گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 275 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 213|ئىنكاس: 0

ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

يوقلىما
12
تېما
7
قىزغىنلىق
64
تىللا
144
تۆھپە
31
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 22:14:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرگۇلى بۇلىدۇ
      ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا نوقۇل دەرسلىك كىتابتىكى مەزمۇنىنى ئىگىلىتىش ئارقىلىق يېزىقچىلىققا يىتەكلەشنى مەقسەت قىلماي،ئۇلارنى رىياللىقتىكى ئۈزى ھېس قىلغان كەڭ تەبىئەتتىكى تۇرمۇشتا ئۈزى سەزگەن ،بالىلارغا خاس تەپەككۇر جەھەتلەردكى ئېستېتىك زوقلاندۇرۇش، گۈزەللىك، ئوقۇش، سۆزلەش، ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۇلاردا بەلگىلىك يېزىقچىلىق ماھارىتى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىشى كىرەك. مېنىڭچە، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى تۆۋەندىكى نۇقتىلار بويىچە يېتەكلىشى كېرەك دەپ قارايمەن.
     1. ئوقۇتقۇچى دەرسخانا ئىچىدىكى ئوقۇتۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئوقۇغۇچىلارنى كەڭ تەبئەتكە باشلاپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈزى كورگەن ،ھېس قىلغانلىرىدىن تېما تاللاپ ئۆز تىلى بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق يىتەكلەشكە ماھىر بۇلۇپ  ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەدەبىياتنىڭ رېئال تۇرمۇشنى ئەكس  ئەتتۈرۈشتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى كەڭ تەبىئەتتىن  دادىللىق بىلەن ماتىريال توپلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.  
2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى ئۆگەنگەن ،ھېس قىلغىنىنى ئۆز بىلىمىگە ئايلاندۇرۇپ يازالماسلىقى، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ، ئەسەردىكى ۋەقەلىكنى سۆزلەپ بېرەلمەسلىكى، شېئىرلارنى ھېسسىياتلىق دىكلاماتسىيە قىلالماسلىقى... قاتارلىقلار يېزىقچىلىق ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تەرەپلەر بۇلۇپ، ئوقۇتقۇچى پائالىيەت خاراكتېرلىك ئوقۇتۇش، ئويۇن خاراكتېرلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەبئىتكە يىتەكلەپ ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزلەش، ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق يېزىقچىلىق مەشىقىگە ئاساس سېلىش كېرەك.  
3.   ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى دەرسلىككە كىرگۈزۈلگەن تۈرلۈك كورسەتمە ماتىرياللاردىن  ئەجدادلارنىڭ ئېسىل مەدەنىي – مىراسلىرىنى، داڭلىق كىشىلەرنىڭ، ئەدىپلەرنىڭ جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى، ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى پېرسوناژلارنىڭ تۇرمۇشى، ھاياتنى سۆيۈش روھىدىن ئىلھام ئېلىپ ،ئەتراپلىق تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە يېتەكلەپ، ئۇلاردا توغرا دۇنيا قاراش تۇرغۇزۇش ۋە ھېسسىيات پەيدا قىلىش ئارقىلىق،ئۇلارغا ئۆزلىرى ھېس قىلغاننى سۆزلەپ بېقىشقا، يېزىپ بېقىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ئىجاتچانلىقىنى يۇقۇرى كۇتىرىشكە مەدەت بىرىش.
4.  يەنە بىر ئەڭ مۇھىم ھالقا يەنىلا ئوقۇتقۇچىلىرىمىز زىرىكمەي ، تىرىكمەي ئۈگىتىش بىلەن ئۈزى ئەمەلىي قول سېلىپ ئۈلگە كورسىتىشكە ئەھمىيەت بىرىپ ، ئۈزىنىڭ يېزىقچىلىق جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە ئالاھىدا كۇچ سەرىپ قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغانلىرىنى تەپسىلى ،ئىنىچكە مۇھاكىمە قىلىپ ئادىل  بىرمۇ بىر باھا بىرىش . ھەرگىزمۇ قول ئۇچىدا تەكشۈرۈپ باھا سۈزى يازماسلىق لازىم.



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىق تىللا تۆھپە يىغىش سەۋەبى
admin + 5 + 5 + 2

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5  تىللا + 5  تۆھپە + 2   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-21 20:34 , Processed in 0.112237 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش