گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 267 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 199|ئىنكاس: 3

25-ئاۋغۇسىت ئالتۇن 200دوللاردىن ئارتۇق چۈشۇپ كەتتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
25
تېما
28
قىزغىنلىق
282
تىللا
780
تۆھپە
197
توردا
52 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-26 00:51:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈلۈشكۈن يەنى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى  سەيشەنبە ئالتۇن ئۈچۈن يىڭى نوقتا يارىتىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇرغان كۈن بولغان بولسا شۇنىڭغا ئۇلاپلا يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنى نادامەتتە بازارغا ئېسىلدۇرۇپ قويغان بىر كۈن بولدى. ئالتۇن شۇ كۈنى  تاڭ سەھەردە ئەڭ ئاخىرقى چۇققا نوقتا 1912 دوللارلىق باھانى يارىتىپ كىشىلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى نوقتىلارغا مېڭىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرگەن بولسا ئۇلاپلا شۇ كۈنى تەڭ كىچىدە 1823 دوللارغا چۈشۈپ  كۈنلۈك چۈشۈش  نىسپىتى 89 دوللار يەنى  خەلق پۇلى بۇيىچە بىر كۈندە ھەر گىرامىدا 18 يۈەن چۈشۈپ كەتتى. ئۇلاپلا 1854 دوللارغا قاڭقىپ چىققان ئالتۇن يەنە كەچتە فونىستىرلىڭ، ياۋرۇ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ناچار ئېلان  قىلىنىشى، ئامرىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ياخشى ئېلان قىلىنىشى، ۋە باشقا نۇرغۇن خەلىقئارالىق ئىقتىسادى تەدبىر ئۆزگىرىشلەر بىلەن يەنە 105 دوللار چۈشۈپ 1750 دوللارغا كەلدى، مانا بۈگۈن يەنە تۆۋەنگە قارىتا ھەركەتنى باشلاپ تۆۋەنگە قارىتا يىڭى نوقتا 1729 نى ياراتتى.  شۇنىڭ بىلەن ئالتۇننىڭ چۈشۈشى 3 كۈن ئىچىدە 200 دوللارغا (ھەر گىرامىدا 41يۈەنگە توغرا كىلىدۇ) يېقىنلاشتى.  قاراپ باقساق بۇنداق چۈشۈش 2009-يىلى 12-ئايدىن 2010-يىلى 2-ئايغىچە 44 كۈندە كۆرۈلگەن. بىراق بۇ قېتىم پەقەت 3 كۈندىلا كۆرۈلدى. ھازىر ھالقىلىق تايانىچ نوقتا 1723 دوللارلىق باھا رايۇنىغا قىستاپ كەلمەكتە. ئالتۇن بازىرىنىڭ كۈچلۈك ھالىتىنىڭ بۇنداق تىزلا ئاجىزلىققا قاراپ ئۆزگىرىشى ئالتۇننىڭ بۇندىن كىيىن ئەمدى ئۆسمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. چۈنكى بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق تەڭشىلىشلەر بولغان ۋە كىيىن داۋاملىق ئۈسۈپ ھازىرقىدەك تارىخى نوقتىلارنى ياراتقان. بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، بىز دائىم خەتەر ئۈسۈشتىن پۇرسەت چۈشۈشتىن كىلىدۇ دەپ كىلىۋاتىمىز. قانچە يۇقىرلىغانسىرى تەھللىلەردە زىياننى قاتتىق كونتىرول قىلىشنى تەكىتلەپ كىلىۋاتىمىز، بۇنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇنداق ئىنسانلارنىڭ بىر نەرسىگە زىيادە قىزىقىشى ۋە تالىشىشى نەتىجىسىدە ئۇنى ئۆز قىممىتىدىن زىيادە ئۆستۈرۋىتىدىغان خفرەكتىرنىڭ نەتىجىسى ئىدى. مۇشۇنداق قىممىتىدىن ھەسسىلەپ  ئۈسۈپ كەتكەن بازارنىڭ كۈپۈك بازار ھىساپلىنىدىغانلىقى ۋە تۇلىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدىن بولغان ئىدى. چۈنكى بۇرۇنمۇ پاي بازىرىدا ئۆز قىممىتىدىن نەچچە ئون ھەتتا نەچچە يۈز ھەسسە ئۈسۈپ كەتكەن كۈپۈك پايلار بارلىققا كەلگەن، پاي كۆرسەتكۈچىمۇ مۇشۇنداق تىك ھالەتتە 6000دىن ئېشىپ كەتكەن، كىيىن ھەممە نەرسىنىڭ ھامان ئۆز قىممىتىغا لايىق بۇلۇشىدەك قانۇنىيەت بىلەن  تەتۈر  V شەكىللىك  چۈشۈپ ئۆزى ئۈسۈشكە باشلىغان دەسلەپكى نوقتىلارغا كەلگەن ئىدى.  
بىر ھەپتە ئاۋۋال ئالتۇن 1800 دوللارغا چىققاندا بىر ماتىرىيالدا داڭلىق مەبلەغ سالغۇچى سولوسنىڭ ئالتۇن فوندىدىكى بارلىق ئالتۇننى قولدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم، ئۇنىڭ كۆز قارىشى ئالتۇن زىيادە كۆپۈك بازار ھالىتىگە كىلىپ قالدى دەپ قارايدىكەن. دىمەك يەنىلا ئۇنىڭ ھۆكۈمى توغرا چىقتى.
:ئالتۇن ئۈچۈن يىڭى تارىخى نوقتا يارىتىش يەنە ھامان يۈز بىرىدىغان ئىش بولسىمۇ، زىياندە تىز سۈرەتلىك بازار ھالىتىدىن چىقىپ كىتىشى بىر مەزگىل يىڭى نوقتا يارىتىشتىن ۋاقىتلىق توختىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا ئالتۇن بازىرىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا تەكىتلەيدىغىنىمىز يەنىلا زىيان نوقتىنى ئۆزىمىز قۇبۇل قىلالايدىغان دائىرىدە بەلگىلەپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن سودا قىلىش ئاقىلانە تاللاش.
.بىز داۋاملىق خەلقئارادىكى چوڭ ئالتۇن فوندىلىرى ۋە ئالتۇن زاپاس مىقدارى يۇقىرى بولغان ياۋرۇپا ئامرىكا دۆلەتلىرىنىڭ ئالتۇن زاپاس مىقدارىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىكى يىڭى تەدبىرلىرى بارمۇ يوق قاتارلىقلارغا كۆز يۈگۈرتىۋەتكەندىن كىيىن، كىيىنكى سودىلىرىمىزنى ئورۇنلاشتۇرساق بولىدۇ.

مەنبە :  http://bbs.misranim.com/read.php?tid=58973


يازمىلىرىم تورداشلارغا  ھوزۇر بېغىشلىيالىسا ئۆزەمنى بەخىت ھىس قىلاتتىم....

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تېما
30
قىزغىنلىق
541
تىللا
2110
تۆھپە
77
توردا
798 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-26 01:29:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ئازىراق چۈشسە بوپتىكەن


Rank: 3Rank: 3

تېما
34
قىزغىنلىق
597
تىللا
728
تۆھپە
374
توردا
99 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-26 23:30:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا يەنە ئازىراق چۈشسە بوپتكەن.........باشقا نەرسىلەرمۇيەنى گۆشنىڭ باھاسىمۇ مۇۋاپىق بولسا بۇلاتتى............


گۈزەل باي توى بىزنىڭ ھەم سىزنىڭ ئىللىق ماكانىمىز

Rank: 3Rank: 3

تېما
13
قىزغىنلىق
325
تىللا
1350
تۆھپە
185
توردا
106 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 01:47:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ كۈندىن كۈنگە ئۈسىۋاتدۇ ئاددىيسى 100يۈەنگە تۈزۈكرەك بىر نەرسىمۇ سېتىۋالغىلىمۇ بولمايۋاتسا پۇل پاخاللىقى  يۈز بېرۋاتاندۇ قانداق....


سۈكۈت قىلىش -ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان كىشلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-16 00:43 , Processed in 0.102344 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش