسىغا دەسلەپ چۈشكەندە بوز كېرىكى تاغ ئېغىزدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ بۇلاردىن بىر ئەسكەرنى مۆكۈنۋالغان يېرىدىن ھامىتاخۇن، ئەيسىراخۇن، تۇراخۇن قاترلىق ياشلار تۇتۇۋېلىپ قېيىر يېزىسىنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى. چۈنكى بۇچاغدا مىللىي ئارمىيە باي بازىرنى ئازاد قىىشقا يۈرۈپ كەتكەن. گومىنداڭ ئومۇميۈزلۈك مەغلۇپ بۇلۇپ كۇچاغا قۋچىپ كەتكەن. پەقەت ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيە ەترىپىدىن ئامانلىق ساقلاشقا قالدۇرۇلغان ئازغىنا قوراللىق كۈچ بارئىدى. كۇچاغا قېچىپ كەتكەن گومىنداڭ ئەسكەرلىرى گومىنداڭنىڭ كۇچادا تۇرۇشلۇق قىسىم باشلىقلىرىغا ئەھۋال ئېيتقان ، قىسىم باشلىقلىرى بىر پولىك ئەسكىرىنى قېيىر يېزىسىغا ماڭدۇرغان. بۇ بىر پولىك ئەسكەر ڭېيىر يېزىسىنىڭ مىڭ بۇلاق كەنتىگە كىلىپ قېيىر بازىرغا باستۇرۇپ كىرىشتىن قورقۇپ كۇچا قايتىپ كېتىدۇ. بۇنى ئاڭلاپ قالغان ھېلىقى گومىنداڭ ئەسكىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنپ قېچىپ كېتىدۇ ۋە كۇچادىن چىققان قوشۇنغا يېتىشۋېلىپ كۇچاغا بېرىۋالدۇ. مىللىي ئارمىيە بۇيرۇققا بىنائەن ئىلىغا چىكىنىپ چىقىپ كەتكەن كۈننىڭ ئەتىسى كۇچادا تۇرۇشلۇق گومىنداڭ قوشۇنلىرىدىن بىر پولىك ئەسكەر قېيىرغا قايتا چىقىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېلىقى قېچىپ كەتكەن گومنىداڭ ئەسكىرىمۇ بار بۇلۇپ چىققان كۈنىلا ئۆز ۋاقىتىدا ئۆزىنى تۇتۇپ بەرگەن زايىت ئاخۇن قاتارلىق تۆت نەپەر كىشىنى تۇتۇپ ئەكەلدۈرۈپ قېيىر بازىردىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئارقىسدا بۇغۇزلاپ ئۆلتۈرۋەتتى.
2. قەنتەمەت قاتارلىقلارنىڭ ئۆلتۈرۈلشى
مىللىي ئارمىيە جەنۇبى يۈلۈنۈش قىسملىرى بايدا تۇرۇۋاتقان مەزگىللەردە ھەر قايسى يېزىلاردىن نۇرغۇنلىغان ياشلار پىدائىي بۇلۇپ مىللىي ئارمىيەگە قاتناشقان . مىللىي ئارمىيە بۇيرۇققا بىنائەن چېكىنگەندە قىسىم بىلەن ئىلىغا چىقىپ كەتكەن. ناسىروپ قىسمى بىلەن ماڭغانلار بوزكىرىكى تاغ ئىچىگە كىرگەندە قېيىر يېزىسىدىن قۇبۇل قىلنغان قەنتەمەت قىسىمدىن ئايرىلىپ ئۆيىگە قايتىپ كىلىدۇ. بۇنى بىلىپ قالغان ئابلا بەگ قەنتەمەتنى تۇتقۇزۇپ  كېلىپ كۇچادىن چىققان گومىنداڭ ئەسكەرلىرىگە تۇتۇپ بېرىدۇ . گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ئۇنى كىچىك غولنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ ئېتىۋتىدۇ. قەنتەمەت بىلەن ئېتىلغانلار ئىچىدە داگىم چىكىنىڭ ئوغىلىمۇ بار بۇلۇپ ئابلا بەگ سڭلىسىنىڭ ئوغلىنىمۇ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەن يەنى داگىم چىكىنىڭ ئايالى ئابلا بەگنىڭ سىڭلىسى بۇلۇپ سىڭلىسىنىڭ ئوغلىمۇ مىللىي ئارمىيگە قاتناشقان ۋە قەنتەمەت بىلەن بىللە ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن. گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ئابلا بەگدىن « ئۇنى تۇنۇمسىز؟ » دەپ سورىغاندا « تۇنۇمايمەن » دەپ  ئۆز سڭلىسنڭ ئوغلىنىڭ ئۆلۈشگە قاراپ تۇرغان. دېمەك، شۇ چاغدا ئىككى كۈن ئىچىدىلا 6 ئادەم ئۆلـتۈرۈلدى.
3. مامۇت مىراپنىڭ ئۆلتۈرۈلشى
مامۇت مىراپ مىللىي ئارمىيە قېيىر يېزىسغا چۈشكەندە ئۆزلۈكىدىن مىللى ئارمىينىڭ خىزمىتىنى قىلغان ۋەتەنپەرۋەر كىشى ئىدى. مىللى ئارمىيە ئىلىغا چىقىپ كەتكەندىن  كىيىن ئابلا بەگنىڭ چېقىشتۇرشى بىلەن گومىنداڭ ئەسكەرلىرى تۇتۇۋېلىپ ئۆزىنىڭ ئېتىغا مىندۈرۈپ كۇچاغا ئېلىپ ماڭىدۇ.  شالدىراڭ قورۇلدىكى چازىغا بارغاندا گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلنىپ قېچىپ كىتىدۇ ۋە ئۆيىگەكېلىپ ئىككى تۆگىگە  مۇھىم يۈك_تاقلىرنى ئارتىپ ئىلىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. تاڭ ئېتىپ  قالغانلىقتىن مېڭىش مۇمكىن بولماي بىرئېدىرلقتا تۆگىلىرىنى چۆكتۈرۈپ قۇيۇپ كەچ كىرشىنى كۈتۈپ ياتقاندا ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلگەن گومنداڭنىڭ ئىككى ئەسكرى ئاتنىڭ كىشنىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ قېلىپ ئۇنى يەنە تۇتۇۋالدۇ ۋە كۇچاغا ئېلىپ بېرىپ بىر نەچچە ئاي قاماپ قىين-قىستاققا ئېلىپ باش ئەگدۈرەلمگەندىن كىيىن كونا شەھەرنىڭ شامالباغ  تەرەپتىكى سېپل ئارقسىدا - خەندەك بويىدا ئېتىپ تاشلايدۇ.  مەرھۇمنىڭ بويىغا يەتكەن قىزى بۇلۇپ خوتۇنى بىلەن قىزىنى قېيىر يېزسدا تۇرۇشلۇق گومىنداڭ قوشۇنىدىن ئىككى ئەسكىرى خوتۇنلۇققا ئېلىۋالدۇ.  مال-مۈلۈك ،ئۆي- زىمنلرىنى مۇسادىرە قىلۋالدۇ.  شۇنداق قىلىپ بۇ بىر ئائىلە پۈتۈنلەي ۋەيران قىلۋېتىلدۇ.
4. سۇلتانجاننىڭ ئۆلۈمى
سۇلتانجان ئەسلى ئىلى ئوبلاستىنىڭ جىللىيۈزى ( ھازىرقى غۇلجا) ناھىيسىدىن بۇلۇپ ئۈ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيسىنىڭ جەنۇبى يۆنىلىش ئالدىنقى سەپ  قىسمىغاقاتىنىشىپ بايغا چۈشكەن. مىللىي ئارمىيە بايدىن چېكىندىغان چاغدا قاتتىق ئاغرىپ قالغانلىقىتىن قوشۇندىن ئايرىلىپ قېلىپ ياتۇر، كانچى يېزىلىرى تەۋەسىدىكى تاغ يوتىلىرىدا چارۋىچىلار بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. قىش كىرىپ ، ھاۋا سوۋۇپ كەتكەندىن كىيىن تاغدا تۇرۇش مۇمكىن بولماي مەھەللە ئىچىگە كېلىپ ياتۇر يېزىسىنىڭ تاغچى كەنىت قۇم مەھەللىسىدىكى مامۇت باي-پىشەكنىڭ ( مامۇت چاشقانمۇ دىيىلدۇ) ئۆيىگە كىلىپ قالىدۇ. بۇ قورۇ ساي بويىدا بۇلۇشىغا قارىماي ھويلا-ئاراملىرى كەڭرى، باي ئائىلە ئىدى. سۇلتانجان مامۇت باي-پىشەكنىڭ ئۆيىگە كىرىپ « مەن قىشتىن چىققۇچە سىلنىڭ ئۆيىلىرىدە تۇرۇپ مال-چاۋىلىرىغا قاراپ بېرەي، قىلغان ئىشىمغا ھەق بەرمىسلە، ياتىدىغان جاي ۋە قورسىقىمغا ئاش بەرسىلىلا بولدى»دەيدۇ. مامۇت باي-پىشەك « ناھايىتى ياخشى مەن سىلىنى قوغداپ قالىمەن.» دەپ ئۇنى خاترىجەم قىلىپ قۇيۇپ ئۆيىدىى چىقىپ كىتىدۇ. سۇلتانجاننىڭ كۆڭلى تۇيۇپ قېلىپ سامانلىققا كىرىپ ساماننىڭ ئارىسىغا يۇشۇرۇنۋالدۇ. دېگەندەك مامۇت باي-پىشەك ناھىيا بازىرىغا بېرىپ گومىنداڭ ئەسكەرلىرىگە مەلۈم قىلدۇ. گومىنداڭنىڭ بىر ئوتىدىلىنيە ئەسكىرى مامۇت باي-پىشەكنىڭ ئۆيىگە كىلىپ سۇلتانجاننى سامانلىقتىن تېپىپ چىقىپ قولدىن باغلاپ، ئېسىپ ،ئۇرۇپ بەدەنلىرىگە قىزىق ياغ چېچىپ قىيناپ يېرىم جان قىلىپ قويىدۇ. كىيىن ئاتقا سۆرىتىپ باي بازىرغا قااپ 3-4چاقىرىم ماڭغاندا سۇلتانجان بەرداشلىق بېرەلمەي جان ئۈزىدۇ. گومىنداڭ ئەسكەرلىرى جەسەتنى قار ئۈستىگە تاشلاپ قويۇپ قايتىپ كېتىدۇ. سۇلتانجاننىڭ جەسىتى قار ئۈستىدە بىر نەچچە كۈن تۇرغاندىن كىيىن شۇ مەھەللىدىكى ئىزاق بۇجاڭ گومىنداڭنىڭ باي بازىردىكى گازارمىسىغا بېرىپ « ئىلى ئوغۇرسىنىڭ ئۆلۈكىنى كۆمۈۋەتسەك ، بولمىسا كىسەل تارقىلىپ كېتىدۇ» دەپ « رۇخسەت ئېلىپ» جەسەتنى كۆمۈۋېتىدۇ. سۇلتانجان جان ئۈزۈشتىن ئىلگرى خۇتۇنۇم ۋە ئىككى بالام بار ئىدى، تۇغقانلىرىم ئىز دىرىكىمنى قىلىپ كىلىپ قالسا تۇپرىقىمنى كۆرسىتىپ قويساڭلار دېگەن.
ئازادلىقىتىن كېيىن 1951-يىلى ئىجارە كېمەيتىش ، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ يېزىغا كەلگەندە كەڭ خەلىق ئاممىسى جەسەتنى كولاپ چىقىرىپ يېزا بۇيىنچە يىغىلىپ نامىزىنى چۈشۈرۈپ قايتىدىن دەپىنە قىلدى. ھەمدە شۇ مەيداندا مامۇت باي-پىشەكنى قولغا ئېلىپ كۈرەش قىلدى. خەلىق ئاممىسى مامۇت باي-پىشەكنى ئېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ئۇنى تۇرمىگە ئەكىرىپ كەتتى، كىيىن تۈرمىدە ئۆلدى .
مۇبادا سۇلتانجاننىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى بۇ ئەسلىمنى ئوقۇشقا مۇيەسسسەر بۇلۇپ قالسا سۇلتانجاننىڭ 1945-يىلى 12-ئاي ئەتراپىدا باي ناھىيسىنىڭ ياتۇر يېزسىنىڭ تاغىچى كەنىتىدە گومىنداڭلار تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەردار بۇلۇپ قالار.
5. نىزامىدىن قۇربان قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمى
مىللىي ئارمىيە ئىلىغا چىكىنىپ كەتكەن كۈننىڭ ئەتىسى كۇچادىن گومىنداڭنىڭ بىر پولىك ئەسكىرى بايغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلار ئوي چاكاندىن ئۆتۈپ، پەس داۋانغا كېلىپ ئىككى قىسىمغا ئايرىلدۇ-دە، بىر قىسمى ئۆتەڭنىڭ شىمالى تەرپىدىكى تېتىر ( ھازىرىقى قىزىل يېزىسىنىڭ 1-كەنتى) تاسما توقاي تەرپدىن، بىر بۆلىكى جەنۇبى تەرەپتىكى مازار غۇجام ، قارىغاي مەھەللسى  ، ھاپپاز مەھەللىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئىككى قورشاپ ئاقتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ. تېتىرغا چۈشكەن گومىنداڭ ئەسكەرلىرى روسۇل ئاخۇن دېگەن كىشىنى ئېتۋېتىدۇ. بۇ كىشى يوغان، تەمبەل ئادەم بۇلۇپ ئۈچ پاي ئوق بىلەن جان ئۈزىدۇ. تاسما توقايغا كەلگەندە گومىنداڭ ئەسكەرلىرى
مۇساخان دېگەن كىشىنىڭ كەچ-كۈزدە قالغان قوناقلىرىنى دومبا بىلەن سوقۇپ ، ھاردۇق ئالغاچ ئۆيىدىكلەر بىلەن پارااڭلىشىپ ، تاماكا چېكىشىپ تۇرغاننىڭ ئۈسىتىگە باستۇرۇپ كىرىپ تامغا يۆلەگلىك دومبالار ( قوناق سوقىدىغان ، 2.5 مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كالتەكلەر )نى كۆرۈپ ، بىزگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلاپتۇ دەپ گۇمانلىنىپ مۇساخان ۋە ئۇنىڭ چوڭ ئىنىسى ئابدۇقادىرئاخۇن، ئىككىنچى ئىنىسى ئەمەتئاخۇن، قېيناتىسى ئەمەت مەمەت، قېيىرلىق يەنەبىر ئادەم بۇلۇپ جەمئىي ئالتە ئادەمنى تۇتۇپ، ئۆتەڭگە (قىزىل بازىرىغا )ئېلىپ كىلدۇ. ئەتسى قىزىلنىڭ بىگى ئاۋۇت بەگدىن يەنى ئاۋۇت چاپاقتىن، « بۇ ئادەملەرنى تۇنۇمسىز » دەپ سورىغاندا « تونۇمايمەن »دەپ جاۋاپ بېرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى بىر ئېقىننىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ ئېتىۋېتىدۇ. قىزلتۇر كەنتىدىن مەمتىمىن كاۋا يەنى مەمتىمىن ماتاچى ئىسىملىك بىر كىشىنى قۇم دەرۋازىدا ئېتىپ تاشلايدۇ.
گومىنداڭ ئەسكەرلىرى بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماي ئىلى ئوغۇرلىرىغا ياردەم بەرگەن ، خىزمەت قىلغانلار بار دەپ سۈرۈشتۈرۈپ ، مىللىي ئارمىيە قىزىلدىكى چاغدا مىللىي ئارمىيگە ئاش-ئوزۇق يەتكۈزۈپ بەرگەن نىزامىدىن قۇرباننى قۇم دەرۋازىدا تۇتۇۋېلىپ، قۇۋان خۇلۇڭ دېگەن گومىنداڭ ئەسكىرى قېلىچ بىلەن كاللىسىنى چېپىپ تاشلايدۇ. ئۇ شۇ ۋاقتىدا تازا قورامىغا يەتكەن  ياش يىگىت ئىدى.
دېمەك ، شۇ قېتىمدا گومىنداڭ ئەسكەرلىرى قىزىلدا جەمئىي سەككىز ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ قەبىرىسى ئۆتەڭ بازىرىدا ھازىرمۇ بار.  ( تۈگىدى )

مەنبە: «باي تارىخ ماتىرياللىرى»2-قىسىم مەرھۇم ھەسەن سەپەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا توپلىغان ماتېريالىغا ئاساسەن ئاساسەن رەتلىگۈچى : قەييۇم مەمتىمىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anwar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-8-29 17:56  



يازمىلىرىم تورداشلارغا  ھوزۇر بېغىشلىيالىسا ئۆزەمنى بەخىت ھىس قىلاتتىم....

Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
77
تىللا
247
تۆھپە
10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 11:26:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1934-يىلىغۇ دەيمەن ، ماجۇڭيىڭ قوشۇنلىرى بايدىن ئۆتكەندىمۇ ياتۇر قاتارلىق جايلاردا قىرغىن ئېلىپ بارغانىكەن،قايسى بىر يىلى تەلۋىچۈك كۆۋرۈكى بېشىدىكى كىتابچى ئادەمنىڭ قولىدا شىنجاڭ تارىخ ماتىريالىنىڭ بىر سانىدا كۆرگەنىدىم، سېتىۋېلاي دېسەم ئىگىسى بار كىتابكەن، ئىگىسى كېلىپ ئىلىپ كەتكەنتى، سىزدە بار بولسا يوللاپ قويغان بولسىڭىز تولىمۇ ياخشى بولاركەن.


Rank: 1

تېما
4
قىزغىنلىق
62
تىللا
119
تۆھپە
18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-2 00:24:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ چاغلاردا نەق مەيداندا تۇرۇپ بۇ ئىشلارغا شاھىد بولغاندەك بىر خىل ئىچىم ئاچچىق بولدى.


Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
22
تىللا
59
تۆھپە
10
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-2 17:26:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىدىكى بىرقىسىم كىشىلەرنى تۇنۇيدىكەنمەن مەسىلەن:مامۇت بۇرۇت،مەمەتخان (كورمەك)دىگەن كىشىلەرنى.مامۇت بۇرۇت دىگەن كىشى ئىلى ئارمىيسىگە قاتناشقان ۋە نۇرغۇن قەھىرمانلىقلارنى كورسەتكەن ئىكەن،


ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلەيمەن

Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
52
تىللا
64
تۆھپە
10
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 17:15:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت !!تېخىمۇ كۆپرەك يوللاپ قۇيارسىز   ....قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-16 08:15 , Processed in 0.107564 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش