تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 2226 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2850|ئىنكاس: 12

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ 1-شەرتى (تەۋسىيە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-10 00:35:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-10 00:48  

چىشى ساق ئادەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈدۇ
ـــ ساغلاملىق ۋە گۈزەل تۇرمۇش ئېغىزدىن باشلىنىدۇ!
«‹مىسران› چىش ياساش-گۈزەللەشتۈرۈش ئورنى» نىڭ ئالاھىدە تەۋسىيەسى

misran-elan suret.jpg
ئىنسانلار ھاياتىدا ئىككى قېتىم چىش چىقىدۇ. بىرىنچى قېتىمدا سۈت چىشى، يەنى بوۋاق چىشى، ئىككىنچى قېتىمدا دائىملىق چىش، يەنى ئۆمۈرلۈك چىش چىقىدۇ.
سۈت چىشى
    سۈت چىشى-بوۋاق چىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ بالا توغۇلۇپ ئالتە ئايدىن سەككىز ئايغىچە بولغاندا چىقىشقا باشلاپ، ئىككى يېرىم ياشقا كىرگۈچە ئاستىنقى ۋە ئۈستۈنكى جاغقا 10 دىن، جەمئىي 20 دانە چىقىدۇ. ئاستىنقى جاغ سۈت چىشلىرى ئۈستۈنكى جاغ چىشلىرىغا قارىغاندا بالدۇرراق چىقىدۇ. سۈت چىشلىرى ئوتتۇرا سۈت چىشى، يان سۈت چىشى ۋە ئېزىق سۈت چىشلىرىغا ئايرىلىدۇ. ئوتتۇرا سۈت چىشى بالا 6-7 ئايلىق بولغاندا ئاستى-ئۈستىدە 4 تىن 8 دانە چىقىدۇ. يان سۈت چىشى 12 ئايلىقتىن 14 ئايلىققىچە بولغاندا 2 دىن 4 دانە چىقىدۇ. يەنە 4 تىن 8 دانە ئېزىق سۈت چىشى چىقىدۇ. ئالتە ياشقا توشقاندىن كېيىن سۈت چىشلىرى چۈشۈشكە باشلاپ، 12، 13 ياشقا كىرگۈچە دائىملىق چىشلار چىقىپ بولىدۇ.
دائىملىق چىش
دائىملىق چىش-ئۆمۈرلۈك چىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئادەم قېرىغانغا قەدەر ئاساسىي جەھەتتىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. سانى ئادەتتە 32 تال بولىدۇ. ئايرىم كىشىلەردە دائىملىق ئەقىل چىشىدىن 2 تال ياكى بىر تالدىن چىقماي قېلېپ، چىشلىرىنىڭ سانى 30، ياكى 28 تال بولۇپمۇ قالىدۇ. دائىملىق چىشلار دائىملىق ئوتتۇرا چىش، دائىملىق يان چىش، دائىملىق ئېزىق چىش ۋە دائىملىق ئەقىل چىشلارغا ئايرىلىدۇ. دائىملىق ئوتتۇرا چىش 4 تىن 8 تال، دائىملىق يان چىش 2 دىن 4 تال، دائىملىق ئېزىق چىش سەككىزدىن 12 تال، دائىملىق ئەقىل چىش 2 دىن 4 تال، جەمئىي 32 تال چىقىدۇ.
    چىشنىڭ ئۆزى چىش ئۇچى، چىش بوينى ۋە چىش تۈۋى (چىش يىلتىزى) دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. چىش ئۇچى ئېغىزدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. چىش يىلتىزى ئېڭەك سۆڭەك ئويمانلىرىغا پېتىپ تۇرغاچقا كۆرۈنمەيدۇ. چىش ئۇچى بىلەن چىش تۈۋىگىچە بولغان ئارىلىق چىش بوينى دەپ ئاتىلىدۇ. ئوتتۇرا چىشلاردا بىردىن يىلتىز، يان چىشلاردا ئىككىدىن يىلتىز، ئېزىق چىشلاردا ئىككىدىن بەشكىچە يىلتىز بولىدۇ. چىشلار يېمەكلىكلەرنى ئۈزۈش، چايناش، ھەمدە ئېزىپ ئۇلارنى ھەزىم قىلىشقا لايىقلاشتۇرۇش، ئېزىقدىكى شۆلگەيلەرنى توختىتىش ۋە كونترول قىلىشتەك رولغا ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ،گەپ قىلغاندا سۆزلەرنىڭ تولۇق ۋە توغرا چىقىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئادەمگە زىننەت كىرگۈزىدۇ. شۇڭا چىشلارنى ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىش، تاماقتىن كېيىن، ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىشنى پاكىز يۇيۇش، شاكىراپ تۇز سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقاش، ئەڭ ياخشى چىش مەلھىمىنى چىش چوتكىسىغا يۇقتۇرۇپ چوتكىلاشنى ئادەت قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە چىشلارنى بەك سوغۇق ۋە قىزىق، بەك ئاچچىق ۋە چۈچۈمەل يېمەك-ئىچمەكلەردىن، ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق نەرسىلەرنى چىشلەشتىن ساقلىنىش كېرەك.
    ئەجدادلىرىمىز مىسۋاك بىلەن چىشنى تازىلاش، ياكى مەخسۇس چىش تالقان (سۇنۇن) لىرى بىلەن چىشنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئاسراشتەك ئېسىل تازىلىق ئەنئەنىلىرىگە ئىگە.
چىشنى ئاسراش
چىشنى ئاسراشتا، يۇقىرىقىدەك ئۇسۇللار ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى بولسىمۇ، بىراق، چىشنى قەرەللىك يۇيدۇرۇپ تۇرۇش، قۇرت يېگەن، سۇنۇپ كەتكەن چىشلارنى مەخسۇس چىش ياساش-گۈزەللەشتۈرۈش ئورۇنلىرىغا بېرىپ چىش تولۇقلاپ سالدۇرۇش، چىش ئۇلاش، چىش قاپلىتىش، ئىلاجى بار ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم، ھېچ بولمىسا يىلدا بىر قېتىم چىشىنى يۇيدۇرۇپ، چىش تۈۋىگە يىغىلىپ ھاسىل بولۇدىغان، چىشنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى-«چىش تېشى» نى يۇيدۇرۇپ چىقىرىۋېتىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا چىشىڭىز قېرىغاندىمۇ ساپ-ساق، پارقىراپ تۇرىدۇ. چىشىڭىز ساق تۇرىدۇ.
مۇتەخەسىسلەر، ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرگەنلەرنىڭ چىشىنىڭ ياشانغان ۋاقىتلىرىغىچە ساق تۇرغانلىقىنى، چىشىنى ياخشى ئاسراش-ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
چىش ساق بولسا، تاماق ئاسان ۋە تولۇق ھەزىم بولىدۇ. ئاشقازىنىڭىز ساق بولىدۇ. ئاشقازان ساق بولسا تەندىكى باشقا ئەزالارمۇ ساق بولىدۇ.
ئەگەر چىشىڭىزنى ياخشا ئاسراي دېسىڭىز، ناھىيەمىزدە يېڭىدىن ئېچىلغان «‹مىسران› چىش ياساش-گۈزەللەشتۈرۈش ئورنى» غا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ!

«مىسران» چىش سېلىش-گۈزەللەشتۈرۈش ئورنى
مۇلازىمەت تۈرلىرى
چىش سېلىش، چىش زاماسكىلاش، نۇر زاماسكا، ئۇلتىرا دولقۇن ئارقىلىق چىش يۇيۇش، چىش پارقىرىتىش، سۇنۇق چىشنى قاپلاش، چىش ئۇلاش...قاتارلىقلار.
ئورنى: قەلبداشلار سودا كوچىسى غەربىي بىنانىڭ 2-قەۋەت جەنۇبىي بۆلىكىدە (قاتناش يولىغا يېقىن)
كەسپكار: ئېرشادجان قەھرىمان
Tel: 15899355021


misran-elan suret.jpg


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-11 01:07:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
misran 标记.jpg

بۇ بۆلەكنى چوقۇم ئوقۇپ كۆرۈڭلار!
...
چىشنى ئاسراش
چىشنى ئاسراشتا، يۇقىرىقىدەك ئۇسۇللار ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى بولسىمۇ، بىراق، چىشنى قەرەللىك يۇيدۇرۇپ تۇرۇش، قۇرت يېگەن، سۇنۇپ كەتكەن چىشلارنى مەخسۇس چىش ياساش-گۈزەللەشتۈرۈش ئورۇنلىرىغا بېرىپ چىش تولۇقلاپ سالدۇرۇش، چىش ئۇلاش، چىش قاپلىتىش، ئىلاجى بار ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم، ھېچ بولمىسا يىلدا بىر قېتىم چىشىنى يۇيدۇرۇپ، چىش تۈۋىگە يىغىلىپ ھاسىل بولۇدىغان، چىشنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى-«چىش تېشى» نى يۇيدۇرۇپ چىقىرىۋېتىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا چىشىڭىز قېرىغاندىمۇ ساپ-ساق، پارقىراپ تۇرىدۇ. چىشىڭىز ساق تۇرىدۇ.
مۇتەخەسىسلەر، ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرگەنلەرنىڭ چىشىنىڭ ياشانغان ۋاقىتلىرىغىچە ساق تۇرغانلىقىنى، چىشىنى ياخشى ئاسراش-ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
چىش ساق بولسا، تاماق ئاسان ۋە تولۇق ھەزىم بولىدۇ. ئاشقازىنىڭىز ساق بولىدۇ. ئاشقازان ساق بولسا تەندىكى باشقا ئەزالارمۇ ساق بولىدۇ.

20130405030657256[1].png

b6f11e8068135a16783c7fbb54d2f1ae[1].jpg

u=1823415131,784568531&fm=23&gp=0[1].jpg

u=2436215642,292674310&fm=21&gp=0[1].jpg

u=1579866394,2294238695&fm=21&gp=0[1].jpg


ۋاقتى: 2013-11-11 01:15:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر خۇشخەۋەركەن، كۆپچىلىكنى خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەخمەت


ۋاقتى: 2013-11-11 01:48:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىكەن، ئىشلىرىڭىزنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولىشىغا تىلەكداشمەن!


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-13 20:13:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت!


ۋاقتى: 2013-11-14 11:11:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەجەپ ئۇقماي يۈرۈپتىمەن دىسە مۇشۇنداق ياخشى جاينى . ھۆرمەتلىك ئەرچىن ئەپەندىمنىڭ مانا بۇ قىممەتلىك تېمىسى ئارقىلىق بىلۋالدىم . ئەمدى چىشىمنى زاماسكىلاپ ياكى سالدۇرۇپ ، قاپلاپ ياكى بولمىسا يۇيۇپ دىگەندەك قىلشىنى ئويلىسام قەلىپداشلار كوچىسىغا كىرىپ « مىسران » نى تاپسام بولغۇدەك .
قەخىرمان ئەرچىن ئەپەندىمنىڭ « چىش ئېلانى » غا چىققىنى بۈگۈن كۆردۈم
، ھى ھى ھى ... !


ۋاقتى: 2013-11-14 14:09:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-14 17:21  
مۇختەرجان يوللىغان ۋاقتى  2013-11-14 11:11
مەن ھەجەپ ئۇقماي يۈرۈپتىمەن دىسە مۇشۇنداق ياخشى جاينى  ...


قەخىرمان ئەرچىن ئەپەندىمنىڭ « چىش ئېلانى » غا چىققىنى بۈگۈن كۆردۈم ...
ئاۋۇ جىنەستىدەك لەۋلەر ۋە سەدەپتەك چىشلارنى ئەرچىننىڭ دەپ ئويلاپ قالمىغانسىز ھە، مۇختەرجان؟...


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-16 00:32:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مۇختارجان بىلەن ئەرتۇغ بۇرادەرنىڭ سەمىمىي چاقچىقىدىن كۈلۈپ كەتتىم دېسە!
مېنى بىر ئالدىڭلار جۇمۇ!


ۋاقتى: 2013-11-26 22:15:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرچىن يوللىغان ۋاقتى  2013-11-16 00:32
مۇختارجان بىلەن ئەرتۇغ بۇرادەر ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  بارلق تورداشلار  
تەن ساقلىق  زور  بايلق دەپ  ئوزۇن ئۇمۇر  كۈرمەن دىسەك باشقا  قەلبداشلار  كوچىسىغا  بېرىپ  مىسرانىلا  تاپساق  بولدىغان  ئىشكەنغۇ  ، ئەرچىن ئەپەندى  رەھمەت جىما  سىزگە .  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-29 00:03:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-29 00:04  

ئىنسانلار ھاياتىدا ئىككى قېتىم چىش چىقىدۇ. بىرىنچى قېتىمدا سۈت چىشى يەنى بوۋاق چىشى، ئىككىنچى قېتىمدا دائىملىق چىش يەنى ئۆمۈرلۈك چىش چىقىدۇ.
سۈت چىشى
     سۈت چىشى بوۋاق چىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى ئۇ بالا توغۇلۇپ ئالتە- سەككىز ئاي بولغاندا چىقىشقا باشلاپ، ئىككى يېرىم ياشقا كىرگۈچە ئاستىنقى ۋە ئۈستۈنكى جاغقا 10 دىن جەمئىي 20 دانە چىقىدۇ. ئاستىنقى جاغ سۈت چىشلىرى ئۈستۈنكى جاغ چىشلىرىغا قارىغاندا بالدۇرراق چىقىدۇ. سۈت چىشلىرى ئوتتۇرا سۈت چىشى، يان سۈت چىشى ۋە ئېزىق سۈت چىشلىرىغا ئايرىلىدۇ. ئوتتۇرا سۈت چىشى بالا ئالتە- يەتتە ئايلىق بولغاندا ئاستى - ئۈستىدە تۆتتىن سەككىز دانە چىقىدۇ. يان سۈت چىشى 12-14 ئايلىق بولغاندا ئىككىدىن تۆت دانە چىقىدۇ. يەنە تۆتتىن سەككىز دانە ئېزىق سۈت چىشى چىقىدۇ. ئالتە ياشقا توشقاندىن كېيىن سۈت چىشلىرى چۈشۈشكە باشلاپ 12-13 ياشقا كىرگۈچە دائىملىق چىشلار چىقىپ بولىدۇ.
دائىملىق چىش
     دائىملىق چىش ئۆمۈرلۈك چىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئادەم قېرىغانغا قەدەر ئاساسىي جەھەتتىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. سانى ئادەتتە 32 تال بولىدۇ. ئايرىم كىشىلەردە دائىملىق ئەقىل چىشىدىن ئىككى تال ياكى بىر تالدىن چىقماي قېلېپ، چىشلىرىنىڭ سانى 30 ياكى 28 تال بولۇپمۇ قالىدۇ. دائىملىق چىشلار دائىملىق ئوتتۇرا چىش، دائىملىق يان چىش، دائىملىق ئېزىق چىش ۋە دائىملىق ئەقىل چىشلارغا ئايرىلىدۇ. دائىملىق ئوتتۇرا چىش تۆتتىن سەككىز تال، دائىملىق يان چىش ئىككىدىن تۆت تال، دائىملىق ئېزىق چىش سەككىزدىن 12 تال، دائىملىق ئەقىل چىش ئىككىدىن تۆت تال جەمئىي 32 تال چىقىدۇ.
     چىشنىڭ ئۆزى چىش ئۇچى، چىش بوينى ۋە چىش تۈۋى ( يىلتىزى) دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. چىش ئۇچى ئېغىزدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. چىش يىلتىزى ئېڭەك سۆڭەك ئويمانلىرىغا پېتىپ تۇرغاچقا كۆرۈنمەيدۇ. چىش ئۇچى بىلەن چىش تۈۋىگىچە بولغان ئارىلىق چىش بوينى دەپ ئاتىلىدۇ. ئوتتۇرا چىشلاردا بىردىن يىلتىز، يان چىشلاردا ئىككىدىن يىلتىز، ئېزىق چىشلاردا ئىككىدىن بەشكىچە يىلتىز بولىدۇ. چىشلار يېمەكلىكلەرنى ئۈزۈش، چاينەش ھەمدە ئېزىپ ئۇلارنى ھەزىم قىلىشقا لايىقلاشتۇرۇش، ئېزىغدىكى شۆلگەيلەرنى توختىتىش ۋە كونترول قىلىشتەك رولغا ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە گەپ قىلغاندا سۆزلەرنىڭ تولۇق ۋە توغرا چىقىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئادەمگە زىننەت كىرگۈزىدۇ.

(داۋامى بار)


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان. گۈزەل باي تورى ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۈزەل باي تورىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

新疆拜城网 新疆拜城县网 拜城网 拜城县网 拜城县第一门户网站 阿克苏拜城县 阿克苏拜城网

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|拜城网   

GMT+8, 2014-6-12 15:08 , Processed in 0.238763 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش