گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
گۈزەل باي تورى مۇنبەر ئەسەرلەر ئەسەرلەر ئازاپلىق ئەسلىمە
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 170 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 52|ئىنكاس: 0
go

ئازاپلىق ئەسلىمە

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
23
[?]
UID
260
جۇغلانما
914
قىزغىنلىق
153
تىللا
469
تۆھپە
77
0
0
توردا
82 سائەت
تىزىملاتقان
2011-9-8
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-7

چوڭ باشقۇرغۇچى  ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-1 00:21:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                   ئازاپلىق ئەسلىمە
                                          نەسىر  

بۈگۈن كىچە زادىلا ئۇيقۇم كەلمىدى، دەرىزىنى ئىچىۋىتىپ كۆككە تەلمۈردۈم، خۇددى سەن يۇلتۇزلار ئارىسىدا پەيدا بولىدىغاندەك يۇلتۇزلاردىن كۆزۈمنى ئۈزمەي قارايتتىم. ئەپسۇس بىر كىچە ئەمەس ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرغىچە قاراپ ئولتۇرساممۇ سىنىڭ يۇلتۇزلار ئارىسىغا پەيدا بولىشىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ئەمما سەن قەلبىمدە مەڭگۈ ئۆچمەس چولپان يۇلتۇزى. بۇ يۇلتۇزنى كۆرگىنىمدە سەن قەلىب ئىكرانىمدىن ئۆتكەچ مەندىن ئەھۋال سورايتتىڭ.
سەن زىمىنغا چۈشكەن پەرىشتە، مىنىڭ قەلبىمدە مەڭگۈ شۇنداق. سىنى پەقەت چۈشلىرىمدىلا كۆرۈش پىشانەمگە پۈتۈلگەن بولسا كىرەك. ئەمما رىئاللىق قولۇمدىن تارتقانچە مىنى ئازاپ دىڭىزىغا تاشلىدى. بۇ يەردە شۇنداق ئىچىنىشلىق نالە پەرياتلار بىلەن ياشىدىم. توغرا مەن كىم ئۈچۈن ياشىدىم؟ ئەلۋەتتە سەن ئۈچۈن بولدى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىنىڭ مۇھەببىتىڭگە چوقۇم ئىرىشىمەن دەپ ئويلايتتىم، شۇڭا تىز پۈكمەس ئىرادە بىلەن مەردانە ياشىدىم، بەلكىم بۇمۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشىدۇر.
قەلبىمدىكى ئوبرازىڭ بويىچە بىر پارچە سۈرىتىڭنى سىزىپ چىقتىم، بۇ سۈرىتىڭنى قەلب مۇنبىرىمدىكى گۈل دەستىلەر ئارىسىغا تىزدىم، سۈرىتىڭ گۈل دەستىلەر ئارىسىدا تىخىمۇ كۆركەم، تىخىمۇ گۈزەل، تىخىمۇ يىقىملىق بولۇپ كۆرۈنمەكتە ئىدى. خىياللىرىم ئارىسىدا ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەخىتلىك ھىس قىلاتتىم، تەسەۋۇرۇمدىكى شۇ سىمايەڭ مۇھەببەت لىرىكىسى بىلەن ئىيتىلغان يىقىملىق ناخشىدەك قەلىب تارىمنى چىكەتتى، بۇ يارقىن مۇھەببەت كۈيلىرى قەلبىمنى چۇڭقۇر ھاياجانغا سىلىپ ئىسىمنى بىلەلمىگۈدەك ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى.
يۈرىكىم سوقىۋاتاتتى، ئۇ ئۆزى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تەننىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى، ئۇزاقتىن بىرى تەشنالىقتا تەلمۈرۈپ كۈتىۋاتقان باشقا يۈرەكنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن سوقىۋاتاتتى. يۈرىگىم ئۇسسىغان ئىدى، ئۇنىڭ سۆيگۈ بۇلاقلىرىدىن قىنىپ ۋىسال شەربەتلىرىنى ئىچكۈسى كەلگەن ئىدى، ئەپسۇس ئۇ ھىقران باياۋانلىرىدىن ئازاپ چاڭ توزانلىرىنى سۈمرىۋالدى. ئۇنىڭ تەشنالىقى قانماستىن تىخىمۇ چاڭقاقلىشىپ كەتكەن ئىدى، يۈرىگىم ھالسىزلانغان تىخىچىلا سۆيگۈ شەھەرچىسىگە يىتەلمىگەن ئىدى. مۇھەببەت قەسىرى مەندىن بارغانسىرى يىراقلاپ ھىجران چۆلىگە تاشلاندىم، بۇ يەردە نە كۈلكە، نە تەبەسسۇم بولسۇن خۇددى قەبرىستانلىقتەك سۈرلۈك ...............
ئەي سۆيۈملۈك دىلبىرىم ھامان بىر كۈنى مۇھەببەت ۋەسلىڭگە يىتىمەن، ھەم يىتەلەيدىغىنىمغا ئىشىنىمەن، ئۇلۇغ ئاللاھ بەندىسىنىڭ تىلىكىنى چوقۇم ئىجابەت قىلىدۇ.
مەن بۇ يۈرەك سىغىنىشىمنى ئەرزىمەس بىر لىرىكا بىلەن خاتىرە قىلىپ قالدۇردۇم. بۇ پەقەت مىنىڭ يىنىمدا مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، بىر ئۆمۈر پاك مۇھەببىتىنى ماڭا ئاتاپ بارلىقىنى مەن ئۈچۈن بىغىشلايدىغان، بىر ئۆمۈر قىرىماس پاك مۇھەببىتى بىلەن مىنى بۇ خىيالى دۇنيادىن قۇتۇلدىرىدىغان سۆيۈملۈك ۋاپادارىمنىڭ بولمىغانلىقىدىن، بۇ مىسكىن قەلبىمنىڭ سۆيگۈ ۋەسلىگە يىتەلمىگەنلىكىدىن .................
سىنى سۆيىمەن جىنىم! مەڭگۈ سىنى سۆيىمەن!!!!!!



                        شئېر


چىگىش خىيال


ئاتمايدۇ تاڭ، كەلمەيدۇ ئۇيقۇم،
مۇھەببەت ئىشقىدا سەۋدايى بولدۇم.
سىغىنىش ئىلكىدە بىچارىمەن،
خىيال دىڭىزىغا غەرىق بولدۇم.


خىيال سۈرىمەن تۇماننى يۈتۈپ،
ئازاپ چىكىمەن سۆيگۈنى يۈدۈپ.
ئازات بولارمەنمۇ، شۇ ئازاپتىن
يۈرەك باغرىمدىكى تۇماننى پۈركۈپ.
ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا ، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن
؟

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىڭ|يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|QQ59496604|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-10-9 16:33 , Processed in 0.082522 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش