شېئىر ئەسلى يۇرتۇم قىزلىرى
ۋاپا سۆزلەپ نۇرلۇق كۆزلىرى،
مەپتۇن قىلار ئايدەك يۇزلىرى.
جانغا ھوزۇر شىرىن سۆزلىرى،
شېئىر ئەسلى يۇرتۇم قىزلىرى .
شىرىن زۇبان شەرمى -ھايالىق،
ئىرپانغا باي شۇنچە ساپالىق.
تۆھپىسى بار ئانىغا لايىق،
شېئىر ئەسلى يۇرتۇم قىزلىرى .
گۇلنىڭ ئۆزى غۇنچە بويلىرى،
ئىزگۈ ئىرۇر تۇتقان يوللىرى.
گۇل كەشتىلەر چىۋەر قوللىرى،
شېئىر ئەسلى يۇرتۇم قىزلىرى .
شىرىن زۇبان شەرمى -ھايالىق،
خىسلەتكە باي ئانىغا لايىق،
شۇڭا باشقا ئالار خالايىق ،
شېئىر ئەسلى يۇرتۇم قىزلىرى .
ھىدلايمەن ھىدىڭنى شېئىرىڭدىن ھەردەم
يا ماڭا تۇتمىدىڭ بىرەر دەستە گۇل،
ۋە ياكى بىر باغلام رەيھانو سۇمبۇل.
گۇل كەبى ھىدىڭنى پۇرىۋېلىشقا،
يەتمەسمو بولغېنىم باغرى قان بۇلبۇل.
گۇلۇڭدىن بەرمىسەڭ بەرمە ئامرىقىم،
كايىما بېغىڭدىن ئېچىلسا شورا.
شوراڭدىن پەم بىلەن ئاۋايلاپ كىرىپ،
خۇن بولغان يۇرەككە ئىزدەيمەن دورا.
شىپالىق مەلھەم قىپ ئەشئارلىرىڭنى،
بو زەيىپ تېنىمگە داۋا قىل ئەركەم.
ھەرىپنى غۇنچە دەپ جۇملىلەرنى گۇل،
ھىدلايمەن ھىدىڭنى شېئىرىڭدىن ھەردەم.
ئەشئارىڭغا تەشنا مەن ئەجەپ
تەشنا دىلغا مەلھەم بولغىدەك،
ئەشئارلىرىڭ گۈلدىن قىممەتلىك.
ھەر جۈملىدە ئۆزگىچە بىر تەم،
شۇنچە شىرىن شۇنچە لەززەتلىك.
ئەشئارىڭغا تەشنا مەن ئەجەپ،
ئەشئارىڭنى ئايىما جېنىم
ئۇچراشقاندا مىسرالار ئارا،
لەززەتلىنىپ يايرايدۇ تېنىم.
رەنجىمەيمەن سەندىن ئەزىزىم،
سوۋغاتلىققا گۇل تۇتمىدى دەپ.
بېلىق سوغا تەشنا بولغاندەك،
ئەشئارىڭغا تەشنا مەن ئەجەپ.
ئۇيقۇ قاچتى كۆزۈمدىن يەنە
ئۇيقۇ قاچتى كۆزۈمدىن يەنە ،
ئەسلىمىلەر ئېسىمگە كېلىپ.
ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغاندىم،
جېنىم، سېنى يادىمغا ئېلىپ.
ئەجەب شېرىن چاغلار ئىدى ئۇ،
كۆزلەر قاراپ تويۇشمايدىغان.
قەلبىمىزدىن كۈۋەجەپ سۆيگۈ،
لەۋلەر سۆيۈپ قېنىشمايدىغان.
‹‹يۈرىگىمدىن سۆيىمەن سېنى››،
دېگىنىڭدە باغرىڭغا بېسىپ؛
مۇھاببەتنىڭ ھارارىتىدە،
كەتكەن مەنمۇ سىماپتەك ئېرىپ....
شېرىن كۈنلەر ئۆتۈپ بىر مەزگىل،
سۆيگۈمىزدە بولدى داۋالغۇش.
خازان بولدى مۇھەببىتىمىز،
پەسىللەردە بولغىنىدەك قىش.
سىناقلارغا بېرەلمەي بەرداش،
سەۋەبسىزلا كەتتۇق ئايرىلىپ.
ئۈششۈك تېگىپ باغلىرىمىزغا،
سۆيگۈ گۈلى سۇندى قايرىلىپ...
ئۇيقۇ كەلمەس كۆزۈمگە ئەمدى،
ۋۇجۇدۇمدا سوغوق بىر تىترەك.
مۇدھىش كېچە سوغوقىدەكلا،
مۇزلىدى تەن، مۇزلىدى يۈرەك.
ئاقتۇ ناھيە ئۇيغۇر تىبابەت دۇختۇرخانىسى (ئامىنە ئابدۇۋايىت)