گۈللۈگ

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动 交友 discuz
كۆرۈش: 26782|ئىنكاس: 33
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئىپادىزىم ۋە پىكاسسو(Pablo Picasso)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-21 14:29:54 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

ئىپادىزىم ۋە پىكاسسو(Pablo Picasso)

ئىسم-فامىلىسى:پادلو پىكاسو

تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى:(1881\10\25---1973\4\8)

كەسپى:رەسسام

تۇغۇلغان يۇرتى:ئىسپانىيە

ئىسپانىيەلىك رەسسام،ھەيكەلتىراش،فىرانسىيە كۆمپارتىينىڭ پارتىيە ئەزاسى بۇلۇپ،ھازىرقى زامان سەنئىتىنى(كۇبىزىم) بارلىققا كەلتۈگۈچى،غەرىپنىڭ ھازىرقى زامان ئېقىمىدىكى رەسىمچىلىكىنى ئالغا سۈرگۈچىلەرنىڭ ۋەكىلى.ئۇ ئىسپانىيەلىك بۇلۇپ،بالىلىق چىغىدىنلا باشلاپ ئىنتايىن زور تالانتقا ئىگە،ئۇنىڭ ئاتىسى رەسىم ئوقۇتقۇچىسى،ھەمدە ئۇ سەنئەت ئىنىستىتوتىدا رەسىم كەسپىدە ئىنتايىن سېستىملىق تەربىيلىنىپ،مۇستەھكەم بولغان ئاساسقا ئىگە.

1881—1900-يىلغىچە ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى ھىساپلىنىدۇ.

1900—1903-يىلغىچە ئۇنىڭ كۆك رەڭلىك دەۋرى ھىساپلىنىدۇ.

1904--1906-يىلغىچە ئۇنىڭ ئەتتىرگۈل دەۋرى ھىساپلىنىدۇ.

1907—1916-يىلغىچە ئۇنىڭ كۇبىزىم دەۋرى ھىساپلىنىدۇ.

1917—1924-يىلغىچە ئۇنىڭ كىلاستىك دەۋرى ھىساپلىنىدۇ.

1925—1945-يىلغىچە ئۇنىڭ ھالقىما رىيالىزىم دەۋرى ھىساپلىنىدۇ.

1932—1945-يىلغىچە ئۇنىڭ ئايىنىش دەۋرى ھىساپلىنىدۇ.

1946—1973-يىلغىچە ئۇنىڭ يېزا-قىشلاق دەۋرى ھىساپلىنىدۇ.

------------------------------------------

پىكاسونىڭ سەنئەتتىكى نەتىجىلىرى:

   پىكاسو ھىساپتا كۆپ ئىشلەپچىقارغۇچى رەسسام دەپمۇ قارىلىپ كەلگەن بۇلۇپ،ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 37مىڭ پارچە ئەسىرى بار،ماي بۇياق رەسىملىرى 1885پارچە،سىدام سىزما 7089پارچە،ياغاچ ئويما رەسىملىرى 20مىڭ پارچە ۋە تەكشىلىكتىكى ياغاچ ئويما رەسىملىرى 6121پارچە .

   پىكاسونىڭ ھاياتى ئىنتايىن نۇرلۇق ھايات ھىساپلىنىدۇ،ئۇ تارىختىن بۇيان ھايات ۋاقتىدىلا ئەسەرلىرى لوفىر سارىيىدا يىغىپ ساقلانغان رەسسام ھىساپلىنىدۇ.1999-يىل كۆنەكتە فىرانسىيەدىكى بىر گىزىتخانا خەلىق بىلەت تاشلىشى ئارقىلىق 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ 10رەسسامنىڭ ئىچىگە كىرگەنلىك خەۋىرىنى باسقان.ئەسەرلىرىگە نىسبەتەن پىكاسو مۇنداق دەيدۇ:(مېنىڭ ھەربىر پارچە رەسىمىدە قانلىرىم سىڭگەن،مانا بۇ رەسىملېرىمنىڭ مەنىسى).دۇنيادىكى 10چوڭ كىم ئارتۇق قىلىپ سىتىلغان رەسىملەرنىڭ 4پارچىسى دەل پىكاسونىڭ ئىدى.

   پىكاسونىڭ ھاياتىدا رەسىمدىكى ئۇسلۇپلىرى توختىماي ئۆزگۈرۈپ تۇرغان.بەلكىم كىشلىك دۇنياسىدىكى ئەگرى-توقاي يوللارغا بولغان زىيادە سىزىمچانلىقى،ئۇنىڭغا قېتىلىپ بالدۇر يىتىلگەنلىكىدەك مۇھىم رول ئۇينىشى،ھەمدە ئائىلە ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقى،پىكاسونىڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرىدە يىتىلگەن ۋە قايغۇلۇق كەيپىياتلار ئۇنىڭ ئۇسلوپىغا ئايلانغان.دەسلەپكى ئەسەرلىرى ئىپادىزىم ئاساسلىق تىما قىلغان؛ئۇ ئىنىستوتىتا ئوقىۋاتقان چاغلىرىدا مەكتەپ ئۇسلوبىنىڭ تېخنىكىسى بىلەن ئەنئەنىۋى ئۇسۇللارنى تىرىشىپ،سېستىملىق ئوقۇيدۇ.شۇنىڭ بىلەن (بىرىنچى قېتىملىق دىننى غىزالىنىش)ناملىق ئەسىرى پۈتۈپ چىقىدۇ،بۇ ئۇنىڭ دىننى تۈس ئالغان دەسلەپكى ئەسەرلىرى بۇلۇپ قالىدۇ.دىجاسنىڭ رەسىملىرىدىكى ئىللىق تۈس،لوتىرىكنىڭ ئەسەرلىرىدىكى يوقۇرى قاتلام جەمىيىتىنى قوغلىشىدىغان تىمىلار ئوخشاشلا پىكاسونىڭ ئاساسلىق تىمىلىرى ئىدى.پىكاسونىڭ (شىرىت تۈگمىنى)بىلەن (مەي ئىچىشكە ئامىراق قىزچاق)ناملىق ئىككى ئەسىرىدىن لوتىرىكنىڭ سىزىش ئۇسلوپلىرىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.پىكاسو 14يېشىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن باسىرلوناغا كۈچۈپ كىتىدۇ،ھەمدە ئۇ يەرلىك سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئىلھام تاپىدۇ،بىراق پىكاسو ئەمدى باش كۈتۈرۈپ چىقىدىغان مەزگىلدە ئىسپانىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش پارتىلاپ،خەلىق ئىنتايىن ئىچىنىشلىق ھالەتكە يۈزلىنىدۇ.بەلكىم ھاياجانلىنىش بىلەن ئۈمۈتسىزلىنىشدەك ئىككى خىل قارمۇ-قارشىلىق ،پىكاسونىڭ كۆك رەڭلىك ھاياتىنىڭ باشلىنىشى ھىساپلىنىدۇ.

پىكاسونىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئۇقۇملار:

   پىكاسو ھەقىقى تالانتلىق سەنئەتكار ،20-ئەسىر پىكاسوغىلا مەنسۈپ دەۋىر ھىساپلىنىدۇ.ئۇ بۇ خىل ئۆزگۈرۈشچان بولغان ئەسىردە ئۇ ئىسپانىيەدىن دۇنيا سەنئەت مەركىزى بولغان فىرانسىيەگە كىلىپ،ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ بولغان سەنئەت تارىخىنى باشلايدۇ.20-ئەسىردە ھىچقانداق بىر سەنئەتكار پىكاسودەك ھايات بولغان ئۆزگۈرۈشچان ئۇسلوبىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ باقمىغان.پىكاسو (ياۋېيدىكى دېھقان قىز)،(گېرنىكا)قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەنلا نام چىقىرىپ قالماستىن،بەلكى مول بولغان ئىجاتچانلىق ۋە تۇرمۇشىنىڭ رەڭدارلىقى بىلەن ئۇ نۇرغۇنلىغان چوڭقۇر قاتلاملىق ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ قويغان.

   پىكاسونىڭ رەسىملىرىدە ئاساسلىق مول بولغان شەكىل يارىتىش،بوشلۇق،رەڭ ۋە سىزىقلار بىلەن ئىجادىيىتىنى پۈتكۈزىدۇ.پىكاسو 30ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭ يۈرىكى تىنىم تاپماي ئىزدىنىش دەۋرىگە يۈزلىنىدۇ.ئۇنىڭ مۇتلەق بىر تىمىسى يوق بۇلۇپ،بەلكى ئۇسلوپى رەڭ-گارەڭ ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ،بەزىدە ئېغىر بېسىق،بەزىدە ئىنتايىن سەۋدايى،بەزىدە ئىللىق،بەزىدە قوپال دىگەندەك ئۆزگۈرۈشچان ئۇسلۇپ يېتىلىشكە باشلايدۇ،بىراق ئۇنىڭ مەڭگۈ قوغلىشىدىغان تىمىسى-ئەركىنلىك.

   پىكاسو يېڭىلىق ئەپكەلگەنلەرنىڭ بىرسى ھىساپلىنىپ،ئۇ غەرىپنىڭ ھازىرقى زامان پەلسەپەسى،پىسخولوگىيە،تەبىئى پەن-تېخنىكىنىڭ نەتىجىلىرى ھەم خەلىقنىڭ سەنئېتىدىن قۇۋەت توپلاپ ،ئىنتايىن زور بولغان ئىپادىزىم سەنئەت تىلىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.ئۇنىڭ چەكتىن ئاشقان ئۆزگۈرۈشچان شەكىلدىكى سەنئەت ئۇسلوبى، كاپتالىزىم تۈزۈمىدىكى ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىكى غەيرى مۇناسىۋەتلەر، ئۇنىڭدا ئاجايىپ كۈچ ھاسىل قىلىدۇ.

   مۇخبىر جىناف بىرىنچى قېتىم پىكاسونى زىيارەت قىلغاندا ئۇنىڭدىن يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق سۇئالنى سورايدۇ:(پىكاسو ئەپەندىم ،ياشلار سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئانچە چۈشۈنۈپ كەتمەيدىكەن).پىكاسو ئاچىقلىغان ھالدا:(ئۇلارنىڭ نىمە دىگىنى بۇ؟سىلەر قاچانمۇ سەنئەتنىڭ تىلىنى چۈشىنىدىغان بولاسىلەر؟ئەجىبا سىلەر كارتوشكا قەلەمچىسىنىڭ تىلىنى چۈشىنەمسىلەر؟)دەپ ۋاقىراپ كىتىدۇ.

بىر ئوقۇغۇچى ئۇنىڭدىن مۇنداق سورايدۇ:(سىز بۇ رەسىملىرىڭىزدە نىمە سۆزلىمەكچى)،پىكاسو مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ:(سىزدىن بىر سۇئال سوراي ،سىز باغچىغا كىرگەن چېغىڭىزدا گۈللەرنى كۆرۈپ زوقلۇنۇش ئۈچۈن كىرەمسىز ياكى گۈل بەرگىلىرىنى سانىغىلى كىرەمسىز؟)

پىكاسونىڭ ئۆزى توغرىسىدا سۆزلىگەنلىرى:

    مەيلى قايغۇراي ياكى خوش بۇلاي ،ئۆزەمنىڭ قىزىقىشى بىلەن ياشاشنى ياخشى كۆرىمەن ھەمدە ئىشلارنى ئارزۇيۇم بىلەن ئورۇنلاشتۇرىمەن.بەزى رەسساملار سېرىق چاشلىق قىزلارنى سىزىشنى ياخشى كۆرىدۇ،لېكىن ئۇلارنى مىۋە بىلەن قۇشۇپ سىزىشقا بولمايدۇ دەپ قارىشىدۇ،لېكىن مەن ياخشى كۆرگەن نەرسىلىرىمنى رەسىملىرىمگە قېتىشنى ياخشى كۆرىمەن.

مانا بۇ پىكاسو........................................................

(بۇ تىمىنى رۇقسەتسىز كۈچۈرمەڭ،بولمىسا ئوخشاشلا سوتتا كۆرىشىمىز)

 

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

2#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-21 19:52:59 |ئايرىم كۆرۈش

پىكاسسو فرۇئىد ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان دىيشىدىكەن، مەن ئۆزۈمچە فرۇئىدنىڭ تەلىماتىنى قوبۇل قىلغۇچىلار سەنئەتنى قۇربان قىلغۇچىلار دەپ قارايدىكەنمەن...... قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، پىكاسسو  بىر خىل ئۇسلۇبنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ دۇنيادىكى كىشلەرنىڭ مۇشۇنچىلىك ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇسلۇبىنى دورىغانلارنىڭ ئۇنداق بولماسلىقى مۈمكىن.

     بىر مەشھۇر ئۇيغۇر رەسسام بار ئىدىغۇ  پىكاسسونىڭ تۆۋەندىكى ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىدىغان..

 

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

3#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-21 20:01:26 |ئايرىم كۆرۈش
شۇنداق ئاكىلىس،مىش-مىش گەپلەرگە قارىغاندا،پىكاسو ئۈلۈپ كىتىش بۇرۇن (مەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئادەملەرنى ئالدىۋەتتىم)دەپ يازغان كۈندۈلۈك خاتىرسىنى بايقىغانمىش،شۇنىڭغا قارىغاندا ئۇ سەنئەتنى قۇربان قىلغان دىسەكمۇ بولىدىغاندەك تۇرىدۇ،،،،،،كىمنى دەيدىغانسىز ئاكىلىس،ئۇيغۇرلاردا بارما؟

0

تېما

0

دوست

2710

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

4#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-22 10:08:01 |ئايرىم كۆرۈش

پىكاسسو....مەڭگۈلۈك رەسسام..مەڭگۈلۈك سەنئەتكار...مۇشۇنداق art ئادەملىرى بىرخىل سىرلىق بىلىنىدۇ ماڭغا....بەك ماختاپ نورمال ئادەملەردىن زادىلا پەرقلىنىدىغاندەكلام...   بىرىنچى قېتىم پىكاسسونى تونۇغان ۋاقتىىم 9 ياش ۋاقتىمغۇ دەيمەن..大英百科全书 دىن...بۇ كىتابىمدا ئۇنى ' قەلەم 'دېگەن سۆز بىلەن تىلى چىققان دەپ يېزىپتىكەن..شۇنداق ئېسىمدە..

 

0

تېما

0

دوست

8080

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

5#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-21 23:20:00 |ئايرىم كۆرۈش

Doktorlarning diyishiche bu bowayning köz perdiside mesile barmish

Hemme mewjüdat sériq körünermish

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

6#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-23 20:49:18 |ئايرىم كۆرۈش

پىكاسسو بىلەن ۋان گوھ توغرىسدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقساق دەيمەن،

      مېنىڭ ھازىر ئۇلارغا بولغان ساپ چۈشەنچەم مۇنداق: ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ شۇنچە قىممەتلىك بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇلار ھەقىقى ھېسىياتىنى تاپالىغان، بولۇپمۇ ۋان گوھ،   ئۇلار شۇ يشىدا بالىلىق ھېسىياتىنى تاپقان، مەن ئۇلارنىڭ رەسىملىرىنىڭ كىچىك باللار سىزغىنىغا ئوخشاش ئالاھىدىلىكىدىن بۇنى ھېس قىلدىم، ئۇلار ئۈچۈن ھەقىقى ھېسىيات پەقەت بالىلىقىغا تەۋەدەك قىلىدۇ.

     سىلەرمۇ پىكىر بەرگەيسىلەر....

0

تېما

0

دوست

2051

جۇغلانما

گۈل

Rank: 6Rank: 6

7#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-23 21:24:03 |ئايرىم كۆرۈش
مەن بىر ھېكايىنى ئوقۇغان. پىكاسۇ بىر ئاغىنىسىنىڭ رەسىمىنى سىزغان. رەسىم پۈتكەندىن كېيىن، ئۇ ئاغىنىسى بۇ رەسىمنىڭ ئۆزىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقاپتۇ. كېيىن پىكاسو ئۆلۈپ كىتىپ، ئۇ ئاغىنىسى قېرىغاندا بارغانسىرى ئۇ رەسىمگە ئوخشاۋاتقانلىقىنى ھېس قىپ يىتىپتۇ.
مەنغۇ پىكاسۇنىڭ <<يۇلتۇزلۇق ئاخشام >>، << ئاپتاپپەرەس >> ناملىق رەسىملىرىگە ئامراق.

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

8#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-23 21:48:34 |ئايرىم كۆرۈش

<<يۇلتۇزلۇق ئاخشام >>، << ئاپتاپپەرەس >> ۋانگوكنىڭ،ئالماشتۇرۇپ قويماڭ،

پىكاسو-ئۇ كوبىزىم (زاغىر تىلدا چۈشەندۈرسەم-بىزگە قاراپ تۇرغان ئادەمنى سىزماقچى بولساق ،بىز ئۇ ئادەمنىڭ شۇ بىزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان قىسمىنىلا سىزىمىز،لېكىن كۇبىزىمدا ئۇلار كەينى ياكى بىزگە كۆرۈنمەيدىغان قىسمىنى سىزگە رەسىم يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ)ئېقىمنى بارلىققا كەلتۈرگەن،

ۋانگوك-ئۇ تەسىراتچىلار ئېقىمىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ بىرسى(يەنى ئۇلارنىڭ سىزىقلىرىنى ئىنتايىن ئەركىن،رەڭلىرى ئادەتتە بىز كۆرىۋاتقان رەڭلەردىن ئوچۇق ئىپادىلەيدۇ،لېكىن تەسىراتچى ئېقىمدىكىلەر كۇبىزىمچىلارغا قارىغاندا رىياللىقنى ئەينەن ئىپادىلەيدۇ(مەن تەسىراتچى ئېقىمدىكىلەرنىڭ رەسىملىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرىمەن)

ئاكىلىس سىز دىگەن باللىقىنى ئىزلەش دەپ قاراشمۇ مېنىڭچە ئورۇنلۇق-----چۈنكى ئۇلار تەسساۋۇرنى بالىلاردەك ئەركىن قويۇپ بېرىدۇ،كۆزىگە نىمە چىرايلىق كۆرۈنسە شۇنى سىزىدۇ-----بۇ خىل تەرەپلىرى سىز دىگەندەك بالىلىق تۇيغىلىرىنى ئىزلەش دىگەن قاراشلېرىڭىزگە ئۇيغۇن كېلىدۇ،بىراق ئۇلارمۇ ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن ئىدىيەدە ئازاتقا چىققاندەك تۇرغان بىلەن بىراق يەنىلا مەلۇم قېلىپلاردىن قۇتىلالمىغان

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

9#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-24 10:12:59 |ئايرىم كۆرۈش

ئاكىلىس ئەگەر بۈگۈن ۋانگوھنىڭ كۆرگەزمىسى بىلەن كىچىك بالىلارنىڭ كۆرگەزمىسى بولسا كىمنىڭكىگە بارغان بولاتىڭىز؟(نىمدەپ؟)

0

تېما

0

دوست

2710

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

10#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-24 10:45:23 |ئايرىم كۆرۈش

ۋەنگو نى بەك ياقتۇرىمەن..andy warholبىلەن ۋەنگو مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان سەنئەتكارلار... punk ۋانگونىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىگە بارغان...بەك ماختاپ كەتكەنتى ئىچىمنى قىززىتىپ..   ۋەنگو رەسىملرىنىڭ تۇيغۇسىنى بەكلام ياقتۇرىمەن....جىق نەرسىلەرنى ئويلىتىۋېتىدۇ...

 

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

11#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-23 23:46:11 |ئايرىم كۆرۈش
zztop, ۋاگوھنىڭكىگە بارىمەندە ئەلۋەتتە،  مۈشۇكنىڭ تىلىنى چۈشۈنىش مۈشۈكنىڭ مىياڭلىغىنىنى ئاڭلاشتىن ئالاھىدە ئىشتە،(بۇ مىسالىم بەك تومتاق بولۇپ قالغان بولسىمۇ توغرا چۈشىنەرسىلەر)

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

12#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-24 08:17:10 |ئايرىم كۆرۈش

پانك خانقىز ئۇنىڭ رەسىملىرى ھەقىقەتەن ئادەمنى جەلىپ قىلىۋالىدۇ،،،،،،،،

    مىنىڭچە بىر رەسسامنىڭ تىلىنى چۈشىنىش ئانچە مۇھىم دەپ قارىمايمەن،(ھوزۇرلانغۇچىلارغا نىسبەتەن،ئاز تولا ئۇ توغۇرلۇق خەۋەرگە ئىگە بولۇپ قالساقلا كۇپايە)،ئۇنىڭدىكى ئاجايىپ رەڭلىرىدىن،سىزىقلىرىدىن لەززەتلىنىش ئىنتايىن خوشال بولارلىق ئىش دەپ قارايدىكەنمەن،خۇددى پىكاسو دىگەندەك:(بىز گۈللۈگكە كىرىشتىكى مەقسىدىمىز گۈللەردىن ھوزۇرلىنىش،ھەرگىز گۈللەرنىڭ بەرگىسىنى ساناش ئەمەس )دىگەندەك.

   شۇنىڭغا قارىغاندا مەن مۈشۈكنىڭ مىياڭلىغىنىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىغان ئوخشايمەن،

  

2

تېما

0

دوست

5911

جۇغلانما

禁止发言

13#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-24 08:28:29 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

14#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-24 13:29:51 |ئايرىم كۆرۈش
لېكىن ھازىرغىچە كاللامدىكى يەنە بىر سىر،نىمىشقا ئادەملەر بىر پارچە رەسىم ياكى كۈينى ئاڭلىسا،ھاياجانلىنىپ كىتىدۇ؟،گەرچە كۈيلەردە ئادەم كۆرەلەيدىغان شەكىللەر بولمىسىمۇ،رەسىمدە ئادەملەر ئاڭلىيالايدىغان ئاۋاز بولمىسمۇ،ئادەملەرنىڭ كۆڭلىدە كۈيدىن بىر شەكىل ھاسىل بولىدۇ،رەسىملەردىن يېقىملىق ئاۋازلارنى ئاڭلىيالايدۇ،،،،،،ئادەملەرنىڭ سەنئەتنى ئۇلۇغلاشتىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرسى مۇشۇ سەۋەپمىدۇ؟

2

تېما

0

دوست

5911

جۇغلانما

禁止发言

15#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-24 13:35:01 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

16#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-24 13:44:57 |ئايرىم كۆرۈش

شۇنداق،دىمەكچى بولغىنىم بۇنداق ھىسىياتلار تۇغما كىلەمدۇ؟ياكى تۇغۇلۇپ ئۈسۈش جەرياندا بارلىققا كىلەمدۇ دىمەكچى ئىدىم،ئاجايىپ ئىشلاركەن بۇ؟

2

تېما

0

دوست

5911

جۇغلانما

禁止发言

17#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-24 13:47:25 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

18#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-24 14:09:29 |ئايرىم كۆرۈش

بەزىلەر ئۆمۈر بويى ئۇنداق ھېسىياتى بولغان تەقدىردىمۇ ھېس قىلالماي ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن

   بۇ گىپىڭىزگە قەتئى قارشى تۇرىمەن،ئۇ (ئادەم) دەپ ھىساپلانسىلا ئۇنىڭدا بۇنداق ھىسىيات بولىدۇ،بەلكىم بۇنداق ھىسىياتنى باشقا ئۇسۇل بىلەن  ئىپادىلەيدۇ،مەسىلەن ئۇ بىر تەسىر قىلغان رەسىمنى ياكى كۈي ئاڭلىغان بولسا ،ئۇ شۇ كۈنى خىزمەتنى ئىنتايىن ياخشى ئىشلىشى مومكىن،ياكى كۆڭلىنى ئىنتايىن غەش قىلىدىغان رەسىمنى ياكى كۈينى ئاڭلاپ قالغان بولسا ،ئۇ كۈندىكى كۈنى بەلكىم ئىتنىڭ كۈنىدىنمۇ بەتتەر بولىشى مومكىن،شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ گېپىڭىزگە قارشى چىقتىم.

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

19#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-24 15:03:01 |ئايرىم كۆرۈش

مەن رەسىملەرنى ھوزۇرلىنىشقا قارىغاندا تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەنمەن

ھازىر پىكاسسونىڭ تۆۋەندىكى رەسىمىنى تەتقىق قىلىۋاتىمەن

           

  مەنچە بۇنى بىر كىچىك بالا سىزغان بولسا، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىمىغان بولۇشى مۈمكىن دەپ ئويلىدىم، لېكىن بۇ رەسىمدىكى ھەممە نەرسە سېموۋوللۇق مەنىگە ئىگە، بۇ مەنىلەرنى پىكاسسونىڭ بىلمەيدىغىنىغا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ، ياكى ئۇ ساراڭمۇ؟؟؟؟؟؟؟

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

20#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-24 16:08:34 |ئايرىم كۆرۈش

ئاكىلىس مەن پىكاسونى ساراڭ دىمىدىم،ئۇ رەسىمدىن نىمىلەرنى ھىس قىلغانسىز؟مىنىڭچە@#$#@،،،،،،،،،،،،،،،،ئالدى بىلەن سىز سۆزلەڭ،ئاندىن مەن پىكرىمنى ئوتتۇرغا قۇياي،،،،،،،،،،،كېلىڭ ئەمسە دوئىلغا چۈشەيلى،،،،،،،،،بەلكىم پىكاسومۇ ھىس قىلمىغان نەرسىلەرنى چۈشىنۋېلىشىمىز مومكىن

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

21#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-24 20:39:44 |ئايرىم كۆرۈش
ئاكىلىس مەن بىلەن دوئىلغا چۈشۈشتىن قوقاپسىزدە،،،،،،،،،،،،تېخىچە ئىنكاسىڭىز يوققۇ

17

تېما

0

دوست

6206

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

22#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-25 01:04:08 |ئايرىم كۆرۈش

 گەپكە س..............

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

23#
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-25 08:24:30 |ئايرىم كۆرۈش
Point

0

تېما

0

دوست

2625

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

24#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-11 05:27:57 |ئايرىم كۆرۈش
I am always doing that which I can not do, in order that I may learn how to do it.
  - Pablo Picasso
مەن داۋاملىق ئۆزەم بىلمەيدىغان ئىشلارنى، شۇ ئىشلارنى قىلىشىنى ئۈگۈنۈۋېلىش ئىستىكىدە قىلىمەن.
-پابلو پىكاسو.

1

تېما

0

دوست

3000

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

25#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-11 05:51:18 |ئايرىم كۆرۈش
رەسسام،ئارزۇسى-بالىلىقىغا قايتىش.

0

تېما

0

دوست

8340

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

26#
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-3 14:19:06 |ئايرىم كۆرۈش
Schiphol ئايرۇپورتتا ۋانگوۋنىڭ كۆرگەزمىسىنى كۆرگەنتىم رىمبراۋۇن بىلەن قوشۇلۇپ...ۋانگوۋنى چۈشىنەمدىمكىن دەيمەن،ئەرسەرلىرىنى كۆرسەم بىر خىل يېقىنلىق ھىس قىلىمەن، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى cafe at night تى....
# I- k, D7 t" h; D5 Z# L, J# B

3

تېما

0

دوست

118

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

27#
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-3 20:42:20 |ئايرىم كۆرۈش
ئىپادىزىملىق ئىجادىيەت قانداق بولىدۇ تەپسىلىراق چۈشەنچە بېرىدىغانلار بارمۇ ؟  ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى قانداق بولىدۇ ؟  ئۆتكەندە كۆكنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىگە بارغاندا سىز ئۆززىڭىزنى قايسى خىل ئېقىمغا مەنسۈپ دەپ قارايسىز ؟ ( ئەمىليەتتە بۇنداق سوراشمۇ خاتا ) دەپ سورىسام ئوبزورچىلار ئەسەرلىرىمنى ئىپادىزىمغا تەۋە دەپ  قارايدىكەن دىگەن ئىدى ،
نۇمۇس قىلىپ كىتىۋاتىمەن ، نۇمۇسسسسسسسس
28#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

3

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

29#
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-4 23:45:15 |ئايرىم كۆرۈش
مەنچە پىكاسسونىڭ ئەسەرلىرى ۋانگوھنىڭكىگە يەتمەيدۇ!

2

تېما

0

دوست

2522

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

30#
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-5 00:30:31 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا  kumush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-2-5 00:31  / A; [& d# K: q/ z9 w% J0 E
) O+ q% G3 P. H8 \
ۋانگوۆنىڭ يۇلتۇزلۇق كېچە ئاسمىنى دېگەن رەسىمىنى باش سۈرەت قىلىپ ئىشلىتەتتىم بۇرۇن.6 m$ Y. l! O- n
رەسىمگە قارىسام جىق نەرسىلەرنى چۈشىنىپ كېتەلمەيمەن، لېكىن بىر خىل ناھايىتى گۈزەل، ئۈمىدۋار، مۇھەببەتكە تولغان، فانتازىيىلىك بىر تۇيغۇغا چۆمۈپ كېتىمەن.: K8 L% ?4 G8 S8 k
چاتاق يېرى، بۇ رەسىمدە قايغۇلۇق بىر مەنە ئىپادىلەنمەكچى ئىكەن، تونۇشتۇرۇلۇشىنى ئوقۇسام....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|手机版| ( 新ICP:13003540 )

GMT+6, 2017-4-23 08:53 , Processed in 0.282248 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش