گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 367|ئىنكاس: 1

3.باپ باي ناھىيىسىنىڭ سانائىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
55
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 5
تىللا: 1618
تۆھپە : 344
توردا: 36
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-6-11
ئاخىرقى: 2012-7-28
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-14 22:55:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىسمى جىسمىغا لايىق گۈزەل ماكان ــ باي ناھىيىسى
3.باپ باي ناھىيىسىنىڭ سانائىتى

باي ناھىيىسىنىڭ سانائىتى يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىپ تەدىرىجى تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان.«قەدىمقى خەننامە»دە كۆسەندە مېتال ئېرىتەلەيدىغانلىقى خاتىرلەنگەن. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كۆسەن دىيارىدا ناھايىتى سۈپەتلىك ھالدا  مىس پۇل قۇيۇلغان. بۇ مىس پۇللارغا باي ناھىيە تەۋەسىدىكى مىس كانلىرىنىڭ مىسلىرى خام ئەشيا قىلىنغان. مىس بۇيۇملارنى ياساشمۇ خېلى يوقۇرى سەۋىيەگە يەتكەن. بىز بۇنى ئەينى دەۋر رىياللىقىغا نىسبەتەن سانائەت دەپ قارىساقمۇ، بىراق ھازىرقى سانائەت دەۋرىگە نىسبەتەن يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى. ئازاتلىقتىن بۇرۇن ئايرىم ساندىكى بىر قىسىم مىس كېنى، كۆمۈر كېنى، تاشتۇز كېنىدىن باشقا يەنە قول سانائىتىنى ئاساس قىلغان بىر نەچچىلا كارخانا بار ئىدى.
1951-يىلى ناھىيە تەۋەسىدە تۇنجى ياغاچچىلىق ــ تۆمۈرچىلىك ھەمكارلىق كارخانىسى قۇرۇلدى. 1956 – يىلىغا كەلگەندە كارخانىلار نىسبەتەن كۆپۈيۈپ، يېزا- بازارلاردا ماشىنچىلىق، تۆمۇرچىلىك، موزدوزچىلىق كاپىراتىپلىرى تەشكىل قىلىندى.ناھىيە بازىرىدا ماي زاۋۇدى، قول سانائەت بىرلەشمە كوپراتىۋى قۇرۇلدى. 1958-يىلى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش» مەزگىلىدە دۆلەت، يەرلىك ئورۇن، كوللىكتىپ ۋە شەخسلەر 433مىڭ 950 يۈەن مەبلەغ غەملەپ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كىچىك پولات-تۆمۈر زاۋۇدى، تېرەك كۆمۈر كېنى، كىچىك تىپتىكى سۇ ئېلقكتىر ئىستانسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش-ياساش زاۋۇدى، بىناكارلىق ماتىرياللىرى زاۋۇدى، تۇز كېنى، يىمەكلىك زاۋۇدى ۋە ئۇلاغ تىرانسىپورت كارخانىسى قاتارلىقلارنى قۇردى. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى» مەزگىلىدە خىش زاۋۇدى، ئوت ئېلىكتىر ئىستانسىسى، تۇز زاۋۇدى قاتارلىق زاۋۇتلار قۇرۇلدى. تېرەك كۆمۈر كېنى قۇرۇلىشى كېڭەيتىلدى. «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى» ئاخىرلاشقاندىن ھۆكۈمەت باشقۇرشىدىكى نۇرغۇن كارخانا-زاۋۇتلار شەخسىلەرگە ھۆددە بىرىلدى. ھۆكۈمەت شەخسيىلەرنىڭ زاۋۇت، كان-كارخانا قۇرۇشىغا ئىلھام بەردى.بۇنىڭ بىلەن ناھىيە بازىرى ۋە ھەر قايسى يېزا- بازارلاردا دىخان ئائىلىلىرىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى توك تۈگمىنى، ياغ تارتىش ماشنىسى، تاختاي تىلىش ماشنىسى، چوڭ-كىچىك ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى رېمونت قىلىش كارخانىسى ۋە بىر قىسىم يىمەكلىك، ئىچىملىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرى قۇرۇلدى. 2000-يىلدىن باشلاپ ناھىيە يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شەرتى ئاساسىدا سانائەتلىشىش يولىغا ماڭدى. ھازىر ناھىيىنىڭ ئېلىكتىر سانائىتى، قازمىچىلىق سانائىتى، سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك باشلامچى كارخانىلىرى كۈنسايىن تەرەققىي قىلىپ،ئىناق گۈللەنگەن باي قۇرۇش، ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق جەمىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس تۇرغۇزىلدى.

1.ئېلىكتىر سانائىتى

ئېلىكتىر ئىستانسىسى، ئوت ئېلىكتىر ئىستانسىسى ۋە سۇ ئېلىكتىر ئستانسىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .  
        باي ناھىيەسىنىڭ تۇنجى ئوت ئېلىكتىر ئىستانسىسى، بۇلۇڭ يېزا چارۋىچىلىق فېرمىسىدا 1966-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دەسلەپكى گېنراتۇرلار ئومۇمىي سىغىمى 31مىڭ 500كىلوۋات ئىدى. ھازىر گېنراتۇرلار سىغىمچانلىقى كېڭەيتىلگەندىن كېيىن 548مىليون 240مىڭ كىلوۋات سائەت توك تارقىتالايدىغان بولدى. 1986-يىلى 5-ئايدا بۇ ئىستانسا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىنىڭ باشقۇرشىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلدى. ئېلىكتىر تورى ۋىلايەتتىكى سەككىز ناھىيە بىر شەھەرنى قاپلايدۇ. ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئوت ئېلىكتىر ئىستانسىسى.
        سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى،ناھىيىمىزدە سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسىدىن 13ى بولۇپ، ھەر قايسى يېزا-مەيدانلاردا دىگۈدەك بار بولۇپ 1972-يىلدىن باشلاپ قۇرۇلۇشقا باشلىغان.ئۇلارنىڭ ئومۇمىي گېنراتۇرلار سىغىمچانلىقى 8980كىلوۋات سائەت.بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان ئىستانسىلاردىن قىزىل سۇ ئامبىرى ئېلىكتىر ئىستانسىسى، ياقۇتان سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى قاتارلىقلار بار. ھازىر قىزىل سۇ ئامبىرى ئېلىكتىر ئىستانسىسى يىلىغا112مىليون 790مىڭ كىلوۋات سائەت، ياقۇتان سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى يىلىغا 1مىليون 600كىلوۋات سائەت توك تارقىتالايدۇ. باي تېرەك ئوت ئېلىكتىر ئستانسى، قىزىل سۇ ئامبىرى ئېلىكتىر ئىستانسى ۋە ياقۇتان سۇ ئېلىكتىر ئىستانسى ئۆز ئارا تورلاشتۇرلۇپ، چوڭ ئېلىكتىر كۈچى مەنبەسىنى شەكىللەندۈردى.

2.قازمىچىلىق سانائىتى

        كۆمۈر قېزىش: ناھىيە تەۋەسىدە كۆمۈر زاپىسى مول، سۈپىتى ياخشى، شۇڭا ناھىيىمىزنىڭ « جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆمۈر مەركىزى»دىگەن نامى بار. ناھىيىنىڭ شىمالدىكى تاغلىق رايۇنلاردا، شەرقتىن- غەرپكە مول كۆمۈر قاتلىمى شەكىللەنگەن. توغرىسىغا تاغ ئارىسىغا نەچچە مىڭ مېتىر ئىچكىرلەپ كىرگەن. گېئولوگىيەلىك زاپىسى تەخمىنەن 200مىليون توننىغا، شەكىللەنگەن كۆمۈر قەۋىتى 13 قەۋەتكە  يىتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ھازىرچە قېزىشقا بولىدىغان قەۋەت 6-7 قەۋەتكىچە، ئوتتۇرچە قېلىنلىقى 15 مېتىردىن، يەككە قەۋىتىنىڭ قېلىنلىقى 10مېتىردىن ئاشىدۇ. ھازىر ناھىيە بويىچە 21 كۆمۈر كان، 40 كان قۇدىقى بولۇپ، يىللىق ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى 1مېليۇن 221مىڭ توننىدىن ئارتۇق.
        شىپات، چىرىمتال قېزىش: 1959-يىلى باشلانغان. شۇ يىلى 350 توننا چىرىمتال، 200 توننا سۈرمە، 100 توننا گەج قېزىلغان. 1986-يىلى ناھىيىلىك قېزىلما  مەھسۇلاتلار شېركىتى قۇرۇلدى. بۇ شېركەتنىڭ يىتەكچىلىكىدە ھەر قايسى يىللاردىكى شىپات، چىرىمتال، مانگان رودىسى قېزىش مىقدارى ۋە قىممىتى ئوخشاش بولمىدى. 2000-يىلى 200 توننا شىپات قېزىلدى.
        مانگان رودىسى قېزىش: 1989-يىلى ناھىيىلىك قېزىلما مەھسۇلاتلار شېركىتى مانگان رودىسى قېزىشنى تەشكىللىدى. شۇندىن باشلاپ مانگان قېزىش يىلمۇ-يىل داۋاملاشتى. 2000- يىلى 500 توننا مانگان رودىسى قېزىلىپ، قىممىتى 65 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
        ئاشتۇزى قېزىش: مىنگونىڭ 37-يىلى (1948- يىلى) باشلانغان شۇ يىلى 260 توننا ئاشتۇزى ئىشلەپچىقىرىلغان. 1967-يىلى باي ناھىلىك تۇش زاۋۇدى قۇرۇلغان.

3.ئاساسلىق كان-كارخانىلار

        1. ماي زاۋۇدى
بۇ زاۋۇت 1959-يىلى قۇرۇلغان. دەسلەپتە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق باي ناھىيىلىك ياغ زاۋۇدى بولۇپ قۇرۇلۇپ، سودا-سانائەت نازارىتىگە قاراشلىق بولغان. 1962-يىلى 8-ئايدا ناھىيىلىك ئاشلىق ئىدارىسىگە تەۋە بولدى. 2000-يىلغىچە بۇ زاۋۇت تۈرلۈك تېخنىكا ئۆزگەرتىش، ئىچكى قىسىمدا ئىگلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ھازىرقى بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا ماسلىشالماي ئاستا-ئاستا ۋەيران بولدى.
2.يېزا ئىگىلىك  ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش-ياساش  زاۋۇدى.
بۇ زاۋۇتنىڭ ئەسلى ئورنى ناھىيىلىك قول سانائەت كوپىراتىپى بولۇپ، 1956-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان. 1993-يىلى ئىشتىن توختىغان. 1998-يىلى 6-ئايدا ناھىيىلىك خەلق ھۆكىمىتى قايتىدىن تەشكىللەپ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتتى. ھازىر بۇ زاۋۇت پاي ھەمكارلىق تۈزىمىدىكى بەش كىچىك شېركەتتىن تەركىپ تاپتى.
3.تۇز زاۋۇدى
بۇ زاۋۇت باي بازىرىنىڭ تۇزبېشى كەنتىدە بولۇپ، 1958- يىلى قۇرۇلغان. بۇ ناھىيە ۋە ۋىلايەت تەۋەسىدىكى يودلۇق تۇز ئىشلەپچىقىردىغان بىردىن-بىر زاۋۇت.
4.بىناكارلىق ماتىرياللىرى زاۋۇدى
بۇ زاۋۇت ياتۇر يېزا تەۋەسىدە بولۇپ، 1966-يىلى خىش زاۋۇدى نامى بىلەن قۇرۇلغان. 1984-يىلى 10-ئايدا بىناكارلىق زاۋۇدىغا ئۆزگەرتىلگەن.
5. چوغتال كۆمۈر كېنى
بۇ كان 1958-يىلى قۇرۇلغان. كان رايۇنى ئخگەللىگەن يەر كۆلىمى 70مىڭ 660 كىۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ تەۋەسىدە ئۈچ قۇدۇق، بىر كوكۇس زاۋۇدى، بىر ماشنا ئىشلىرى ئەترىدى بار. 2000-يىلى باشقۇرۇشنىڭ ناچارلىقى كۆمۈر سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئىقتىسادى ئۈنۈمنىڭ ياخشى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم قەرزلەرنى قايتۇرالماي ۋەيران بولدى.
6. قېزىلما بايلىق شېركىتى
بۇ شېركەتنىڭ ئەسلى ئورنى ناھىيىلىك قوشۇمچە كەسپ ئەترىدى بولۇپ، 1960-يىلى قۇرۇلغان. ئۇ ناھىيە تەۋەسىدىكى قېزىلما رايلىقنى ئېچىش ۋە سېتىشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ شېركەت مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە تارقىتىۋېتىلگەن. 1976- يىلى 7- ئايدا قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. شېركەت تەركىۋىدە ئالتە ئىشلەپچىقىرىش گوروپپىسى بار. ھازىر بۇ شېركەت ئەسلىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شېركىتىنىڭ دېرىكتورى جىياڭ جىنخەيگە 100مىڭ يۈەنگە سېتىۋېتىلىپ، خۇسۇسلار باشقۇرشىدىكى شېركەتكە ئۆزگەردى.
7. ياقۇتان سۇ ئېلىكتىر ئىستانىسىسى
بۇ ئىستانسا ناھىيە بازىرىنىڭ غەرىبىي جەنۇبى مۇزارت دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقى مىچىغ يېزا تەۋەسىگە قايلاشقان بولۇپ، 1975-يىلى قۇرۇلغان. گېنراتۇرلىرىنىڭ ئومۇمى سىغىمى 500 كىلوۋات. 1997-يىلى ناھىيىلىك ئوت ئېلىكتىر ئىستانسىسى بىلەن تورلاشتۇرۇلدى.
8.شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق باي جامائەت خەۋىپسىزلىكى كۆمۈر كېنى (ج .خ نازارىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا)
بۇ كان ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىكى سوغان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، 1958-يىلى 6- ئايدا قۇرۇلغان. شۇ چاغدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جمائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى قارادۆڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ كۆمۈر كېنى ئىدى. 1961-يىلنىڭ بېشىدا جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلدى. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 60.5كىۋادىرات كىلومېتىر.
9.ئاقسۇ ۋىلايەتلىك باي سىمونت زاۋۇدى.(ۋىلايەتنىڭ باشقۇرۇشىدا)
بۇ زاۋۇت غەرىبىي شىمالدىكى تېرەك تاغلىق رايۇنىغا جايلاشقان. 1974-يىلى 7-ئايدا قۇرۇلغان. 1979-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1980-يىلى پولات-تۆمۈر زاۋۇدىنىڭ ئەسلىھە-ئۈسكۈنلىرى خادىملىرى بىلەن قوشۇلۇپ بۇ زاۋۇتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. زاۋۇت قۇرۇلغاندىن بويان ياراتقان پايدىسى خېلى زور بولدى. بىراق 1995-يىلغا كەلگەندە زىيان تارتىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. 1996-يىلى 5-ئايغىچە تارتقان زىيىنى 8مېليون يۈەن ئەتراپىدا بولدى.1997-يىلى ئىلگىركى بارلىق قەرىزلىرىنى قايتۇرۇپ، ئازراق پايدا ياراتقان بولسىمۇ، 2000-يىلى يەنە زىيان تارتىپ ۋەيران بولۇش ھالىتىگە بېرىپ قالدى.
10.ئاقسۇ باي ئوت ئېلىكتىر ئىستانسىسى (ۋىلايەتنىڭ باشقۇرۇشىدا)
بۇ ئىستانسا 1966-يىلى قۇرۇلغان. ھازىر ئىستانسىنىڭ ئومۇمىي گېنراتۇرلار سىغىمچانلىقى 81مىڭ 500كىلوۋات بولۇپ يىلىغا 548مىليون 240مىڭ كىلوۋات سائەت توك تارقىتالايدۇ. ئېلىكتىر تورى ۋىلايەتتىكى سەككىز ناھىيە بىر شەھەرنى قاپلىغان. ھازىر بۇ ئىستانسا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئوت ئېلىكتىر ئىستانسىسى بولۇپ قالدى.
11.ئاقسۇ ۋىلايەتلىك باي خېمىيىۋى ئوغۇت زاۋۇدى
بۇ زاۋۇت 1966-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، 2000توننا بىرىكمە ئامىياك، 4000توننا ئامونىي نېترات ئىشلەپچىقىرالايدىغان قىلىپ لاھىيەلەنگەن. بىراق زاۋۇتنىڭ باشقۇرۇلىشى ئۈنۈملۈك بولمىغانلىقتىن1993-يىلى ئىشتىن توختىتىلدى.
12.ئاقسۇ ۋىلايەتلىك باي تېرەك كۆمۈر كېنى (ۋىلايەتنىڭ باشقۇرۇشىدا)
بۇ كان ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىي تاغلىق رايۇنى قاپسىلاڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، 1966-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان.2000-يىلى 10-ئايدا باي ناھىيەسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلىپ تېرەك كۆمۈرچىلىك (گوروھى) چەكلىك مەسئولىيەت شېركىتى قىلىپ تەشكىللەندى.
13.يېڭىدىن قۇرۇلغان سانائەت ۋە يېزا ئىگلىك باشلامچى كارخانىلىرى
ھازىر ناھىيىمىزنىڭ سانائەت ۋە يېزائىگىلىك تەرەققىياتى ئىلگىركى ھەر قانداق يىللاردىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە يوقۇرى كۆتۈرىلدى. بۇنىڭدا ئاساسلىقى يېڭىدىن قۇرۇلغان بىر تۈركۈم ياردەمچىلىك رولى ۋە ياراتقان ئىقتاسادىي پايدىسى كۆرىنەرلىك بولدى. ناھىيە تەۋەسىدە 2000-يىلدىن كېيىن قۇرۇلغان سانائەت ۋە يېزائىگىلىك باشلامچى كارخانىلىرى: داۋانچى نېفىتلىكى، قىزىل قارا 2-گازلىقى، يۇڭچېڭ كۆمۈر ئېلىكتىر شېركىتى، كۇچا-باي كۆمۈر ئېلىكتىر بازىسى، مىسبۇلاق كۆمۈر كېنى، سۇلەخمە كۆمۈر كېنى، كۆمۈر كوكۇسلاش ۋە ئارتۇق ئىسسىقلىقتىن توك چىقىرىش شېركىتى، جۇڭگو ئاشلىق گوروھى تۈنخې باي پەمىدۇر قىيامى زاۋۇدى، قەيسەر گۆش يىمەكلىكلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش شېركىتى، مىڭشىڭ خېمىيە سانائىتى زاۋۇدى، جىنخۇي پولۋىنىل خىلورد زاۋۇدى، خۇاخۇي كانچىلىق تۇز خېمىيە زاۋۇدى، ۋەنباڭ قۇناق كىراخمالى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇدى، جىياڭدا ياڭيو كىراخمالى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇدى، شىمالىي قۇش تېمى گازلىقى، جوغا مىس كېنى ۋە مىچىغ، ياتۇر، توقسۇن يېزىلىرىدىكى ياغاچ ماتىرياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇدى قاتارلىقلار.

4.ناھىيە بازىرىنىڭ قۇرۇلۇشى
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە باي ناھىيىسى ئارسىيان شەھرى دەپ ئاتالغان. شۇ چاغدا شەھەر سېپىلىنىڭ ئايلانمىسى 1.3 چاقىرىم كېلەتتى. گۇاڭشۈينىڭ 8-يىلى(1882-يىلى) ناھىيە قۇرۇلۇپ، ناھىيىلىك مەھكىمە ھازىرقى باي بازىرىدا تۇرغان.
مىنگومىڭ 6-يىلى(1917-يىلى) 6-ئاينىڭ 9-كۈنى شىمال مىللىتارىستلار ھۆكۈمىتى مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئەزاسى شىيې بىن «شىنجاڭغا ساياھەت» ناملىق ئەسىرىدە ئۆزى باينى باينى كۆزدىن كەچۈرگەن چاغنى تەسۋىرلەپ،” بايدا قەلئە يوق ئىكەن “ دەپ يازغان. گومېنداڭ باي ناھىيىلىك ھۆكۈمىتى ھاكىم ئىمىن ساۋۇتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مېنگنىڭ 37-يىلى(1948-يىلى) 3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە باي بازىرىدا ئايلانمىسى 2550مېتىر، ئېگىزلىكى 6.5مېتىر، قېلىنلىقى 5.5مېتىر كېلىدىغان سېپىل سالدۇرغان. سېپىل تۈۋىگە چوڭقۇرلىقى 6.5مېتىر كىلىدىغان خەندەك كولاتقان. ئادەم ۋە ھارۋىلارنىڭ كىرپ چىقىشى ئۈچۈن بەش ئېغىز ئېچىلغان. مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن سېپىلنىڭ سەككىز يۋېرىگە زەمبىرەك سۇپىسى ياسالغان. شەھەر رايۇنىنىڭ شەرقتىن غەرىپكە ئوزۇنلىقى 400مېتىر، شىمالدىن جەنۇپقا كەڭلىكى 200مېتىر بولغان. يوللىرى تار، توپا-چاڭلىق ئىدى. بازاردىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى بىر قەۋەتلىك كېسەك ئۆيلەر بولۇپ، پەقەت بىرنەچچىلا دۇكان بار ئىدى.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 50 نەچچە يىل كۆرەش قىلىش ئارقىلىق، ناھىيە باززىرى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە زامانىۋى بازارغا ئايلاندى. نماھىيە بازىرىدا ھازىر قاتناش يولى، ئارشاڭ يولى، ئازاتلىق يولى، غالىبىيەت يولى، قۇرۇلۇش يولى، ئىتتىپاق يولى، قىزىلبايراق يولى قاتارلىق ئاساسلىق يول كوچىلار بار. بازار ئىچى يوللىرىنىڭ ئومۇمىي ئوزۇنلىقى 18.2كىلومېتىرغا يىتىدۇ. 1999-يىلى باي بازىرى «مەملىكەت بويىچە شەھەر موھىيىتىنى ئۇنۋېرسال تۈزەشتە ئەلا ناھىيە بازىرى» بولۇپ باھالاندى. 2000-يىلى «ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە تازلىقتا ئەڭ ياخشى ناھىيە بازىرى» بولۇپ باھالاندى.
ئىقتىسادى قۇرۇلۇشنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بازار رايۇنى ئىچىدە بىر قانچە كىچىك بازارلار ۋە سودا-سېتىق ئورۇنلىرى قۇرۇلدى. ئۇندىن باشقا يەنە بازار ئىچى سانائىتىدە يېزائىگىلىك ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش ۋە ياساش، ئاشلىق، ياغ پىششىقلاش، چىرىمتال تاختاي زاۋۇدى، پەنەركە زاۋۇدى، ئاپتۇمبىل رېمونتچىلىقى، يىمەكلىك پىششىقلاش، ياغاچچىلىق، مەتبەئە، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى، زامانىۋى موزدوزلۇق، گىلەمچىلىك… قاتارلىق تۈرلەر مەيدانغا كەلدى. ناھىيىگە قاراشلىق كارخانا 20 نەچچىگە، يېزا-بازارلارغا قاراشلىق كارخانىلار 10نەچچىگە يەتتى.
ھازىر ناھىيە باشقۇرغان مىللىي ۋە خەنزۇ مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئۈچى، باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئۈچى، ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىۋىدىن بىرى، بازارلىق مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپتىن بىرى( ھازىر ئويغۇر- خەنزۇ ئارلاش ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولۇپ، «شۇي چاڭ ئىتتىپاق مەكتىۋى»دەپ ئاتىلىدۇ)، خەلق دوختۇرخانىسى، ئوغۇر تىبابەت شىپاخانىسى، سەھىيە يۇقۇمدىن ساقلىنىش، ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى، كىتاپخانا، رادىئو ئۇزۇلى، تېلۋېزىيە ئىستانسىسى، مەدەنىيەت سارىيى، كىنو- تىياتىرخانا، مەركىزى مەدەنىيەت مەيدانى، تەنتەربىيە پائالىيەت مەركىزى قاتارلىقلار بار.   


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 270
تۆھپە : 500
توردا: 20
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2012-9-24
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-15 11:11:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپرىن ئاپرىن ھەجەپ ياخشى تىمىلارنى يوللاۋاتىسىز . يوللىغان تىمىللىرىڭىزنى تۇللۇق كۈرۈپ كىلۋاتىمەن.(انغا راھەت تەنگە شىپا (كېلىنتاش رىۋايىتى) (خىزمىتىنى تاشلاپ قاچقان مۇئەللىم )قاتارلىقلارنى شۇنداق ياقتۇرۇپ كۆردۇم)   
قۇلىڭىزغا كەلمىسۇن اۋاملىق يېڭى تىمىللىرىڭىزغا تەشنامەن دوستۇم


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 10:50 , Processed in 0.118415 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش