گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 276 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 165|ئىنكاس: 1

مۇسۇلمانلار ياراتقان10چوڭ كەشپىيات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
38
تېما
37
قىزغىنلىق
612
تىللا
771
تۆھپە
380
توردا
99 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 00:56:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلار بىلىسىلەر، جوڭگونىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتى بار، بىراق مۇسۇلمانلارنىڭ ئون چوڭ كەشپىياتىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ قېنى ئەمىسە بىزنىڭ قەدىمكى دىنىي قېرىنداشلىرىمىز قانداق كەشپىياتلارنى ياراتقانكىن بىر كۆرۈپ باقمايلىمۇ...
  
1.تاشقى كېسەل ئوپىراتسىيىسى

  مىلادى 1000- يىللىرى تىۋىپ ئەل زەھرەۋى 1500 بەتلىك بىر تاشقى كېسەل ئوپىراتسىيىسى قامۇسىنى يازغان. كىتابتا تاشقى كېسەل ئوپراتسىيىلىرى رەسىم بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ چۈشەندۈرۈلگەن. كېيىنكى بەش يۈز يىل مابەينىدە، بۇ كىتاب ياۋروپالىقلارنىڭ تىدبى ئىلىم ئۆگىنىشىدىكى مۇھىم پايدىلىنىش ماتىرىيالىغا ئايلانغان. ئەل زەھرەۋىنىڭ بۇ ئەسىرى ئۇنىڭ ئىنسانلار تارىخىدىكى تۇنجى تۇغۇتتا قورساقنى يېرىش ئۇسۇلىنى قوللانغان دوختۇر ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ ھەم قىسقۇچنىمۇ كەشپ قىلغان.

2.قەھۋە
غەرىبلىكلەر ياختۇرۇپ ئىچىدىغان قەھۋە 9- ئەسىردە يەمەندە بايقالغان. كېيىن تەخمىنەن 13- ئەسىردە قەھۋە تۈركىيىگە ئېلىپ كېلىنگەن. 16- ئەسىردە ئاندىن ۋىنىتسىيە سودىگەرلىرى ئۇنى ياۋروپاغا ئېلىپ كىرگەن.

3. ئۇچقۇ
  ئابباس ئىبىن فىرناس تارىختىكى تۇنجى ئۇچقۇ ئارقىلىق ئۇچۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان كىشى. 9- ئەسىردە ياشىغان بۇ كىشى بىر قانات ئورناتقان ئۇچقۇنى لايھىيىلىگەن. ئۇنىڭ بۇ لايھىيىسى قارىماققا قۇشلارغا تەقلىد قىلىنغان كىيىمگە ئوخشايتتى.

4.ئۇنۋىرستىت(ئالىي مەكتەپ)
مىلادى 859- يىلى فاتىمە ئەل فىرخى ئىسىملىك ياش مەلىكە موروككودا تۇنجى بىلىم يۇرتىنى بىنا قىلغان. ئۇنىڭ سىڭلىسى مەرىيەم بىلىم يۇرتىغا يانداش قىلىپ بىر مەسچىت سالدۇرغان. بۇ ئىككى ئىمارەت دەل ھازىرقى ئەل قاراۋىييىن مەسچىدى ۋە ئەل قاراۋىييىن ئۇنۋىرىستىتى.

5.ئالگېبرا
ئالگېبرانى 9- ئەسىردە ياشىغان بىر پارىس ئۆلىما ئۆزىنىڭ بىر پارچە ئىلمىي ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنى تەرجىمە قىلغاندا ئاساسىي مەنىسى خۇلاسە ۋە مۆلچەر دېگەنلىك بولىدۇ.

6. نۇر ئىلمى

مىلادى 1000- يىللىرى ئەتراپىدا ئىبىن ھەيزەم ئىسىملىك بىر كىشى، ئىنسان كۆزى بىلەن كۆرگەن جىسىمنىڭ نۇرنىڭ جىسىمغا چۈشكەندىن كېيىن كۆزدە تەسۋىر ھاسىل قىلىدىغانلىغىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ھەم ياۋروپالىقلارنىڭ، ئىنسانلار كۆرگەن تەسۋىر، كۆزدىن چىققان نۇرنىڭ جىسىمغا چۈشۈشىدىن شەكىللىنىدۇ دېگەن نەزىرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.

7.مۇزىكا
ئوتتۇرا شەرىقتىن ياۋروپاغا كىرگەن چالغۇ ئەسۋابلار ئىچىدە، لۇت دەپ ئاتىلىدىغان بىر ساز بولۇپ بۇ ھازىرقى ئىسكىرىپكىنىڭ دەسلەپكى شەكلى ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاھاڭ شىكالىسى ئەرەپ رەقەملىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.

8. چىش چوتكىسى
  ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىلادى 600- يىللىرىدىلا مىسۋاك ئىشلىتىشنى سۈننەت دەپ بېكىتكەن. مانا بۇ ئەڭ بۇرۇنقى چىش چوتكىسى ھېسابلىنىدۇ.

9. جەينەكلىك  ئوق  
ھازىرقى زامان ئاپتوماتىك قۇرۇلمىلىرىنىڭ ئاساسىنى قەدىمكى زاماندىلا مۇسۇلمانلار تىكلىگەن. بۇ ھەم جەينەكلىك ئوقنىڭ ئىشلىتىلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جەينەكلىك ئوق 12-ئەسىردە ياشغان ئەل جەزىرى ئىسىملىك كىشىنىڭ كەشپىياتى بولۇپ. ئۇ ھازىرقى دېۋىگاتىل، ۋەلىسپىت قاتارلىقلاردا كەڭ ئىشلىتىلىدۇ.

10. دوختۇرخانا
ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى دوختۇرخانىنى مىلادى 872- يىلى قاھىرەدە قۇرۇلغان ئەھمەد ئىبىن تۇلۇن دوختۇرخانىسى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ دوختۇرخانا ئىسلام ئەقىدىلىرى بويىچە يېتىم-يېسىر، ئاجىز، مېيىپ، ياشانغانلارنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز داۋالاش ئۈچۈن قۇرۇلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شاھمات، تورپىدا، پاراشوت، قاتارلىقلارمۇ ئىسلام ئەللىرىدە بارلىققا كەلگەن. قانداق بۇلارنى كۆرۈپ  ئاشۇلارنىڭ  ئەقىل پاراسىتىگە ئاپىرىن  ئېيتقانسىز.









  





















گۈزەل باي توى بىزنىڭ ھەم سىزنىڭ ئىللىق ماكانىمىز