گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 1297 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چولپان تۈنۈگۈن 01:12 [ئىنكاس(1)] [...]

    ياخشمۇ سىلەر ،بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ داۋاملىق كىلىپ تۇرالمىدىم،بۇندىن كىيىن دا...

  • سەيلانە ئۈلۈشكۈن 00:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    بارلىق تورداشلارغا سەيلانەدىن ئالى سالام

  • چوغلان 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەممىڭلا رغا    چوغلاندىن ئوتلۇق سالام !

  • چوغلان 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام ئەلەيكۇم  دوستلار ،  كۈرۈشمىگىلى  ئۇزۇن بۇپتۇ ، خەيرىلىك كۈنلەر ، ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولسۇن!

  • يۈسۈپجان 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دوسـلار ھازىر يەر تەۋرىدى ...

  • سادىر 2013-1-27 16:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىر ئايالنىڭ غورۇرى بىر ئەر كىشىنى يامان يولدىن توسسا بىر ئەرنىڭ غورۇرى قىرىق ئايالنى يامان يولدىن توسدۇ

  • مەردان105 2013-1-27 00:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىمۇ سىلە     دوسلا

  • سەيلانە تۈنۈگۈن 00:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۈگۈن ئىدارىدە قىلغان پائالىيەتكە قاتنىشىپ چارچاپ قالغان بولساممۇ لىكىن بەك خوشال.

  • سەيلانە ئۈلۈشكۈن 00:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    بارلىق تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر ، ھەممىڭلارنىڭ ئارام كۈنىنىڭ خوشال - خورام ئۈتىشىنى تىلەيمەن .

  • چوغلان 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاللا ئىشلىرڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن،  ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن !

  • ئەتىرگۈل 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخشام يۈرىكىم قاتتىق سېلىپ ئۇيغىنىپ كەتتىم، ئىسىمنى يىغسام ئۆي لەپەڭشگىلى تۇرۇپتۇ

  • نائىل 2013-1-27 19:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار كەمىنە نائىلدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!

  • مەردان105 2013-1-27 01:16 [ئىنكاس(0)] [...]

      

  • سادىر 2013-1-25 21:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشى تۇرۋاتامسىلەر دوستلار

كۆرۈش: 1971|ئىنكاس: 14

باي دىگەن نام ھەققىدە

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

1

دوست

1010

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

يوقلىما
48
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1249
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 3
تىللا: 512
تۆھپە : 82
توردا: 31
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-20

