گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 267 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 323|ئىنكاس: 1

قىزىل مىڭ ئۆي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
27
تېما
16
قىزغىنلىق
235
تىللا
452
تۆھپە
138
توردا
53 سائەت

مۇنبەر مەسئۇلى رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 19:42:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


قىزىل مىڭئۆي— دەسلەپكى مەزگىلدىكى بۇددىزىم غارلىرىنىڭ ۋەكىلى ، باي ناھىيىسى قىزىل يېزىسىنىڭ توققۇز كىلومېتىز شەرقىي جەنۇبىغا ، مۇزات دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى تىك يار ئۈستىگە جايلاشقان . غارلار شەرقتىن غەربكە ئىككى كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇۇلغان بولۇپ ، جىلغىنىڭ غەربى ، جىلغا ئىچى ، جىلغىنىڭ شەرقىي ۋە تاغ كەينىدىن ئىبارەت تۆت رايونغا ئايرىلىدۇ . رەسمىي نومۇر قويۇلغان غار 236 ، ئاساسىي جەھەتتىن غار شەكلىگە ئىگە ئۆڭكۈرلەر 334 كە يېتىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە غار شەكلى بىر قەدەر مۇكەممەل ، تام رەسىملىرىنىڭ ساقلىنىشى بىر قەدەر ياخشى بولغان غار 70 تىن ئاشىدۇ . قىزىل مىڭئۆيىنى ياساش تەخمىنەن مىلادىيە 3 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلىنپ ، 8 ~ 9 ئەسىرلەردە توختىغان بولۇپ ، ئۇ ئېلىمىزدىكى ئەڭ بالدۇر قېزىلغان چوڭ تىپتىكى غارلار توپى ھېسابلىنىدۇ . قىزىل مىڭئۆيدىكى مەدەنىيەت يالدامىلىرى بىناكارلىق ، ھەيكەللەر ، تام رەسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .



قىزىل مىڭئۆي سەنئىتى كۈسەن بۇددىزىم سەنئىتى ئەندىزىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەكىلى بولۇپ ، ئۇ بىناكارلىقتىكى مەركىزىي تۈۋرۈكلۈك غار تېخنىكىسى ، رەسساملىقتىكى رومبىسىمان تۈزۈلۈش ، سايىلاندۇرۇپ رەڭ بېرىش ۋە سىزىق بىلەن تەسۋىرلەش ئۇسۇلى ، مول ۋەقەلىك رەسىملىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . يىپەك يولىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشى ۋە دىنلارنىڭ ئالمىشىشى تۈپەيلىدىن قىزىل مىڭئۆي تارىخنىڭ چاڭ – توزانلىرىغا كۆمۈلۈپ كېتىپ ، ⅩⅨ ئەسىرگە كەلگەندە قايتىدىن بايقالدى . كېيىن روسىيە ، گېرمانىيە ، ياپونىيە ، ئەنگلىيە قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىكى ئېكسپېدىتسىيىچىلەرنىڭ تالان – تاراج قىلىشىغا ئۇچراپ ، نۇرغۇن تام رەسىملىرى بىلەن ھەيكەللەر چەت ئەلگە ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە بۇلاپ كەتكەن تام رەسىملىرى 400 كۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ . 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىن كېيىن بۇ مىڭئۆي مۇھاپىزەت قىلىندى ۋە رېمونت قىلىندى . 80 – يىللاردا چوڭ كۆلەمدە رېمونت قىلىندى . 1985 –يىلى ، كۈسەن مىڭئۆي تەتقىقات ئورنى قۇرۇلۇپ ، قوغداش ۋە تەتقىقات خىزمىتى ئېلىپ بېرىلدى . ئۇ مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ھېسابلىنىدۇ .







باش مەسئۇل

باشقۇرغۇچى

Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30Rank: 30

تېما
122
قىزغىنلىق
831
تىللا
1747
تۆھپە
301
توردا
952 سائەت

مۇنبەر مەسئۇلى رەسمى ئەزا باشقۇرغۇچى چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 22:29:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز يۇرتىمىزنىڭ رايۇنلىرنى چۈشنۈپ قويمىساق بولمايدۇ ئەلۋەتتە


مەخسىتىمىز ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ تىمىللىرىنى كۆچۈرۈپ چاپلاش ئەمەس بەلكى بىلىم ئىگىلەش تىمىللىرىنى بىر يەرگە توپلاپ تىخىمۇ كوپ كىشىلەرنى مەنپەئەتلەندۇرۇش .............
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-16 05:35 , Processed in 0.098250 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش