گۈللۈگ

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动 交友 discuz
كۆرۈش: 55471|ئىنكاس: 72
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەڭ داڭلىق ژۇرناللار بىلەن تونۇشۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

2710

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-11 03:19:04 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

 ئۇچۇر ئىگەللەش ۋە ئالماشتۇرۇش ئاساسەن ئېنتىرنېتقا بېقىنغان بۈگۈنكى كۈندە، ئەتراپىمىزدىكى يەنە باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىقمۇ ئەڭ ياخشى بىلىم ۋە ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايمىز دەپ ئويلايمەن... مەسىلەن ژۇرنال.  ھەرخىل مەزمۇن تۈردىكى،ئوخشىمىغان خارەكتىردىكى ژۇرناللار بىزگە يەنىلا  كۆپلىگەن نەرسىلەرنى يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ..

ژۇرنال كۆرۈش مەن ئۈچۈن بىرخىل قىزىقىشتىن ھازىر بىر خىل ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى.. تۆۋەندە دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق بولغان ژۇرناللارنىڭ بىرقانچىسى توغرىسىدا قىسقىچە تونۇشتۇرۇش:

1.Time ژۇرنىلى.

1923-يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان .  www.time.com   ئۇنىۋېرسال ژۇرنال.

Time ژۇرنىلى مەنچە كۆپىنچەيلەن بىلىدۇ.. گەرچە بۇ يىللىق ئامېرىكا "دۆلەتلىك ژۇرنال مۇكاپاتى"نىڭ نامزاتى بولالمىغان بولسىمۇ، لېكىن گەپ-سۆز ئىشلتىشتىكى ئۆزگىچىلىكى ۋە ماركا خاسلىقى شۇنداقلا قىزىل رامكىغا ئورالغان ھەرخىل مۇقاۋىلىرى يەنىلا تايىمنىڭ ژۇرنالچىلىق ساھەسىىدىكى ئورنىغا ۋەكىل بولۇپ تۇرالايدۇ. 

ئەلۋەتتە، سۈپەتنىڭ ياخشىلىقى بۇ داڭلىق ژۇرنالنىڭ ئەڭ زور قىممىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەريىلى يىل ئاخىرىدا بېكىتىلىدىغان "يىللق  شەخىس"نى باھالاش ۋە سايلاشمۇ ئىزچىل  تايىمنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك نۇقتىسى....

2.National Geographic ژۇرنىلى. 

(ئافغانىستانلىق  قىزنىڭ سۈرىتى چىقىرىلغان مۇشۇ مۇقاۋىسى بەك داڭلىق بۇ ژۇرنالنىڭ،1985-يىلىدىكى مۇقاۋە..ئۆتكەندە  national geographic نىڭ تېلىۋىزىيە قانىلىدا مۇشۇ قىزنى قايتا ئىزدەپ توغرىسىدىكى بىر پىروگىراممىسىنى قويغانتى.. ھازىر 30 نەچچىگە كىرىپتۇ بۇ قىز...  تۆۋەنكى رەسىمدىن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭلارچۇ...

National Geographic ژۇرنىلى 1888-يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان.   www.nationalgeographic.com   جۇغراپىيە،تارىخ،بىئولوگىيە،ئىنسانشۇناسلىق قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە تۇتاش كەلگەن ژۇرنال.

ئىقتىسادي ۋە ماددي جەھەتتىكى تولۇقلۇق ھەرگىزمۇ  NG نى بۈگۈنكىدەك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب بولالمايدۇ.كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق كەسپى پوزىتسىيە ۋە زور دەرىجىدىكى ئالغا ئىلگىرلەپ كېڭەيتىش  ژۇرنالنىڭ مانا مۇشۇنداق super بولۇپ كېتەلىشىنىڭ مۇھىم ھالقىلىرى..مەسىلەن، national geographic تېلىۋىزىيە قانىلى ۋە بۇنىڭدىن باشقا ھەر ساھەدىكى مەھسۇلاتلار نىڭ كېڭىيىشى..

3.Fortune ژۇرنىلى.  (بايلىق ژۇرنىلى)

1930-يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان.  www.fortune.com  مەنچە ئىقتىسادي كىرزىس بولىۋاتقان ھازىرقى مەزگىلدە ئەڭ مۇھىم ھىسابلىنىدىغان ژۇرنالمىكى بۇ.  چۈنكى Fortune دۇنيا ئىقتىساد  سودا ،پۇل -مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق ۋە ئەڭ ياخشى ژۇرنال.

ژۇرنالنىڭ "بايلىق مۇنازىرىسى" ۋە " 500 ئىلغار" سەھىپىسى داۋاملىق تۈردە ئىقتىساد سودا دۇنياسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ كەلمەكتە. ھازىر بۇ خىلدىكى ژۇرناللار ناھايىتى جىق بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، forune يەنىلا ئۆزىنىڭ خاسلىقى ۋە بىرىنچىلىكىنى قولدىن بېرىپ قويمىدى...

4.Vogue ژۇرنىلى.

(ئۆزەم ئەڭ سۆيىدىغان ژۇرنال بۇ..شۇڭلاشقا جىقراق رەسىىمىنى چىقىرىپ قويدۇم..)

1892-يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان.   www.vogue.com    ۋوگنىڭ fashion ساھەسىدىكى ئورنى توغرىسىدا گەپ ئاچمىساقمۇ بولىدۇ...ۋوگ تامامەن fahion دۇنياسى 影像 تارىخىنىڭ ئۈلگىسى بولالايدۇ..  تىلىم ئازلىق قىلدۇ بۇ ژۇرنالغا..بەكلام ياقتۇرىمەن.بۇنى سېتىۋېلىش ھەر ئايدىكى چوڭ خوشاللىقىمنىڭ بىرسى ..ھا ھا. مەزمۇنلىرى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى..شۇنداق تولۇق ھەم يېڭىلىقلارغا تولغان.fashion غا ماڭغا ئوخشا قىزىقىدىغان يولداشلارغا تەۋسىيە قىلىمەن!!!

مەنچە Vogue نىڭ ئىتالىيەدىكى تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى..VOGUE ITALIA تەرەققىي قىلىپ ھازىرغىچە 5 دانە ئايرىم بولغان تارماق ژۇرنال چىقىرىپ بولدى...

5. The economist ژۇرنىلى.

1843-يىلى ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغان..   www.economist.com   گۈللۈكتە بۇخىل ژۇرنال بەلكىم ئانچە قىززىمايدۇ.شۇنداق بولسىمۇ يېزىپ قوياي..بىلىپ قالمامدۇق..  دۇنيا سىياسى ئىقتىساد ساھەسىدىكى باشلامچى ژۇرنال... بۇ ژۇرنالنى مۇشۇ دەۋىردىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك سىياسى ئىقتىسادي كۆزەتكۈچى دەيدىكەن...

6. PlayBoy ژۇرنىلى.

 1952-يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان..  ئوغۇللار چوقۇم بەكراق بىلىدۇ بۇنى...   داڭلىقلىقى ۋە تەسىر كۈچى زور ژۇرنال.قۇرامىغا يەتكەنلەر،چوڭلار كۆرىدۇ جۇمۇ..    قۇرغۇچىسى Hugh Hefnerمۇ داڭلىقلارنىڭ بىرى..   بۇ ژۇرنال توغرىلىق كۆپ سۆزلىمەي..

7.Vanity Fair ژۇرنىلى.(نام-شۆھرەت ژۇرنىلى).

(يۇقىرىدىكى demi mooreنىڭ رەسىمى بېسىلغان شۇ سان سېتىلىشى ئەڭ كۆپ،ۋە ئەڭ داڭلىق مۇقاۋىلىرىنىڭ بىرسى..شۇڭلاشقا چىقىرىپ قويدۇم بۇ رەسىمنى)

1913-يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان ژۇرنال. www.vanityfair.com

يەرشارىدىكى ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ داڭلىق بولغان ھەرقايسى ساھەدىكى چولپان،مەشھۇر شەخس ۋە ئىلغارلارغا سەھنە ھازىرلاپ بەرگۈچىلىك رولىنى ئۆتۈپ كەلمەكتە... دۇنيا ژۇرنال مۇكاپاتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ھەر تۈرىدە دېگۈدەك نەتىجە قازىنىڭ كەلمەكتە...

Newsweek.8 ژۇرنىلى.

1933-يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان.. www.newsweek.com

بۇ ژۇرنال دۇنيا ئاخپارات خەۋەرچىلكدە بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان چوڭ رول ئويناپ كەلمەكتە..  تەسىر كۈچى بارغانسېرى كېڭىيىپ مېڭىۋاتىدۇ...ئۆزگىچە،يېڭىچە،تولۇق،ھەر تەرەپلىمىك ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلىش ئارقىلىق ھەرخىل خەۋەر ۋە ئاخپاراتلارنى ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

9.ELLE ژۇرنىلى.

1945-يىلى فىرانسىيەدە تۇغۇلغان ..ELLE فىرانسۇزچە قىزلارغا ئىشلىتىدىغان ئۇ دېگەن مەنىدە.   她 دېگەندەك.

 www.elle.com    بۇمۇ Fashion،Life style جەھەتتىكى ناھايىتى ياخشى ژۇرنارللارنىڭ بىرى. خەلىقئارادا 70 خىلدا تارقىتىلىدۇ.  vogue ۋە Bazzar قاتارلىق مودا ژورناللىرىغا قارىغاندا ،elle ياشلارغىلا ئەمەس،ھەر خىل ياش قاتلىمىدىكى قىز-ئاياللار توپىنى كۆزدە تۇتىدۇ.  

10.Rolling stone ژۇرنىلى.

1967-يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان.. www.rollingstone.com   بىلىدىغانلار جىققۇ بۇنى چوقۇم..

روك ۋەروك مەدەنيىتىنى ياقتۇرىدىغانلار ئۈچۈن ئۈلگە ژۇرنال ...شۇنداقلا ژۇرنال ساھەسنىڭ مۇزىكا دۇنياسىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغان ئاۋازى..بۇيىل FHM ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى بۇ ژۇرنالغا يېڭىدىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ كەلدى.مۇزىكىلا ئەمەس،مەدەنىيەت جەھەتتىمۇ ئۈلگىلىك بولۇشنى نىشان قىلىدى...

11.Wired  ژۇرنىلى.

1993-يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان. www.wired.com 

دەسلەپتە يېڭى تۈردىكى ئىقتىساد ژۇرنىلى دەپ قارالغان،لېكىن تېخنىكىنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان بۇ  ژۇرنال،ئىزچىل سىمسىز تېخنىكا ۋە سېفىرلىق تېخنىكا 数码技术 نى ئاساسلىق تېما قىلىپ كەلمەكتە..نۇرغۇن مۇشۇ ساھەلەرگە قىزىقىدىغان ياشلارنىڭ بىرىنچى تاللىشى بولۇپ قالدى.

12.FHM ژۇرنىلى.

1985-يىلى ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغان ژۇرنال... playboy بىلەن بىر تىپتىكى ژۇرنال..  لېكىن مودا ۋە تۇرمۇش تىپىدىكى مەزمۇنلىرىمۇ تولۇق..مەخسۇس ئەرلەرگە ئىشلەنگەن ژۇرنال..  playboyغا ئوخشاشلا داڭلىق.

13.The face ژۇرنىلى.

1980-يىلى ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغان.. www.ukmagazines.co.uk 

 ئەنگىلىيە ياشلار مەدەنىينتىنى تەشۋىق قىلىدىغان داڭلىق ژۇرنال. ئەنگىليە مەدەنىيىتىگە قىزىقىدىغانلارنىڭ تاللىشى بولالايدۇ..ياشلار جۇمۇ.تەسىر كۈچى خېلى چوڭ بۇ ژۇرنارلنىڭ..

14.The new yorker ژۇرنىلى.

1925-يىلى دۇنياغا كەلگەن ئامېرىكىدا ئەلۋەتتە..   www.newyorker.com 

مەدەنىيەت،سىياسەت،ئەدەبىيات سەنئەت قاتارلىق ئىجتىمايى ساھەلەرگە قارىتىلغان ژۇرنال...كونا مەنىسىز تۇيغۇ بەرمەيدۇ..يېڭىلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ،لېكىن خاس بولغان ئۇسلۇبىنى يوقاتمىغان. بولۇپمۇ ئەدەبي ئەسەرلەردە خېلى ئالدىدا.

15.Forbos ژۇرنىلى.

1917-يىلى ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن..  www.forbes.com 

ھەريىلى خەلىقئارادا  قىززىق نۇقتا بولىدىغان فوربىس بايلار دەرىجىسى تۇرغۇزۇلغان ھامان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ..بۇ ژۇرنالمۇ شۇنىڭ بىلەن داڭلىق...

16.People ژۇرنىلى.

1974-يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان ژۇرنال... مەرھۇم مەلىكە دايئەننا نىڭ بۇ مۇقاۋىسى كىلاسسىك .  www.pepole.com

دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ژۇرناللارنىڭ بىرى .مەشھۇر شەخسلەرنى مۇجەسسملىگەن ژۇرنال..

17.i-D ژۇرنىلى.

1980-يىلى ئەنگىليەدە بارلىققا كەلگەن ...  (مۇقاۋىدە ئاۋىستىرالىيەلىك داڭلىق مودىل Gemma award.)   

www.i-dmagazine.com     ژۇرنال ساھەسىدىكى ئۈلگىلىكلىكى ئەڭ  كۈچلۈك بولغان ژۇرنال..

ھەر سان مۇقاۋىسىدە چىققان شەخىسلەر چوقۇم بىر كۆزىنى قىسىش ھالىتىدە رەسىمگە تارتىلىدۇ.. i-D دېگەن ئىسىمنىڭ شەكلىمۇ شۇغۇ.

مودا ساھەسىدىكى فوتو-سۈرەتچىلىك،ۋە ياشلار مەدەنىيىنىنى ئاساسلىق مەزمۇن قىلغان ژۇرنال.  مەن ئامراق بۇنىڭغا.

18.Bussiness week ژۇرنىلى.

ئامېرىكىلىق ژۇرنال..  سودا-سانائەت مەخسۇس قىلىنغان ژۇرنال...

19.wallpaper ژۇرنىلى.

1996-يىلى ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغان...  www.wallpaper.com   ئاساسلىقى قۇرۇلۇش ،ئۆيلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى بېزەكچىلىكنى مەزمۇن قىلىدۇ...بۇ تۈردىكى ئەڭ ياخشى ژۇرنال..ھازىر  شەكىلى ئۆزگىرىپ مودا ئۇنىۋىرسال ژۇرنال بولۇپ كەتتى..

مۇشىنچىلىك يېزىپ تۇراي..ياخشى ژۇرناللار بەك كۆپ.... يەنە بىر نەچچىسى بار..مەسىلەن GQ,Life,bazzar ,cosmo دېگەندەك.. كېيىنچە يېزىپ قويارمەن..بەك جىق يېزپكېتىپتىمەن.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

بۇ يازمىنى 2008-12-11 5:19:23 Ms.punk تەستىقلىغان!

1

تېما

0

دوست

3000

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

2#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-11 05:36:31 |ئايرىم كۆرۈش

wired،the face ،wogue,rolling stone،forbos

playboyنىڭ گىپىنى قىلىماي بولدى

0

تېما

0

دوست

7257

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

3#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-11 06:21:22 |ئايرىم كۆرۈش

ژورنال ھەۋەسكارى ئىكەنلىكىڭىزنى ئىلگىرىلا ھىس قىلغان، لىكىن بۇنچە جىق ژورناللارنى تونۇيدىغىنىڭىزنى بىلمەپتىمەن...

national geographic دىكى قىزنىڭ سۈرىتىگە مەن بەك ئامراق. ئۇ سۈرەتنى تولا كۆرىمىزغۇ... ئۇ قانالمۇ بەك ئېسىل. چوقۇم كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ. ئۆيدىكى ھەممە قانالغا ئاشۇ قانالنى تىگەشسىەئارتۇق كەتمەيدۇ.

Vogue بىلەن The face ژورنىلىدا ئىدۋار نورتون(مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو ئەرتىسى) باركەن. رەھمەت...

Rolling stone ژورنىلىغا تاللىغان رەسىملىرىڭىزمۇ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گۇرۇپتىن ئايرىلالماپتۇ... ئۇنىڭغىمۇ رەھمەت.

wallpaper مېنى قىززىقتۇرۋاتىدۇ. مەن دىققەت قىلىپ باقمىغانكەنمەنتۇق. ئەپ كۆرەي قېنى...

گەپنىڭ قىسقىسى، بۇ تېما مېنى ژورناللارغا قايتا قىززىقتۇرۇپ قويدى. دىمىسىمۇ قولىدا ۋاراقلاپ بىر نەرسە كۆرگەن ھىسىيات ھەرگىز ئىكراننىڭ ئالدىدا مۇكچىيىپ ئولتۇرغانغا ئوخشىمايدۇ.   Ms.punk غەلبە قازاندىڭىز. مېنىڭ شۇنداق ژورنال ئوقۇغۇم كەپكەتتى. مېنىڭچە باشقىلارغىمۇ ئوخشاش تەسىر بېرىشى مۇمكىن. ياخشى ئادەت....

0

تېما

0

دوست

3227

جۇغلانما

باغۋەن

4#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-11 07:24:51 |ئايرىم كۆرۈش

 

مىنىڭمۇ ھەسىتىمنى قوزغاپ قويدى ،مەنمۇ مۇشۇ تۈردىكى يىڭىلىقلارنى يوللىسام بولاتتى!!!

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

5#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-11 08:44:49 |ئايرىم كۆرۈش

رەھمەت سىزگە پانك خانقىز،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ھارمىغايسىز،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

2

تېما

0

دوست

5911

جۇغلانما

禁止发言

6#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-11 22:04:22 |ئايرىم كۆرۈش
ماڭا ئاۋۇ ۋاقىت ژورنىلىدىكى ئامېركىنىڭ قوراللىرىنى تونۇشتۇرغىنى بەك ياقتى جۇمۇ.....

1

تېما

0

دوست

3000

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

7#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-11 18:40:18 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا  Slash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-3-4 22:33  
) d" }2 Z8 m  U- J. v# f( ~+ m2 D3 K1 S& D3 U5 ^6 G2 \0 ?
....

0

تېما

0

دوست

3227

جۇغلانما

باغۋەن

8#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-11 19:32:59 |ئايرىم كۆرۈش

 

 پاڭك خانقىز سىز ئەڭ ئامراق ژورنالغا  چىقىۋالدىم- ھە ئەمىسە  ! بۇ ژورنالنىڭ مۇھەررىرى بىلەن مەن تونۇشىمەن ،سىلەرنىڭمۇ مۇقاۋىسىغا چىققۇڭلار بولسا ماڭا دەڭلار .

0

تېما

0

دوست

2710

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

9#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-11 23:02:47 |ئايرىم كۆرۈش

پانك..ئېسىڭىزدە بارمۇ..بۇرۇن دائىم HIT MUSIC دېگەن ژۇرناللىرىمنى كۆرەتتىڭىز ئۆيگە كەلگەندە.轻音乐چۇ..    تېمامنى قوللاپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت جۇمۇ...   ژۇرنال ئالدىڭىزمۇ شۇنداق قىلىپ؟؟  

9-تەۋبە...ئەڭ hot مودىل  jessica stam بىلەن بىر مۇقاۋىدە بوپسىزھە...   سىز Vogue غا چىقسىڭىز شىنجاڭ ياشلىرى دېگەن ژۇرنالغا ئوخشاپ قاپتۇ..(چاقچاق جۇمۇ)...

يەنە بىر ژۇرنالنى تونۇشتۇرىۋېتەي..جوڭگولۇق ژۇرنال بۇ..لېكىن خېلىلام ياخشى...   Vision ژۇرنىلى..

Vision ژۇرنىلى ھازىرقى زامان سەنئەت ۋە fashion نى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئىشلەنگەن..ئادەم،مەدەنىيەت،مودا،سەنئەت قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرنى مۇجەسسەملىگەن..   http://www.youthvision.cn     نۇرغۇن ئۇچۇرلار بىلەن  تەمىنلىيەلەيدىغان  ئۈلگىلىك ژۇرنال دەپ قارايمەن..  بۇرۇنقى نەشىرى تېخىمۇ ياخشىتى(تولۇقتا ئوقۇۋاتقان چاغىلىرىمدىكىسى) ئۇ نەشىرى چەكلەنگەن..敏感 تېمىلار سەل جىقتىچۇ..لېكىن بەك ھەقىقىي ژۇرنالتى..   ھازىرقى ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسىمۇ ياخشى لېكىن... قىزىقىدىغانلار سېىتۋېلىپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

 

0

تېما

0

دوست

7257

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

10#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-11 23:22:02 |ئايرىم كۆرۈش

9-تەۋبەنى بەك كەلتۈرۋىتىپسىز... كۈلۈپ تېلىقىپ قالدىم

ھىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىم ئەمدى ژورنالغا كەلسەك... بۈگۈن ئالالمىدىم. راست گەپ قىلسام Rolling stone ژورنىلىنى ئالغىم كىلىۋاتىدۇ.

0

تېما

0

دوست

2710

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

11#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-11 23:33:00 |ئايرىم كۆرۈش

12-ئايلىق  Rolling stone نىڭ مۇقاۋىسىدە  Britney spears كەن...  (پانك،سىز ئۆچ چوقۇم..)

0

تېما

0

دوست

7257

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

12#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-11 23:40:11 |ئايرىم كۆرۈش

omg

2

تېما

0

دوست

5911

جۇغلانما

禁止发言

13#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-12 01:14:15 |ئايرىم كۆرۈش
ھى ھى....شاڭخو پاراڭ بوپ كېتىپتۇغۇ

0

تېما

0

دوست

8080

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

14#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-12 22:28:33 |ئايرىم كۆرۈش

Playboy ni qizlarmu körüdu

0

تېما

0

دوست

8080

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

15#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-12 11:23:15 |ئايرىم كۆرۈش

Bu ayalni tonuyalidinglarmu?

Jennifer Aniston...haha

Journalni ilip özünglar asta asta körünglar bashqa resimlirini he

Eslidiki resimni körmekchi bolsingiz menbe bu yerde

http://image.examiner.com/images/blog/wysiwyg/image/jengq2(3).jpg

http://image.examiner.com/images/blog/wysiwyg/image/jengq-Opt(1).jpg

.....

0

تېما

0

دوست

2710

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

16#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-12 14:34:03 |ئايرىم كۆرۈش

بېكھاممۇ بۇ ئايلىق GQ مۇقاۋىسىدە..ئۇ چىقمىغان داڭلىق ژۇرنال مۇقاۋىسى قالمىدىغۇ دەيمەن..

0

تېما

0

دوست

8080

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

17#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-12 20:10:11 |ئايرىم كۆرۈش

Bar, GULLUG.MAG

0

تېما

0

دوست

1430

جۇغلانما

گۈل

Rank: 6Rank: 6

18#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-13 10:06:54 |ئايرىم كۆرۈش

جېنىم ...بۇ ژورناللار ...بەك ئادەمنى قىزىقتۇرىۋېتىدۇ جۇمۇ ، سىز تەۋسىيە قىلغاننى بىر ئالاي ...

 

0

تېما

0

دوست

3405

جۇغلانما

باغۋەن

Medal No.8

19#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-12 23:05:40 |ئايرىم كۆرۈش

ژورنال دىگەننى كۆرۇپ قوياتتىم خېلىلا ...ھارماي ................

يەنە كېلىپ يىغىپ دىگەندەك !

ئاخىرى ئۇلارنى بىر  پاتقۇزۇپ بولالماي ھۇجۇرامنىڭ تاملىرىغا ياخشى كۆرىدىغان چولپانلىرىم ۋە ياخشى كۆرىدىغان كىيىم پاسوملىرى بار ۋارىقىنى قىيىپ چاپلاپ قويۇپ تاشلىۋەتتىم....قىيغانلىرىمدىن پاتمىغانلىرىنى ئېلىپ قويۇپ ، تامدىكىلىرىدىن زېرىككەندە ئاندىن يەنە قايتا چاپلاپ دېگەندەك ....

 قالغانلىرىنى تاشلىۋەتكىنىمدىن بەكلا پۇشايمان قىلىۋاتىمەن

Healthy is the new sexy![color=Green][/color]

0

تېما

0

دوست

2710

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

20#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-12 23:15:33 |ئايرىم كۆرۈش

Gullug magazine.. دوكتور ك...

چىنار ھەدە..Vogueنى ئېىلىپ كۆرۈپ بېقىڭ..چوقۇم ياقتۇرىسىز... بۇ ئايدىكىسى بەك ياخشى ..KATE MOSS مۇقاۋىدە...

 باكاي..شۇ مەنمۇ يىغىپ ژۇرنال دېگەننى...بەك جىقلاپ كەتتى.لېكىن ھەممىنى ساقلايمەن... 7 يىل بولاي دەپتۇ تارىخى ئۇزۇنلىرىغا...

 

0

تېما

0

دوست

3405

جۇغلانما

باغۋەن

Medal No.8

21#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-12 23:21:50 |ئايرىم كۆرۈش

مېنىڭ تىپپى ۋە بىئو خىمىيە كىتابىملا ئۆيەمنىڭ يېرىمىدىن ئوشۇقىنى ئىگەللەيدۇ......

 

7 يىللىقنى 拍卖  قىلسا كېيىن ، چوققۇم جىق بۇل كېلىدىغۇ دەيمەن

Healthy is the new sexy![color=Green][/color]

0

تېما

0

دوست

2710

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

22#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-12 23:40:15 |ئايرىم كۆرۈش

Sotheby's قا ئاپىرىپ كىمئارتۇق قىلىپ كەتسىەم ھە نيويورك تا.....ئىشقىلىپ ژۇرنال دېگەن بەك ياخشى جۇمۇ..ئامراق ژۇرناللارنى كۆرۈش بىرخىل ھۇزۇر..

wall paper ژۇرنىلىنىڭ بۇ مۇقاۋىسى بولىدىكەن..

 

2

تېما

0

دوست

5911

جۇغلانما

禁止发言

23#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-13 01:15:17 |ئايرىم كۆرۈش

ما بولىدىكەنغۇ...

 

 

بىزنىڭ ژورنالچىلىقىمىزمۇ ئاز تولا تەرەققىي قىلسا بولاتتى

0

تېما

0

دوست

8080

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

24#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-13 13:50:58 |ئايرىم كۆرۈش
Köpünje journallarning nami oxshash bolghan bilen ,tarqitilghan döletke qarap mezmunida oxshumasliqlar bar, Mesilen ELLE

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

25#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-13 14:29:36 |ئايرىم كۆرۈش

روللىڭ ستونننىڭ جۇڭگوچە نۇسخىسى بارمىدۇ؟؟؟؟ بۇلارنىڭ ئىچىدە مەن بىلىدىغىم مۇشۇلىكەن...

0

تېما

0

دوست

2710

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

26#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-13 19:17:34 |ئايرىم كۆرۈش

ئاكېلىس.. Rolling stoneنىڭ جوڭگوچە نۇسخىسى بار..2006-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان..بۇرۇن داۋاملىق ئۇچرايتتى..ھازىر دىققەت قىلمىدىممۇ يا..كۆرۈپ باقمىدىم جۇمۇ..30 يۈەن باھاسى..يەنە بىر كىچىك نۇسخىدىكى ژۇرنالنىمۇ قوشۇپ سوۋغا قىلاتتى. 

رەسىمدىكى دەل بىرىنچى جوڭگو نۇسخىدىكى  Rolling stone.  سۈي جىيەن مۇقاۋىدە..

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

27#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-13 19:41:51 |ئايرىم كۆرۈش

روللىڭ سىتونغا سۈيجەنلا چىقالايدۇ دەپ خاتا ئويلاپتىمەن،،،،،،،،،،ئاستىدا ئەمەسلا بىر ئادەمنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپ قالدىم(周杰伦)،،،،،،،،،

قارىغاندا ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،؟

2

تېما

0

دوست

5911

جۇغلانما

禁止发言

28#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-13 19:46:21 |ئايرىم كۆرۈش

ززتوپكا!!!!!!!!!!!!!!!!!

 

پولووووووووووووووووووووچۇ؟!!!!!!!!!!!!

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

29#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-13 19:49:14 |ئايرىم كۆرۈش
پىشىۋاتىدۇ

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

30#
يوللىغان ۋاقتى 2008-12-13 19:50:20 |ئايرىم كۆرۈش
برىتنى سپىرىسمۇ چىقىپتۇغۇ ئاينا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|手机版| ( 新ICP:13003540 )

GMT+6, 2017-4-23 09:17 , Processed in 0.262041 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش