چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 499|ئىنكاس: 0

يۈسۈپ ماماي ۋاپات بولدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يۈسۈپ ماماي ۋاپات بولدى

yusup mamay.jpg

يۈسۈپ ماماي كېسەل سەۋەبىدىن 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 10دا ئۆز يۇرتى ئاقچىدا 97 يېشىدا ۋاپات بولدى
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، 6-ئاينىڭ 2-كۈنى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىس، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت بىرلەشمىسىنىڭ پەخرىي رەئىسى، داڭلىق ماناسچى، «ماناس» ئېيتىش ئۇستىسى يۈسۈپ ماماينىڭ تەزىيە پائالىيىتى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاست ئاقچى ناھىيىسى خەلق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزى كومىتېت مەركىزى سىياسىي بيۇروسى ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن يۈسۈپ ماماينىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە ئائىلە-تاۋاباتىدىن ھال سورىدى.
1918-يىلى تۇغۇلغان يۈسۈپ ماماي بولسا بىردىنبىرى سەككىز قىسىم «ماناس» داستانىنى تولۇق ئېيتىپ بېرەلەيدىغان چوڭ ماناسچى بولۇپ، سەككىز يېشىدىن باشلاپ ئاكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە «ماناس» داستانىنى يادلاشنى ئۆگەنگەن. بىر كۆرگەننى ئۇنتۇپ قالمايدىغاندەك كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى بىلەن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشى يۈسۈپ ماماينى سەككىز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا 200 مىڭ قۇردىن كۆپرەك كېلىدىغان سەككىز قىسىم «ماناس» داستانىنى تولۇق يادلىيالايدىغان سەۋىيىگە يەتكۈزگەن، ئۇ يەنە پېشقەدەم ئۇستازلارنىڭ خەلق ئارىسىدىن يىغىپ توپلىغان سەككىز قىسىم «ماناس» داستانىغا قارىتا رەتلەش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نەسرى قىسمىنى شېئىر شەكلىدە يادلاپ ئەستە تۇتۇپ، بىر ئۆمۈرلۈك قان-تەرىنى سىڭدۈرۈپ ئۆزىگە خاس ئېيتىش ۋارىيانتى يارىتىپ، «ماناس» داستانىنى دۇنيادىكى بىردىنبىر، ھەجمى ئەڭ چوڭ، سەنئەتلىكى ئەڭ كۈچلۈك، تراگېدىيىلىكى ئەڭ قويۇق، ئاڭلىغۇچىلار، ئوقۇرمەنلەر شۇنداقلا ھەر مىللەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئۆلمەس ئەسەرگە ئايلاندۇرغان. 1958-يىلى يازدا، 40 ياشقا كىرگەن يۈسۈپ ماماي تۇنجى قېتىم كۆپچىلىك ئالدىدا «ماناس» داستانىنى ئېيتقان بولۇپ، توختىماستىن 4 كۈندۈز 3 كېچە ئېيتقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىر ئېيتسا ئۆزى توختىتالمايدىغان ھالەتكە يەتكەن، ھەتتا بەزىدە ئۇدا 20 نەچچە كۈن توختىماي ئېيتقان. 1961-يىلدىن 1983-يىلغىچە، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم «ماناس» داستانىنى ئېيتقان. بىر ئەسىرگە يېقىن داستان ئېيتىش ھاياتىدا، يۈسۈپ ماماي «ماناس» داستانىنى شىنجاڭ، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ رىۋايەتلەردەك ھاياتىنى ياراتقان. مانا ئەمدى بولسا بۇ ئەسىرلىك غەزەلخان باقى ئالەمدە ئۆزىنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تەسىرلىك ھېكايىسىنى داۋاملىق ئېيتىدۇ.
مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭدىكى ئىلغار ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەت ۋارىسلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى قوغداش، قېزىش شۇنداقلا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتماقتا، بولۇپمۇ يۈسۈپ مامايدەك بۇنداق «دۆلەت گۆھىرى» دەرىجىلىك سەنئەتكار ئۈچۈن بارلىق كۈچ بىلەن ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. جاڭ چۈنشيەن 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى مەخسۇس يۈسۈپ ماماينىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۇرالغۇسىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن ھال سورىغان ۋە يۈسۈپ ماماينىڭ سۆزلەپ بەرگەن «ماناس» داستانىنىڭ بەدىئىي مەنىسى ۋە تارىخىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىدىن ھال سورىغان،  ئاز سانلىق مىللەت سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە قوغداش خىزمىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇنىڭ بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرغان شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئورۇن مەسئۇللىرىغا خەلق ئارىسىدىكى سەنئەتكارلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى شارائىتقا ئېرىشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىلغار خەلق سەنئىتىنى تارقىتىش ۋە قانات يايدۇرۇشنى جېكىلىگەن. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بوشاشماي تىرىشىشى ئاستىدا، «ماناس» داستانى «شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خەزىنىسى»دە تولۇق ئۈنگە ئېلىنىپ، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيەت-سەنئەت مىراسلىرى قاتارىدا نۇرلاندۇرۇلۇپ، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈلدى.
يۈسۈپ ماماينىڭ كېسىلى ئېغىر مەزگىللەردە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇتەخەسسىسلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، داۋالاش ئېلىپ بارغان. جاڭ چۈنشىيەن قاتارلىق رەھبەرلەر مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
باش سېكرېتار جاڭ چۈنشيەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھۆرىگۈل جاپپار ئاقچى ناھىيىسىگە بېرىپ تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان.
2-چېسلا چۈشتىن كېيىن، يۈسۈپ مامايغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى باشلىنىپ، ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆرە تۇردى. ھۆرىگۈل جاپپار قاتارلىق رەھبەرلەر تەزىيە سۆزى قىلىپ، يۈسۈپ ماماينىڭ چىن ئىخلاسى بىلەن مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قوغداپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتلىرىنى مىراس قالدۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان شانلىق ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتتى. يۈسۈپ ماماينى ۋەتەننى سۆيۈپ، خەلققە سادىق بولۇپ، ھاياتىنى دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ئاتىغان زامانىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىيات-سەنئەتكارلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى دەپ تەرىپلىگەن.
تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىدىن كېيىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتىگە ئاساسەن يۈسۈپ ماماي دەپنە قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇل خادىملىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، شىنجاڭ ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋە ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ساھە ۋەكىللىرى بولۇپ 5000غا يېقىن كىشى دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتى.
دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىق ۋە كومىتېت ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، مۇناسىۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاستتىكى ھەرقايسى ساھە زاتلىرى، ئورگان، كوللېكتىپ شۇنداقلا يۈسۈپ ماماينىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى تەزىيە تېلېگرامما يوللىدى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2015-2-23 11:48 , Processed in 0.163403 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش