گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 508|ئىنكاس: 4

1.§باي ناھيىسىدىكى ئاقارتىش خىزمىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
55
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 5
تىللا: 1618
تۆھپە : 344
توردا: 36
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-6-11
ئاخىرقى: 2012-7-28
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-15 19:13:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىسمى جىسمىغا لايىق گۈزەل ماكان ــ باي ناھىيىسى
6.باپ مەدەنىيەت
1.§ ئاقارتىش خىزمىتى

خەن سۇلالىسى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئارلىقىدا باي ناھىيىسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىمىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسى روشەن ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىدى. مەشھۇر قىزىل مىڭ ئۆي، ئونباش ۋە تېتىر قاتارلىق 10 جايدىكى مىڭ ئۆيلەر ئەينى دەۋىردىكى باي مەدەنىيىتى بىلەن سىرتىن كىرگەن مەدەنىيەتنىڭ بىر- بىرىگە قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، غەرىبىي يۇرت مىڭ ئۆي مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىسى دەپ ئاتالغان. مەشھۇر تارىخشۇناس موللا مۇسا سايرامى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى موھىم تارىخىي ۋەقەلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغان تارىخىي ئەسەر ــ «تارىخىي ئەمىنىيە» بىلەن «تارىخي ھەمىدى» نى يازغان 20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەشھۇر شائىر نىم شېھىت «پەرھات- شېرىن»، «ۋەتەن مۇھەببىتى»، «يۈرەك سۆزى» قاتارلىق شىئېر توپلاملىرىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدا زور تەسىر قوزغىغان.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن سايرام مەشرىپى شىنجاڭ مەشرەپلىرىنىڭ موھىم تەركىۋى قىسمىغا ئايلاندى. كىشىلەرنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشى جانلاندى.  

1.ئويغۇر، خەنزۇ مەدەنىي ئاقارتىش ئويۇشمىلىرى

مىنگونىڭ 24- يىلى(1935- يىلى) باي ناھىيىسىدە ئويغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئويۇشمىسى قۇرۇلدى. ئويۇشمىنىڭ يىتەكچىلىكى ئاستىدا مائارىپ، تەشۋىقات ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت قاتارلىق تارماقلار رەسىس قىلىنىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ مەمۇرىي فوكىسسىيەسىنى يۈرگۈزدى. ساۋۇت ھاپىز داموللام ئويۇشمىنىڭ 1- نۆۋەتلىك رەئىسى بولدى.
1941- يىلى رەھمۇتۇللا يۈسۈپ داموللام ئۇيۇشمىنىڭ 2- نۆۋەتلىك رەئىسى بولدى. ھەسەن ئېلى ئويۇشمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى.
مىنگونىڭ 28- يىلى (1939- يىلى) 2- ئايدا خەنزۇ ۋە خۇيزۇ مەدەنىي ئاقارتىش شۆبە ئويۇشمىسى قۇرۇلدى. 1944- يىلى بۇ ئويۇشما ئەمەلدىن قالدى.

2.ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى

1953- يىلى ناھىيىلىك مەدەنىيەت- مائارىپ بۆلىمى قۇرۇلۇپ، مەدەنىيەت مائارىپ خىزمىتىگە مەسئول بولدى. 1956- يىلدىن باشلاپ مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھيە، تەنتەربىيەگە مەسئول ئاپىراتلار بەزىدە قوشۇۋېتىلدى. بەزىدە ئايرىم تەسىس قىلىندى. 1990- يىلى ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى قۇرۇلدى. 1998- يىلى مەدەنىيەت ئىدارىسى بىلەن تەنتەربىيە كومىتېتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسى قۇرۇلدى.

3.ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتى

1951- يىلى ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتى قۇرۇلدى. 1955- يىلى مەدەنىيەت ىۇرتىنىڭ قىرائەتخانىسى، بەشنەپەر خادىمنىڭ مۇلازىمەتچىلىكى بىلەن كەڭ ئاممىغا ئېچىلدى. 1962- يىلدىن باشلاپ كۆرگەزمە قىلىش، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئەدەبىيات- سەنئىتى، دىھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايۇنلىرى مەدەنىيەت ئىشخانا قۇرۇلۇشى ۋە دىھقانلارنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىي پائالىيەتلىرى قاتارلىق پائالىيەتلەر باشلاندى. 1993- يىلى مەدەنىيەت يۇرتىدا سىياسى- ئىقتىساد، ئەدەبىيات، پەن- تېخنىكا، تارىخ ۋە جۇغراپىيە قاتارلىق تۈرلەر بويىچە جەمئى 47 مىڭ پارچە كىتاپ ساقلانغان. 1985 ـــ 1999- يىلغىچە ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتى بىر قانچە قېتىم كۆچتى. شۇ سەۋەپتىن بىر قىسىم كىتاپلار يوقالدى ۋە چىرىپ كەتتى. 2000- يىلغا كەلگەندە ئاران 27 مىڭ پارچە كىتاپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەدەنىيەت خىزمىتى كۈچەپ تۇتۇلدى. ناھىيىدىكى سەككىز يېزا- بازار مەيداندا مەدەنىيەت پونكىتى قۇرۇلدى. ھازىر مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ قىرائەتخانا، كۈتۈپخانا، تەجىربىخانا، تەربىيىلەش ئۆيلىرى، شۇنداقلا باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھە- ئۈسكۈنىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن بار بولدى.

4.ناھىيىلىك شىنخۇا كىتاپخانىسى

1956- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى باي ناھىيىلىك شىنخۇا كىتاپخاناسى قۇرۇلۇپ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق شىنخۇا كىتاپخانىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولدى. 1958- يىلى ناھىيىلىك مەدەنىيەت مائارىپ  بۆلۈمىگە تەۋە بولدى. 1956- يىلى كىتاپخانا ئاساسلىقى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك ماتىرياللىرىنى تارقاتقاندىن باشقا قىسمەن كىتاپ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللاندى. 1980- يىلدىن باشلاپ، ئاساسىي نىشاننى كىتاپ تىجارىتى قىلىشقا قاراتتى.

5.كىنو ئاپىراتى

40- يىللاردا جەنۇبىي شىنجاڭدا سەييارە كىنو قويۇش ئەترىدى بىر- ئىككى يىلدا بىر قېتىم باي ناھىيە بازىرىغا كىلىپ، كىنو قويۇپ بىرەتتى. قويۇلغان فىلىملەرنىڭ تولىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن فىلىملەر ئىدى. 50- يىللارنىڭ باشلىرىدا ئاقسۇ ۋىلايىتىدە سەييارە كىنو قويۇش ئەترىدى قۇرۇلدى. بۇ ئەترەت بىر قانچە ئايدا بىر قېتىم ناھىيە بازىرىغا كېلىپ كىنو قويۇپ بېرەتتى. يېزىلارغا ناھايىتى ئاز باراتتى. 1956- يىلى ناھىيىلىك كىنوخانا ۋە كىنو قويۇش ئەترىدى قۇرۇلدى. شۇ چاغدا كىنو قويۇش ئاپىراتىدىن ئىككىسى بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئەترەت يېزا- بازارلاردا سەييارە كىنو قويدى.  


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  806
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 967
تۆھپە : 23
توردا: 55
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-12-20
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 10:33:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aa
ھەقىقەتەن ياخشى يوللاپسىز...بولسا ساۋۇت ھاپىز داموللامنىڭ تەرجمھالىنى چىقارساق ياخشى بۇلاتتىكەندۇق...تۇنجى مائارىپچى،باي پەننى مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى............


ھەرىكەت ئادەتنى بەلگىلەيدۇ،ئادەت خاراكتىرنى بەلگىلەيدۇ،

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1371
تۆھپە : 400
توردا: 112
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-5-24
ئاخىرقى: 2012-9-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 08:50:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ناھىيىمىزنىڭ بۇرۇنقى تارىىخى ماتىرياللىرى كۆپرەك يوللانسا دەيمەن ...
خېلى كىتاپلاردىمۇ بۇنداق ياخىشى مەزمۇنلارنى ئۇچىراتماق تەسكەن.


گۈزەل باي توى بىزنىڭ ھەم سىزنىڭ ئىللىق ماكانىمىز

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1126
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 127
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-2-29
ئاخىرقى: 2012-4-7
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 20:59:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يوللاپسىز!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەچمىش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-9 21:03  



Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  894
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1673
تۆھپە : 156
توردا: 198
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2012-10-20
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 11:48:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخنى ئۇنتۇلۇش-ئەڭ چوڭ جىنايەت، رەھمەت تېمىڭىزغا بولسا مۇشۇنداق تېمىلار كۆپراق يوللانسا ئىكەن، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن


دۇنيا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بىلەن گۈزەلدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 12:06 , Processed in 0.157321 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش