گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 363|ئىنكاس: 2

2.باپ باي ناھىيىسىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
55
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 5
تىللا: 1618
تۆھپە : 344
توردا: 36
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-6-11
ئاخىرقى: 2012-7-28
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 16:59:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىسمى جىسمىغا لايىق گۈزەل ماكان ــ باي ناھىيىسى
     2.باپ باي ناھىيىسىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى
1.§ دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقى

باي ناھىيىسى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاساس قىلىدىغان چوڭ ناھىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىر قەدەر راۋاجلانغان. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 73 مىڭ مو، ئورمان كۆلىمى 1 مىليون 180 مىڭ مو، دىھقانچىلىق قىلىشقا باپ كىلىدىغان، ئېچىشقا تىگىشلىك قاقاسلىقتىن يەنە 253 مىڭ 500 مو يەر بار. دىھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، كۆممەقۇناق، قىچى، زىغىر، زاراڭزا، ئاپتاپپەرەس، ئارپا، تېرىق، شال، قىزىل قۇناق، سېرىق پۇرچاق، ئاشپۇرچاق،دادۇر، قىزىلچا، قولماق، كىۋەز، قوغۇن-تاۋۇز، مىۋە-چىۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. بولۇپمۇ بايدا تېرىلىۋاتقان مايلىقدان بىلەن سامساقنىڭ ئاپتۇم رايۇن ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە نامى بار. ھازىرقى بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا ئاساسەن باي ناھىيىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە، كىراخمال ياڭيوسىى، پىگمېنتلىق مۇچ، ئورۇقلۇق قۇناق، پەمىدۇر، ئوزۇنتالالىق زىغىر قاتارلىق تۈرلەر قوشۇلدى. يېزا ئىگىلىكىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا باشلامچىلىق رول ئوينايدىغان بىر قىسىم يىتەكچى كارخانىلار قۇرۇلدى.
چارۋىچىلىق ناھىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىدا مۇئەييەن سالماقنى ئىگەللەيدۇ.باي ناھىيىسى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى تىپىك تاغلىق رايۇن بولۇپ، يايلاقلىرى بىر قەدەر كۆپ ۋە مۇكەممەل. ناھىيە تەۋەسىدىكى ئومۇمىي ئوتلاق كۆلىمى 10 مىليون 850 مىڭ مو بولۇپ، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. چارۋىچىلىقتىكى تۈرلەردىن سىمىنتال كالىسى ۋە مېرنوس ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى ئاساس قىلىنىدۇ، ئۇندىن باشقا نەسلى ياخشىلانغان تۈرلەردىن ئۆچكە، ئات، ئېشەك، چوشقا قاتارلىقلار بار. ھازىر باي ناھىيىسىدىكى مېرنوس قويىدىن ئېلىنغان يۇڭ «ساپال» نامى بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا تونۇلدى. كالا ۋە قوي باقمىچىلىقىدا ھەر قايسى يېزا-كەنتلەردە دىگۈدەك ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرى قۇرۇلدى. باقمىچىلىق كەسپىي ئائىلىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس تۈر مەبلىغى ۋە ئېتۋار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمان بولدى.
قۇش تۈرلىرىدىن: بۈركۈت، تازقارا، ئتالغا، تاغ ئۇلارى، تاغ كەكلىكى، چىپار قانات بۈدۈنە، ھىمالايا ئۇلارى، قىرغاۋۇل، ئۇلار، ياۋا كەپتەر، تاغ چىپار تۇرۇلغىسى، تۆمۈر تۇمشۇق، تورغاي، قارلىغاچ، ئاق سۈڭگۈچ، سېغىزخان، قىزىل تۇمشۇق قاغا، قۇزغۇن، كۆك بويۇن بۇلبۇل، قارا قۇلاق قۇش، بوز تورغاي، تاللىق جاغجىغى، ئورمان تورغىيى، چۆل قۇشقىچى، ئاق قۇشقاچ، كەكلىك، قارا قاغا، تۇرۇلغا، پۆپۈچەك تورغاي، چۆل تورغىيى، غورىلاي، ھۆپۆپ، سوپىسوپىياڭ، ساندىكا، تۇرۇمچۇق، كاككۇك، موشۈك ياپىلاق، شەپەرەڭ، ئۆردەك، غاز، ھاڭگىرت، تۇرنا، پاختەك، تۇرۇلغا، ھۇقۇش، لاچىن، كەپتەر، توخۇ قاتارلىقلار بار.
چارۋىچىلىق، ھويلا ــ ئارام باقمىچىلىق،  باغ-ئورمان، ۋە ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا        چىقىرىش دىھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتىكى موھىم تۈرلەر بولۇپ قالدى.  

2.§ باي ناھىيىسىنىڭ تەبئى بايلىقلىرى
1.ئورمان، ئۆسۈملۈك ۋە ياۋايى ھايۋاناتلار بايلىقى

ئورمان بايلىقى: باي ناھىسىنىڭ ئورمان بايلىقى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، تاغلىق ۋە تۈزلەڭلىكلەرگە تارقالغان. تاغلىقلاردا ئىپتىدائى ئورمان، تۈزلەڭلىكلەردە كېڭەيتىپ بەرپا قىلىنغان ئورمان بار. ناھىيىنىڭ تاغلىق يەر كۆلىمى 16 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %80ئىگەللەيدۇ. بۇ يەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىپتىدائى ئورمانلار ئىگەللىگەن.ناھىيە بويىچە تۆت ئورۇندا ئورمانچىلىق بازىسى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇلاردىن سايلەڭگەر ئورمانچىلىق بازىسى خېلى داڭلىق. ئۇنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 10 مىڭ مودىن ئاشىدۇ. تۈزلەڭلىكلەردە يەرلىك قاراتىرەك، ئاقتىرەك، پەيتىرەك (سۇۋادان)، سۆگەت، جىگدە، قاراياغاچ، مىرزا تىرەك، كانادا تېرىكى، توغراق، ئۈژمە، تۈكلۈك تېرەك، پاقا تېرەك، قاپاق تېرەك، ئاق ئاكاتسىيە، سېدە، ئەرمۇدۇن، تاغ سۆگىتى، مانتاسۆگەت، ۋە تۈرلۈك مىۋىلىك دەرەخلەر ئۆسىدۇ. تاغلىقلاردا تەڭرىتاغ شەمشادى، چاسا شاخلىق ئارچا، ئاچماق ئورۇقلۇق يۇمىلاق ئارچا، ئېرتىش دەرياسى تېرىكى، پامىر تېرىكى، قېيىن، قاغىنەك، تاغ تېرىكى، تال، قارغاي…قاتارلىقلار ئۆسىدۇ. مىۋىلىك دەرەخلەردىن ئالما، ئۈرۈك، ئالۇچا، شاپتول، ياڭاق، ئۈزۈم، نەشپۈت، گىلاس، بىھى، بادام، ئەنجۈر، ئۈژمە، ئالگىرات، ئامۇت، قارا ئۈرۈك قاتارلىقلار بار.
ئۆسۈملۈكلەر: ئۆسۈملۈكلەر، چاتقال ئۆسۇملۈكلەر، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ۋە دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر دىگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. چاتقال ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ. بىز بۇ يەردە دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرمىلا تىلغا ئالىمىز. دورىلىق ئۆسۈملۈكلەردىن قار لەيلىسى، كىرەش، قانتېپەر، پاقايۇپۇرماق ئۇرىقى ۋە چۈچۈك بۇيا قاتارلىقلار بار.
ياۋايى ھاۋاناتلار: باي ناھىيە تەۋەسىدىكى تاغلاردا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلاردىن، يىلپىز، شىمال ئۆچكىسى، ئارقار، تەڭرىتاغ بوغىسى، ئاق بوغۇز بۆكەن، كىيىك، جەرەن قاتارلىقلار بار.  

2.قېزىلما بايلىقلار

يىراق قەدىمقى دەۋىرلەردە باي ناھىيىسى دېڭىز بولۇپ شۇ دەۋىردىكى دېڭىز چۆكۈندىلىرى بۇ جاينىڭ مول قېزىلما بايلىقلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. باي ناھىيىسىدىكى كۆمۈر بايلىقلىرى ئەينى دەۋىردىكى تاغ ئىچى ۋە يان باغىرلاردىكى ئورمانلارنىڭ مەھسۇلىدۇر.  باي ناھىيىسىدىكى قېزىلما بايلىقلار ئاساسەن تاغلىق رايۇنلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئاساسلىقى نېفىت، كۆمۈر، تۆمۈر، مانگان، ئوران، مىس، بارىت، ئانالىرىت قاتارلىقلاردۇر. ھازىرغىچە ئېچىپ پايدىلىنىۋاتقان كان بايلىقلىرى 63 خىلغا يىتىدۇ.
1) مېتال رودىسى بايلىقى
مىتال رودىسىدىن ناھىيە تەۋەسىدە مىس، تۆمۈر، مانگان، خرۇم، نىكېل،سىركون، قوغۇشۇن، سىنىك ۋە ئوران قاتارلىقلار بار.
        مىس كېنى:ناھىيە تەۋەسىدە ھازىرغىچە بايقالغان مىس كېنىدىن 3ئى بار بولۇپ، قاقىباغ، ياقائېرىق، قېيىر يېزىلىرىغا تارقالغان. ئومۇمىي زاپىسى تەخمىنەن 3مىليون 750مىڭ توننىغا يىتىدۇ.
        تۆمۈر كېنى:بۇ ئاساسەن قاپسىلاڭ دەرياسىدىن، مۇزارت دەرياسىغىچە بولغان جايلارغا تارقالغان بولۇپ، قاراباغ ئەتراپىدىكى كان نوقتىلىرى بىرئاز كۆپرەك. بايقالغان زاپىسى 1مىليون 480 توننىغا يىتىدۇ.
        مانگان كېنى: بۇ كان ناھىيىنىڭ غەرىبىدىكى مۇزارت دەرياسىدىن شەرق تەرەپتىكى قېيىرغىچە بولغان جايلارغا سوزۇلغان. تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان قاراڭگۈر مانگاننىڭ سورتى%25ــ%18 زاپىسى 820 مىڭ توننىغا يىتىدۇ.
        خرۇم ــ نېكىل كېنى: بۇ كان قېيىر يېزا تەۋەسىدىكى ئالتۇنقوش دىگەن جايغا جايلاشقان بولۇپ، جىنس گەۋدىسىدە خېلى ياخشى مېنىراللاشقان نېكىل بار.
        سېركون كېنى: بۇكان قېيىر يېزا تەۋەسىدىكى يىلانلىق دۈم پۈرمىسىگە، شىمالىي ئالتۇنقوش دەرياسىنىڭ يوقۇرى ئېقىنىدىكى يىلانلىق ــ چوڭغۇل ئەتراپلىرىغا مەركەزلىك جايلاشقان. ناھىيە بازىرىغا تەخمىنەن 140 كىلومېتىر كېلىدۇ. كان كۆلىمى بىر قەدەر كىچىك بولۇپ،500 ــ 100كۋادىرات مېتىرغىچە كىلىدۇ. يەككە مېنىراللارنىڭ تەركىۋىدىكى سېركونىي ئوكسىدى%58.66. سۈنئى ئېغىر قۇم تەركىۋىدە سېركون ئەڭ يوقۇرى بولۇپ، ھەر كۇپ مېتىرنىڭ 145 كىلوگىرامغا يىتىدۇ.
        قوغۇشۇن ــ سىنىك ۋە ئوران كېنى: قوغۇشۇن ــ سىنىك كېنى قاراباغ يېزىسى تەۋەسىگە، ئورانكېنى قېيىر يېزا تەۋەسىگە قايلاشقان.
2) مېتاللوئىد بايلىقى
بۇلاردىن ئاساسلىقى كۆمۈر، فىتورىت، تاشتۇز، نافېلىن، ياقۇت، گېپىس، چىرىمتال، ھاكتېشى، بارىت، ۋىتېرىت، سىلانىتېس، سۈرمەتاش، پارافىن، نېفىت، ئاندالوزىت قاتارلىقلار بار.
        كۆمۈر كېنى: ناھىيەنىڭ شەرقىدىكى ئاراگەمىدىن باشلىنىپ، غەرپتە تېرەك دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرەپلىرىگىچە بولغان جايلاردا كۆمۈر قاتلىمى ناھايىتى كۆپ. ئېچىلىپ قالغان كۆمۈر قاتلىمى تېرەك رايۇنىغا ئالاھىدە مەركەزلەشكەن. تېرەك كۆمۈر كېنىنىڭ قەۋىتى كۆپ ھەم قېلىن، تارقىلىشى كەڭ، زاپىسى كۆپ، سۈپىتى ياخشى بولۇپ، ناھىيە بويىچە كۆمۈر زاپىسى 2 مىليارت 900 مىليون توننىغا يىتىدۇ.
           فىتورىت كېنى: بۇ تېرەك ۋە كۈلگەن ئېقىنىدىن ئىبارەت ئىككى جايغا تارقالغان. زاپىسى 150 مىڭ توننا. رودا سۈپىتى خېلى ياخشى. سورتى %50 ــ %70 گەيىتىدۇ.
        تاش تۇز: ناھىيە تەۋەسىدە تاشتۇز قېزىلما بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئاساسەن ناھىيىنىڭ غەرىبىي شىمال قىسىمى ۋە غەرىبىي جەنۇبىغا جايلاشقان. تاشتۇز كانلىرىدىن چوغا تاشتۇز كېنى، (غەرىبىي جەنۇپتا) مىسكانتاغ تاشتۇز كېنى، (غەرىبىي جەنۇپتا) غەرىبىي مازار تاشتۇز كېنى،(غەرىبىي شىمالدا) مازار غوجام تاشتۇز كېنى (شىمالدا) قاتارلىقلار بار.
        نافلىن كېنى: قېيىر يېزا تەۋەسىدە بولۇپ، جىنس گەۋدىسىنىڭ كۆلىمى بىراز چوڭراق.
        ياقۇت كېنى: بۇ كان قېيىر يېزىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا، بوزكىرگى دەرياسىنىڭ يوقۇرى ئېقىنىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرىغا تەخمىنەن 110 كىلومېتىر كېلىدۇ. رودا زاپىسى 15 مىڭ606.93 توننا.
        گىپىس كېنى: بۇ كان ناھىيەنىڭ غەرىبىي قىسمى بىلەن غەرىبىي جەنۇپ قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاساسلىق بورلۇق گېپىس كېنى بىلەن داۋانچى گېپىس كېنى بار. بورلۇق گېپىس كېنى قاراباغ يېزىسى ئېدىر تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. زاپىسى 1 مىليون 59 مىڭ 100 توننىغا يىتىدۇ. داۋانچى گېپىس كېنى داۋانچى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ غەرىبىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، رودا زاپىسى 1 مىليون 769 مىڭ توننىغا يىتىدۇ.
        چىرىمتال كېنى: بۇ كان قېيىر يېزىسىدىكى يىلانلىق سېرىق چىرىمتال كان ياتمىسى بولۇپ، سۈپىتى خېلى ياخشى.
        ھاكتېشى كېنى: بۇ كان قاراباغ يېزىسى، تېرەك بازىرى تەۋەسىگە دىگۈدەك تارقالغان. بۇنىڭدىن قاراباغ رايۇندىكى ھاكتېشى رودىسىنىڭ سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، زاپىسى 44 مىليون 40 مىڭ توننىغا يىتىدۇ.
        بارىت، ۋىتېرىت كېنى: بۇكان قېيىر يېزىسىنىڭ ئالتۇنقوش رايۇنىغا جايلاشقان. كان رايۇنى شەرقتىن غەرىپكە سوزۇلغان بولۇپ، ئوزۇنلىقى 2500 مېتىر كېلىدۇ. بىللە ھاسىل بولغان پايدىلىق تەركىپلەردىن مىس، سىترونتىسىي، گېرمانىي، كۆمۈش، ئارسېن قاتارلىقلار بار. زاپىسى 123 مىڭ توننىغا يىتىدۇ.
        سىلانىتېس كېنى: بۇ كان قاراباغ يېزىسى بىلەن تېرەك بازىرى تەۋەسىگە تارقالغان. قاراباغ رايۇنىدىكى سىلانىتېس رودىسىنىڭ زاپىسى 11 مىليون 457 مىڭ توننىغا، تېرەك رايۇنىدىكى سىلانىتېس رودىسىنىڭ زاپىسى 8 مىليون 750 مىڭ توننىغا يىتىدۇ.
        سۈرمەتاش كېنى: بۇ كان قېيىر ئەتراپىغا جايلاشقان.ئۇزۇنلىقى 100 ــ 300 مېتىرغىچە، قېلىنلىقى 0.4 ــ 0.5 مېتىرغىچە كېلىدۇ.
        پارافىن كېنى: بۇ قېيىر مىس بۇلاق كەنتىنىڭ شەرقىدىكى ئەڭ يوقۇرى يەر قاتلاملىرىغا جايلاشقان. زاپىسى ناھايىتى ئاز.
        نېفىت كېنى: بۇ ئاساسەن قېيىر يېزىسى مىس بۇلاق كەنتىنىڭ شەرقىي شىمالىغا، توقسۇن يېزىسىنىڭ غول كەنت تەۋەسىگە ۋە داۋانچى يېزىسىغا تارقالغان. زاپىسى بىر قەدەر كۆپ. قېيىر يېزىسى مىس بۇلاق كەنتىدىكى نېفىتنىڭ قېلىنلىقى 30 مېتىر، كۆلىمى 4200 كىۋادىرات مېتىر كېلىدۇ.
        نىفىت گازى قۇدىقى: ناھىيە تەۋەسىدە ھازىرغىچە بايقىلىپ ئېچىلغان نىفىت گازلىقىدىن، «قارا 2- نومۇرلۇق گازلىقى» بولۇپ، قىزىل يېزىسىنىڭ 21 كىلومېتىر شىمالىغا جايلاشقان. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ غەرپنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزىشىدىكى مۇھىم قۇرلۇشلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
        ئاندا لوزىت كېنى:بۇ قېيىر يېزىسىنىڭ شىمالىدىكى قۇرۇق سېنتاي جىلغىسىغا تارقالغان. كان گەۋدىسى غەرپتە قۇرۇق سېنتاينىڭ غەرىبىي تارماق جلغىسىدىن باشلىنىپ، شەرقتە قارا غول جىلغىسىغا يىتىپ بارىدۇ.ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 12 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. قېلىنلىقى ئەڭ ككپ بولغاندا 300 ــ 400 مېتىرغىچە بارىدۇ. ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 30 مېتىردىن كەم ئەمەس. رودا زاپىسى 15 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ.

3.سۇ بايلىقى

ناھىيىنىڭ سۇ بايلىقى ئاساسلىقى تاغ سۈيى بىلەن يەر ئاستى سۈيىنى مەنبە قىلىدۇ. باي ناھىيىسىنىڭ شىمالىدىكى تەڭرى تاغلىرىنىڭ يىلبويى قار ــ مۇز كەتمەيدىغان ئېگىز چوققىلىرى ناھىيىنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنى ئەۋزەل شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. ناھىيىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلىشى پەسىل بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھول - يېغىن كۆپ بولغان يىل ۋە پەسىللەردە سۇ مول. باشقا چاغلاردا قۇرغاقچىلىق بولىدۇ. ھەتتا دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىرىدە سۇ يىتىشمەي قالىدىغان چىغلارمۇ كۆپ. بۇنداق ئەھۋالدا يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلنىشقا توغرا كىلىدۇ. ناھىيىنىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئېچىشقا بولىدىغان سۇ بايلىقى 1 مىليارت 5 مىليون كۇپ مېتىر. ھازىر قۇدۇق قېزىلىپ يەر ئاستى سۆيى دىخانچىلىق ۋە سانائەت قۇرۇلۇشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلۋاتىدۇ. ناھىيە بويىچە قېزىلغان ئومۇمىي قۇدۇق سانى 300 دىن ئاشىدۇ. سۇ قىس بولغان رايۇنلارنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك قۇدۇق قېزىلدى. قۇدۇق سۆيى ئىلگىرى ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئىچىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى، ھازىر تېرىلغۇ ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان بولدى. 11 ئورۇندا سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلدى. 1964-يىلى قىزىل بايراق شىمالىي غول ئۆستىڭى ياسالدى. بۇلۇڭ، باي بازىرى، ياتۇر، توقسۇن، سايرام ۋە غەرىبىي قىرغاقتىكى مىچىغ يېزىلىرىنىڭ سۇ قىيىنچىلىقى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى. بۇ ئۆستەڭ قاپسىلاڭ دەرياسى ئوتتۇرا بۆلىكىدىن باشلىنىپ، سايرام يېڭى سا كەنتىدە ئاخىرلىشىدۇ. سۇ ساقلاش قۇرۇلۇشلىرىدىن قىزىل سۇ ئامبىرى، قاراۋۇل سۇ ئامبىرى، مول - ھوسول سۇ ئامبىرى قاتارلىق ئۈچ ئامبار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە قىزىل سۇ ئامبىرى ئەڭ چوڭ بولۇپ، ئاپتۇنۇم رايۇن ئىچى - سىرتىدا نامى بار. ئامبار ئورنى قىزىل يېزا تەۋەسىدە بولۇپ، قىزىل دەرياسى بىلەن مۇزارت دەرياسىنىڭ قوشۇلۇش ئېغىزىغا قايلاشقان. بۇ قۇرۇلۇش 1985-يىلى باشلىنىپ، 1992-يىلى ئاخىرلاشقان. ئۇ تۆۋەنكى ئېقىندىكى كۇچا، توقسۇ، شايا ناھىلىرىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان موھىم قۇرلۇشلارنىڭ بىرى. ئومۇمىي سۇ سىغىمچانلىقى 640 مىليون كۇپ مېتىر. سۇ يۈزى كۆلىمى 44 كىۋادىرات كىلومېتىر. ئامبار سۆيىدىن پايدىلىنىپ، يىلىغا 200 توننىدىن ئارتۇق بېلىق تۇتقىلى بولىدۇ. ئامباردا يەنە سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇپ باي، كۇچا، توقسۇ شايا ۋە ئاقسۇ شەھەر ئىچىنى زاپاس توك بىلەن تەمىنلەيدۇ. يىلىغا 134 مىليون كىلوۋات سائەت توك چىقىرىدۇ. ھازىر ئامبارنىڭ سۇ ئۈستى ساياھەتچىلىكى يىلدىن-يىلغا ئېچىلىۋاتىدۇ.
        دەريا ــ ئېقىنلار: ناھىيە تەۋەسىدە چوڭ - كىچىك 11 دەريا - ئېقىن بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق دەريا - ئېقىنلار بەش. ئۇلار مۇزارت دەرياسى، قاپسىلاڭ دەرياسى، تەلۋىچۈك دەرياسى، قاراسۇ دەرياسى ۋە قىزىل دەرياسىدىن ئىبارەت. مۇزارت دەرياسى شىمالدىن جەنۇپقا ئېقىپ، ياقائېرىق چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەندىن كېيىن شەرىققە بۇرۇلىدۇ. باشقا تۆت دەريالارنىڭ ھەممىسى شىمالدىن جەنۇپقا ئېقىپ مۇزارت دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ.
1)        مۇزارت دەرياسى باي ناھىيىسىنىڭ غەرىبىدە بولۇپ، شىمالدىكى مۇزارت مۇزلىقى بىلەن قارا غول مۇزلىقىدىن باشلىنىدۇ. دەريا قىنى ئۇنسۇ بىلەن باي ناھىيىسى چېگرىسىنى بويلاپ ئېقىپ ئىككى قىرغاقتىكى تارماق ئېقىن ۋە تاغ بۇلاقلىرى  بىلەن قوشۇلۇپ، ئاق بۇلاق گىدىرولوگىيە پونكىتىدا تاغ ئېغىزىدىن چىقىدۇ. ياقا ئېرىق چوڭ كۆۋرىكىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئونباش يېزىسى ۋە چۆلتاغنى بويلاپ شەرىققە ئېقىپ، قىزىل مىڭ ئۆيگە بارغاندا چۆلتاغ ئارىسىغا كىرىدۇ. كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئۈچ ئۆستەڭ تەۋەلىكىدە چۆلتاغدىن چىقىدۇ ھەم «ئۆگەن دەرياسسى» دىگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ. كۇچا، توقسۇ، شايا ناھىيىلىرىنىڭ بوستانلىقلىرىدىن، قىر - دالالىرىدىن ئۆتۈپ، تارىم دەرياسىغا قويۇلىدۇ. ئۇ ناھىيە بويىچە ئەڭ چوڭ دائىملىق دەريا بولۇپ، نەسىللىك قوي فېرمىسى، قاراباغ، داۋانچى، ياقائېرىق، چوڭ كۆۋرۈك، ئونباش، مىچىغ، كانچى، توقسۇن، سايرام، قىزىل قاتارلىق يېزا - مەيدانلاردىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. ھاۋزا كۆلىمى 2870 كىۋادىرات كىلومېتىر، ئۇزۇنلىقى 210 كىلو مېتىر، كەڭلىكى 70 ــ 300 مېتىرغىچە كېلىدۇ.
2)        قاپسىلاڭ دەرياسى. ناھىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى قارلىق تاغنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن  باشلىنىدۇ. كامولۇق گىدىرولوگىيە پونكىتىدا تاغ ئېغىزىدىن چىقىدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئىككى كىلومېتىر غەرىبىدىن شەرقىي جەنۇپقا ئېقىپ، تەلۋىچۈك دەرياسى بىلەن قوشۇلىدۇ. كانچى دەرياسىنىڭ«كۇرۇكلۇك» دىگەن يىرىدە مۇزارت دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. دەريا سۆيى تېرەك بازىرى، مىچىغ يېزىسى، باي بازىرى، كانچى يېزىسى قاتارلىق جايلاردىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. ھاۋزا كۆلىمى 2045 كىۋادىرات كىلومېتىر، ئوزۇنلىقى 96 كىلومېتىر، كەڭلىكى 20 - 50 مېتىرغىچە.
3)        تەلۋىچۈك دەرياسى. بۇدەريا ناھىيىنىڭ غەرىبىي شىمالىدىكى قارلىق تاغنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكى بولغان تۇر مۇز تېغى ۋە ئاقتاش تېغىنىڭ غەربىدىن باشلىنىدۇ. دەريا سۆيى تېرەك بازىرىنىڭ سوغان كەنتىدە تاغ ئېغىزىدىن چىقىدۇ. بۇ پەسىللىك دەريا بولۇپ، تېرەك بازىرى، بۇلۇڭ يېزىسى، باي بازىرىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، كانچى يېزا تەۋەسىدە مۇزارت دەرياسىغا قويۇلىدۇ. ھاۋزا كۆلىمى 800 كىۋادىرات كىلومېتىر، ئوزۇنلىقى 90.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 60 ــ 200 مېتىرغىچە.
4)        قارا سۇ دەرياسى. بۇ دەريامۇ ناھىيە بازىرىنىڭ 68 كىلومېتىر شىمالىدىكى قارلىق تاغدىن باشلىنىدىغان بولۇپ، پەسىللىك دەريا ھىساپلىنىدۇ. ياتۇر، توقسۇن، كانچى يېزىلىرىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، توقسۇن يېزا كونا شەھەر كەنتىنىڭ غەرىبىدە مۇزارت دەرياسىغا قويۇلىدۇ. ھاۋزا مەيدانى 1170 كىۋادىرات كىلومېتىر، ئوزۇنلىقى 63 كىلومېتىر، كەڭلىكى 20 ــ 60 مېتىرغىچە.
5)        قىزىل دەرياسى. بۇ دەريا ناھىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئاقبۇلاق داۋىنى ۋە مۇزتاغدىن باشلىنىدۇ. باش مەنبەسى ئۈچ تارماق ئېقىننىڭ قېيىر ئويمانلىقىدىكى ئاقتاشتا قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان. بۇ دەريا قېيىر، قىزىل قاتارلىق جايلاردىن ئېقىپ ئۆتۈپ، قىزىل يېزىسىنىڭ «مازار غوجام» دىگەن يېرىدە مۇزارت دەرياسى بىلەن قىزىل سۇ ئامبىرىغا قويۇلىدۇ. ھاۋزا كۆلىمى 2660 كىۋادىرات كىلومېتىر، ئوزۇنلىقى 45 كىلومېتىر، كەڭلىكى 100 ــ 200 مېتىرغىچە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-8-13 17:01  



Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 534
تۆھپە : 527
توردا: 97
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-8
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 18:10:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دىمىسمۇ باي ناھيىسنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى يۇقىرى . يۇرتىمىز ئىسمى جىسمىغا لايىق گۈزەل باي.


Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  894
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1673
تۆھپە : 156
توردا: 198
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2012-10-20
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 17:08:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ بايلىقلاردىن، بايلىقلار ھەقىقىي نەپكە ئېرىشكەن بولسا-ھە؟ دېمىسىمۇ بىلىپ باي دەپ ئىسىم قويۇلغان ئىكەن، ئەمما باينىڭ جاپاكەش دېھقانلىرى يىللاپ ئېتىزدا پىشانىسىدىن تەر ئاققۇزۇپ ئىشلەيدىيۇ تاپقان تەگىنى يلغا يەتمەي، يەنىلا خەقنىڭ بەرگەن ئازغىنا ياردىمىگە بېلى سۇنغىچە تەزىم قىلىپ، ئېغىزىنىڭ نېمى كەتكۈچە رەھمەت دەپ ئۆتىدۇ، ھەيييييي بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-3 17:58  



دۇنيا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بىلەن گۈزەلدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 10:47 , Processed in 0.127495 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش