مۇشۇ مۇنبەرنى قۇرۇشنى باشلىغاندىن تارتىپ نۇرغۇن ئۇڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچىردىم. بۇلۇپمۇ php wend 7.3.2 دىن discuz x1.5 كە كۈچۈرۈش تۇلىمۇ تەسكە توختىغان ئىدى، بىراق <<ئادەمنى نەس باسقاندا سۇغۇق سۇ ئىچسىمۇ ئاغىزى
كۈيىدۇ>> دىگەندەك مىڭبىر جاپادا كۈچۈۋالغان بولساممۇ بىراق بوشلۇق تەمىنلەپ بەرگەن سانداندا مەسىلە كۈرۈلگەچكە قايتىدىن بوشلۇق كۈچۈرۈش زادىلا ئۇڭۇشلۇق بولمىدى.
ئەلۋەتتە بىكەت قىياس بوشلۇقىدا بولغاچقا ئىنق بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ. بىر كۈنلەر كەلگەندە ھامان بوشلۇق كۆچمەي بولمايدۇ. شۇڭا ئالدىنئالا تەييارلىق كۆرگەچ تۇراي دىگەن ئىدىم.

ئاخىرى بولماي قىياس بوشلىقىغا يىڭى دىسكازنى قاچىلاپ توپتوغرا 2 كىچە كۈندۈز ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بارلىق تىمىلارنى بىرمۇ بىر كۈچۈرۈپ چىقتىم. لېكىن 950 دىن ئارتۇق مۇنبەر ئەزاسى ھەممىىسى يوق بولدى. مەن ئۈزۈمنى ئەشۇ ئەزالار ئالدىدا خۇددى گۇناھكاردەك ھىس قىلىمەن.
مىنىڭچە ئەزالار مىنى توغرا چۈشنىدۇ دەپ قارايمەن. ئەلۋەتتە بۇ ھەرگىزمۇ مەندىكى قەستەنلىك ئەمەس. بىر كۈنلەر كىلىىپ ئەزا سانىنى تېخىمۇ كۆپ بولغاندا يوق بۇلۇپ كەتسە ئاقىۋەت تېخىمۇ چوڭ بولغۇدەك، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
بىكەتنى نورمال ماڭدۇرۇش ئۈچۈن ئاخرى يەنە 2G بوشلۇق ئالدىم ۋە قىياس تورىدىكى دىسكازنى ئۇڭۇشلۇق ھالدا كۈچۈرۈپ چىقتىم. بارلىق تىما ۋە ئەزالارنىڭ ھەممىسى تۇلۇق يۆتكەلدى. بۇنىڭدىن تۇلىمۇ خۇشال بولدۇم.
ئىشىنىمەنكى ئىزدىنىشچانلار مۇنبىرىنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسىى