گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 682|ئىنكاس: 8

بايدا ئۆتكەن «ئۇيغۇر ۋاڭ-گۇڭ»لار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
38
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1249
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 3
تىللا: 406
تۆھپە : 70
توردا: 23
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-7-3
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 23:47:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[                       بايدا ئۆتكەن «ئۇيغۇر ۋاڭ-گۇڭ»لار

                                             دوناي
1-بايدىمۇ ۋاڭ ئۆتكەن
مەن 2010-يىلى 7-ئايدا ئىنىستىتوتنى پۈتتۈرگەنلىكىمىزنىڭ20يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن كۇچا ناھىيىسىدە باشلانغان ساۋاقداشلار  يىغىلىشىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە، كۇچا ۋاڭلىقىنىڭ ئاخىرقى ۋاڭى، مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ ئاخىرقى بىردىن بىر ۋاڭ، بىردىنبىر ۋاڭ ئەۋلادىدىن بولغان مەمۇر، شۇنداقلا مەڭگۈ پېنسىيىگە چۈشۈرۈلمەيدىغان  مەمۇر،باشقارما دەرىجىلىك رەھبەر،كۇچا ناھىيىلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى-داۋۇت مەخسۇتنىڭ بايانىدىن قۇمۇل تۇرپاندىن باشقا يەنە باي ناھىيىسىدىمۇ گۇڭ(ۋاڭ)ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ،بايدىمۇ ۋاڭ ئۆتكەن ئىكەندە دەپ ئويلاپ،داۋۇت مەخسۇت ۋاڭنىڭ سۆزلىرىنى قېتىر قېنىپ ئاڭلىدىم.داۋۇت ۋاڭ گەرچە 70ياشلاردىن ھالقىغان بولسىمۇ،تەپەككۈرى نورمال،ئەستە تۇتۇشى ياخشى،خەنزۇچە سەۋىيىسىمۇ يۇقۇرى ئىكەن.ۋاڭنىڭ ئائىلىسى ھازىرقى يېڭىدىن ياسالغان ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئىچىدە بولۇپ،قىزلىرى: چارچاپ قالدىڭىز دىسىمۇ توختىماي بىزگە تارىخى ئەھۋاللارنى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەردى،ۋاڭنىڭ 2سائەتكە يېقىن بىزگە تارىخى ۋەقەلىكلەرنى سۆزلەۋاتقان ۋاقتتىكى سىماسى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.قايتقاندىن كېيىن  مەندە يۇرتىمىزنىڭ تارىخىغا بولغان قىزىقىشىم تېخىمۇ ئېشىپ،بۇ ھەقتە ئىزدىنىشكە باشلىدىم.  دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىمنى كۆرۈرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ،بۇ ماقالەمنى يازدىم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ باي ۋاڭلىقى نەسەبنامىسىنى تولۇقلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
2-باي ۋاڭلىقىنىڭ نەسەبى
چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن،چىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا بولغان يەرلىك ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن،شۇ جاينىڭ ئەمىليىتىنى چىقىش قىلىش پىرىنسىپى بويىچە،ھەربى مەھكىمە تۈزۈلمىسىنى يولغا قويغان.چىيەنلوڭنىڭ27- (مىلادى1762-) يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى ئىلى جاڭجۈن(تولۇق ئاتىلىشى ئىلىنى تولۇق ئىدارە قىلغۇچى سانغۇن)مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، پۇتۇن شىنجاڭنىڭ ھەربى ۋە مەمۇرى ئىشلىرىنى بىرتۇتاش باشقۇرغان. ھەمدە ئۇنىڭ تەۋەلىكىدە يەنە «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغۇچى مەسلىھەتچى ئامبال»،ئاغلاقچى ئامبال، خان ئامبال قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ھەربى-مەمۇرى ئىشلىرىنى ئايرىپ ئىدارە قىلغان.لېكىن يەرلىكتە بولۇپمۇ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ ئاۋام ۋە مەمۇريەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا «بەگ»لىك تۈزۈمى ساقلاپ قېلىنىپ شۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە ئىدارە قىلىنغان،ھەرقايسى شەھەرلەرگە بەگلەر تەيىنلىنىپ، بۇ بەگلەر چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان .بەگلەر شەھەر-بازار ۋە يېزا-قاشلاقلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان بولۇپ،ئىچكىرىدىكى ناھيە ئامبىلى،ۋىلايەت ۋالىلىرىغا ئوخشاپ كېتەتتى،شۇنداقلا ئىچكىرىنىڭ ئەمەلدارلارنى ئۆز ئۆلكىسىدە مەنسەپكە قويماسلىق پىرىنسىپى بويىچە ھەرقايسى شەھەرلەرگە ياقايۇرتلۇق بەگلەرنى تاللاپ  ۋەزىپىگە قوياتتى.بەگلەرنىڭ دەرىىجىسىمۇ جايلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا  قاراپ ئوخشاش بولمايتتى.ئەڭ يۇقۇرىلىرىنىڭ 3- دەرىجىدىن،ئەڭ تۆۋەنلىرىنىڭ 6-دەرىجىگىچە بولاتتى.
” بەگ “-تۈركچە  ” باشلامچى “، ” باشقۇرغۇچى “دىگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ،بۇ مەنسەپ قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى مەنسەپ تۈزۈلمىسى بىلەن ئوخشاپ كېتەتتى . چىيەنلوڭنىڭ24- (1759) يىلى چىڭ سۇلالىسى چوڭ-كىچىڭ خوجا توپىلىڭىنى تىنجىتقاندىن كېيىن  “بەگ”لىك تۈزۈلمىسىنى  ئۆزگەرتىپ، ۋارىسلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ،شىنجاڭ رايۇنىنى بىرتۇتاش ئىدارە قىلىدىغان ئاساسى قاتلام مەمۇرىيەت تۈزۈمىنى تەدرىجى يولغا قويغان.خوتەننىڭ مەسلىھەتچى ئامبىلى شۈخېدې چىڭ ئوردىسىغا تەستىقلىتىپ، ئاقسۇنىڭ ئىلگىرىكى  ھاكىمبېگىنى 3-دەرىجىلىك ئامبال، ئىشىكئاغا بەگنى 4-دەرىجىلىك،خەزىنىچى بەگنى 5-دەرىجىلىك بەگ دەپ،باشقا بەگلەرنى 6-7-دەرىجىلىك بەگ دەپ مەنسەپكە تەيىنلەپ،  “باشقا شەھەرلەرمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ” دەپ جاكارلىغان.شۇنىڭ بىلەن بەگلىك تۈزۈمى قۇمۇل،تۇرپاندىن باشقا باينى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبى شىنجاڭ ئۇيغۇر رايونىدا  ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ داۋاملاشتۇرۇلغان.
      مانجۇ ھۆكۈمىتى بەگلىك تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە  ”جاساق“ تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ،باي قاتارلىق جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئويغۇرلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردىكى ئويغۇر ئاسۆڭەك، پومىشچىكلارغا مەنسەپ-مەرتىۋە(ئوتۇغات) ئىنئام قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم  ”ئەمەل دەرىجىسى بار“ئويغۇر “ۋاڭ”لىرى بارلىققا كەلگەن. ئوردا :ئويغۇرلارغا ۋاڭ،بېيلى،بېيزى،گۇڭ،تەيجى قاتارلىق مەنسەپ بېرىلسۇن دەپ ئېنىق بەلگىلىگەن. شىنجاڭدا ئۆلكە قۇرۇلغاندىن كېيىن بەگلىك تۈزۈمى تەدرىجى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش بىلەن،”جاساق“تۈزۈمىمۇ ئاجىزلاشقان.بىر مەھەل كۆرەڭلەپ كېتىشكەن ”ۋاڭ،گۇڭ“لارمۇ ئىسمى بار جىسمى يوق نەرسىگە ئايلىنىپ  قالغان. چىڭ سۇلالىسى چىيەنلوڭنىڭ24- (مىلادى1759-) يىلى گادايمۇھەممەت باينىڭ تۇنجى ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلەنگەن؛توڭجىنىڭ 3-(مىلادى1864)يىلى خەزىنىچى دىگەن كىشى (ئىسىمى بولماسلىقى مۈمكىن)باينىڭ ھاكىم بەگلىكىگە تەيىنلەنگەن (بۇ ھاكىم بەگكە ۋاڭ،گۇڭ ئەمەللىرى بېرىلمىگەن)،ئۇ باينىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھاكىم بېگى ئىدى. گادايمۇھەممەت باي تارىخىدا بىرقەدەر چوڭ ئىشلارنى قىلغان ۋاڭ ئىدى. ئۇ جۇڭغارلار توپىلىڭىنى تىنجىتىشتا تۆھپە ياراتقانلىقتىن،چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا 3-دەرىجىلىك باش بۇغ مەنسىپى ئىنئام قىلغان.كېيىن چوڭ-كىچىك خوجا توپىلىڭى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا ئۇ يەنە تەھپە كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن،قەشقەرنىڭ ھاكىمبەگلىكىگە يۆتكەلگەن.
    سېتىۋالدى-باي تارىخىدا تۆھپىسى زور يەنە بىر ھاكىمبەگ بولۇپ،ئۇ كىچىكىدىن بايدا ئۆسۈپ چوڭ بولغاچقا،بۇ جاينىڭ تاغ-دەريالىرى ۋە ھەر مىللەت خەلقىگە چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببىتى بار ئىدى.ئاسىي جۇڭغار قوشۇنلىرى بايغا تاجاۋۇز قىلىپ  كىرىپ،سېتىۋالدىنى تۇتۇپ ئىلىغا ئېلىپ بېرىپ زىندانغا تاشلايدۇ،لېكىن ئۇ كۆڭلىدە چىڭ ئوردىسىغا مايىل ئىدى. چىيەنلوڭنىڭ20- (مىلادى1755-) يىلى چىڭ قوشۇنى جۇڭغارلارنى تىنجىتقاندىن كېيىن سېتىۋالدى ئەركىنلىككە ئېرىشىپ،چوڭ –كىچىك خوجىلار قوشۇنىغا زەربە بېرىششتە توھپە يارىتىپ، چىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 3-دەرىجىلىك باش بۇغ مەنسىپى ئىنئام قىلىنغان. چىيەنلوڭنىڭ24- (مىلادى1759-) يىلى ئۇ يېڭىسارنىڭ ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلەنگەن. چىيەنلوڭنىڭ 25- (مىلادى 1760-) يىلى ئاقسۇنىڭ ھاكىمبەگلىكىگە يۆتكەلگەن.ئۇ   كۆكئارت (پامىر) -دىكى چېگرا مۇداپىئە اقوشۇنلىرىنى ئوزۇق-تۆلۈك يەم-خەشەك بىلەن تەمىنلەپ،كۆپ قېتىم ئوردىنىڭ تارتۇقلىشىغا ئېرىشكەن.كېيىن قەشقەردىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ  دۆلەت بايلىقى-قاشتېشىنى ئوغۇرلۇقچە سېتىۋېتىش قىلمىشىنى پاش قىلىپ،زور تۆھپە يارىتىپ”بېيزى“لىق دەرىجىسى بېرىلگەن.
  باي ئۇيغۇر ۋاڭلىرى تارىخى 178  يىل،8ئەۋلات داۋاملاشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساداقەتمەنلىك بىلەن ۋەتەن يولىدا جان پىدالىق كۆرسەتكەن تەڭداشسىز قەھرىمانلارمۇ،دۆلەت ۋە خەلقنى بالايى ئاپەتكە ئۇچراتقان نادان زالىملارمۇ ئۆتكەن.باي ئۇيغۇر ۋاڭلىقى گادايمۇھەممەتتىن باشلىنىدۇ.   ئۇ-تۆھپىكار بولغانلىقتىن چىڭ سۇلالىسى چىيەنلوڭنىڭ24- (مىلادى1759-) يىلى،ئەركانبەگ مەنسىپى بېرىلىپ،16يىل ۋاڭلىقتا ئولتۇرغان جاسارەتلىك دانىشمەن ۋاڭ ئىدى.چىيەنلوڭنىڭ 40- (مىلادى1775-) يىلى گادايمۇھەممەت ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى ئابدۇراخمان گادايمۇھەممەت دادىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ باينىڭ 2-ئەۋلات ۋاڭى بولغان .   ئابدۇراخمان گادايمۇھەممەت ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى مەھەممەتئىمىن ئابدۇراخمان دادىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ،  باينىڭ 3-ئەۋلات ۋاڭى بولغان.جىياچىڭنىڭ 2- (مىلادى1797-) يىلى مەھەممەتئىمىن ئابدۇراخمان ئۆلگەندىن كېيىن مەھەممەتئىمىن ئابدۇراخماننىڭ ئوغلى مەھەممەت ئىبراھىم  دادىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، باينىڭ 4-ئەۋلات ۋاڭلىق ئورنىدا 29يىل ئولتۇرغان.  مەھەممەت ئىبراھىم مەھەممەتئىمىن خەلقنىڭ قان-تەرىنى ھەددىدىن زىيادە شورىغانلىقى ۋە سۈيقەست پىلانلاپ توپىلاڭ كۆتىرىشكە ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن، داۋگۇاڭنىڭ 6-(مىلادى1826-)يىلى مەنسىپى ئېلىپ تاشلانغان.لېكىن چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىسىنىڭ “ئۇدا بىر-قانچە دەۋىر ياراتقان تۆھپىسىنى كۆزدە تۇتۇپ” ئۇنىڭ نەۋرىسى مۇسانى ۋارىس قىلىپ بېكىتكەن.باينىڭ 5-ئەۋلات ۋاڭى مۇسا 12يىل ۋاڭلىقتا ئولتۇرغان. داۋگۇاڭنىڭ18-(1838)يىلى مۇسا ئۆلۈپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى مەھەممەتھاجىپ  (مەھەممەت ھاجىم بولۇشى مۇمكىن)ۋارىسلىق قىلغان.باينىڭ 6-ئەۋلات ۋاڭى مەھەممەت ھاجىم مۇسا 21يىل ۋاڭلىقتا ئولتۇرغان.شيەنفېڭنىڭ 9-(مىلادى1859-)يىلى مەھەممەت ھاجىم مۇسا ۋاڭ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئەمەت ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلغان،باينىڭ 7-ئەۋلات ۋاڭى ئەمەت مەھەممەتھاجىم 41يىل ۋاڭلىقتا ئولتۇرۇپ،باي تارىخىدا ئەڭ ئۇزاق تەخىتتە ئولتۇرغان ۋاڭ بولۇپ قالغان.گۋاڭشۈنىڭ 26-(مىلادى1900-)يىلى ئەمەت مەھەممەتھاجىم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى سىدىق ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلىپ،باينىڭ 8-ئەۋلات ۋاڭى،شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى ئۇيغۇر ۋاڭ بولۇپ 37يىل تەخىتتە ئولتۇرغان. ئارلىقتا مىنگونىڭ3-(مىلادى1914-)يىلى سىدىق ئەمەت بېيلىلىققا تەيىنلەنگەن.مىنگونىڭ 26-(مىلادى1937-)يىلى باينىڭ ئاخىرقى ۋاڭى سىدىق ئەمەت كېسەل بىلەن ئۆلگەندە،ئەينى ۋاقىتتىكى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دەپىنە راسخودى ھىساۋىدا500سەر پۇل تارتۇق قىلغان،ھەمدە   ناھىيىنىڭ ھاكىمى سادىق ھاجىم مىيىت نامىزىغا بىۋاستە قاتناشقان. مىنگونىڭ 26-(مىلادى1937-)يىلى باي ناھىيىلىك ھۆكۈمەت سىدىق ئەمەتنىڭ ئوغلى سۇلتان سىدىقنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش بۇيرۇقنامىسىنى چۈشۈرۈپ،   يىللىق ئىش ھەققى تارقىتىشنى بېكىتكەن. سۇلتان سىدىق مەركەز تەرىپىدىن “ۋاڭ”لىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىمىگەن  ”تاجىسىز شاھ“بولۇپ قالغان. يەنى مەركىزى ھۆكۈمەت سۇلتان سىدىقنى 9-ئەۋلات ۋاڭ دەپ تەيىنلىمىگەن، لېكىن پۇقرالار ئۇنى ۋاڭ دەپ تونۇيدۇ. سۇلتان غۇجا(سۇلتان ئەمەت ۋاڭ) 1950-يىللاردا ئۆلىدۇ.
شۇنداق قىلىپ 178 يىل،8ئەۋلات داۋاملاشقان باي ئۇيغۇر ۋاڭلىرى تارىخى ئاخىرلىشىدۇ.
3-ۋاڭ ئوردىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە ھازىرقى ئورنى
ئازاتلىقتىن ئىلگىرى باي ناھىيە بازىرىدىكى يار كوچىنىڭ شەرىق تەرپىدە يەنى بۇرۇنقى ناھىيىلىك خىش زاۋۇتى ئائىللكلەر قوروسى ئورنىدا «گۇڭ غۇجام ئوردىسى »دېيىلىدىغان كۆلىمى ئون مىڭ كۋادىرات مېتىر ئورۇننى ئىگىلىگەن،ياغاچ ۋە كېسەك قۇرۇلمىلىق بىر قۇرۇلۇش بولغان .ئەينى ۋاقىتتا بۇ قۇرۇلۇش ئاددى بولسىمۇ ئالاھىدىلىكى ،ئورنىنىڭ كەڭلىكى بىلەن كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدىكەن.بۇ قۇرۇلۇش - 1880-يىللاردا باينىڭ 7-ئەۋلات ۋاڭى ئەمەت مەھەممەتھاجىم تەرىپىدىن ياسالغان .
2010-يىلى باي ناھىيىسىدە كەپىلىك رايوننى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىپ، «ۋېنجۇ-باي ئولتۇراق كىچىك رايونى» بەرپا قىلىنغاندا  يېڭى تۇنگان مەسچىدنىڭ شەرقىدىكى ناھىيىلىك خىش زاۋۇتى ئائىلىلكلەر قوروسى چېقىلىپ،قەۋەتلىك بىنالار سېلىندى.شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ ئوردىسنىڭ
ئىزى تولۇق يوقالدى .
ئىزاھات:بەزى يازمىلاردا زوزۇڭتاڭ شىنجاڭنى ياقۇپ بەگ قولىدىن تارتىۋېلىپ، مىلادى1884-يىلى شىنجاڭدا  ئۆلكە قۇرۇلغاندىن كېيىن،تۆھپىسى بارلارغا چىڭ ئوردىسى ئەمەل-مەنسەپ بەرگەندە ئەمەت مەھەممەتھاجىم باينىڭ گۇڭ(ۋاڭ)لىقىغا تەيىنلەنگەن دىيىلىدۇ.بۇنىڭدا دىيىلگەن ۋاقىت توغرا ئەمەس.ئەمەت مەھەممەتھاجىم مىلادى 1859-يىلى دادىسى مەھەممەتھاجىم مۇسا ئۆلگەندىن كېيىن،دادىسىنىڭ ئورنىغا ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلغان.  1880-يىللاردا ۋاڭ ئوردىسىنى ياساتقان،41يىل تەخىتتە ئولتۇرۇپ،1900-يىلى ئۆلگەن.

ئاپتور-دوناي


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىق تىللا تۆھپە يىغىش سەۋەبى
مۇراتجان + 20 + 20 + 14 بەك ياخشى!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 20  تىللا + 20  تۆھپە + 14   باھا خاتىرىسى

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1150
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 818
تۆھپە : 61
توردا: 49
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 10:36:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aa
مەن ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغان ياخشى گەپلەركەن، يۇرتۇم تارىخى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمنى چوڭقۇرلاشتۇرىۋالغانلىقىم ئۈچۈن تېما ئىگىسىكە رەھمەت!


Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  241
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1218
تۆھپە : 23
توردا: 94
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 14:39:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھيىمىزنىڭ تارىخى ئۈستىدە قەلەم تەۋرەتكەن قولىڭىزغا تەشەككۈر.بىز مۇشۇ زېمىندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ،شۇ زېمىننىڭ تارىخىنى ھەم تارىختا ئۆتكەن شەخىسلەرنى بىلمىسەك بولماس.
تارىخنى بۈگۈنگە ئۇلاپ كېلىۋاتقان سىلەردەك ئىزدەنگۈچىلەرگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  421
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 569
تۆھپە : 42
توردا: 31
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-30
ئاخىرقى: 2012-10-19
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 23:12:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاڭلار بەك ئەسكى كىلىدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم خەلىقنى ئىزىپ سېلىقنى بولىشىغا سالاركەنمىش ،راسمىدۇ؟


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1226
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 571
تۆھپە : 18
توردا: 39
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2012-10-8
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 13:04:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن زادىلا بىلمەيدىكەنمەن ،باي تارىخىمىزنڭ ئۆتكەن ئەسىرلىردىكى شەخىسلەرنى تۇ نۇش تۇر غىنڭىزغا رەخمەت،


Rank: 13Rank: 13Rank: 13Rank: 13

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  375
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 4058
تۆھپە : 300
توردا: 51
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2012-10-14
ھازىر:

رەسمى ئەزا باي خەۋىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 16:05:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم دوناي، بۇ ماقالىڭىزنى تېخىمۇ ئەتراپلىق يېزىپسىز. تەرجىمە بىلەن بىللە، يەنە يۇرتىمىزنىڭ تارىخىنى يورۇتۇپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن! ئامان بولۇڭ دوستۇم!


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  68
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 288
تۆھپە : 36
توردا: 29
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-6-19
ئاخىرقى: 2012-10-20
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 04:49:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى گەپكەن سىز ياز مىسىڭىز بىز بىلمەي يۇرەتتۇقكەن رەھمەت سىزگە


مەن ھازىر ئۇخلاشنى ئويلاشتىم

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  806
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 967
تۆھپە : 23
توردا: 55
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-12-20
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 11:52:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئا ڭلاپ با قما پتىكە نمە ن،بەك ياخشى تىمىكەن...رەھمەت سىزگە!


ھەرىكەت ئادەتنى بەلگىلەيدۇ،ئادەت خاراكتىرنى بەلگىلەيدۇ،

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  289
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 454
تۆھپە : 20
توردا: 23
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-14
ئاخىرقى: 2012-10-9
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 15:38:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتۇم باي ھەققىدە يەنە بىر مۇھىم تارىختىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ، تارىخى ھەققىدىقى ئىزدىنىشلىرىڭىز توختاپ قالمىسۇن .بىزلەرمۇ سىز ئارقىلىق  بىلمىگەن تارىخلارنى بىلىپ تۇرايلى...


http://www.nazugum.com/
http://www.attirgul.net
http://attirgul.blogbus.com/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 12:38 , Processed in 0.193774 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش