(
راست ئىشلار خاتىرىسى )
قۇربان موللىنىياز
مۇقەددىمە
كەچكى قۇياش غەربكە ئاستا – ئاستا پاتتى . قىپقىزىل كەچكى شەپەق نۇرى تەڭرىتېغىنىڭ تارماق تىزمىسى قاراتاغ ئېتىكىنىڭ باي ناھىيىسىدىكى قىزىل «ئالۋاستى قەلئەسى» نى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە پۈركىدى. ئەگرى – بۈگرى كەتكەن چوڭ – كىچىك جىلغىلار، قاتمۇقات ، ئاق ، سېرىق ، قىزىل ، كۈلرەڭ دۆڭلۈكلەر كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
خۇددى تاشلىۋېتىلگەن قەدىمىي رىم قەلئەسى قىزىل رەڭ بىلەن سېرىق رەڭ ئارىلىشىپ كەتكەن ئېگىز دۆڭلۈكلەر ئارىسىدا تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى . نەزەر سېلىپ قارىغاندا شىپاڭ ، پەشتاق ، راۋاق ، بالىخانا قاتارلىقلار بىلىنەر – بىلىنمەس كۆرۈنۈپ قالاتتى .
ئىمارەتلەردىكى نەقىش ئويمىلار خۇددى راستتەكلا تويۇلاتتى . بەزىلىرى قانات قېقىپ ئېگىز ئۆرلەۋاتقان بۈركۈتكە ، بەزىلىرى ھۆركىرەۋاتقان يولۋاسقا ، يەنە بەزىلىرى يۈكۈنۈپ ياتقان تۆگىگە ئوخشايتتى .
ئالۋاستى قەلئەسىگە كىرىش
قۇياش نەيزە بويى ئۆرلىگەن چاغ . بىز بەشىمىز ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ، ئۇزۇندىن بۇيان تەلپۈنگەن باي ناھىيىسىنىڭ قىزىل يېزىسىدىكى «ئالۋاستى قەلئەسى» گە قاراپ يولغا چىقتۇق . بىز يېرىم سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ ، قىزىل يېزىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن چەكسىز كەتكەن چۆل – جەزىرە كۆزىمىزگە تاشلاندى . يىراققا نەزەر تاشلىغاندا ئەگرى – بۈگرى ، ئېگىز – پەس تاغ قاپتاللىرى بىر – بىرىگە تۇتاشقاندەك كۆرۈنەتتى .
_قاراڭلار، رەڭلىك تاغ ، نېمىدېگەن گۈزەل – ھە!
«ئالۋاستى قەلئەسى» نى ئىزدەشكە بىرلىكتە ماڭغان قەھرىمان ۋارقىراپ كەتتى . ئۇ قولى بىلەن كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىساق ، بۇلۇت ۋە تۇمان لەيلەپ تۇرغان قارا تاغ ئېتىكىدىكى بىر دۆڭلۈكتە ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئاق ، سېرىق ، كۆك ، قىزىل ، قوڭۇردىن ئىبارەت بەش خىل رەڭ ئېنىق كۆرۈندى . ئۇ ئەتراپتىكى قوڭۇر رەڭلىك تاغ تىزمىلىرىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇراتتى .
- «ئالۋاستى قەلئەسى» ئەنە شۇ رەڭلىك تاغ ئىچىدە ، - دېدى باي ناھىيىلىك سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئدارىسىنىڭ كادىرى قۇربان ئېلى كۈلۈپ تۇرۇپ ، - «ئالۋاستى قەلئەسى» جايلاشقان يەر شەكلى شامال يالاش يەر شەكلى ياكى يارداڭ يەر شەكلى دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ خىل يەر شەكلىدە نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان يامغۇر ۋە شامالنىڭ يالىشى ئارقىسىدا كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇنداق كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قىياپىتى بىلەن ھەرخىل رەڭدىكى تەبىئىي كۆرۈنۈش شەكىللەنگەن .
«ئالۋاستى قەلئەسى» گە يېتىپ بېرىشىمىزغىلا ، تەبىئەت ئۆزىنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىكى بىلەن بىزنى ھۇزۇرلاندۇردى . بىز بەكمۇ ھاياجانلاندۇق .
بىز ماشىنىدا تۇيماستىنلا ئىككى دوقمۇشتىن ئايلىنىپ ئۆتكەندىن كېيىن ، چۆل – جەزىرىلەرنى ئارقىمىزغا قالدۇرۇپ ، ئېدىرلىقلارغا كىرىپ كەتتۇق . بىردە ئۆرلەپ – بىردە پەسىيىپ ، بىردە چوڭىيىپ – بىردە كىچىكلەپ چوقچىيىپ تۇرغان تاغ قاپتاللىرى بىر – بىرلەپ كۆزىمىزگە تاشلىنىپ تۇراتتى . بىزنى ھەيران قالدۇرغىنى تاغ تىزمىلىرىدا شەكلى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان خۇددى نەقش چەككەن ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇمىغا ئوخشاش نۇرغۇن دۆڭلۈكلەر كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . تەخمىنەن 10 مىنۇتتىن ئارتۇق يول ماڭغاندىن كېيىن تۆت ئەتراپىمىز ئىپتىدائىي ، تەبىئىي گۈزەل رەڭگارەڭ خۇسۇسىيەتنى ئەكس ئەتتۈرگەن نەقىشلىك تاغ تىزمىلىرى بىلەن تولۇپ كەتتى . ئۆزىمىزنى خۇددى تاشلىنىپ كەتكىلى ئۇزۇن بولغان قەدىمىي قەلئەگە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدۇق . كۆك ئاسمىنى تىپتىنچ دېڭىزغا ئوخشايتتى . خىرە بۇلۇت يۇمشاق رومالغا ئوخشاش لەپىلدەيتتى . يۈرىكىمىز توختىماي سېلىپ كەتتى .
بىز ماشىنىدىن چۈشۈپ ھاياجىنىمىزنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ، «ئالۋاستى قەلئەسى» نىڭ سىرىنى قانداق ئىزدەش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتۇق . كۆز ئالدىمىزدىكى بارلىق شەيئىلەر چەكسىز جەلپ قىلىش كۈچىگە تولغان ، قايسى نىشاندىن باشلاش كېرەك ؟ دېگەن مەسىلە كۆپچىلىكنىڭ تالاش – تارتىش قىلىدىغان مەسىلىسى بولۇپ قالدى . «غەرب تەرەپكە ماڭايلى» دېدى قەھرىمان روزى ، «بۇ يولدىن ئاسان ئېزىپ قالىمىز ، بەك ئىچكىرىلەپ ماڭمايلى» دەپ سەمىمىزگە سالدى غەيرەتجان .
باي ناھىيىلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇنىياز تۇراپ ، سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى قۇربان ئېلى ، ناھىيىلىك رادىئو – تېلېۋىزىيە تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مۇخبىرى قەھرىمان روزى قاتارلىق تۆتەيلەن سىرلىق ئورىدەك تاغ جىلغىسىغا قاراپ يول ئالدۇق
بىز مەپتۇن بولغان «ئالۋاستى قەلئەسى»
قېيىر يېزىسىغا ماڭىدىغان تاشيولدىن ئايرىلىپ ، قۇم – شېغىللارنى دەسسەپ خىلۋەت ، جىمجىت ، چوڭقۇر تاغ جىلغىسىغا كىرىپ كەتتۇق . بىر ئەگمىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ قاراپ ھەيران قالدۇق . پارلاپ تۇرغان قۇياش نۇرى ئاستىدا ھەيۋەتلىك قەدىمىي شەھەر كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولدى . بۇددالار سارىيى ، قاتمۇقات ئىبادەتخانىلار تاغ قاپتىلىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى ...
كۆزۈمنى يۇمۇپ يەنە قانداق كارامەتلەرنىڭ بارلىقىغا ھەيران بولۇپ تۇرسام ، بىر خىل ئاۋازنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى سەزدىم . بىر خىل ئەندىشە ئىچىدە يۈرىكىمنىڭ سوقۇشى تېزلىشىپ كەتتى . مانا ! دۇبۇلغا ، ساۋۇت كىيىۋالغان ، قولىدا يالمان ، ئايپالتا تۇتقان ، قوش كىشىلىك سەپ تۈزگەن يىراق قەدىمىي زاماندىكى لەشكەرلەر ئاستا – ئاستا يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ . قىلىچ – خەنجەرلەر كۈن نۇرىدا پارقىراپ تۇرىدۇ . تۇيۇقسىزلا بىر مەيدان جەڭ باشلىنىپ كەتتى – دە ، ھەش – پەش دېگۈچە جەڭ بۇرغىسى چېلىنغان ، جەڭچىلەرنىڭ چۇقان – سۈرەن كۆتۈرۈشكەن ، جەڭ ئاتلىرىنىڭ كىشنىگەن ، ھەربىي قوراللارنىڭ سوقۇلغان ، ئىسسىق قانلارنىڭ ئېتىلىپ چىققان ، لەشكەرلەرنىڭ ھۆڭگىرەپ يىغلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلانغىلى تۇردى . جەڭ شىددەتلىك ئېلىپ بېرىلماقتا . كۆك قەھرىدىن شىددەتلىك مۇدھىش بوران – چاپقۇن كېلىپ ھەشەمەتلىك قەدىمىي شەھەر ۋەيران بولۇپ كەتتى . يىغلاپ داد – پەرياد قىلىشقان ئاۋاز ئاستا – ئاستا پەسىيىپ ، يىراقلاپ ، ئۈن – تىنسىز يوقاپ كەتتى . ئەتراپ قايتا جىمجىتلىققا چۆمدى . شۇ پەيتتە مەن خۇددى قورقۇنچلۇق شۇم چۈش كۆرگەندەك بولدۇم. كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام كۈن نۇرىدا چاقناپ تۇرغان قەلئە گاھى كۆرۈنۈپ ، گاھى يوقىلىپ ، ئېزىتقۇدەك ھەيۋەتلىك كۆرۈندى . ئەمما تەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى .
«ماڭايلى ، شىمال تەرەپكە بېرىپ قاراپ باقايلى» دەپ تەكلىپ بەردى قۇربان ئېلى . بىز ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپنى بويلاپ مېڭىپ ، ئېگىزلىكى 50 مېتىرغا يېقىن بىر ئېدىردىن تەسلىكتە يامىشىپ ئۆتۈپ ، قۇرۇپ كەتكەن بىر كىچىك ئېقىن ئارقىلىق تاغ جىلغىسىغا قاراپ ماڭدۇق . بىز ماڭغاچ ئەتراپقا نەزەر سېلىپ ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىزلىرىنى بايقىدۇق . ئەمما بۇ جايغا ئادەملەر ئاياغ باسمىغاندەك قىلاتتى . بۇ جاي قاقاسلىق بولۇپ ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر شالاڭ ئۆسىدۇ ، ئازدۇر – كۆپتۇر سۆكسۆك ، چاكاندىلارنى كۆرگىلى بولاتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئالۋاستى قەلئەسى» دېگەن ۋەھىمىلىك نامدىن چارۋىچىلار ۋە باشقىلارنىڭ تېنى شۈركىنىپ ، بۇ جايغا ئاياغ باسمىسا كېرەك .
يەنە 20 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ، بىز ئىلگىرى كۆرگەن مەنزىرىلەرگە ئوخشىمايدىغان بىر يارداڭلىق ئۈستىگە چىقتۇق . بۇ جاينى «ھايۋانات پادىشاھلىقى» دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايتتى . دىققەت – ئېتىبارىمىزنى قوزغايدىغىنى بېشىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ، ئېغىزىنى يوغان ئاچقان بىر ئەجدىھانىڭ قورقۇنچلۇق ئەلپازى ، ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا بېشى يان تەرەپكە بۇرالغان ، يىراقلارغا نەزەر سېلىۋاتقان بىر ئەركەك شىر يېنىچە ياتاتتى . ئۇ خۇددى چۈشىدە كۆرگەن ياپيېشىل ئوتلاقلارنى ئەسلەۋاتقاندەك قىلاتتى . ئۇنىڭدىن باشقا تاشپاقىنىڭ بېشىنى چىقىرىشى ، مايمۇننىڭ ئاينى تەكشۈرۈشى، تۇلپارنىڭ چېپىشى ، ئەجدىھانىڭ ھۆركىرىشى ، تۆگىنىڭ يۈكۈنۈپ يېتىشى ... قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر خۇددى راستتەكلا كۆرۈنەتتى . بۇ كۆرۈنۈشلەر بىزنى تېخىمۇ جەلپ قىلدى .
بىز يەنە مېڭىۋېتىپ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر كۆرۈنۈشنى بايقىدۇق . 30 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تىك ياردا «غەربكە ساياھەت خاتىرىسى» دا تەسۋىرلەنگەن ، بېشىغا ئالتۇن تاج ، ئۇچىسىغا كاسايا كىيىۋالغان تاڭ راھىبى تاڭسېڭغا ئوپمۇ ئوخشايدىغان بىر ھەيكەل دىققەت – ئېتىبارىمىزنى قوزغىدى . بولۇپمۇ ھەيكەل ئۇچىسىدىكى كاسايانىڭ پېشى ئالدىغا تومپىيىپ چىقىپ، خۇددى شامالدا لەپىلدەۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى . ئۇدۇلدىكى چوقچىيىپ تۇرغان تىك ياردا بەتبەشىرە بىر نەچچە ئون جىن – ئالۋاستىلار ئېچىنىشلىق چىرقىراۋاتقاندەك ، سۇن ۋۇكۇڭدىن ئىبارەت ئۈچ شاگىرتنىڭ ھېمايىسى بولمىغاندا «جىن – ئالۋاستىلار» تەپ تارتماستىن تاڭسىڭنىڭ گۆشىنى يېيىشكە ئالدىراۋاتقاندەك قىلاتتى . كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ مەنزىرىدىن ھەيران قالدۇق ھەم بۇ مەنزىرىگە مەپتۇن بولدۇق . بىز تېلېكامېرانى ۋە فوتو ئاپپاراتنى توغرىلاپ، بۇ ئاجايىپ مەنزىرىلەرنى بىر – بىرلەپ سۈرەتكە ئېلىۋالدۇق .
بىز ھەيران بولغان «ئالۋاستى قەلئەسى»
بىز بىر ئېدىرلىقتىن ئاشقاندىن كېيىن يەنە بىر ئېدىرغا كەلدۇق . ماڭغانسېرى ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتتۇق . غەيرەتجاننىڭ ماشىنىدىن چۈشكەن چاغدا ئەسكەرتكەن سۆزلىرى يادىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى . ۋاقىت بىلىنمەيلا كەچ سائەت 6 بولۇپ قالدى . بىز ھېرىپ – چارچاپ ، قورسىقىمىزنىڭ غولدۇرلاپ ئېچىپ كەتكەنلىكىنى سەزدۇق .
بىز تىك يار بېشىدا چۆرىدەپ ئولتۇرۇشۇپ ، نان يېگەچ ، ئەتراپىمىزدىكى ئاجايىپ – غارايىپ مەنزىرىلەرگە نەزەر سېلىپ ، مەستخۇش بولدۇق . قانداقلا بولمىسۇن بىز ئادەمزات ئاياغ باسمىغان (ئادەتتە كىشىلەر بۇ يەرگە كېلىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ) ئالۋاستى قەلئەسىدە زىيارەتتە بولدۇق . ھەممىمىز بىر قېتىملىق دالىدا ئېكسپېدىتسىيە – تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىمىزدىن سۆيۈندۇق .
قورسىقىمىزنى توقلاپ بىردەم ئارام ئالغاندىن كېيىن ، قايتىپ كېتىشنى قارار قىلدۇق . بىز بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن ھاۋا تۇتۇلۇپ ، شامال چىققىلى تۇردى ھەمدە بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى . قۇلىقىمىزغا شامالنىڭ غۇيۇلدىغان يېقىمسىز ئاۋازى ئاڭلىناتتى . بىزدە باشقىچە بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بولدى . ئۆزىمىزنى خۇددى بىر سىرلىق ئوردىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدۇق . بىز قول تۇتۇشۇپ ئېدىر – جىلغىلاردىن ئېشىپ ئۆتتۇق . بىز بىر سائەتچە ماڭغان بولساقمۇ ، ئەمما قېيىرغا ماڭىدىغان تاشيولنى تېخىچە تاپالمىدۇق . بىز يولدىن ئادىشىپ قالغانلىقىمىزنى ھېس قىلدۇق . شامال تېخىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ . ئەتراپنى چاڭ – توزان قاپلىدى . بىز قارىغۇلارچە مېڭىشنى توختاتتۇق . پىل ھەيكىلىسىمان بىر دۆڭلۈكتە ئۆزىمىزنى شامالدىن دالدىغا ئالدۇق .
شامالنىڭ گاھى ئاجىز ، گاھى كۈچلۈك قۇلاققا خۇشياقمايدىغان ئەنسىز غۇيۇلدىغان ئاۋازى خۇددى داد – پەرياد كۆتۈرگەن ئالۋاستىلارنىڭ ئاۋازىدەك بىلىنەتتى . ئەتراپقا قارىساق ، قاتمۇقات سېھرىي سايىلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى . ھاۋا بىردىنلا ئېچىلىپ كەتتى . چوڭ – كىچىك ھەيكەللەر خۇددى يىرتقۇچ ئالۋاستىلارغا ئايلانغاندەك ، «ئالۋاستى قەلئەسى» سۈرلۈك ، ئېچىنىشلىق ، ئىسمى – جىسمىغا لايىق ئالۋاستى قورغىنىغا ئايلانغاندەك بولدى . رىۋايەت قىلىنىشىچە ، «ئالۋاستى قەلئەسى» گە كىرگەنلەر قايتىپ چىقالمايدۇ . بۈگۈن بىز رىۋايەتتە دېيىلگەندەك قايتىپ چىقالمايمىزمۇ نېمە ؟ تېنىمىز شۈركىنىپ كەتتى . بىز بىر – بىرىمىزگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق . بىز قانداق قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغان پەيتتە ، بىر قارا كۆلەڭگە يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كەتكەندەك بىلىندى . ئالتۇن قۇياش نۇرى «ئالۋاتى قەلئەسى» نىڭ جىلغىلىرىغا چېچىلدى . جىن – ئالۋاستىلاردەك ھەرخىل ھەيكەللەر بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى .
كەچكى قۇياش غەربكە ئاستا – ئاستا پاتتى . قىپقىزىل كەچكى شەپەق نۇرى ئالۋاستى قەلئەسىنى باشقىچە گۈزەللىككە پۈركىدى . ئەگرى – بۈگرى ، چوڭ – كىچىك جىلغىلاردا قاتمۇقات سېرىق ، قىزىل ، كۈلرەڭ دۆڭلۈكلەر كۆرۈنۈپ تۇراتتى . خۇددى تاشلاندۇق قەدىمىي رىم قەلئەسى قىزىل رەڭ بىلەن سېرىق رەڭ ئارىلىشىپ كەتكەن دۆڭلۈكلەر ئارىسىدا تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى . نەزەر سېلىپ قارايدىغان بولساق شىپاڭ ، پەشتاق ، راۋاق ، بالىخانا بىلىنەر – بىلىنمەس كۆرۈنۈپ تۇراتتى . ئىمارەتلەردىكى ئويما نەقىشلەر خۇددى راستتەكلا تۇيۇلاتتى . بەزىلىرى قانات قېقىپ كۆككە كۆتۈرۈلۈۋاتقان بۈركۈتكە ، يەنە بەزىلىرى ھۆركىرەۋاتقان يولۋاسقا ئوخشايتتى .
«ئالۋاستى قەلئەسى» گە نەزەر
«ئالۋاستى قەلئەسى» دىن قايتىش نىشانىنى تېپىش ئۈچۈن ، بىز خېلىلا ئېگىز بىر دۆڭلۈككە چىقىپ قاراپ ، قايتىش يولىمىزنىڭ بىزدىن ئانچە يىراق قالمىغانلىقىنى بايقىدۇق . بىردىنلا ھەممىمىز خۇشال بولۇپ ، يولغا قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتۇق . بىز بىر كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرگەندىن كېيىن ، ماشىنىغا چىقتۇق . ناھىيىگە قايتىش سەپىرىدە بىز «ئالۋاستى قەلئەسى» نىڭ سىرىنى ئىزدەش سەرگۈزەشتلىرىمىزنى ۋە ئالغان تەسىراتىمىزنى ئۆزئارا سۆزلىشىپ ماڭدۇق . تۇنياز تۇراپ مۇنداق دېدى : «ئالۋاستى قەلئەسى» دە ئالۋاستى يوق . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلۇغ تەبىئەتنىڭ نادىر ئەسىرى . بۇ ئالاھىدە يەر شەكلى ئەپت – بەشىرىسى يىرگىنچلىك ئالۋاستىغا ئوخشايدۇ . شامال چىققاندا چىققان ئاۋازدىن كىشىلەر قورقۇپ تېنى شۈركىنىپ كېتىدۇ . شۇ سەۋەبتىن بۇ جايغا «ئالۋاستى قەلئەسى» دەپ نام بېرىلىپ قالغان . ئەمەلىيەتتە بۇ خىل يەر شەكلى يارداڭ يەر شەكلى دەپ ئاتىلىدۇ . ئاپتونوم رايونىمىزدا يەنە گۇچۇڭ «ئالۋاستى قەلئەسى» ، ئورقۇ «ئالۋاستى قەلئەسى» ، قۇمۇل «ئالۋاستى قەلئەسى» قاتارلىقلار بار . يەنە بۇ خىل يەر شەكلىگە ئوخشايدىغان نۇرغۇن جايلار بار . تۇنياز تۇراپ ئەسكەرتىپ يەنە مۇنداق دېدى : «ئالۋاستى قەلئەسى» چۆل – جەزىرىگە جايلاشقان بولۇپ ، قاتنىشى قولايسىز ، ھاۋا كىلىماتى ، شەرت – شارائىتى ناچار ، كىشىلەر بۇ جاينى سەيلە – ساياھەت قىلىش جەريانىدا تەرەپنى پەرق ئېتىشى تەسكە توختايدۇ ، ھەتتا كەڭرى كەتكەن يارداڭلىققا كىرگەندە ، ئاسانلا نىشاندىن ئادىشىپ قالىدۇ . شۇڭا بۇنداق جايغا بېرىشتا ياخشى تەجرىبىگە باي يەرلىك يول باشلىغۇچى تېپىشى كېرەك .
تۇنياز تۇراپ باي قىزىل «ئالۋاستى قەلئەسى» نى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى : قىزىل «ئالۋاستى قەلئەسى» باي ناھىيىسىدىكى مۇھىم ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرى . بۇ جاي «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» تىكى ئاساسلىق گاز مەنبەسى قارا 2 – گازلىق . قىزىل مىڭئۆي ، قېيىر خەلقئارا ئوۋ مەيدانى ، قىزىل سۇ ئامبىرى بىلەن تۇتىشىپ غايەت زور ئېچىش قىممىتىگە ۋە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە . بۇندىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا باي ناھىيىسى خېرىدار چاقىرىپ ، مەبلەغ كىرگۈزۈش ئارقىلىق ، قىزىل «ئالۋاستى قەلئەسى» نى ئومۇميۈزلۈك ئېچىپ پايدىلىنىدۇ . دەسلەپكى تەسەۋۋۇر پىلانىمىزدا ئىستىراھەت كەنتى قۇرۇپ ، ئېكسپېدىتسىيە قىلىش ، دالا تامىقى ئېتىش ، تاغقا چىقىش ، ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرىنى ئاچىمىز . يېڭىچە تۈرلەر ئارقىلىق ، باي ناھىيىسىنىڭ ساياھەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك .
( ئاپتور – باي ناھىيىلىك مالىيە ئىدارىسىدا )