گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 421|ئىنكاس: 1

باينىڭ تۇنجى ئۇيغۇر ۋاڭى-گادايمۇھەممەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
38
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1249
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 3
تىللا: 406
تۆھپە : 70
توردا: 23
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-7-3
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 22:06:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

[   باينىڭ تۇنجى ئۇيغۇر ۋاڭى-گادايمۇھەممەت
   تەييارلىغۇچى-دوناي

گادايمۇھەممەت(؟-1775)،ئويغۇر،ئۈچتۇرپانلىق،باينىڭ تۇنجى ئويغۇر ۋاڭى.چىيەنلوڭنىڭ 24-يىلى(1759)گوگۇڭ يەنى ئەركانبەگ مەنسىپى بېرىلىپ،16يىل مەنسەپتە ئولتۇرغان بولۇپ، دادىل،پاك،خەلقسۆيەر دانىشمەن ۋاڭ ئىدى.ئۇنىڭ ئائىلىسى دۆلەتمەن ئائىلە بولسىمۇ بىراق  ئۇ ئەزەلدىن بايۋەتچىلەردەك ياشىمايتتى .ئۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ،ئەخلاق-پەزىلەت ۋە ئىلىم ئىگەللىشكە تەڭ ئېتىۋار بېرىدىغان بولغاچقا ،ئۇستاز ۋە ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى.مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە ،ئاقسۇ ۋە قەشقەرگە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا بېرىپ،دىنى بىلىمنى پۇختا ئىگەللەپلا قالماستىن، بەزى ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان.ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن يەركەن خانلىقىدا كىچىك مەنسەپ تۇتقان بولۇپ، ئىشنى توغرا-ئادىل بىجىرگەچكە،خەلقنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.شۇڭا ئۇنىڭغا ئىشداشلىرىنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغالغان بولسىمۇ،ئەمەلدارلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشىپ، ئىشى ئوڭغا تارتقان.ئۇنىڭ ياخشى نامى ئەتراپقا تارقالغاچقا،يەركەن خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىنمۇ جۇڭغار ھۆكۈمرالىقى تەرىپىدىن يەنە بايغا بەگ قىلىپ تەيىنلىنىپ،باينى ئىدارە قىلغان.باي ئەينى چاغدا باي ۋە سايرامدىن ئىبارەت ئىككى شەھەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ،.ئايرىم-ئايرىم بەگ قويۇلۇپ ئىدارە قىلىنغان. باينىڭ ھاكىمبەگلىكى گادايمۇھەممەت ئۇرۇقىغا  مىراس قىلىپ بېرىلگەن.
چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن،شىنجاڭغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن،شۇ جاينىڭ ئەمىليىتىنى چىقىش قىلىش،تەرتىپ بويىچە تەدرىجى ئىلگىرلەش پىرىنسىپى بويىچە،ئالدى بىلەن ھەربى مەھكىمە تۈزۈمىنى يولغا قويغان.چىيەنلوڭنىڭ 27-يىلى (مىلادى1762-يىلى) چىڭ ھۆكۈمىتى ئىلى سانغۇن مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىپ، مىڭرۈينى تۇنجى ئىلى سانغۇنى قىلىپ تەيىنلىگەن. سانغۇن مەھكىمىسى ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى باياندايغا (ھازىرقى قورغاس ناھيىسى تەۋەسىدە) تەسىس قىلىنغان.ئۇنىڭ ئاساسى مەسۇليىتى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىدا تۇرۇشلۇق چېگرا مۇداپىە ئەسكەرلىرىنى باشقۇرۇش بولۇپ،ھەربى مۇداپيەنى ئاساس،پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مەمۇرى ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قوشۇمچە قىلاتتى ، شۇنداقلا چىڭ سۇلالىسىگە قاراشلىق ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ۋە قازاق قەبىلىلىرنى باشقۇراتتى.بۇ ئورگان گەرچە چوڭ بولمىسىمۇ ئىمتىيازى چوڭ بولغان.بۇ يۇقۇرى تەبىقىلەردە گەۋدىلىك ئىپادىلىنەتتى،ئوتتۇرا تۆۋەن قاتلاملاردا يەنىلا كونا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى قوللۇنۇلۇپ، فىيېۋدال قەبىلە باشلىقلىرى ئاۋۋالقىدەكلا ئۆز جايىنى ئۆزلىرى ئىدارە قىلىشاتتى.ئىلى سانغۇن مەھكىمىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى جوڭگونىڭ شىمالى مۇداپىە لىنىيىسىدە شەرق بىلەن غەرپنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى مۇكەممەل سېستىمىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا،چىڭ ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە باش بۇغ(سانغۇن دەرىجىلىك)،ئىلى،چۆچەك ،قەشقەر قاتارلىق جايلاردا مەسلىھەتچى ئامبال تەسىس قىلىپ،جايلارنىڭ ھەربى مەمۇرى ئىشلىرىنى باشقۇرغان. قەشقەرنىڭ مەسلىھەتچى ئامبىلى تۇرۇشلۇق جاي بىر مەزگىلدىن كېيىن قەشقەردىن ئۈچتۇرپان ۋە يەكەنگە كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، باي قەشقەر مەسلىھەتچى ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىغا قارىغان.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جەنۇبى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارغا ئاغلاقچى ئامبال، خان ئامبال،يانداش خان ئامباللار قويۇلغان.كېيىنچە باي ئاقسۇ خان ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇش دائىرسىدە بولغان.  
يەرلىك مەمۇرى باشقۇرۇش جەھەتتە،چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مىللى ئۆرپ-ئادىتى  ۋە ئىجتمائى-تارىخى ئەھۋالىغا ئاساسەن،ئوخشىمىغان مەمۇرى تۈزۈملەرنى يولغا قويغان. يەنى:خەنزۇ ئاھالىسى كۆپرەك،ئىچكىرى بىلەن ئالاقىسى قويۇقراق بولغان ئۈرۈمچىنىڭ شەرقىدىكى رايونلارغا ئايماق ناھىيە تۈزۈمىنى يۈرگۈزگەن.تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى كۆچمەن چارۋىچى موڭغۇل، قازاقلار ۋە باينى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ،قۇمۇل تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلارغا «جاساق»تۈزۈمىنى يۈرگۈزگەن.چىڭ ھۆكۈمىتى ھەرقايسى قەبىلە باشلىقلىرىغا چىنۋاڭ، جۈنۋاڭ،بېيلى،بېيزى،گۇڭ،تەيجى قاتارلىق ئوتۇغاتلارنى بېرىپ،ئۇلارنى شۇ رايوننىڭ جاساق بەگلىكىگە تەيىنلەپ،شۇ قەبىلە-مىللەتنىڭ مەمۇرى  ئەدلىيە ئىشلىرىنى باشقۇرغان.جاساق بەگلەر چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەنسەپكە تەيىنلەش-مەنسەپتىن قالدۇرۇشى ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلسىمۇ بىراق چىڭ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى جاساق-بەگلەر باشقۇرۇشىدىكى قەبىلىلەر بىلەن بىۋاستە ھىچقانداق ئالاقە قىلمىغان،ھەم باج -سېلىق ۋە ئالۋان-ياساقمۇ ئالمىغان.جاساق بەگلىك ئاساسى جەھەتتىن ئاتىدىن بالىغا مىراس قىلىپ بېرىلگەن.
چىڭ سۇلالىسى چىيەنلوڭنىڭ 23-يىلى(1758)چوڭ-كىچىك غوجا-غوجا بورھانىدىن ۋە خوجا جاھان ئىسيان كۆتىرىپ چىڭ قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىدۇ.چېگرانى تىنچلاندۇرغۇچى سانغۇن جاۋخۇي گادايمۇھەممەتنى يانداش باشبۇغلۇققا تەيىنلەپ،بورھانىدىن خوجىنىڭ ياركەنتتىكى خوجا جاھانغا لەشكىرى ياردەم بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قەشقەر يولىدا تۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ.جوجا جاھان قاراسۇ(قاراسۇ بارگاھى)دا جاۋخۇينى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالىدۇ،گادايمۇھەممەت مۇھاسىرىنى بۆسۈپ،جاۋخۇينى قۇتقۇزۇشقا ئورۇنۇپ باققان بولسىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماي،ئاقسۇغا قايتىپ، خان ئامبال شۇ خېدې بىلەن لەشكەر يۆتكەپ ياردەم بېرىشنى مەسلىھەتلىشىپ،2مىڭ لەشكەر بىلەن ياردەمگە ئاتلىنىدۇ.گادايمۇھەممەت ئاقسۇ بېگى قاتارلىقلارنى باشلاپ ئالدىدا يۈرۈش قىلىپ،ئۇدۇل ئىسيانكار قوشۇن بارگاھىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. چىيەنلوڭنىڭ 24-يىلى(1759)جاۋخۇي ياردەمگە ئېرىشىپ قاراسۇدىكى قورشاۋدىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ. گادايمۇھەممەت كۆرسەتكەن تۆھپىسى ئۈچۈن پەرمان بويىچە 1-دەرىجىلىك ياساۋۇللۇققا ئۆستۈرلۈپ باينىڭ بەگلىكىگە قويۇلىدۇ.ئۇنىڭدىن كېيىن  گادايمۇھەممەت يەنە چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى بىلەن بىرگە چوڭ-كىچىك خوجىلارغا جازا يۈرۈش قىلىپ،ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن،خاننىڭ پەرمانى بويىچە   گۇڭ دەرىجىلىك بەگ قىلىپ ئۆستۈرۈلۈپ،قەشقەرنىڭ ھاكىم بەگلىكىگە تەيىنلىنىدۇ. چىيەنلوڭنىڭ29- يىلى(1764) گادايمۇھەممەت قول ئاستىدا ئىشلەيدىغان غاپپارنى قوقەنتكە سودا قىلىشقا ئەۋەتكەندە قەشقەر ئىشىكئاغا بېگىنىڭ قوقەنتلىكلەر بىلەن مەخپى تىل بىرىكتۈرۈپ،توپىلاڭ كۆتۈرۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى سېزىپ، چىڭ قوشۇنلىرىغا مەلۇم قىلىپ تەقدىرلىنىدۇ.     
چىيەنلوڭنىڭ 28-يىلى(1763)گادايمۇھەممەت خان ئامبال يوڭ گۈيگە  جەنۇبى شىنجاڭنىڭ سۇ ئىشلىرىنى بايان قىلىپ،جەنۇبى شىنجاڭدا سۇ-ئىنشائات قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يەرلىك مەنسەپدارلار  ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلاپ،  توسما ياساپ، يەرلىكنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە چارۋىنىڭ ئىچىملىك سۇ ئېھتىياجىنى قامدايدۇ.
بۇ مەزگىلدە  گادايمۇھەممەت  تەشەببۇس قىلىپ،بىرقانچە بەگلەر بىلەن بىرگە1000دادەن شال ئىئانە قىلىپ،شەھەر بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىدا نامراتلارنى قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن ساقلاپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ياغاچ-تاش ياردەم قىلىپ 300يۈرۈش لەشكىرى چېدىر سالدۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىە قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشىدۇ. چىيەنلوڭنىڭ 30-يىلى(1765)ئۈچتۇرپان يېغىلىقىنىڭ سەردارى قوقەنتتىن ياردەم سوراپ ئادەم ئەۋەتىدۇ،ئۇلار يول بويى نۇرغۇن شەھەرلەردە پاراكەندىچىلىك يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە داۋراڭ سېلىپ ماڭىدۇ. پۇقرالارنى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش، يۇرتنى بالايى ئاپەتتىن ساقلاپ قېلىش  ئۈچۈن، گادايمۇھەممەت قول ئاستىدىكى ئايمۇھەممەتنى قىرغىز ئاۋۇللىرىغا يۇرتنى تىنچلاندۇرۇشقا ئەۋەتىپ،ئۈچتۇرپاندىن باشقا شەھەرلەرنىڭ تىنچ ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ ۋەزىيەتنىڭ تىنچ-مۇقۇملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. گادايمۇھەممەت ھاكىمبەگ  بولغان مەزگىلدە ئادىل يۇرت سوراپ،پۇقرالارنى ئاسراپ،يۇرتنى پاراكەندچىلىكتىن ساقلاپ،ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ،ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ ماقتىشىغا سازاۋەر بولغاچقا، كۆپ قېتىم ئوردىنىڭ تارتۇقلىشىغا ئېرىشىدۇ.
   چىيەنلوڭنىڭ 40-يىلى(1775) گادايمۇھەممەت ھاكىمبەگ ۋاپات بولىدۇ.ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ ئوغلى ئابدۇراخمان  ۋارىسلىق قىلىدۇ. گادايمۇھەممەت ھاكىمبەگلىك مەنسىپىدە ئولتۇرغان مەزگىلدە ئاكتىپلىق بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ،خەلقنى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن ساقلاپ،يۇرتنى بالايى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ، چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرى ۋە مۇستەملىكىچىلەرگە زەربە ببېرىدۇ.ئۇ مەنسەپكە ئولتۇرۇپ،پۇقرالارنى بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش،ئىچكى يېغىلىقنى ئاززايتىپ ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭنىڭ سىياسى ۋەزىيىتىنى مۇقىم قىلىش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشىدۇ.ئۇنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىپ تىنچلاندۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئىگىلىكنى راۋاجلادۇرۇش،چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قېپقالغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ئاكتىپ ماسلىشىش،پۇقرالارنى يۇرتىغا قايتىپ بوزيەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىشقا ئۈندەش، سودىنى راۋاجلاندۇرۇپ ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈش،يەرلەرنى ئۆلچەپ باج سېلىقنى بېكىتىش سىياسىتى جايلاردىكى بەگ-ئشانلارنىڭ كۆز بويامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ،ئاممىۋى ئىشلار ۋە مائارىپ گۈللىنىپ،ئىجتىمائى تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.سىياسى جەھەتتە چىرىكلەشكەن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، گادايمۇھەممەتتەك بىر فېۋدال بەگنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك ئىشلارنى قىلالىشنى ھەقىقەتەن قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ئىش دىيىشكە بولىدۇ.      
ئىزاھات:         
﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏﹏
پوچتا نومۇرى:    842300


   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دوناي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-14 22:10  



Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1226
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 571
تۆھپە : 18
توردا: 39
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2012-10-8
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-15 23:37:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aa
ياخشىغۇ،باينىڭ ئۆتمۇشتىكى تارىخىنى ئازىراق بولسىمۇ چۇشنىۋالدىم،


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 12:13 , Processed in 0.125688 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش