ئىسمى جىسمىغا لايىق گۈزەل ماكان ــ باي ناھىيىسى
7.باپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى،مەنزىرلىك جايلار ۋە ساياھەتچىلىك
باي ناھىيىسى قەدىمدە كۆسەن دۆلىتى قۇم بەگلىكىگە تەۋە ئىدى. ناھىيە تەۋەسىدە ھەر قايسى دەۋىرلەرگە مەنسۇپ نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئاسارە- ئەتىقىلەر بار. 2000- يىلى 10- ئايدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىدىن 67 سى تىزىملىنىپ روھىخەتكە ئېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىدىن: قىزىل مىڭ ئۆيى، ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدىن: ئونباش مىڭ ئۆيى، لىيۇ پىڭگونىڭ چېگرا قۇرۇلىنى باشقۇرغانلىقى بايان قىلىنغان تاش ئويما، دۇگان قەدىمىي قەبرىستانلىقى، قۇملۇق ئېقىن قاتارلىقلار بار. ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدىن: 61 ى بار.
ناھىيە تەۋەسىدە ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ، گۇمانتارلىق مەنزىرە نوقتىسى ۋە تەبىئى مەنزىرە نوقتىسىدىن 124 ى بار. ئۇلار يالغۇز باي ناھىيىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرلىك جايلىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە تارىخي، ئارخىلوگىيەلىك قىممەتكىمۇ ئىگە.
3.§ ساياھەتچىلىك
70- يىللاردىن بويان ناھىيە قىزىل مىڭ ئۆيىدە مۇللازىمەت نوقتىسى قۇرۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۆپ قېتىم كۈتىۋالدى. چەتئەللەردىن، چەتئەللەردىكى جوڭگو مۇھاجىرلىرىدىن، شاڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلاردىن بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر باي ناھىيىسىگە ئارقا- ئارقىدىن ساياھەتكە كەلدى. 90- يىللاردىن باشلاپ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىدە كۆرىنەرلىك ياخشىلىنىش كۆرۈلگەنلىكتىن، ساياھەتچىلىك خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدىكى موھىم بىر تۈر بولۇپ قالدى. ھازىر ناھىيە بازىرىنى مەركەز قىلغان، كۆللىكتىپ ۋە شەخسلەر باشقۇرۇشىدىكى ساياھەت نوقتىلىرى قۇرۇلۇپ، ساياھەت تورى شەكىللەندى.
1997- يىلى تاشقى ئىشلار ــ مۇھاجىرلار ئىشلىرى ــ ساياھەتچىلىك ئىشخانىسى قۇرۇلدى. 1999 - يىلى 7- ئايدا ناھىيىلىك ساياھەت ئىدارىسى قۇرۇلدى. 8- ئايدا ساياھەت شېركىتى قۇرۇلدى.
ساياھەت تۈرلىرى
ناھىيىنىڭ ساياھەت تارمىقى ئېچىپ يولغا قويغان ساياھەت تۈرلىرى ئاساسلىقى قىزىل مىڭ ئۆي، قىزىل سۇ ئامبىرى، تېرەك ئارشىڭى، باراباغ- قېيىر خەلقئارا ئوۋچىلىق مەيدانى، قىزىل ئالۋاستى شەھرى، باي ناھىيە بازىرى، قارا2- گازلىقى، چوڭ ئاپا ھور ئارشىڭى، قىزىل كۆل بويى ئارامگاھى، ئەسىر مەيدانى، ياقا ئېرىق يارداڭلىقى، تېرەك ئورمان باغچىسىدىن ئىبارەت 12 ساياھەت نوقتىسىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
ھازىرچە ئېچىلغان ساياھەت لېنىيىسى تۆت.
1- لېنىيە: قىزىل مىڭ ئۆي ← قىزىل سۇ ئامبىرى ← قىزىل كۆلبويى ئارامگاھى ← مىللىي تۇرالغۇ ← مىللىي ئۆرپ- ئادەت كوچىسى ← باي ناھىيە بازىرى.
2- لېنىيە: قىزىل مىڭ ئۆيى ← قىزىل ئالۋاستى شەھرى ← قارا 2- گازلىقى ← لىيۇ پىڭگونىڭ چېگرا قۇرۇلىنى باشقۇرغانلىقى بايان قىلىنغان تاش ئويما ← باي ناھىيە بازىرى.
3- لېنىيە: ياقا ئېرىق يارداڭلىقى ← ئەسىر مەيدانى ← تېرەك ئورمان باغچىسى ← تېرەك ئارشىڭى ← باي ناھىيە بازىرى.
4- لېنىيە: ئېكىسپىدىتسىيەلىك ساياھەت ← قار لەيلىسى چوققىسى ← چوڭ ئارپا ھور ئارشىڭى.