گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1045 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 516|ئىنكاس: 4

مىللي ئارمىيىنىڭ باي ناھيىسىنى ئازاد قىلىشى ھەم بايدىكى ئەھۋاللار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوقلىما
49
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  421
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 569
تۆھپە : 42
توردا: 31
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-30
ئاخىرقى: 2012-10-19
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 15:16:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<<...چوڭ ئىشلار خاتىرسى>>نىڭ 125-بىتىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
<<8-ئاينىڭ8-كۈنى سوپاخۇن سۈۋۈروف،ئابدۇكېرىم ئابباسوفلار ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتىنى باشلاپ ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ باي ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلدى.تۆت سائەت كەسكىن جەڭ قىلىش ئارقىلىق،ناھىيە بازىرىنى ئالدى.باي ناھىيلىك ئىنقىلابى ھۆكىمەتنى قۇرۇپ،ئوسمان سايىتنى ھاكىملىققا تەيىنلىدى>>.

                                          پولكوۋنىك سوپاخۇن سۈۋۈروفنىڭ ئېيتقانلىرى
مىسبۇلاقتىن ئەتىسى غولتېغى قاسساپتوقاي يېزىلىرى بىلەن بايغا قاراپ ماڭدۇق.كېچىدە بايغا بىر- ئىككى كىلومىتىر قالغاندا،قاسىم مەڭلىكوف ئىزۋوتى كۇچا يولىنى توسۇپ تۇرۇپ،سەھەردە بايغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىش؛ئابلەت داۋۇت ئىزۋوتى باينىڭ غەرىپ تەرىپىدىكى ياقا ئېرىققا ماڭىدىغان يول بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كىرىش؛ئۆمەرجاننىڭ ئىزۋوتى ۋە مەن باينىڭ شىمالى تەرىپىدىن بۆسۈپ ھۇجۇم قىلىش بەلگىلەندى.
1945-يىلى8-ئاينىڭ8-كۈنى سەھەر سائەت ئالتە يېرىمدا بايدىكى گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ تاماق يىيىشىگە كاناي چېلىندى.بۇ بىزنىڭ ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىمىز ئىدى.ئالدىن بەلگىلەنگەن بىر پاي ئوق ئېتىلىشى بىلەن ئۈچ تەرەپتىن تەڭلا<<ھۇررا>>دەپ باي ئىچىگە ئات چاپتۇرۇپ باستۇرۇپ كىردۇق.گومىنداڭدىن باي ناھيىسىى تارتىۋىۋالدۇق.باي ناھيىسىدە ئىسكەنجىدە قالغان قورچاق ساقچى ئەمەلدارلىرى ۋە ئەسكەرلەر بولۇپ جەمئى 30 دەك ئادەم بار ئىدى.
غۇلجا ئۇرۇشى پارتىلاپ چىققاندا،باي ناھيىسىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن گومىنداڭ بىر باتالىئون ئەسكىرى كۈچىنى يۆتكەپ كىلىپ باي ناھيىسىدىكى خەلىقنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىپتۇ.باي ناھيىلىك گومىنداڭ قورچاق پىرقىسى گومىنداڭ ئەزالىرى ھەم خەلىقنى يىغىپ ھەپتىدە بىر چوڭ يىغىن ئېچىپ،كوممىنىستىك پارتىيە،سوۋىت ئتتىپاقى ھەم ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارغان.قورچاق ساقچى ئورگانلىرى جاسۇسلارنى كۆپەيتىپ خەلىقنىڭ ئۈستىدىن،خۇسۇسەن،زىيالىلار ۋە مائارىپچىلار ئۈستىدىن نازارەتنى كۈچەيتىپ،دىكتاتۇرا يۈرگۈزگەن.
مەسىلەن،1945-يىلى 3- ئايلاردا مائارىپچىلاردىن ئابلا داۋۇت(تاشكەنتتە ئوقۇغان)،ئەمەت يۈسۈپ(ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان)ۋە ئوسمان قاسىملارنى ئاقسۇغا يۆتكەپ نەزەربەنىد قىلغان.كىيىن،ئۇلارنى ل.مۇتەللىپلەر بىلەن بىللە ئۆلتۈرۋەتكەن،مىللىي ئارمىيە ئۈچ ۋىلايەتتىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىنى يوقاتقاندىن كىين،باي ناھيىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك گومىنداڭ ئەمەلدارلىرى ناھيىنى قاتتىق مۇداپىئە قىلىش باھانىسى بىلەن خەلىق ئۈستىدىكى ئالۋان-ياساقنى كۆپەيتىپ،خەلىقنىڭ مال-مۈلىكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ توپلىغان مال-مۈلۈكىنى ئېلىپ چوڭ شەھەرلەرگە قاچماقى بولغان.ۋىلايەتتىكىلەر بۇ پارخور ئەمەلدارلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن4-ئايلاردا خىللانغان ئىككى ئىسكادىروننى ئاقسۇدىن يۆتكەپ مۇزداۋان،تەلەمەت داۋىنى ئېغىزلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان.
شۇنىڭ بىلەن باي ناھىيىسىنى مۇداپىئە قىلغۇچى گومىنداڭ ئەسكىرى كۈچى بىر پولكقا يەتكەن.بۇ قۇشۇننىڭ يىمەك-ئىچمەك،ئاتلىرىنىڭ يەيدىغان بۇغۇز،ئوت-چۆپ،سامانلىرى ھەم ياسىلدىغان پوتەي،ئاكوپ،سېپىللارنىڭ ھەممىسى باي ناھيىسىدىكى خەلىقنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن.بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماستىن،پىيادە ئەسكەرلەرنى ئاتلىق قىلىش باھانىسى بىلەن خەلىقتىن پۇل يىققان.يەرلىك ئەمەلدارلاردىن بوجاڭ،شىياڭجاڭ،شىياڭيۇلارمۇ خەلىقنى قاقتى-سوقتى قىلىشتىن قۇرۇق قالمىغان.باي ناھيىسىدە گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىرىنىڭ خەلىققە سالغان زۇلۇم-ئالۋانلىرى كۆپىيىپ،ئوغرى،لۈكچەك،قىمارۋازلار ھەددىدىن ئاشقان.خەلىقنىڭ مال-مۈلىكى ھەم ھاياتى خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان،خەلىقنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشلىقى ئېشىپ،پەيمانى توشۇپ تۇرغان شارائىتتا بىزنىڭ باستۇرۇپ كىرىشىمىز خەلىقنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى.ئۇلار خۇشاللىق ياشلىرىنى تۆكۈپ بىزنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن قارشى ئالدى.

بىزنىڭ تەڭرىتاغلىرىدىن ئۆتۈپ تەلەمەت داۋىنىنىڭ قېيىر ئېغىزىنى مۇداپىئە قىلىۋاتقان گومىنداڭ قۇشۇنىى تارمار قىلغانلىقىمىز ھەققىدىكى خەۋەر باي ناھىيىسىگە يېتىپ كىلىشى بىلەن گومىنداڭ قوراللىق قىسىمى ئاقسۇغا يۆتكىلىپ كىتىپتۇ.مەمۇرىي ئەمەلدارلار ۋە ناھىيىلىك پىرقىنىڭ ئارخىپ ئەمەلدارلىرى ئارخىپ ماتېرياللارنى مەخپى يەرگە كۆمۈپ تاشلاپ،خەلىقتىن بۇلىۋالغان مال-مۈلۈكلىرىنى ئاتلىرىغا ئارتىپ بىز بايغا كىرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن قېچىپ كىتىپتۇ.بىز بايغا كىرگەندىن كىيىن خەلىق ئارقىمۇ-ئارقا كېلىپ،دەرد تۆكۈپ،شىكايەت قىلدى.يەرگە كۆمۈلگەن ئارخىپ ماتېرياللارنى باي ناھىيلىك گومىنداڭ پىرقىسىدە ئىككى يىلدەك ئىشلىگەن مۇسا رېھىم(ئۇچتۇرپانلىق)يەرگە كۆمۈپ قويغان يېرىدىن ئېلىپ بىزگە تاپشۇرۇپ بەردى.ئۆزىمۇ بىزگە قۇشۇلۇپ شىنجاڭ ئازاد بولغىچە مىللىي ئارمىيىدە ئوفىستىر بولۇپ ئىشلەپ كەلدى.مەزكۇر ماتىرياللارنى ئابدۇكېرىم ئابباسوف تاپشۇرۋېلىپ،ناھايىتى خۇرسەن بولدى.بىز باي ناھىيىسىنى ئازاد قىلغانلىقىمىزنى ئالاقىچى ئارقىلىق ھۆكىمەت ۋەكىللىرىگە يەتكۈزگەندىن كىيىن ئابدۇكېرىم ئابباسوف،قاسىمجان قەمبىرى ۋە باشقىلار يېتىپ كەلدى.بىز قاتار تىزىلىپ ناھىيىگە كىردۇق.

خەلىق ۋە زىيالىيلار يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە قوللىرىنى پۇللاڭلىتىپ يىغا-زار ئىچىدە قارشى ئالدى.ھۆكىمەت ۋەكىللىرى باي ناھىيلىك ساقچى ئىدارىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى،شەھەر ئىچىدە 30 دەك قوراللىق ئەسكەر قالغانىكەن.بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى ئاڭلاش بىلەن تاماقلىرىنىمۇ يىمەي قېچىپ ئاشلىق ئامبىرىغا يۇشۇرنۇۋاپتۇ.

مەزكۇر ئاشلىق ساڭى باي ناھىيسىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان كىچىك قورغان بولۇپ،چوڭ بولمىسىمۇ پوتەي،مىلتىق ئاتىدىغان تۆشۈكلىرى بار ئىكەن.بىز بىلەن سوقۇشقاندا ئابباس قارىي دىگەن بىر كىشى يارلاندى.ئابدۇراخمان دىگەن يېڭى كەلگەن قازاق چەڭچىمىز ئوق تىگىپ شېھىت بولدى.ئامبارغا گومىنداڭدىن ئەسىرگە چۈشكەن يەكەنلىك ئۇيغۇر بالىنى كىرگۈزۈپ قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولۇشقا بۇيرۇدۇق.بۇ ئارقا سەپتىكى ئىزۋوت بولۇپ،شىڭ شىسەيدىن قالغان ئەسكەرلەر ئىكەن.ئۈچ نەپەر خەنزۇ،قالغانلىرى خۇيزۇ،قازاق،ئۇيغۇر،مۇڭغۇل جەڭچىلەر ئىكەن.گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ئاخىرى بېسىم ئارقىلىق قورالنى تاپشۇرۇپ تەسلىم بولدى.ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى تەربىيە بىرىپ،ئۆز قىسىمىمىزغا قوشىۋالدۇق.بىر قىسىم جىنايىتى ھەدىدىن ئاشقان،جاھىللىق بىلەن قارىشلىق كۆرسەتكەنلىرىنى خەلىق ئالدىدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدۇق.قۇربان بولغان چەڭچىمىز ئۈچۈن چوڭ نەزىر ئۆتكۈزدۇق.خەلىق ئۆزلىكىدىن قاتناشتى.قاچقان گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ئىچىدە ئەمەت ئاخۇنۇف دىگەن بار ئىكەن.ئۇ باي ناھىيلىك ھاكىم ئىدارىسىنىڭ تەرجىمانى ئىكەن.بۇرۇن قەشقەردىكى بىز تۇرغان 31-تۈەننىڭ پىيادە 6-يىڭىدا خىزمەت قىلغاندى.ئۇنى قايتۇرۇپ كىلىپ سىپىىزگە قۇشىۋالدۇق.بەزى گومىنداڭ ئەسكەرلىرى مىلتىق ۋە كىيىم-كىچەكلىرىنى تاشلاپ باي ئەتراپىدىكى توقايلىق ھەم قوناقلىقلارغا يۇشۇرنىۋالغان ئىكەن.دېھقانلار ئۇلارنى تۇتۇپ بىزگە تاپشۇرۇپ بەردى.بايدىكى سوقۇشتا 50 تىن ئارتۇق ھەر تۈرلۈك مىلتىق،تاپانچا،پىلىمۇت،نۇرغۇن ئوق-دورا ھەم 20 تۇياق ھەربىي ئات غەنىيمەت ئالدۇق.گومىنداڭ ئاقسۇ،كۇچالاردىن بايغا ئەكەلگەن نۇرغۇن ئاشلىق قولغا چۈشتى.ئۇنىڭدىن باشقا جەنۇپتىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ ماڭغان ھۆكىمەت ھىسابىدىكى 800 تايدەك گەزمال،ئۇزۇقلۇقلار غەنىيمەت ئېلىندى.يەرلىك مىلىچماللار شىركىتىنىڭ ماللىرىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى.بىز بۇلارنى يىغىپ 1500 ئىشەك كارۋىنى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكىمىتىگە يەتكۈزۈپ بەردۇق.كىيىن ئۇلاردىن<<كۆپ رەخمەت>>دىگەن خەۋەر كەلدى.ئېشىپ قالغان ئاشلىقلار شەھەر خەلقىغە تەقسىم قىلىپ بىرىلدى.پۈتۈن خەلىق بۇ ئشتىن ئىنتايىن رازى بولدى.
مەزكۇر ئەسەر مىنىڭ تارىخى ماتېرياللارغا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى سوپاخۇن سۈۋۈروفنىڭ ‹‹مەن كەچكەن كىچىكلەر››ناملىق تارىخى ئەسلىمىسىدىن ئالدىم.

داۋامى بار.





Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  421
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 569
تۆھپە : 42
توردا: 31
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-30
ئاخىرقى: 2012-10-19
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 23:59:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باينى ئازاد قىلىپ مائارىپچىلار،زىيالىيلار، كادىرلار ۋە دېھقانلاردىن 100 گە يېقىن پىدائىي ئەسكەر قۇبۇل قىلدۇق.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەمەت غازى(كىيىن قەشقەر شۆبە ھەربىي رايۇننىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولدى)،مامۇت نىياز(خوتەننىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولدى)،ھامۇت يولداشوف(كىيىن سودا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى بولدى)قاتارلىقلار بار ئىدى.باشقىلار ھەر ساھەدە ھازىرغىچە يازغۇچى،شائىر،كادىر،ئىنژېنېر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.باينى ئىشغال قىلىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن باينىڭ چوڭ مەيدانىدا غەلبە تويى بولدى.ئارقىدىن چوڭ سايلام قىلىنىپ،ناھىيە ھاكىملىقىغا ئوسمان داموللام،مۇئاۋىن ھاكىملىققا ئىسمائىل قازى،يەنە بىر قىرغىز يولداش سايلاندى.نىمشېھىت(ئارمىيە داموللا)ھەربىي ئىشلار ھەيئىتى بولۇپ،مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى.ناھىيلىك تىنىچلىق ساقلاش ئىدارىسىگە ياسىناخۇن باشلىق بولدى.ئېلى ئېزىز(ھازىر ئاپتونۇم رايۇنلۇق سەنئەت ئۆمىكىدە)باي ناھىيلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باش كاتىپلىقىغا،ھەسەن تۇردى(ھازىر قەشقەر تۈرلۈك ماللار شىركىتىنىڭ دىرېكتورى)مالىيە بۆلۈم باشلىقلىقىغا،يۈسۈپ ئايۇپ باي ياقا ئېرىق شۆبە ساقچىخانىنىڭ باشلىقلىقىغا،كەنجى ئىبراھىم سايرام شۆبە ساقچىخانىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.باي ناھيلىك ساقچى ئىدارىسىگە 30 دەك قوراللىق ساقچى،شۆبە ئىدارىلەرگە ھەر-بىرىگە 10 دىن قوراللىق ساقچى ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.ۋە ناھيىنىڭ باشقا مەمۇرىي ئىدارىلىرىگە زىيالىيلاردىن باشلىق بەلگىلەپ چىقىلدى.بۇنىڭ بىلەن باي ناھىيىسى جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئازاد قىلىنغان ۋە يېڭى ھۆكىمەت قۇرۇلغان ناھىيە بولۇپ قالدى.
ھۆكىمەت ۋەكىللرىمىز يەرلىك ۋەتەنپەرۋەر زاتلار،ئاخۇن-ئۆلىمالار،سودا ۋەكىللىرىدىن بولۇپ بەش-ئالتە كىشىنى ئىلىغا بېرىپ كۆرۈپ كىلىشكە ئەۋەتتى.گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ بۇلاڭچىلىقى بىچارە خەلىقىمىزنىڭ يۈرىكىدە قاتتىق داغ قالدۇرغان ئىدى.پارتىزانلىرىمىز بارغانلا جايدا خەلىقنىڭ بىر تال نەرسىسىگىمۇ چېقىلمىدى،ئارىيەتمۇ ئالمىدى.بۇ خەلىققە بەكمۇ تەسىر قىلدى.شۇڭا ئۇلار:<<ھەقىقىي بىزنىڭ باللىرىمىز ئىكەن،ھەقىقىي مىللىي ئارمىيە پارتىزانلىرى ئىكەن>>دىيىشتى.بىز نەگىلا بارمايلى،خەلىق بىزگە ياردەم قىلدى ۋە بىزنى قارشى ئالدى.
بىز بايدىن ئايرىلىپ ئاقسۇغا قاراپ يول ئالدۇق.يول ئۈستىدە دېھقانلار بىزنى ياخشى كۈتىۋالدى.ئىسىل ئات ۋە باللىرىنى بىزگە سوۋغا ئورنىدا قۇشۇپ قويدى ھەم ئوت-سامان،يەم خەشەكلەرنى بەردى.بىز ياقا ئېرىققا يىتىپ بارغاندا دۈشمەنلەر ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ ماڭغان چەكمەن،سەرگەز ۋە ئاشلىقلارنى تاشلاپ قاچقان ئىكەن.ئۇلارنىمۇ ئىشەك كارۋانلىرى بىلەن ئىلىغا يولغا سالدۇق.ئۈرۈمچىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا ئېلىپ ماڭغان بىر ماشىنا تاماكا ۋە بىر ماشىنا قەنىتنى غەنىمىيەت ئالدۇق.ياقا ئېرىقتا 8-ئاينىڭ 15-كۈنى بىر كۈن دەم ئالدۇق.بىزنىڭ غەلبىمىزدىن ئۈركۈپ كەتكەن باي ناھىيىسىدىكى دۈشمەنلەر بىزنى <<400 دىن ئارتۇق ئوغرى ئىكەن>>دەپ مۆلچەرلەپ،بايدىن قېىچپ كەتكەنىكەن.باينىڭ قولدىن كىتىپ،جەنۇبىي-شىمالى شىنجاڭ يولىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ئۈرمچىدىكى گومىنداڭ قوماندانىنى قاتتىق ئەنسىزچىلىككە سالغان.ئۇلار بىرمۇ دۈشمەننى شەھەرگە كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن ئاقسۇ ۋە كۇچاغا بۇيرۇق بەرگەن.لېكىن،ئاقسۇ ۋە كۇچا ئىككى شەھەردىكى ئاتلىق دۈشمەنلەر<<بايغا چۈشكەن ئوغرىلار ئارمىيىسى قايسى تەرەپكە يۈرۈش قىلىدۇ>> دەپ تۇرغاندا بىز ئاقسۇ تەرەپكە يۈرۈش قىلدۇق
.

                                                  تۈگدى

مەزكۇر ئەسەر پولكوۋنىك سوپاخۇن سۈۋروفنىڭ <<مەن كەچكەن كىچىكلەر>>ناملىق تارىخى ئەسلىمىسىدىن ئېلىندى.




Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  894
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1673
تۆھپە : 156
توردا: 198
سائەت
تىزىملاتقان: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2012-10-20
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 12:54:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى تېمىلاردىن بىزنى ھوزۇرلاندۇرغىنىڭىزغا رەھمەت، مۇشۇنداق تارىخلارنى ئۇنتۇلۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، چۇنكى ھەر قانداق بىر مىللەت ئۈچۈن تارىخنى ئۇنتۇلۇش جىنايەت. ھارمىغايسىز.
توۋا..... مۇنبەرگە كىرگەنلەر پەقەت يازما كۆرمەيدىغان ئوخشايدۇ دېسە؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-25 12:55  



دۇنيا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بىلەن گۈزەلدۇر.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 270
تۆھپە : 500
توردا: 20
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2012-9-24
ھازىر:

رەسمى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 01:20:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز ، ناھىيىمىزنىڭ تارىخىنى بىلىشى ھەربىر باي خەلقىنىڭ مەجبۇريىتى.
دوستلارنىڭ تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆرۈپ قۇيۇشنى ئۆمۈد قىلىمەن.
ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيسنىڭ باي ناھيسىنى ئازات قىلشى1-بۈلۈم
http://guzalbay.com/forum.php?mo ... &extra=page%3D1
باي ۋەقەسى (1959-يىلىدىكى ئاش ۋەقەسى ) نىڭ باش -ئاخىرى
http://guzalbay.com/forum.php?mo ... &extra=page%3D1
1.§باي ناھيىسىدىكى ئاقارتىش خىزمىتى
http://guzalbay.com/forum.php?mo ... &extra=page%3D1
بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى تارىخى ماتىرياللار كۆپ.
http://guzalbay.com/forum.php?mod=forumdisplay&fid=109


Rank: 3Rank: 3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  241
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 1218
تۆھپە : 23
توردا: 94
سائەت
تىزىملاتقان: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2012-10-21
ھازىر:

رەسمى ئەزا جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 01:51:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بەك كەچ بوپ كەتتى،ئىنكاسىم ئارقىلىق ساقلىۋېلىپ كېيىنچە چوقۇم تەپسىلىي ئوقۇپ چىقاي جۇمۇ ما تېمىنى.ئوقۇمىسام قەتتى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

维护祖国统一,维护民族团结,构建和谐新疆! 拜城是我们家,平安靠大家

بىز ھەققىدە|ئالاقىلىشىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|رەسىمسىز نۇسقا|گۈزەل باي تورى   

GMT+8, 2012-10-23 12:40 , Processed in 0.384196 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش