گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 275 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 113|ئىنكاس: 3

يەتتە موچەننى بۇلىغان يىگىت ئىككى يىل كېسىلىپ كەتتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

يوقلىما
75
تېما
30
قىزغىنلىق
563
تىللا
2150
تۆھپە
77
توردا
872 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 00:37:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈمچى تورى خەۋىرى (مۇخبىر راۋ جۈنخۇا، پراكتىكانت مۇخبىر شياۋ شىيا، خەۋەرچى لى خۇڭ) : « مەن ئېزىپتىمەن، ئەقلىمدىن ئېزىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈپتىمەن...». 9-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇخبىرنىڭ يېڭى شەھەر رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئۇقۇشىچە، 90-يىلدىن كىيىن تۇغۇلغان دۇ xx ئاچكۆزلۈكى غالىپ كېلىپ 7موچەننى بۇلىغان قىلمىشى ئۈچۈن ئىككى يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ئېرىشكەن ھەمدە 1000 يۈەن جەرىمانە قويۇلغان، ھۆكۈمنامىنى ئاڭلىغان دۇ xxئۆز قىلمىشىغا مىڭ مەرتەم پۇشايمان قىلغان.
دۇ xx بۇ يىل 20 ياش، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچ دۇ xx تورخانىدىن يېنىپ كېلىپ كوچا ئارىلاپ بېيجىڭ يولىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بىر تاللا بازارنىڭ كەينىدىكى بىر كوچىنىڭ ئىچىگە كەلگەندە ، ئالدىدا يېشى سەل چوڭراق بىر ئەرنىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ، ئەر مۈرىسىگە سومكا ئېسىۋالغان ئىدى، دۇ xx نىڭ كاللىسىدا ئۇ سومكىنىڭ ئىچىدە چوقۇم پۇلغا يارىغۇدەك نەرسە بار دېگەن ئوي كېچىپ ئۆتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا سومكىنى بۇلاش نىيىتى تۇغۇلدى.
دۇ xx ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ 4- قۇرۇلۇش ئەترىتىگىچە كەلگەندە ئەتراپتا ھېچكىم كۆرۈنمىدى، دۇ xx ئېتىلىپ بېرىپ ھېلىقى ئەرنىڭ گىلىنى سىقىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قوقاق سالغاچ ئۇنى تامنىڭ يېنىغا تۈرتۈپ ئاپىرىپ ئەرنىڭ مۈرىسىدىكى سومكىنى بۇلاپلا قاچتى. دۇ xx قېچىۋاتقان چاغدا يېقىن ئەتراپتىكى مەھەللە چارلاش خادىملىرىغا ئۇچراپ قىلىپ تۇتۇلۇپ قالدى.
«مەن بايا بىرىنىڭ سومكىسىنى بۇلىدىم،...» دۇ xx بەك قورقۇپ كەتكەچكە دەرھال بۇلاڭچىلىق جىنايىتىنى بوينىغا ئالدى. كەينىدىنلا چارلاش خادىملىرى دېلو مەلۇم قىلدى ھەمدە بۇلانغان سومكىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەردى، سومكىدا يەتتە موچەن پۇل ، بىر قانچە ئاچقۇچ، بىر تال بانكا كارتىسى ۋە بىر تاماق قۇتىسى بار ئىدى.
6-ئاينىڭ 9-كۈنى سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونى قاراپ چىقىپ مۇنداق دەپ  قارىدى: دۇ xx قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلىپ زوراۋانلىق بىلەن نەق مەيداندا مال-مۈلۈكنى بۇلىغان، قىلمىشى بۇلاڭچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. تۇتۇلۇپ قالغاندىن كىيىن ئۆزلۈكىدىن گۇناھىنى بوينىغا ئالغان، ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئەھۋالىغا ئۇيغۇن، ھەمدە زاڭ قايتۇرۇۋېلىنغان بولغاچقا سوت مەھكىمىسى جىنايىتىنى بېكىتكەندە يېنىكلىتىپ جازا بەرگەن.
مەنبە: نۇر تورى


Rank: 3Rank: 3

تېما
56
قىزغىنلىق
763
تىللا
1502
تۆھپە
105
توردا
138 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 09:33:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر كىم ئۆزىگە قىلىدۇ .قانۇن رەھىمسىز ،قانۇن مۇقەددەس !!!


Rank: 3Rank: 3

تېما
13
قىزغىنلىق
327
تىللا
1360
تۆھپە
185
توردا
106 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 15:41:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سومكىلارغا ھازىر  كىممۇ  كۆپ پۇل سېلىپ يۈرسۇن  ئەخمەقلىقتە بۇ .تىگىشلىك جازاسىنى يەپتۇ


سۈكۈت قىلىش -ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان كىشلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش

Rank: 1

تېما
1
قىزغىنلىق
71
تىللا
131
تۆھپە
12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-2 22:55:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  بىر ھېسپتا ياخشى بۇلۇپتۇ، جاجسنى يەپتۇ، ئاۋال پىچاقنى ئۈزىڭگە سال. ئاغرمسا كىشگە  سال دەپتكەن كونلار.  ياش بولغاندىنكىن ھالال ئىشلەپ تېپېپ يىسچۇ؟ بىچارە يىگت.....


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-21 15:26 , Processed in 0.101974 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش