ئۇيغۇرنى تىللىماڭ، ۋىجدان قاينايدۇ،
ئۇيغۇرنى كەمسىتمەڭ، يۈرەك يىغلايدۇ.
بىلسىڭىز ئۇيغۇرسىز قۇياش كۈلمەيدۇ،
ئۇيغۇرۇم ئۈمۈدۋار، ئۇيغۇر ئۆلمەيدۇ!
خاس ھاجىپ ، قەشقىرى، قاينام ئۆركىشى،
ئىقلىمدا يوق ئىدى ئۇلار تەڭدىشى.
ئەجدادىم ئىزىدا ماڭسا ھەر كىشى،
ئۇيغۇرۇم ئۇلۇغدۇر ، ئۇيغۇر ئۆلمەيدۇ!
نۇزگۇم روھىدىن يۇيۇلغان تۇپراق،
ئىپارخان ئىزىدىن قالغان خۇشپۇراق.
رىزىۋان قېنىدىن ئۈنگەن گۈل-ياپراق،
ئۇيغۇرۇم بۈيۈكتۇر، ئۇيغۇر ئۆلمەيدۇ.
بەزىلەر ئاق-قارا بىلمىگەن بوۋاق،
بەزىلەر خۇددى بىر كېرەكسىز تاۋاق.
دانالار ئويغاندى ، ئۇيقۇدىن نەۋاخ،
ئۇيغۇردا ئۈمۈد بار، ئۇيغۇر ئۆلمەيدۇ.
قىزلىرىمىز يولىدىن ئازدى بىر مەھەل،
يىگىتلەرغەپلەتتە قالدى ھەر سەھەر.
تىرىشساق بولاتتى ھەممە، ھەممە تەل،
ئۇيغۇرۇم پارلايدۇ، ئۇيغۇر ئۆلمەيدۇ.
ئۇيغۇرۇم تۈگەشتى دىگەنلەر ئاڭلاڭ!
دەس تۇرۇڭ ئۇيقۇدىن، بەلنى چىڭ باغلاڭ!
ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇڭ، داڭلاڭ!
ئۇيغۇرنىڭ جېنى بار، ئۇيغۇر ئۆلمەيدۇ!
ئۇيغۇر ئۈچۈن ھەرۋاقىت سوقار يۈرەك كۆپ،
ئۇيغۇرئۈچۈن يەڭلەرنى تۈرگەن بىلەك كۆپ.
ئۇيغۇر دەپ ياش تۆككەن ،دۇئا- تىلەك كۆپ.
ئۇيغۇردا يۈرەك بار، ئۇيغۇر ئۆلمەيدۇ.
بوۋىلار يۈزىنى قىلايلى يۇرۇق.
دىلىمىز ئىسلامسىز بولمىسۇن پۇچۇق.
ھىچكىممۇ ئۇيغۇردىن تاپمىسۇن يۇچۇق،
ئۇيغۇرۇم ياشايدۇ، ئۇيغۇر ئۆلمەيدۇ.
خاتىمە
ئۇيغۇرنى تىللىماڭ، ۋىجدان قاينايدۇ،
ئۇيغۇرنى كەمسىتمەڭ، يۈرەك يىغلايدۇ.
بىلسىڭىز ئۇيغۇرسىز قۇياش كۈلمەيدۇ،
ئۇيغۇردا بىر خىسلەت بار، ئۇيغۇر ئۆلمەيدۇ!
2011- يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سەھەر ( ئۈرۈمچى)
ئاپتۇرى: كەمپۈتجان ( ئەنۋەر ئوبۇل تاشقىن)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەتىرگۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-10-5 01:30