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 15:43:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسقىچە مەزمۇنى:باي ناھيىسى يىپەك يولىغا جايلاشقان  ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمى جاي بولۇپ، ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغىنىغا  (2011-يىلىغىچە) 129يىل بولغان بولسىمۇ،باي دىگەن بۇ يەر نامىنىڭ قاچان قانداق پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە ئىلمى ئاساسقا ئىگە، قايىل قىلارلىق،بىرلىككە كەلگەن بىر چۈشەنچە ھازىرغىچە ئوتتۇرغا قويۇلمايۋاتىدۇ.بۇ ماكاندا ياشىغۇچىلارنىڭ ئۆز يۇرتىنىڭ تارىخىنى بىلىشى زۆرۈر ھەم ھەقلىق.
  بۇ ماقالىدە باي ناھىيىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، مول   يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقى ،بۇ جاينىڭ ئەينى زاماندا قايسى بەگلىككە تەۋە  زىمىن ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ، باي دىگەن نامنىڭ قاچانلاردىن باشلاپ پەيدا بولغانلىقى،كىم تەرىپىدىن شۇنداق ئاتالغانلىقى،باي دىگەن سۆزنىڭ قانداق مەنالەرگە ئىگە ئىكەنلىكى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.
           يىپەك يولىنىڭ ئاساسى لىنىيىسىگە، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىكىنىڭ ئوتتۇراقىسمىغا جايلاشقان باي ناھيىسى شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونۇم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىگەقاراشلىق ناھىيە بولۇپ،ئومۇمى يەر مەيدانى 19100كۋادرات كىلومېتىر.ئۇ شىمالداتەڭرى تېغى ئارقىلىق  موڭغۇلكۈرە ،تېكەس ناھيىلىرىگە،،جەنۇپتا چۆلتاغ ئارقىلىق توقسۇ ناھيىسىگە تۇتىشىدۇ،غەرىپتە ئونسۇ ناھيىسى بىلەن ،شەرقتە كۇچا ناھيىسى بىلەن خوشنا.
     باي ناھيىسى ئىسمى- جىسمىغا لايىق،تاغ-دەريالىرى گۈزەل،تۇپرىقى مۇنبەت، يېزا ئىگىلىكى تەرەققى قىلغان، قېزىلما بايلىقلىرى كۆپ ،گۈزەل ، باي بىر ماكان.بۇ جاينى كىشىلەر ئەزەلدىن باي يۇرت دەپ تەرىپلىشىدۇ . گىولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ناھىيە تەۋەسىدىن ھازىرغىچە   يەر ئاستى بايلىقىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، نېفىت،سۈرمە،تۇز،  قۇرۇنتاش، گېپىس،تەببى گاز  قاتارلىق 63 خىل قېزىلما بايلىق بايقالدى (1).مۇزات،قاپسىلاڭ،تەلۋىچۈك،قاراسۇ،قىزىل قاتارلىق 5 دەريا پۈتۈن ناھيىنى مول سۇ بايلىقى بىلەن تەمىن ئېتىپلا قالماستىن قىزىل سۇ ئامبىرىغا قۇيۇلۇپ،كۇچا توقسۇ ناھيىلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ.باي ناھيىسىنىڭ داۋانچى يېزىسىدىنلا  24نېفىت قۇدۇقى قېزىلىپ، يىلىغا500مىڭ توننا نېفىت ئېلىنماقتا.قىزىل يېزىسىدىكى 《قارا 2-گازلىق》ى غەرىپنىڭ گازىنى شەرىققە يەتكۈزۈشتىكى باشلىنىش نۇقتىسىدۇر(2).
ئۇنداقتا بۇ يەردە ياشايدىغان  مىللەتلەر ئەينى ۋاقىتتا بۇ جاينى قانداق نام بىلەن ئاتىغان؟《باي》دىگەن نام قاچاندىن باشلاپ قوللۇنۇلغان؟《باي》دىگەن سۆز قانداق مەنالەرگە ئىگە؟
باي خەلق چۆچەكلىرىدە رىۋايەت قىلىنىشقچە،زامانى ئەۋۋەلدە باي -سۇلىرى مول، ياپ-يېشىل ئوت-چۆپ يەلپۈنۈپ تۇرغان،يايلاقلىرى مال-چارۋىلارغا تولغان. پۇقرالىرى ئىناق- ئىجىل ئىشچان،تۇرمۇشى باياشات  بىر ماكان بۇلۇپ،يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ يۇرتتا قەھەتچىلىك يۈز بىرىپ،پۇقرالار تىرىكچىلىك ئىزدەپ يۇرتنى تاشلاپ سىرىتلارغا چىقىپ كېتىپتۇ.بۇ يۇرتتىن چىقىپ كىتىپ،كۇچادا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان  پالتاخۇن ئىسىملىك بىر بوۋاي ئوغلى تۇرسۇنغا بىر ئامال قىلىپ، ئۆز يۇرتىڭنى گۈللەندۈرۈشكە ھەسسە قوشقىن دەپ ۋەسىيەت قالدۇرۇپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپتۇ.
پالتاخۇننىڭ ئوغلى تۇرسۇن تاش قاچىلانغان 120تاغارنى 40خېچىرغا يۈكلەپ،يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ:«كىمدە-كىم ئۆز يۇرتىغا قايتىپ تېرىقچىلىق قىلىپ  3يىل قاتتىق ئىشلىسە بىر خېچىرلىق ئالتۇن-كۈمۈش ئىنئام قىلىنىدۇ »دەپ جاكارلاپتۇ،بۇنى ئاڭلىغان كىشىلەر يۇرتىغا قايتىپ پۈتۇن ۋۇجۇدى بىلەن قاتتىق ئىشلەپ تاغارلىرى ئاشلىققا،باغلىرى مىۋە-چىۋىگە،يايلاقلىرى پادىغا تولۇپتۇ.تۇرسۇناخۇن يۇرت ئاقساقاللىرىنى يىغىپ:«جامائەت تەر تۆكۈپ تاپقان ھوسۇل ئالتۇن-كۈمۈش دىگەن شۇ،مېنىڭ سىلەرگە بەرگۈدەك ئالتۇنلىرىم يوق »دەپ ئۆزىنىڭ يۇرتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جامائەتنى ئالدىغانلىقىنى ئىقرار قىپتۇ.جامائەت ئالدانغىنغا غەزەپلەنگەن بولسىمۇ ھالال ئەمگىكى بىلەن يۇرتنى باي قىلغانلىقىغا رازى بولۇشۇپتۇ،ئۇزاق زامان نامرات ئۆتكەن بۇ يۇرت شۇنىڭ بىلەن 《باي》دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ.  يۇقارقى رىۋايەتتىكى  تۇرسۇناخۇننىڭ تەشەببۇسى بىلەن بۇ يۇرت باي بولۇپ،كېيىن باي دەپ ئاتىلىپ قالغانلىق- بىر رىۋايەتتىن ئىبارەت،بۇنى پەقەت بۇ يۇرتنىڭ باي-باياشاتلىقىدىن خەلق ئېغىزىدا بارلىققا كەلگەن رىۋايەت دەپ چۈشىنىشكىلا بولىدۇ.  ئۇنداقتا بۇنام كىم تەرىپىدىن قويۇلغان؟      
《باي》دىگەن نام تۇركچە  باي-باياشات،ئاۋات دىگەن مەنىلەرگە ئىگەبولۇپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ شۇەنزوڭ زامانىسىدا ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خانى( قاغانى) سۈيىنگىل بۇ جاينى ئىگەللىگەندە بۇ يەرنىڭ ھەر خىل بايلىقى مول،ئادىمى زىچ ماكان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا《باي》 دەپ نام بەرگەن (3). تاڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا،باي ئىككى شەھەرگە ئايرىلغان بولۇپ، غەرپتىكىسى- ئارىيان (باي)شەھرى،شەرقتىكىسى سايرام شەھرى دەپ ئاتالغان ۋە ھەر ئىككىلىسى قۇم ئايمىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان.كېيىنرەك كۈسەنگە قوشۇۋېتىلگەن.سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدە لىياۋغا(كىدانلارغا) قارىغان،يۈەن،مىڭ سۇلالىرى دەۋرىدە بەشبالىق(جىمىسار) غا قارىغان،چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈينىڭ تۆتىنچى يىلى (1872-يىلى)ئىككىلا شەھەردە خەيرىيەت ئىشلىرى ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. گۇاڭشۈينىڭ سەككىزىنچى يىلى(1882-يىلى)7-ئايدا ئىككى شەھەر قوشۇۋېتىلىپ باي ناھيىسى تەسىس قىلىنغان(4).
     يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان سۈيىنگىل قاغان- ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىنىڭ تۇنجى خانى (قاغانى)كۆلبېلگەبولۇپ،كۆلبېلگە  ئۆزىنى  قۇتلۇق بېلگە قاغان دەپ ئاتىغان،سۈيىنگىل دىگەن نامنى تاڭ سۇلالىسى ئۇنىڭ دىيانەتلىك ئىكەنلىكىگە ئاساسەن تارتۇق قىلغان (5) .
  كۆلبېلگە (骨力裴罗) غەربى رايوندىكى داڭلىق سىياسىيون، ھەربى ئالىم ،ئۇ  دەسلەپتە بىر كىچىك قەبىلىنىڭ ئاقساقىلى ئىدى.كېيىن نۇرغۇنلىغان كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ،ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،ئۆز كۈچىنى تەدرىجى زورايتقان. كۆلبېلگە باسمىل قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە كېيىنكى تۈرك خانلىقىنى تارمار قىلىپ، تىيەنباۋنىڭ 3-يىلى (مىلادى744-يىلى)ئۇيغۇر دۆلىتىنى رەسمى قۇرۇپ، ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتاپ،ئورخۇن دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىدىكى ئۆتۈكەن تېغى ئەتراپىنى پايتەخت قىلغان. كۆلبېلگە مىلادى744-يىلىدىن 747-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.ئۇ تاڭ سۇلالىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتكەن بولۇپ،تاڭ سۇلالىسى ئۇنىڭغا« سۈيىنگىل »(يەنى دىيانەتلىك قاغان)دەپ نام بەرگەن(6).
ئۇيغۇر  ئورخۇن خانلىقىنىڭ تۇنجى خانى(قاغانى) كۆلبېلگە باينى ئىگەللەشتىن ئىلگىرى بۇ جايدا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ بۇ يەرنى قانداق نام بىلەن ئاتىغانلىقى ھەققىدە تارىخى ماتىرياللاردا خاتىرە قالدۇرۇلمىغان.ئارىيان شەھرى دىگەن نامنىڭ باي دىگەن ئىسىم بىلەن تەڭ قوللۇنۇلغانلىقى ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى قوللۇنۇلغانلىقى ھەققىدىمۇ خاتىرە قالدۇرۇلمىغان.لېكىن كۆلبېلگە باينى ئىگەللىگەندىن كېيىن يەنى مىلادى744-يىلىدىن 747-يىلىغىچە بولغان 3يىل ئىچىدە بۇ جايغا «باي»دەپ نام بەرگەن .شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن پۇقرالار بۇجاينى خان  قويۇپ بەرگەن ئىسىم بىلەن ئاتاپ كەلگەن.تاڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخى يازمىلىرىدىمۇ شۇ نام بىلەن خاتىرلەنگەن.  
دىمەك،ئۇيغۇر  ئورخۇن خانلىقىنىڭ تۇنجى خانى(قاغانى) كۆلبېلگە يەنى قۇتلۇق بېلگە قاغان تەخىتتە ئولتۇرغان ئەڭ ئاخىرقى يىلى يەنى مىلادى 747-يىلى بايغا «باي»دەپ نام بەرگەن دەپ ھىساپلىغاندا،2010-يىلىغىچە «باي»دىگەن يەر نامىنىڭ پەيدا بولغىنىغا 1263يىل بولغان بولىدۇ.  
     拜 –باي دىگەن يەر نامىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ،ئاخىرسىغا شەھەر(城)  دىگەن خەت قوشۇلۇپ،拜城دەپ ئاتىلىپ،بۇ جاينىڭ خەنزۇچە نامى قىلىپ قوللۇنۇلغان.  
      يۇقۇرىدىكىلەردىن باشقا يەنە《باي》ناھيىسىنىڭ بايخان شەھرى دىگەن نامىمۇ بار،لىكىن  ئارىيان شەھرى،بايخان شەھرى دىگەن ناملار ھەققىدە تارىخچى ئۇستاز لارنىڭ داۋاملىق ئىزدىنىشى زۆرۈر.
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
   ئىزاھات:
  ①باي ناھيىلىك پارتىكوم تەزكىرە ئىشخانىسى تۈزۈپ،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان 《باي ناھىيە تەزكىرىسى》(拜城县志)  .
②1986-يىللىق 《شىنجاڭ يىلنامىسى》(新疆年鉴)گە قاراڭ.
③《باي ناھيىسىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى》 (拜城县地名图志)خەنزۇچە  .
④1986-يىللىق 《شىنجاڭ يىلنامىسى》(新疆年鉴) .
⑤ 《شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى》(新疆社会科学研究 )ئۇيغۇرچە نەشرى 1998- يىل 3-سان29-بەت .
⑥باي ناھيىلىك پارتىكوم تەزكىرە ئىشخانىسى تۈزۈپ،جۇڭگو مەدەنىيەت نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان 《拜城人物传》 خەنزۇچە 1- قىسىم168-بەت .


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىق تىللا تۆھپە يىغىش سەۋەبى
قۇملۇق + 10 + 10 + 10 جاپا چەكتىڭىز

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 10  تىللا + 10  تۆھپە + 10   باھا خاتىرىسى

2

تېما

13

دوست

1065

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  867
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 361
تۆھپە : 9
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-24

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 21:05:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باي ناھىيسىنىڭ  تەرجىمھالىنى  بىلىۋالدىم.   ھازىرغا قەدەر بۇ ھەقتە  ھىچنىمە بىلمەيتتىم.
رەخمەت سىزگە قېرىندىشىم.


11

تېما

7

دوست

1506

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  421
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 618
تۆھپە : 42
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-25

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 02:44:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەدىن دەپ باشقلار سورىسا بايدىن دىسەم باينىڭ ئادەملىرى راسلا بايما؟ دەپ سورىغانلار كۆپ بولدى مەندىن.


11

تېما

10

دوست

1800

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1226
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 747
تۆھپە : 22
توردا: 62
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-30

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 18:17:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ باي نا ھيسنىڭ قىسقچە تەرجمالىنى بىلېۋالدىم ھەم بۇ تىمىنى كۈرىۋىتىپ گۈزەل يۇرتۇم باينى
سېغىنىپ قالدىم،بۇ تىمىنى يولغان  ئىگىسىگە رەخمەت،


6

تېما

19

دوست

2895

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  241
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1398
تۆھپە : 29
توردا: 103
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-26

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 14:50:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى بىر تېمىنى دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر.


24

تېما

1

دوست

1010

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1249
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 3
تىللا: 512
تۆھپە : 82
توردا: 31
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-20

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 22:56:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللاپ قۇۋۋەتلىەىنىڭىزگە شۇنداقلا ماقالىنى ۋاقىت ئىجرىتىپ كۆرۈپ چىققىنىڭىزغا   رەھمەت ، ماقالەمنىڭ بېشىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك،ئۆز يۇرتىنىڭ تارىخىغا دائىر بىلىملەرنى بىلىش ھەممە ئىنساننىڭ بۇرچى دەپ قارايمەن. يېزىش مەن ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق.


24

تېما

1

دوست

1010

جۇغلانما

تۈھپىكار ئەزا

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1249
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 3
تىللا: 512
تۆھپە : 82
توردا: 31
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-20

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 23:03:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايدىنمۇ ؟ سىلەر شۇنداق بايمۇ؟دەپ سورىغۇچىلارغا ھە مەن بايلىق دەپ ئىككىلەنمەي جاۋاپ بېرىڭ،پۇل-مال بايلىقنىڭ ئۆلچىمى ئەمەس،  شۇڭا ئادەملىرىمىز ئىقتىسادىي جەھەتتە ئانچە ئەمەس .
لېكىن ئاق كۆڭۈل،ئىشچان،بىلىمگە  ئۆزىنى بېغىشلىيالايدۇ دەپ جاۋاپ بېرىڭ.   تېمىنى كۆرۈپ چىققنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.


88

تېما

4

دوست

7354

جۇغلانما

سەھىپە مەسئۇلى

Rank: 13Rank: 13Rank: 13Rank: 13

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  375
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 1
تىللا: 4348
تۆھپە : 394
توردا: 68
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-3

رەسمى ئەزا باي خەۋىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 23:13:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەبنەم، مەزمۇت، سىلەر بىرەر يەر-جاينىڭ تارىخىنى، تەزكىرىسىنى ‹تەرجىمىھال› دەپ ئاتامسىلەر؟


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپە يىغىش سەۋەبى
muat ogli + 2 ھەجەپ نەق جايىغا تەگد.

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 2   باھا خاتىرىسى

124

تېما

9

دوست

2934

جۇغلانما

چوڭ باشقۇرغۇچى

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  542
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1414
تۆھپە : 298
توردا: 126
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-15

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 23:58:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېما ، ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇنداق بىر تېمىنىڭ چىقىشىنى كۈتىۋاتاتتىم ، يۇرتىمىزنىڭ تارىخىنى شۇنداقلا ‹باي › دىگەن نامىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى بىلدۈرگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر ، جاپا چەكتىڭىز دوستۇم .


124

تېما

9

دوست

2934

جۇغلانما

چوڭ باشقۇرغۇچى

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  542
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1414
تۆھپە : 298
توردا: 126
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-15

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 23:58:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېما ، ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇنداق بىر تېمىنىڭ چىقىشىنى كۈتىۋاتاتتىم ، يۇرتىمىزنىڭ تارىخىنى شۇنداقلا ‹باي › دىگەن نامىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى بىلدۈرگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر ، جاپا چەكتىڭىز دوستۇم .


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2013-2-4 05:08 , Processed in 0.183348 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش