گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 292|ئىنكاس: 0

يۇرتنى سۆيگەنلىك ــ ۋەتەننى سۆيگەنلىك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
55
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 5
تىللا: 1618
تۆھپە : 344
توردا: 36
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-6-11
ئاخىرقى: 2012-7-28
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-12 21:09:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يۇرتنى سۆيگەنلىك ــ ۋەتەننى سۆيگەنلىك

بىز ھەممىمىز بىر كىچىك ئائىلىدە تۇغۇلىمىز. بىز تۇغۇلغان ئەشۇ ئائىلە قانداقتۇ ئۆز ئالدىغا بىر مۇستەققىل دۇنيا ئەمەس. ئۇ ئالدى بىلەن بىز توپىلىرىدا ئېغىناپ چوڭ بولغان ئەشۇ مەھەلىگە، ئەترەت-كەنتكە تەۋە. بىز ئايىغىمىز چىققاندىن كېيىن مەھەللىمىزنىڭ توپىلىق يوللىرىدا، باغ-ھويلا، شورا تاملىرىدا ئاجايىپ تاتلىق قىلىقلىرىمىز بىلەن ئوينايمىز، دالىلاردا قوي باقىمىز ئوماق دوستلىرىمىز بىلەن بىرگە بوخچىلارنى ئېسىپ مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيمىز.مەيلى بىز نىمىلا ئىش قىلمايلى تۇغۇلىشىمىزدىلا مەلۇم توپ ئىچىگە تۇغۇلىمىز، شۇ توپ ئىچىدە ياشايمىز.كېيىنچە بىز ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاتا-ئانىمىزنىڭلا ئەمەس بەلكى شۇ توپ، شۇ يۇرتنىڭ پەرزەندىگە ئايلىنىپ قالىمىز. دىمەك بىز ئەلنىڭ، يۇرتنىڭ بالىسى. بىزنىڭ يالغۇز ئاتا-ئانىمىزلا ئەمەس بەلكى ئەشۇ يۇرت، خەلقىمىز ئالدىدىمۇ پەرزەنتلىك مەجبۇريىتىمىز ھەم قەرزىمىز بار. ئەجداتلار بىزگە شۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆزنى قالدۇرۇپ كەتكەن «ئەل-يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس» ئەگەر سىز ھەقىقى بىر ۋاپادار پەرزەنت بولسىڭىز ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىڭىزنى سۆيۈشتىن بورۇن ئەل- يۇرتىڭىزنى سۆيۈڭ، شۇ چاغدىلا ئەل-يۇرتىڭىز مەڭگۈ ئامان بولۇپ، رەڭگى-روھىڭىز سامان بولمايدۇ.
«سۆيۈش» تولىمۇ مۇققەدەس ۋە پاك شۇنداقلا غەرەزسىز.سۆيۈلۈشتىن ئىبارەت بۇ ئالى شان-شەرەپ ۋە ئىمتىيازغا ئەڭ ئالدى بىلەن ئېرىشىدىغىنى بىزنى ئۆز جىسمى ۋە يۈرەك قېنى بىلەن بۇ دۇنياغا ئاپرىدە قىلغان ئەزىز ئانىلار ھەم شۇ ئانىلارنىڭ بارلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان مۇقەددەس ئۇلۇغ ۋەتەندۇر. سۆيۈش ئادەمنىڭ ئەڭ ئەقەللىي پەزىلىتى، شۇنداقلا ئىنسانلىق بەلگە سۈپىتى. مۇشۇ بەلگە سۈپەت ئادەمنى ھايۋاندىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. ھايۋاندا سۆيۈش يوق. شۇڭا ئۇ ئەجدادىنى تونىمايدۇ،بىلمەيدۇ. ئەكسىچە  تىپىدۇ، چىشلەيدۇ. ئۆزى ياتقان ئېغىلنى بۇلغاپ يايلاقنى چەيلەيدۇ. مانا بۇ ھايۋان.
دىمەك بىز ھەر قايسى جەھەتلەردىن ھايۋانلاردىن ماھىيەتلىك پەرقلىنىمىز. ئۇنداقتا بىز ۋەتەننى، ئەل يۇرتنى قانداق سۆيىمىز؟ مانا بۇ مۇشۇ ۋەتەندە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان،مۇشۇ ئەلنىڭ ئاش-تۇزىنى يىگەن ھەر بىر پۇخرانىڭ ئالدىغا قويۇلغان،ۋەزىنى خېلىلا ئېغىر بولغان بىر سوئال. ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ ئەمەس،مىسقالچە سۆيگۈ بولسىمۇ شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە، پەقەت بىز تۇزكور ئاسىي بولمىساقلا.قىزىقچىلار شۇنداق دەپ قويىدۇ:«مىنىڭ ئەل-يۇرتنى شۇنداق سۆيگۈم بار. ئەپسۇس ھېلىغىچە ئۇنىڭ ئېغىزى بىلەن قۇلىقىنى تاپالمىدىم.» بۇ بىر كۈلكىلىك گەپ. سەن ئۇنىڭ ئېغىزى بىلەن قۇلىقىنى ئەمەس،قەلبىنى،روھىيىتىدىكى قايغۇ-ئەلەم، خوشاللىقلىرىغا تەڭكەش سوقىۋاتقان يۈرىكىنى تاپ! ئەڭ نازۇك نېرۋىلىرىڭ بىلەن ئۇنىڭ سوقۇشىنى تىڭشا!مانا بۇ سەندىكى ۋەتەنپەرۋارلىك، مانابۇ سەندىكى سۆيۈش.
ۋەتنپەرۋەرلىك يۇرتقا بولغان مۇھەببەتنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ.شۇڭا بىز ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلەردىن بولىمىز دەيدىكەنمىز،ئۇ ھالدا ئۆز يۇرتىمىزنى چۈشىنىشكە، ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە توغرا كىلىدۇ. ئۇنداقتا بىز يۇرتىمىز باينى زادى قانچىلىك چۈشۈنىمىز؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-8-12 21:10  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 10:48 , Processed in 0.113677 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش