ئىسمى جىسمىغا لايىق گۈزەل ماكان ــ باي ناھىيىسى
1.باپ باي ناھىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى
2.§ باي ناھىيىسىنىڭ مەمۇرى رايونلىرى
تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا بۇنىڭدىن تەخمىنەن 5 ــ 6 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى تاش قۇراللار دەۋرىدە بۇ ماكاندا ئىنسانلار ياشغانلىقى مەلۇم. چىن سۇلالىسى ۋە خەن سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا ناھىيە تەۋەسىدە 1000 دىن ئارتۇقراق ئادەم ياشىغان. غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا باي بىر ئايماق سۈپىتىدە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى 36 بەگلىكتىن كۆسەن، قۇم بەگلىكىگە تەۋە بولغان. شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كۆسەن بەگلىكىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كۇبرا ۋە ئارسىيان شەھرى بىنا قىلىنغان بولۇپ كۈنسايىن ئاۋاتلاشقان. شۇ دەۋىرلەردە باي ئەنشى قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىگە قاراشلىق قۇم بەگلىكىگە تەۋە بولدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى ۋە سوڭ دەۋىرلىرىدە غەرىبىي يۇرتتىكى ئويغۇر خانلىقلىرىغا تەۋە بولدى. 10- ئەسىرلەردە كۇبرا شەھرى «سايرام» دەپ ئاتالدى. ئارسىيان شەھرى «باي» دىيىلدى. باي قۇم بەگلىكىگە، سايرام ئورلى بەگلىكىگە قاراشلىق بولدى. قۇم بەگلىكى ھازىرقى ئۇنسۇ ناھىيىسىنىڭ قارايۇلغۇن ئەتراپىدا، ئورلى بولسا كۆسەننىڭ شىمالىي تەرپىدە بولغان. يۇەن، مىڭ سۇلالىرى دەۋرىدە چاغاتاي ۋە يەكەن خانلىقلىرىنىڭ باشقۇرشىدا بولدى. چىڭ سۇلالىسى چىيەنلۇڭنىڭ 25-يىلى (1706-يىلى) ناھىيە تەۋەسىدە باي ۋە سايرام شەھەرلىرى قۇرۇلۇپ ئاقسۇ خان ئامبىلىنىڭ باشقۇرشىدا بولدى. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا باي بىلەن سايرام بىرلەشمىگەن چاغلاردا باينىڭ قارمىقىدا 23 كەنت، سايرامنىڭ قارمىقىدا 11 كەنت بار ئىدى. سايرام، قىزىل، بوغان،جىرغىلاڭ، تار ئارىلىق، توقسۇن، بۇلۇڭ، قارا دۆۋە، كەنجىتام، مىڭ جىگدە، لاپا قاتارلىقلار سايرامغا؛ باي، ياقائېرىق، دۆربىلجىن، شاختۇر، سىلىقچات، ئاتباش، چۈجە، تۆگەبوينى، كۈيىباغ، سۈلگۈن، تۇمشۇق، ياتۇر، يىمىش، قازغان، ئېرتاقچى، ئاستىنقىلۋا، تاققىچى، ئۈستىنقىلۋا، يېڭىلەڭگەر، بېلىقچى، شارالتاي، يېيىلغان، قۇشتېمى قاتارلىقلار بايغا تەۋە بولغان. گۇاڭشۈينىڭ 8-يىلى (1882-يىلى) چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى باي ۋە سايرام شەھەرلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ باي ناھىيىسىنى تەسىس قىلدى. ناھىيە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇنسۇ مەھكىمىسىگە قارىدى. شۇ چاغلاردا باينىڭ زىمىن دائىرسى شەرقتە قىزىلغولغا يىتىپ بېرىپ كۇچاغا تۇتىشاتتى. غەرىپتە قارا ئۇسۇنغىچە، جەنۇپتا مۇز غولغىچە يىتىپ بېرىپ، دەريادىن ھالقىپ شايارنىڭ غەرىبىي جەنۇپ چېگرىسىنىڭ سىرتىدىكى جايلارغا تۇتىشاتتى. شىمال تەرىپى تاغدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئىلىغا بارىدىغان غەربىي يولغا تۇتىشاتتى.باي ناھىيىسى شەرق، غەرپ، جەنۇپ، شىمالدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئايماق ۋە 21 كىچىك ئايماققا بۆلۈپ ئىدارە قىلىنغان. 1908-يىلى تۆت چوڭ ئايماق ئەسلىدىكى نامى بويىچە تۆت يېزىغا ئۆزگەرتىلگەن. ئۇنىڭ قارمىقىدا 21 چوڭ ئايماق، 46 كىچىك ئايماق بولغان.
شەرقىي يېزىغا: ياتۇر مەھەللىسى، توقسۇن مەھەللىسى، جىغلاڭ مەھەللىسى، بۇلۇڭ مەھەللىسى، لاپا مەھەللىسى، قىزىل مەھەللىسى، مىڭبۇلاق مەھەللىسى، يۇلغۇنياقا مەھەللىسى تەۋە بولغان.
غەرىبىي يېزىغا: شاخار مەھەللىسى، قېمىز مەاھللىسى، داۋانچى مەھەللىسى، شاختۇر مەھەللىسى، نۇقۇت مەھەللىسى، ئۆستەڭبويى مەھەللىسى، تەۋە بولغان.
جەنۇبىي يېزىغا: قۇرۇيلۇق مەھاللىسى، مىچىغ مەھەللىسى، ئونباش مەھەللىسى، تەۋە بولغان.
شىمالىي يېزىغا: بۇلۇڭ مەھەللىسى، ياسىرىم مەھەللىسى، ئىشتاچى مەھەللىسى، تېزەكقاغا مەھەللىسى قاراشلىق بولغان.
1931-يىلى باي ناھىيىسىدە بىر بازار (باي بازىرى) تۆت رايۇن، 32 كەنت تەسىس قىلىندى.
1949-يىلى 11-ئايدا جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ 1-دالا ئارمىيىسى 1-بىڭتۈەنى 2-كورپۇس پىيادىلەر دىۋىزىيىسى 80-پولكىنىڭ سىياسىي كومىسسارى يۈەن شىن ۋە لىيۇ چاڭجىن بۇيرۇققا بىنائەن باي ناھىيىسىنىڭ كونا ھاكىميىتىنى ئۆتكۈزۋالدى. 1950-يىلى 3-ئاينىڭ 19- كۈنى باي ناھىلىك خەلق ھۆكىمىتى قۇرۇلدى. مۇشۇ چاغلاردا باي ناھىيىسىدە تۆت رايۇن، تۆت كوچا، 28 يېزا تەسىس قىلىنغان. شۇ يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيىسى باي ناھىيىلىك كومىتېتى قۇرۇلدى. 1956-يىلى 4-ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە باي ناھىيىسىدە تۇنجى نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى. يېزا بازارلار قايتىدىن تەڭشەپ بىرلەشتۈرلۈپ، بىر بازار، بەش رايۇن، 25 يېزا، تۆت ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە بىر كۆكتاتچىلىق چوڭ ئەترىتى قىلىپ تەشكىللەندى.
1958-يىلى خەلق گۇڭشىسى قۇرۇپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ناھىيە بويىچە توققۇز خەلق گوڭشىسى قۇرۇلغان. (بازار خەلق گوڭشىسى، قېيىر خەلق گوڭشىسى، سايرام خەلق گوڭشىسى، ياتۇر خەلق گوڭشىسى، مىچىغ خەلق گوڭشىسى، چوڭ كۆۋرۈك – ئونباش خەلق گوڭشىسى، داۋانچى خەلق گوڭشىسى، قارىباغ خەلق گوڭشىسى، ياقائېرىق خەلق گوڭشىسى) ئىككى چارۋا مەيدان قۇرۇلغان.
1961-يىلدىن 1962-يىلغىچە توقسۇن، قىزىل خەلق گوڭشىلىرى سايرام خەلق گوڭشىسىدىن، گۈلباغ خەلق گوڭشىسى ياتۇر خەلق گوڭشىسىدىن ئايرىلىپ چىققان.
1984-يىلى 10-ئايدا «خەلق گوڭشىسى» دىگەن نام ئەمەلدىن قالدۇرلۇپ، يېزا-بازار قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
ھازىر(2009- يىلى) پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدە تۆت بازار (باي بازىرى، سايرام بازىرى، ياقائېرىق بازىرى، تېرەك بازىرى) 10 يېزا (قېيىر يېزىسى، قىزىل يېزىسى، توقسۇن يېزىسى، ياتۇر يېزىسى، كانچى يېزىسى، بۇلۇڭ يېزىسى، مىچىغ يېزىسى، چوڭ كۆۋرۈك يېزىسى، ئونباش يېزىسى، قاراباغ يېزىسى) بىر دىخانچىلىق مەيدانى(داۋانچى دىخانچىلىق مەيدانى) ۋە بىر نەسىللىك قوي فېرمىسى بار.
‹‹ئىسمى جىسمىغا لايىق گۈزەل ماكان ــ باي ناھىيىسى››تېمىسىدىكى بارلىق يازمىلاردا پايدىلانغان ماتېريال: ‹‹باي تەزكىرىسى››