گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
گۈزەل باي تورى مۇنبەر بىلۋېلىڭ ئۇنۋىرسال بىلىملەر پۇل تاپاي دئسىڭىز بۇ ئىشلارن ...
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 171 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 274|ئىنكاس: 6
go

پۇل تاپاي دئسىڭىز بۇ ئىشلارنىمۇ قىلىپ كۈرۈڭ

Rank: 4

يوقلىما
22
[?]
UID
75
جۇغلانما
1546
قىزغىنلىق
365
تىللا
425
تۆھپە
220
0
0
توردا
66 سائەت
تىزىملاتقان
2011-6-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-8

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى  مۇنبەر قىززىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-10 04:29:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپقا شۇنداق قارايدىغان بولساق ھەممە ئادەمنىڭ شۇنداق ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز، دىمىسىمۇ ھازىر كىم بىكار دەيسىز؟ ھەممىلا ئادەمنىڭ ئالدىرايدىغان ئىشى بار، ھەتتا كىچىك بالىلارنىڭمۇ شۇ. ھازىر كىچىك بالىلارنىڭ كۈندىلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى چوڭلار بىلەن ئوخشاشلا تولىمۇ زىچ، ئۇلار ھەم مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيدۇ، يەنە ھەر خىل كىچىك بالىلارنىڭ تەنھەركەتلىرىگە قاتنىشىدۇ، مەسىلەن، توپ تېپىش، قوغلاشماق ئويناش دىگەندەك....يەنە تېخى بەزى بالىلار ھەر خىل كۇرۇسلارغا بېرىپ مەلۇم خىل چالغۇ ئەسۋاب ياكى بىرەر ھۈنەر ئۆگىنىدۇ. ۋاي-ۋۇي قارايدىغان بولساق كىچىك بالىلار بىز چوڭلاردىنمۇ ئالدىراشمۇ نىمە؟ بىراق يەنە شۇ جاپاكەش ئاتا-ئانىلىرىمىز ھېرىپ-چارچىغىنىغا قارىماي، بالىلىرىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىشتەك ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ-دە بەزىدە خىزمىتىگىمۇ دەخلى يەتكۈزۈپ قويىدۇ. دوستۇم، مانا بىزنىڭ سىزگە تەۋسىيە قىلماقچى بولغان يېڭى بىر كەسپىمىز ئايان بولدى، ئۇ بولسىمۇ بالىلارنى ماشىنىدا توشۇش مۇلازىمىتى.
ناۋادا سىز بالىلارنى ياخشى كۆرسىڭىز، بۇنىڭدىن باشقا ماشىنا ھەيدەپ يول يۈرۈشنى ياقتۇرسىڭىز، بالىلارنى ماشىندا توشۇش بىلەن شۇغۇللانسىڭىز بولىدۇ. بۇ خىل خىزمەت بىلەن شۇغۇللانسىڭىز ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا نۇرغۇن ۋاقىتنى تىجەپ بېرەلەيسىز. ئەلۋەتتە ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ. ئالدى بىلەن سىزگە بۇ كەسىپنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سۆزلەپ بېرەي، بۇ خىزمەتنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، سىز ئادەتتىكى خىزمەت كۈنلىرىڭىزدە بالىلار بىلەن چوڭقۇر ھىسيات تۇرغۇزالايسىز، بالىلار بىلەن كۆپ ۋاقىت بىللە تۇرغان ئادەم قېرىمايدۇ، دەيدىغان گەپ بارغۇ؟ مۇشۇنداق بولغاچقا سىز بالىلارنىڭ تەسىرىدە شۇنداق ساغلام بولغان روھىي كەيپىياتقا ئىگە بولالايسىز، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى سىز چوقۇم كىچىك بالىلارنى ياخشى كۆرىدىغان بولىشىڭىز لازىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىزمەت خېرىدارلىرىڭىزنىڭ تۇرمۇشىنى رېتىملىق قىلىدۇ، بۇ كىشىگە نەقەدەر غەلبە شادلىقى بېغىشلايدۇ-ھە؟
ئەمدى بۇ كەسىپنىڭ كەمچىلىكىگە قارايدىغان بولساق، بۇ خىزمەتتە سىزنىڭ ئۈستىڭىزگە ئالىدىغان مەسئۇلىيىتىڭىز ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ، سىز يولدا دىققەت بىلەن ماشىنا ھەيدەپلا قالماستىن يەنە بالىلارنى بىخەتەر يەتكۈزىشىڭىز ھەمدە ئۇلارنى بارماقچى بولغان جايىغا يەتكۈزۈپ قويىشىڭىز لازىم، سىز ھەرگىزمۇ ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇس شوپۇرلىرىغا ئوخشاش، يولوچىلارنى چۈشۈرۈپ قويۇپلا، يولىڭىزغا راۋان بولسىڭىز بولمايدۇ.
ئەمدى قانداق قىلغاندا بۇ ئىشتىن غەلبە قازانغىلى بولىدىغانلىقىغا قاراب باقايلى: سىز چوقۇم ئۆزىڭىزدە سالماق، ئېغىر بېسىق ماشىنا ھەيدەش ساپاسىنى ھازىرلىشىڭىز، ماشىنىدىكى شاكىچىكلەرنىڭ سۈرەن-چوقانلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىڭىز لازىم، شاكىچىكلەرنىڭ ئىككىسىلا بىر يەرگە كەلسە قانچىلىك ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى مەن دىمىسەممۇ سىز بىلىسىز. شۇڭا چوقۇم ئالدى بىلەن مۇشۇنداق ۋاراڭ-چۇرۇڭدىمۇ دېققىتىڭىزنى بۆلمەيدىغان بولىشىڭىز لازىم. بۇ خىزمەت كىچىك بالىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان خىزمەت بولغانلىقى ئۈچۈن چوقۇم سىىزدە كىچىك بالىلارنى ياخشى كۆرىدىغان بىر يۈرەك بولىشى لازىم. چوقۇم ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشىنىدىغان بولىشىڭىز، ئۇلارنى ئۆزىڭىز بىلەن ئوخشاش كۆرۈپ مۇئامىلە قىلىشىڭىز، ئۇلارنى توشۇۋاتقان خالتا دەپ قارىماسلىقىڭىز لازىم. بۇلاردىن باشقا يەنە سىزدە ئىشلارنى بىر تۇتاش ئورۇنشلاشتۇرىدىغان ئىقتىدار بولىشى، قانداق قىلغاندا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى يولۇچىنى ئايرىم-ئايرىم بارماقچى بولغان جايىغا يەتكۈزۈپ قويۇشنى بىلىشىڭىز لازىم.

ئەلۋەتتە مەن دىمىسەممۇ بۇ خىزمەتتە قانداق سايمان كېتىدىغىنى بىلىسىز، سىزگە دەل ئالتىدىن كۆپ ئورۇندۇقى بار، ئىقتىدارى ياخشى ماشىنىدىن بىرسى لازىم. ماشىنا بولسىلا بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ، بۇنىڭدىن سىرت سىز تەييارلاشقا تىگىشلىك نەرسىلەر يەنە بار، سىز يەنە ئالاقىدار سۇغۇرتىلارغا قاتنىشىشىڭىز لازىم، يانفونىڭىز بولىشى، ئەلۋەتتە يانفونىڭىزنىڭ باتارىيىسى بىلەن پۇلىنىڭ تۈگەپ قالمىغىنى ياخشى. بۇنداق بولغاندا يەنە قاتناش ياكى كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرىشىدا مەسىلە كۆرۈلگەندە ياكى ئۆزگىرىش بولغان ئەھۋالدا، ئاتا-ئانىلارغا خەۋەر قىلىشقىمۇ قولايلىق بولىدۇ.
ئەمدى ھەقىچان بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانماقچى بولسام قانچە پۇل كېتەر دەپ ئويلىشىۋاتىسىز، بۇ ئىشنى قىلماقچى بولغاندا دەسلەپكى مەبلىغىڭىز 30 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈنگىچە بولىدۇ، بۇ مەبلەغنىمۇ ئاساسلىقى ياخشى بولغان نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىسىز، ناۋادا ئۆزىڭىزنىڭ بۇنداق ئاپتوموبىلى بولسىغۇ بىرمۇنچە پۇلنى تىجەپ قالالايسىز، بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانسىڭىز يىللىق كىرىمىڭىز تەخمىنەن 30 مىڭ يۈندىن 80 مىڭ يۈنگىچە بولىدۇ.
بۇ ئىشنى قىلسىڭىز ھەر كۈنى بالىلارنى تاق مۇساپىگە توشۇدۇق دەيلى، بىر بالىدىن ئېيىغا100-200گىچە ھەق ئالسىڭىز مۇۋاپىق بولىدۇ، ئەگەردە بالىلارنى ئاپىرىپ ئەكەلسىڭىز بىر بالىدىن ئېيىغا 200-300 يۈەنگىچە ھەق ئالسىڭىز، ھەر ھەپتىسىگە بەش كۈن ئىشلىسىڭىز بولىدۇ. ھەر ئايدا ئەڭ ئاز بولغاندا 10 بالىنى توشۇدىڭىزمۇ دەيلى، سىز بىر ئايدا 2000-3000 يۈەن كىرىم قىلىسىز. بۇ پۇلنىڭ 1000 يۈەنىنى ماشىنىنىڭ يېقىلغۇسىغا كەتتى دىسىڭىزمۇ 2000 يۈەن قولىڭىزغا ساق قالدى دىگەن گەپ.
ئەمدى بۇ ئىشقا رەسمىي كىرىشمەكچى بولسىڭىز چوقۇم تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىڭىز لازىم، ئالدى بىلەن ماشىنىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى ھالەتتە تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز لازىم، بىخەتەرلىك تاسمىسىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. ئىمكانىيەت يار بەرسە ماشىنىڭىزنىڭ ھۆسنىنىمۇ بىر قېتىم تۈزەپ قويۇڭ، بولسا قايتىدىن بىر سىرلىتىڭ، چۈنكى ئاتا-ئانىلار بىر ئەبجەق ئاپتوموبىلنى ھەيدەيدىغان ئادەمگە ئانچە ئىشەنچ قىلالمايدۇ، سىز بۇ ماشىنىڭىزغا چوقۇم ئېنىق ۋە چۈشىنشىلىك قىلىپ ئىسىم قويۇڭ ۋە ماشىنىنىڭ يان تەرىپىگە چىرايلىق ھەم كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان قىلىپ يېزىپ قويۇڭ. ئەلۋەتتە تېلفۇن نۇمىرىڭىزنى يېزىپ قويۇشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ، بۇنداق بولغاندا سىز ماشىنىڭىزنى نەگە ھەيدەپ بارسىڭىز، ئېلان تەشۋىقاتىمۇ سىز بىلەن بىللە شۇ يەرگە تەڭ بارىدۇ.

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

[?]
UID
137
جۇغلانما
2535
قىزغىنلىق
394
تىللا
1445
تۆھپە
57
0
0
توردا
403 سائەت
تىزىملاتقان
2011-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-10

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 01:06:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز. جەمىيەتنىڭ ھەرخىل كەسىپكە ئېھتىياجى چۈشىدۇ ئەلۋەتتە، پەقەت تىرىشچانلىق بولسىلا پۇل تاپقىلى بۇلدۇ. خىزمەت تېپىش تەس بولغىنى بىلەن پۇل تېپىش ئۇنچە تەس ئەمەس

Rank: 1

[?]
UID
171
جۇغلانما
114
قىزغىنلىق
34
تىللا
33
تۆھپە
0
0
0
توردا
6 سائەت
تىزىملاتقان
2011-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-22

مۇنبەر مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 09:38:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولدىن كەلمەيدىغان چوڭ ئىشلار ئەمەس بەلكى، ئۆزى ياقتۇرغان ۋە قىلىشقا قۇربى يەتكەن ئۇششاق ئىشلارمۇ ئادەمنى بايلىققا، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ، ئەلۋەتتە.

Rank: 2

[?]
UID
41
جۇغلانما
440
قىزغىنلىق
137
تىللا
84
تۆھپە
32
1
0
توردا
41 سائەت
تىزىملاتقان
2011-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-2

 ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-11 14:30:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەرجان ئەينى ۋاقىتتا بالا ئىدۇق.بالا ۋاقتىمىزدە ئاتا-ئانلىرىمىزغا سالمىغان جاپالىرىمىز قالمىغان ئىدى.قارىغاندا ئەمدى شۇ جاپايىمىزنىڭ دەستىدىن ۋاقىتسىز قېرىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ جاپا سىنى يەڭگۈللىتىش ئۈچۈن بۇ تەرەپلەردىن ئىزدىنىپ بىزلەرگە ئانچىلىك بولسىمۇ ئەسكەرتىمە بەرگنلىكىڭىزگە كۆپ رەخمەت.قوللىرىڭىزغا بەركەت ياغسۇن!!!!

Rank: 1

[?]
UID
157
جۇغلانما
81
قىزغىنلىق
25
تىللا
21
تۆھپە
0
0
0
توردا
4 سائەت
تىزىملاتقان
2011-8-1
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 10:57:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا

Rank: 2

[?]
UID
251
جۇغلانما
411
قىزغىنلىق
79
تىللا
206
تۆھپە
16
0
0
توردا
39 سائەت
تىزىملاتقان
2011-9-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-9

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 12:30:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىرگۈل يوللىغان ۋاقتى  2011-8-11 01:06
ياخشى تېما يوللاپسىز. جەمىيەتنىڭ ھەرخىل كەسىپكە ئېھتى ...

b بۇغۇ  بەك ياخشى پىكىرئىكەن  ئەپسۇس   يەنە شۇ پۇل  بارلارغا  بولغىدەك  ...پۇل بايغا ئاقىدۇ   \\\\\\\\سۇ سايغا............
دىل ئازا،خۇدا بىزا

Rank: 1

[?]
UID
253
جۇغلانما
106
قىزغىنلىق
28
تىللا
38
تۆھپە
0
0
0
توردا
12 سائەت
تىزىملاتقان
2011-9-6
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-1 14:09:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارارەتنىڭ پىكرىنى قوللايمەن،كىچىك دەپ بەزى ئىشلارنى ياراتمىز يۇ،شۇ كىچىك ئىشلارنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىنى ئويلاپمۇ قويمايمىز،يا چوڭنى قىلالمايمىز،شۇڭا نامراتلىققا پاتتۇقمىكىن دەپمۇ قالىمەن بەزىدە.
قايسى كۈنى خىيالىمغا بىر ئىش كەلگەنتى،كۆممىقوناق پىشۇرۇپ سېتىپ پۇل تېپىش،ئۆيدىكىلەرگە دىسەم ھەممىسى زاڭلىق قىلىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى،توۋا،سەن بىر داشۆ پۈتتۈرگەن ئادەم كوچىدا قوناق ساتامسەن؟خەق كۆرسە نىمە دەيدۇ دەپ.

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|QQ59496604|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-10-10 05:52 , Processed in 0.060309 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش