ئادىلجان ئابدۇرېھىم
ئەي گۇما، جانىم گۇما، مېھرىڭ گويا گۈلخان گۇما،
سەن تامان سۆيگۈم يېلىنجاپ ياسىغاي تۇغيان، گۇما،
دىلدىكى گۈلزارلىقىمدا خۇشپۇراق رەيھان گۇما،
مەن ئۈچۈن دەشتى-چۆلۈڭمۇ ياپيېشىل بوستان، گۇما،
بىپايان قەلبىم كۆكىدە پارلىغان چولپان گۇما.
بولغۇسى ھۆسنۈڭگە باقسا قاپقارا كۆزلەر بىھۇش،
سۆزلىسەم تەۋسىپلىرىڭنى تىلدىكى سۆزلەر بىھۇش،
كۈن كەبىي چاقناشلىرىڭدىن بەلكى، ئاي يۈزلەر بىھۇش،
نەۋباھاردۇ ربارچە پەسلىڭ، سەندە قىش، كۈزلەر بىھۇش،
سەن ماڭا سۇندۇڭ مۇھەببەت تەپتىنى چەندان، گۇما.
تۇغۇلۇپ سەندە يېتىلدىم، سەن ماڭا بولدۇڭ ۋەتەن،
ھەم سېنى سۆيدۈم ۋۇجۇدۇم شەۋقىدە جەھلىم بىلەن،
سەنكى كۆڭلۈمنىڭ بېغىدا ئېچىلىپ تۇرغان چىمەن،
تەلپۈنەر قەلبى مساڭا، ئىشقىم دېڭىزدىنمۇ تېرەن،
يالتىراق خىسلەتلىرىڭگە پۈتىمەن داستان، گۇما.
سۇلىرىڭ كەۋسە رشىپالىق، تاشلىرىڭ ئالتۇن ئېرۇر،
بىغۇبار سۈلكەتلىرىڭگە ھەننىۋا مەپتۇن ئېرۇر،
سۆيگۈنىڭ ئوكيانلىرىدا يۈرىكىم يالقۇن ئېرۇر،
سەن گۈزەل لەيلى ئېرۇرسەن، ئادىلىڭ مەجنۇن ئېرۇر،
بىر سېنى كۈيلەپ ھامانەم ئۇرىمەن خەندان، گۇما.
بارلىقىم بىر سەن ئەزەل، ئۆزگە جاھانىم يوق مېنىڭ،
سەن كەبىي ئىللىق يەنە بىر ئاشىيانىم يوق مېنىڭ،
تۈنلىرىمدە سەن سىياق ماھى تابانىم يوق مېنىڭ،
يەتتە ئىقلىم ئىچرە سەندەك مېھرىبانىم يوق مېنىڭ،
سەن قانات بەرگەن قۇشۇڭمەن، باغرى كەڭ ئاسمان گۇما.
ئەر قىلىپ بەرجەس-بەقۇۋۋەت، چىن غۇرۇر بەردىڭ ماڭا،
يۇرت كېزىپ سەندەك ماكاننى تاپمىدىم ئالەم ئارا،
ئاڭلىسا ئىسمىڭىنى بىر رەت لەرزىگەي يەرۇ-ساما،
گەر يۇمۇلسا كۆزلىرىم ئېھ، كۆمۈلەرمەن مەن ساڭا،
تۇپرىقىڭنىڭ مۈلكىدۇر تەن، جاندىكى جانان گۇما.
مەن سېنىڭ شائىر بالاڭمەن، سەن مېھىرلىك بىر پەدەر، كۈيلىگەيمەن شۆھرىتىڭنى بىتىنىم شامۇ-سەھەر،
شەۋكىتىڭ تۇرسا لاۋۇلداپ ئاھ، ساڭا يەتكەي قەيەر،
ئۆچمىگەي ئىشقىم سېنىڭدىن تاكى مەھشەرگە قەدەر،
تەختىدە مەڭگۈ دىلىمنىڭ يەككە بىر سۇلتان گۇما.
(«گۇما مەدەنىيتى» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى)