- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-10
- توردا
- 18 سائەت
- 经验
- 643 点
- 威望
- 623 点
- تىزىملاتقان
- 2011-6-2
- ھوقۇقى
- 20
- يازما
- 53
- تېما
- 11
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 643
- UID
- 3716

|
سەنئەت قۇياشى قاچان پارلايدۇ؟& e5 n N/ C9 B7 p* a; D
& M/ l2 d' T: ^; M) _7 o
تۇرسۇن شەيخ
% o% V. J: U& g& u6 B( N0 \4 Q! w, O/ w" k5 j4 C6 z% o
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ۋە سىياسىسى كېيىنكى زامانىۋىيلىق يەنى پوست مودېرنىزم دەۋرىگە كىردى. جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى 80-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە دۇنيانىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولغان زامانىۋىيلىق بىلەن زور پەرقنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن 80- يىللاردىن باشلاپ ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قەدىمىگە يېتىشىۋېلىشقا تىرىشتى. گەرچە سەل كېچىككەن بولسىمۇ لېكىن يېتىشىۋېلىش قەدىمى ناھايىتى تېز بولدى. بىراق ئـۇيـغـۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىدە بۇ زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىنى تاھازىرغىچە كۆرگىلى بولمايدۇ. قانداق پەيدا بولۇپ قالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش قىيىن بولغان قانداقتۇر بىر خىل كېسەللىك ھالىتىدىكى نورمالسىز تەپەككۈر ئەندىزىسى ئـۇيـغـۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى بىلەن تەڭ قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىغا توسالغۇلۇق قىلىپ كەلدى. تەرەققىياتتىن قورقۇش ۋە دۈشمەنلىك ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىش. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزى ئىگە بولغان ئاز تولا ھۈنەر ياكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ مەھسۇلى بولغان نوپۇزنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن جان تالىشىشى بولۇپ، ئۇلار يېڭىلىق ۋە تەرەققىيات سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنىڭ كۆمۈلۈپ قېلىشى ياكى ئۇنتۇلۇپ كېتىلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدۇ-دە تەرەققىياتقا پۈتۈن كۈچى بىلەن دۈشمەنلىك قىلىدۇ. 7 e9 L. a, Q6 A& L
تەرەققىيات بىلەن قالاقلىق ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل توقۇنۇش پەقەت ئـۇيـغـۇرلارغىلا خاس ئەمەس، ئۇھەممە مىللەتنىڭ تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن. مەسىلەن: ئون سەككىزىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەرب دۇنياسى سانائەتلىشىشكە قاراپ ماڭغاندا مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ قوراللىق باستۇرىشىغا دۇچ كەلگەن. غەربتىمۇ تەرەققىيات ۋە ئىلغارلىق قالاقلىق بىلەن ئىككى ئەسىرگە يېقىن كۆرەش قىلىپ ئاخىرى غەلىبە قىلغان. جۇڭگودىمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، باشقىنى قويۇپ تۇرايلى، بىر چاچ مەسىلىسىدىكى كۆرەشمۇ ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ ئەقلىگە سىغمۇغىدەك كەسكىن بولغان. مانجۇچە ئۇزۇن چاچنى كېسىۋەتسە خۇددى جاھان ئوڭتىرىلىپ كېتىدىغاندەك كىشىلەر ئومۇمىيۈزلۈك قارشىلىق قىلغان. ئاخىرىدا ھەممە يەردە ئۇزۇن چاچ كېسىلىپ كەتسىمۇ ھېچقانداق ئىش يۈر بەرمىدى. دېمەك تەرەققىياتقا بولغان قارشىلىق شۇ قەدەر غەيرىي ئەقلىي ۋە كۈلكىلىك بولسىمۇ، مەلۇم بىر مەزگىلدە ئۇنىڭ بىمەنە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىغان ئادەملەر ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ مۇتلەق ھەقىقەت بولۇپ تۇرىۋېرىدىغان گەپ ئىكەن./ d% N6 A# v* L [
ئـۇيـغـۇر ئىدىئولوگىيىسىدە زامانىۋىيلىق ۋە ئىلغارلىق پۈتۈن ئىنسانىيەت بىلەن تەڭ قەدەمدە بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن داۋاملىق قانلىق مەغلۇبىيەتلەر بىلەن ئاخىرلىشىپ كەلدى. ئابدۇقادىر داموللا، مەمتىلى تەۋپىق، مەخسۇت مۇھىتى قاتارلىق كىشىلەر باشلىغان ئاقارتىش ھەرىكەتلىرى قانلىق باستۇرۇلدى. كېيىن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى سەۋەبىدىن مەدەنىيەتتىكى زامانىۋىيلىق ئوتى ئومۇمىيۈزلۈك ئۆچتى. مانا مۇشۇ بىر قاتار زەربە ۋە جاراھەتلەر تۈپەيلىدىن ئـۇيـغـۇر مەدەنىيىتى ئورنىدىن زادىلا تۇرالمىدى. % ~0 p. `) _8 w& z6 v
سەكسىنىچى يىللاردىن كېيىن پۈتۈن جۇڭگو زامانىۋىيلىققا قاراپ يۈرۈش قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىلمۇ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىچكىرىدىكى كىشىلەر بەھرىمەن بولغان تەرەققىيات بىزنىڭ دىيارىمىزغا يېتىپ كېلەلمىدى. يېتىپ كەلگەنلىرى بولسا ھەقىقىي مەنىدىكى تەرەققىيات ئەمەس بەلكى مەدەنىيەت ئەخلەتلىرى بولدى. مانا بۇ ئەخلەتلەر بىزنىڭ خەلقمىزدە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى مۇشۇ بولسا كېرەك دەيدىغان خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىپ، مەدەنىيەتتىكى تەرەققىياتقا بولغان قارشىلىق ۋەدۈشمەنلىك كەيپىياتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، قالاقلىق ۋە جاھالەتنى ياقلىغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتقا قارشى تۇرىشىغا باھانە بولۇپ بەردى. ئەمەلىيەتتە، ئەيدىز، ئىپپەت سودىسى، زەھەرلىك چېكىملىك قاتارلىقلار مەدەنىيەت ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەتسىزلىك، ياۋايىلىق؛ ئىلغارلىق ئەمەس، قالاقلىق ۋە جاھالەتتۇر. ئەيدىز، ئىپپەت سودىسى، زەھەرلىك چېكىملىك قاتارلىقلارنىڭ يامراپ كېتىشىنى مەدەنىيەت دەپ قارىغان ۋە ئۇنى باھانە قىلىپ ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ تەرەققىياتىغا دۈشمەنلىك قىلىش لوگىكىسىز ۋە غەيرى ئەقلىي بولۇپلا قالماستىن، نامۇۋاپىق ۋە پايدىسىزدۇر.. ]% ?4 i5 l: t2 y5 \
تەرەققىياتقا بولغان دۈشمەنلىك بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە ئاساسەن ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا بولغان دۈشمەنلىك سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىقماقتا. بۇ ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ ماھىيىتى بولغان ئىجادىيلىقنى چەكلەپ، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ تەرەققىياتىلا ئەمەس ھەتتا بىر ئىزدا تۇرۇپ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىشىغىمۇ سەلبى تەسىر يەتكۈزمەكتە. بىز ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە قارىساق ھېس قىلىشىمىز تەس ئەمەسكى، تېلىۋۇزۇر ئېكرانلىرى كىشىلەرنىڭ نېرۋىلىرى بىلەن چىگىلىشىپ قالغان. بۇ ئەمەلىيەتتە بۇ كىشىلەردىكى ئۆچمەنلىك ئەمەس دەل ئەكسىچە زامانىۋىي مەدەنىيەتكە بولغان مەستانىلىقتىن خۇدىنى يوقىتىشنىڭ ئىپادىسى. تېلىۋېزورغا بولغان ئۆچمەنلىك ۋە ھەدەپ ئۇنى تىللاپ سۆزلەش ۋە تورلارغا بىر نەرسە يېزىشتىكى سەۋەب كىشىلەرنىڭ تېلىۋېزورغا بولغان چوقۇنىشىنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئىپادىلىنىشىدۇر. خۇددى ھەممە ئادەم ناخشا ئۇسۇلغا ئۆچتەك قىلغان بىلەن ئەسيادى ناخشا ئۇسۇلدا قېلىپ، ئـۇيـغـۇرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا ناخشا ئۇسۇلدىن باشقا نەرسىنى ئويلىيالمىغىنى بىلەن ئوخشاش بىر ئىشتۇر. ! P5 N0 L1 D; V# a
ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن سەنئەت دېگەن بۇ ئۇقۇمغا نىسبەتەن دۈشمەنلىك نەزىرىدە مۇئامىلە قىلىۋاتقانلار كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، ھەممەيلەنگە ئايانكى ئـۇيـغـۇردىن ئىبارەت بۇ ئىجتىمائى توپنىڭ سەنئەتكە بولغان ئىستېمالى كۈنسېرى ئاشسا ئاشتىكى ھەرگىزمۇ كېمەيگىنى يوق.
" \9 Y) Z' K! @# ]* a9 l" M نۆۋەتتە سەنئىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان ھەر تەرەپلىمە خىرىس ۋە سەنئەتكە بولغان تۇنۇشىمىزنىڭ يېتەرسىزلىگى يېزا قىشلاقلىرىمىزدىن تارتىپ مەركىزى شەھەرلىرىمىزگىچە ھەر ساھە كىشىلىرىمىزنىڭ مەنىۋىي ئېھتىياجىغا كۆرە سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلماقتا.# L' o! K4 s) Y! H- ^0 E
ئەلۋەتتە، بىزمۇ مۇشۇ توپنىڭ بىر ئەزاسى بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن، سەنئەت قۇياشى راستىنلا پاتتىمۇ ياكى سەنئەتنىڭ تېڭى قايتا ئاتامدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئازراق مۇلاھىزە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
Y: Z" e) P$ w& k$ p
$ }% F0 C% j1 z' t$ D( Y بىرىنچى، مۇزىكا ئەترەتلىرى ئالدى بىلەن بىر مەدەنىيەت ھادىسىسىدۇر.3 }$ D8 H; a, o8 `$ ~) @6 [" M( q
سەنئەتنى تاۋارلاشتۇرۇش چاقىرىقى چىقىشتىن بۇرۇن ھەر دەرجىلىك يەرلىك سەنئەت ئۆمەكلىرى ئاۋامنىڭ ئېھتىياجىدىن تولۇق چىقىپ كەلگەن. كەڭ ئاممىنىڭ ئىستىمال تەلىپى بىلەن سەنئەت مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرىسىدا يەنىلا سەنئەتكارلار يېتەكچى ئورۇندا تۇراتتى. * A6 x1 @7 J) x4 H) l$ A
ئۇچۇر دەۋرى يېتىپ كېلىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىدا مۇئەييەن ئۆزگىرىشلەر بولدى، ۋاھالەنكى، دۆلەت ئىگىلىگىدىكى بىر قىسىم كەسپىي سەنئەت ئۆمەكلەر ئارقا –ئارقىدىن پاسسىپ ھالغاچۈشۈپ قالدى. دېمەك، دەۋرنىڭ قەدىمىگە يېتىشەلمىدى. شۇنداق پەيتتە دۆلىتىمىز ۋەچەتئەلنىڭ قىسمەن تەرىز ئېقىملىرى بىلەن ئالدىن تۇنۇش بولغان بىر تـۈركۈم ئاۋانگارت ياشلار ئەل ئىچىدە ھەر تەرىزدىكى مۇزىكا ئەترىتى بولۇپ تەشكىللىنىپ، سىرت بىلەن ئاساسەن ناتۇنۇش خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىگە زور قىممەتلەنى ئېلىپ كەلدى. بۇلاردىن ئاز ساندىكى روك، جەز تەرىزلىرىدىن باشقا كۆپىنچىلىرى پاپ ۋە فىلامىنگو تەرىزى ئەل ئىچىدە مۇئەييەن ئاساسقا ئىگە بولسىمۇ، ئىجادىيەت قەھەتچىلىگى ۋە بىر تەرىزدە تۇرماسلىقتەك ئۇمۇمىي كەيپىيات ھادېسىسى سەنئەتكارلار، جۈملىدىن ئاۋام خەلقنىڭ قارىغۇلارچە ئەگىشىش خاھىشىنى ئايان قىلدى. ئاران دېگەندە كېچىكىپ تىكلىگەن مۇزىكا ئېرايىمىز تېزلا يىمىرلىپ، ھەر ساھەنىڭ دېققىتىدىن مەھرۇم قالدى.7 c* x* m5 w1 q/ @* l
كەسىپ قىلغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر كەسىپنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش شۇكەسىپنىڭ نېنىنى يىيىش ئۈچۈن. مەشھۇرلۇقمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، بىراق شىرىن جاننى بېقىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. چىداپ مەشىق قىلىش، توختىماي ئۈگىنىش، ئۈزلۈكسىز يېڭىلاش، ئىزچىل بەرداشلىق بېرىش بولمايدىكەن بۇ ساھەدە پۇت دەسسەپ تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئەمىليەتتە، سىز بازارنى ئەمەس بازار سىزنى تاللايدۇ.+ H" I/ @' F- A3 x, G
نۆۋەتتە ئـۇيـغـۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان چالغۇسىز سەھنە ئېقىمى، ئاددىيسى مۇزىكىلىق كۇلۇبلاردىن تۈرلۈك كونسېرت كېچىلىكلەرگىچە غەيرى رەسمى شەكىلدە مەۋجۇدلۇق ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ پايدىسىز ئەھۋال تالاي كەسىپ ئىگىلىرى ۋە مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئىرادىسىنى بىت-چىت قىلىپ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ تەدىرىجى بىخۇتلۇققا، نانقېپىلىققا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرگە، كەڭ سەنئەت سۆيەر خەلقنىڭ ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسىنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىنى تېزلىتىپ، ئۆز سەنئەتكارلىرىدىن ئۈمىدسىزلىنىش، يات ئەل سەنئىتى ۋە سەنئەتكارلىرىدىن تەسەللىي ئىزدەش كەيپىياتىغا ئومۇمىيۈزلۈك چىرماپ قويدى. مەسلەن، كورىيە ۋە تـۈركىيە فىلىم قىزغىنلىغى، ئۆزبېك ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ مۇزىكا سەنئىتىگە بولغان قىزغىنلىق قاتارلىقلار، كوللىكتىپ نارازىلىق تۇيغۇسىنىڭ تىپىك ئىپادىسىدۇر.
+ b3 t: [0 ~. X, s نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ بۇ بىر قەۋىمنىڭ مۇزىكا تەرەققىياتىدا چوقۇم بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك ئىجتىمائى كەيپىياتمۇ؟
' {- ~* F* x# i* ^) j2 h( s% A ئەمىليەتتە ئـۇيـغـۇردىن ئىبارەت بۇ ئىجتىمائى توپنىڭ ئىدىئولوگىيەسىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان قانداشلىق، قېرىنداشلىق، دىنداشلىق قاتارلىق ئورتاق ئىنسانىي تۇيغۇسىدىن كۆرە بىز ياشاۋاتقان رېئاللىق ۋە دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك كىرزىس روھىيىتىمىزگە ھەر زامان ھۇجۇم قىلىپ سىرىتقى دۇنيادىن ئورتاق كۈي ۋە ئورتاق تەقدىر سېغىندىغان بىنۇرمال مۇداپىئە ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن بولسا، قورشاۋسىز قالغان قەلبىمىزگە يات ئەل سەنئىتى يارا ئېغىزىغا چاپىدىغان مەلھەمدەك ئىنتايىن ئاسايىشلىق بىلەن كىرىپ كەلدى. بۇ ئەلۋەتتە ئاساسلىق سەۋەپ ئەمەس، يەنىلا كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ئۆز كەسپىگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە پوزتسىيەسى. كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندا ھەر بىرسەنئەتكارنىڭ سەنئەتكە بولغان تونۇشى ئاساسلىق ئامىلدۇر.4 {/ G" s. _7 D6 J! p+ l2 O
بىز مەيلى نېمىلا دېمەيلى، سەنئەتنىڭ ئەدەبىياتتىن باشقا ھەر قانداق تۈرلىرىدە قېرىنداش ئەل خەلقىدىن كۆپ ئاجىز ئۇرۇندا ئىكەنلىگىمىزنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز. مەسىلەن؛ مۇزىكا سەنئىتىنى ئېلىپ ئېيتساق باس گىتار زامانىۋىي مۇزىكا ئەترىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىر چالغۇ، ئەمما ئون تۆت مىليۇن ئـۇيـغـۇرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن ھەپلىشىدىغانلار ئونغىمۇ يەتمەيدۇ؛ يەنە كېلىپ كاۋس (سىلەپ) ئوينايدىغانلار، يەنى باس گىتارنى ئۆز قانۇنىيىتى بىلەن چالالايدىغان ئەنۋەر، پەيزۇللا، زۇلپىقار، جەۋلاندىن ئىبارەت تۆتلا ئادەم بار. يەنە كېلىپ ئۇلار چەتئەل ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بولۇپ ھېچقايسىسى رايونىمىزدا ئەمەس. چاتما دۇمباقنى ئېلىپ ئېيتساق يەنە ئونغا يەتمەيدۇ. ئاللىقاچان بۇ ساھەدىن چېكىنگەن ئەنۋەر ئۇزۇن پاچاق، تۇرسۇنجان قاتارلىق ئۇستىلارنى ھىسابقا ئالمىغاندا. ئىچكىرىدە ئەزىمەت، دىلاۋۇر، دىيارىمىزدا پولات، ئېلىيار قاتارلىق بىر نەچچە بالىلار بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. پەرھات ۋەكىللىگىدىكى قېتىق مۇزىكا ئەترىتىنىڭ دۇمباقچىسى پاشا بولسا رۇسيەلىك. بولدىلا، دېمەيلا قويايلى، باشقا تۈرلەردە بولسا بۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق.$ _, G) x5 n$ ^+ O4 Y+ B) q1 I
يۇقۇرىدا دەپ ئۆتۈلگەندەك كەسىپ ئەھلىنىڭ ئۆز كەسپىگە بولغان تونۇشى شۇ كەسىپنىڭ مەۋجۇتلىغىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇنداقتا بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان كەسپى تونۇش نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟4 q. |! E, k/ Q+ y3 ~$ q
بۇرۇنقى زاماندا بىر كىشى مەلۇم بىر كەسىپتە ھۆنەرۋەنلىككە شاگىرتقا كىرىپ ھۆنەرۋەن بولۇپ يېتىشكەن تەقدىردىمۇ تاكى ئۇستازى دۇئا بېرىپ دۇكان ئايرىپ بەرمىگىچە شۇ كىشىنىڭ مۇستەقىل ھۈنەر قىلىش سالاھىيىتى بولمايتتى. ھازىرقى كەسپ ئىگەللىگۈچىلەرنىڭ پەرۋايى پەلەك. ئۇلارغا ئۇستازنىڭ كېرىكى يوق، سەللا بىر نەرسەبىلدىمۇ دەرھال ئۇنى ئاشكارە قىلىشقا ئالدىرايدۇ، چۈنكى ئۇلاردا پىرىنسىپ يوق.$ h, t# y6 p% p1 `. s! M
مەن شۇنىڭغا ھەيرانمەن، ئادەتتە شېئىرىيەتنىڭ، ئەدەبىياتنىڭ تەھرىراتى بار. بىناكارلىق، قۇرلۇش ياكى باشقا ساھەدىكى ھەرقانداق بىر كەسىپنىڭ دۆلەت بېكىتكەن سۈپەت، ئۆلچەم كاراتىن ئورۇنلىرى بار، نېمىشقا مۇزىكىنىڭ تەھرىراتى يوق؟
# }. l: `. m# F' h7 A4 c. e9 } سەنئەت ئۇقۇملىرى ئىنتايىن قالاق بولغان مائارىپ تۈزۈلمىسنىڭ ئىسكەنجىسىدە تـۈركۈملەپ كېرەكسىز جانباقتىلارنى يېتۈشتۈرۈپ چىقماقتا، ئۇلارنىڭ تەربىيەلەش ئەندىزىسى باشلانغۇچ ساۋات دەرىجىلىك دەرىسلىكلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىدا ھازىرغىچە مۇزىكىنى ئىجتىمائىي پەن دەپ قارايدىغان بىر توپ گالۋاڭلار مەۋجۇت بولۇپ، دۇنياۋىي مۇزىكا ئىلمىدىن قىلچە خەۋەرسىز، ئۇ يەردە مۇزىكا جۇغراپىيسى، مۇزىكا فىزىكىسى، ئاكتىۋال فورمۇنىيە قاتارلىق پەنلەر مەۋجۇت ئەمەس.
" A- _' R6 B$ W5 T3 Q, @; [( C4 p زىكرى ئەلپەتتا، قۇددۇس غۇجاميارۇپ، ئىسكەندەر سەيپۇللا، غىياسىدىن بارات قاتارلىق بىر تـۈركۈم كەسىپچان مۇزىكا مۇتەخەسسلىرى ۋە ئالىملىرىمىز بىزدىن ئاللىقاچان ئايرىلغان بۈگۈنكى كۈندە سەنئەت گوياكى شەيخسىز مازارغا ئايلىنىپ قالماقتا.
# c/ O0 ]8 m& N3 N8 I j مۇنداق بىر رىۋايەت بار:
3 Z& p5 a6 l9 I3 a ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىلى دىيارىدا ياشاپ ئۆتكەن ئېلاخۇن كۆك كۆز دەيدىغان مەشھۇر بىر كىشى بولۇپ، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ئۆتكەن ئـۇيـغـۇر مۇزىكا پىرى سۇجۇپنىڭ يەتتە كۈي، بەش ئاھاڭ نەزىريىسىدىن تارتىپ، «ئون ئىككى مۇقام» ۋە بارلىق ئـۇيـغـۇر ئەلنەغمە سەنئىتىدە كامالەتكە يەتكەن پىشىۋا غەزەلخان ئىكەن.
" i0 F, n/ R9 s كۈنلەردىن بىر كۈنى يۇرت ئارلاپ كېتىۋېتىپ بىر دېھقاننىڭ ئېتىزلىقتا قۇغۇن پىلەكلىرىنى ئارىلاپ يۈرۈپ ئېيتىۋاتقان ناخشىسىنى ئاڭلاپ قاپتۇ. بايقۇغىدەك بولسا دېھقاننىڭ توۋلاۋاتقىنى ئۆزىنىڭ ئىجات قىلغان ئەسىرى ئىكەن. ئەمما دېھقان ئاھاڭنى ناھايىتى بۇزۇپ ئېيتىۋاتقان ئىكەن. شۇ چاغدا ئۇ زاد قۇغۇنلۇققا ئوقتەك ئېتىلىپ كىرىپ گۈرجەك بىلەن ئەمدىلا سويما تاشلىغان پىلەكلەرنى يۇلۇپ، چۈنەكلىرىنى بۇزۇشقا باشلاپتۇ. دېھقان ھەيرانلىق ئىلكىدە ھاڭۋېقىپ قاراپ قاپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن ئېسىگە كەلگەن دېھقان ئالدىغا ئۈتۈپ سۆز باشلاپتۇ. ھەي ئوغرى بىر ئەتىياز ئەجىر قىلىپ مىڭ بىرجاپا-مۇشاققەتتە بولدۇرغان قۇغۇنلىقىمنى نېمە سەۋەپ بىلەن پايخان قىلىسەن؟ دەپ سوراق قىپتۇ.5 `) `! m8 c0 d# H4 _7 ?- m
بۇ چاغدا پىشىۋا: مەن يولدىكى چاغدا سەن نېمە قىلىۋاتقان ئىدىڭ؟ دەپ ياندۇرۇپ سوراپتۇ.
: P. G" a0 e* C' `" i دېھقان: مەن قۇغۇنلۇقنى ئارلىغاچ ناخشا ئېيتىۋاتاتتىم، دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
' l& ]# Z v2 U+ i' g: G3 X پىشىۋا: ئۇ ناخشا كىمنىڭ ناخشىسى بىلەمسەن؟
( o0 {& h3 U7 Y$ \ دېھقان: ئېلاخۇن كۆك كۆزنىڭ!
5 F2 X9 k/ \: G; g! z+ A8 g3 X' a8 y پىشىۋا: سەن مېنىڭ ناخشامنى خالىغانچە بۇزۇپ ئېيتساڭ بولىدىكەنۇ مەن سېنىڭ قۇغۇنلۇقۇڭنى بۇزسام بولمامدىكەن؟
) _( H: D9 \- f" J
0 J( j% W& \4 [2 z) C9 d" t8 {5 @5 k$ m2 H! `; N% S3 }( c2 v& G, [
بۇ چاغدا دېھقان ئالدىدا تۇرغان كىشىنىڭ ئېلاخۇن كۆككۆز ئىكەنلىگىنى پەملەپ دەررۇ چۈنەگلىكتىن تورلاشقان قۇغۇندىن بىرنەچچىنى ئۈزۈپ كېلىپ، ئۆزرە سوراپ، بۇندىن كىيىن ناخشىنى بۇزۇپ ئېيتماسلىققا ۋەدە بېرىپ، پىشىۋانى چىرايلىق مېھمان قىلىپ ئۇزىتىپ قويۇپتۇ.7 |& E; V6 f, w7 v: }- s' p
خوش، كۈنىمىزدە يۇقىرىقىدەك رېئال مەسىللەرگە دادىللىق بىلەن رەدىيە بىرەلەيدىغان تەلەپچان ئۇستازلار بارمۇ؟ مەسئۇلىيەتچان شاگىرتلار قەيەردە؟ ئەجىبا ئۇلارنى بازار يەۋەتتىمۇ؟ سەنئەت ئوبزورچىلىرى نەگە كەتتى؟3 J- ^7 d, d* I |$ O' V+ D/ _
نەشىر ئەپكارلاردا ئاندا-ساندا كۆزگە چېلىقىدىغان سەنئەت تىپىدىكى يازمىلار ناخشا تېكىست تەھلىلى بىلەنلا تۈگەللىنىدۇ. گارمۇنىيە، قىسقىسى بىرەر چالغۇدىنمۇ خەۋىرى بولمىغان يازغۇچى شائىرچاقلارنىڭ ناخشا-مۇزىكا ھەققىدە بىلجىرلاشلىرى، ھەممە ئادەم سەنئەتچى، سەنئەت كۆپ بولۇپ كەتتى، دېگەندەك ۋايساشلىرى مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىنڭ ئاكتىپلىقىنى بوغۇپ ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئۈمۈتسىزلىك كەيپىياتى تۇغدۇرماقتا.
' q! w# g/ U9 B$ r/ T6 g مەسىلە، بۇ يەردە سەنئەتنىڭ كۆپ بولۇپ كەتكىنى ئەمەس بەلكى سەنئەتنىڭ بولمايۋاتقىنىدا!( e& F- L- X2 R. d. r2 v
ئـۇيـغـۇرلار سەنئەتكە بېرىلىپ كەتتىمۇ؟ بىز ئۆزىمىز ياشاۋاتقان يېزىلارغا قاراپ باقايلى، ئاشۇ چوڭ بىر يۇرتتا، ئەھلى جامائەت ئىچىدە سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نەچچە ئادەم بار؟ مېنىڭچە سەنئەتكە بېرىلىپ كەتكەن ئادەم قاتناش ھادىسىسى بىلەن ئۆلۈۋاتقانلاردىن چوقۇم ئاز. شۇنچە ئادەم قاتناش ھادىسىسىن ئۆلۈپ كېتىۋاتسا، نىمىشقا بىرەر كىم چىقىپ ماشىنا ھەيدەشكە بولمايدۇ، دەپ ماقالە يازماي يەنىلا سەنئەتكە بېرىلىپ كېتىشكە بولمايدۇ دەپ ماقالە يازىدۇ؟ دېمەك بۇ يەردىكى مەسىلە سەنئەتنىڭ زىيىنى ئەمەس، بەلكى بۇنداق قاراشتىكىلەرنىڭ شەخسىي شان شۆھرەت زىيىنى.
: R! p [, z1 t, k# T, o دۇنيادا سەنئەتكە ئەڭ بېرىلگەن دۆلەت ئامېرىكا، جۇڭگومۇ جان جەھلى بىلەن كۈچەۋاتىدۇ. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ سەنئەت بىلەن تۈگىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرمىدىم. دۇنيادىكى چوڭ چوڭ سەنئەت فېستىۋاللىرىدا، مەسىلەن ئوسكار كىنو مۇكاپاتى، گانا مۇكاپاتى، گېرەمىي ناخشا مۇكاپاتىدا قىزىل گىلەم ئۈستىدە مېڭىپ يۈرگەنلەر ئارىسىدا قاچان ئـۇيـغـۇر پەيدا بولۇپ باققان؟ بىر قىسىم كېسەللەرنىڭ ئـۇيـغـۇرلار سەنئەتكە بېرىلىپ كەتتى دەپ قاخشىشى نېمىدىن؟ سەنئەتچىلەرنىڭ شۆھرەت تېپىپ كېتىشىگە بولغان چىدىماسلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. 3 e, _/ C! f3 D$ G
5 U3 I& d* C6 _! H% s) L( u- ^( H; S B$ V) H# k% C& l
بەزىلەرنىڭ پىكرىچە، ئـۇيـغـۇرلار سەنئەتكە بېرىلىپ، تەبىئىي پەنگە بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئارقىدا قاپتۇ. ئەمەلىيەتتە بىزدە خەلئارا سەھنىلەردە كىشىلەرنىڭ كۆزلىرى قاماشتۇرۇپ يۈرگەن، ئوسكار كىنو مۇكاپاتى، گانا مۇكاپاتى، گېرىمىي ناخشا مۇكاپاتىدا قىزىل گىلەم ئۈستىدە مېڭىپ يۈرگەنلەر يوق بولسىمۇ، لېكىن تەبىئىي پەندە دۇنياغا تونۇلغان ئالىملار ئاز ئەمەس. مەسىلەن: دۇنياغا داڭلىق ئالىملاردىن شۆھرەت مۇتەللىپ، ساھىبجامال دۆلەت، ئەركىن سىدىق، تاشپولات روزى، قاتارلىقلار خەلقئارا ئىلىم پەن ساھىسىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ دېققىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە.
- a$ d5 U7 q M% t1 b# q @4 _ شۆھرەت مۇتەللىپ، 1993-يىلىلا موسكىۋا تىببىي ئىرسىيەت ئىلىمى تەتقىقات مەركىزىدەدوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان بولۇپ، ئۇ 1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە ئامېرىكا ئۇتائۇنىۋېرسىتېتى ھايۋانات، مال دوختۇرلۇق ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى بۆلۈمىدە دوكتور ئاشتىتەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. 1998-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە ئورىگون شىتاتىساغلاملىق ۋە ئىلىم-پەن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئورىگون شىتاتى دۆلەتلىك پرىماتلارتۈرىدىكى ھايۋاناتلار يادرو كۆچۈرۈش ۋە غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 2007-يىلىدىن ھازىرغىچە ئامېرىكا ئورىگون شىتاتى ساغلاملىق ۋەئىلىم-پەن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئورىگون شىتاتى دۆلەتلىك پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلاريادرو كۆچۈرۈش ۋە غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىدە مۇئاۋىن مۇدىر، تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تەھرىردىن ئۆتكەن (خەلقئارادا ياكى ئامېرىكىدىكى يىغىنلاردائوقۇغان ماقالىسىدىن سىرت) ماقالىسى 26 پارچە، 4 پارچە كىتاب يازغان. بىر پاتېنتى بار. ھازىر 6 تەتقىقات تۈرىنى ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر ھايۋانلارنىڭ گېن تەرەققىياتى ۋە تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا.
, K2 x3 S( @4 R- { دۇنياغا تونۇلغان تەتقىقات مەركىزى، ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى سۈنئىي ھەمراسىنى ياساپ چىققان، تۇنجى قېتىملىق ئالەم ئۇچقۇرىنى ئايغا چىقارغان، ناسا ھاۋا قاتناش ۋە ئالەم بوشلۇق تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدا، پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر خىل مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان 1700 دوكتورنىڭ ئىچىدە ئالىي دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئەركىن سىدىق ئىسىملىك بىر ئـۇيـغـۇرمۇ بار. ئۇمۇشۇ ئىدارىدىكى تـۈركىي مىللەتلىرىدىن كېلىپ چىققان بىردىن بىر يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكا خادىمى. ئۇ ھازىرغىچە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خەلقئارا ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى ۋە ژۇرناللىرىدا 60 پارچىدىن كۆپ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ھازىر شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئامېرىكا دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغان ئىشلار بولۇپ، ئۇلار توغرىسىدا ئىدارە سىرتىدا سۆزلەشكە، ياكى ئۇ توغرىسىدا ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى ئېلا نقىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغان بولسىمۇ، دۇنياۋى تېخنىكا ساھەسىدە ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋاقتىنىڭ پەقەت 20 پىرسەنتىدە ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتى بويىچە، 2006- يىلى بىر يىل ئىچىدىلا، خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات ژۇرنىلىدا ئۇ جەمئىي 3 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى.2 X" C$ v0 T9 X$ o. Y3 E J
ساھىبجامال دۆلەت 1995-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە ئىتالىيەنىڭ تىرىياست شەھىرىدىكى ئىتالىيە خەلقئارا نەزەرىيە فىزىكىسى مەركىزىنىڭ يۇقىرى ئېنېرگىيە فىزىكىسى گۇرۇپپىسىدا ماگىستىر ئاسپىرانتلار دەرسلىكى بويىچە بىر يىل بىلىم ئاشۇرغان.1996-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنى بىلەن گېرمانىيە بونن ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ تەشكىللىگەن دوكتورلۇق ئوقۇش نۇقتىسىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 2000-يىلى 8-ئايدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىدا ئىككى ئۆلچەملىك كۋانت مەيدان نەزەرىيىسى ساھەسىدە ئۇزۇندىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان قېيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، دۇنياۋىي تەسىرقوزغىغان دىسسېرتاتسىيەسى ئارقىلىق دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا، 2004-يىلى دوكتور ئاشتىلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە دۆلەت تەتقىقات مەبلىغى ئاجراتقان تەتقىقات تۈرىدىن ئىككىنى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېڭىلىق يارىتىش تۈرىدىن بىرنى تاماملىغان. ئۇ ھازىر ئىتالىيەخەلقئارا نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھەمكارلاشقۇچى ئەزاسى.
; s* g* W& |1 l7 _ يەنە ئـۇيـغـۇر ماتېماتىكا ئالىمى، لوس ئانژېلىس خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى تاشپولاتروزى قاتارلىق ئالىملاردىن باشقا يەنە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە تەبىئىي پەن ساھەسىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان يەنە نۇرغۇن ياش ئـۇيـغـۇر يىگىتلەرمۇ بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ كەلگۈسىدە ئەركىن سىدىق، شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە ساھىبجامال دۆلەتلەردەك دۇنياغا تونۇلغان ئالىملاردىن بولۇپ چىقىدىغانلار چوقۇم بار. ئەمدى بىز ئەدەبىيات سەنئەتكە قاراپ باقايلى. ئەدەبىيات سەنئەت ساھىسىدە دۇنيا تونۇلغان، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەدەبىيات سەنئەت ساھەسىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان قايسى ئـۇيـغـۇر بار؟ - w7 L) `; M# c8 ]: h+ T
ئەمەلىيەتتە، داۋرىڭى كۆپ بولغاچقا كۆزىمىزگە بەك كۆرۈنۈپ كەتكەن بىلەن مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيىتىدە ئەڭ راۋاج تاپمىغان ۋە ئەڭ كەينىدە قالغان كەسپ سەنئەتتۇر.
5 Z( r6 _4 W" `% h. [8 y* Y8 `0 S ئـۇيـغـۇرلار سەنئەت بىلەن بەك شۇغۇللىنىپ كەتتى دەپ مەخسۇس ئوبزور يېزىپ، نۇتۇق سۆزلەپ يۈرگەن ئادەمنىڭ پىسخىكىسى زادى قانداق بىر پىسخىكا. ئۇ مىللەتنىڭ كۆيۈنگۈچىسى بولسا، مىللەتنىڭ بىرەر كەسپىنى − مەيلى ئۇ قايسى كەسىپ بولسۇن، يوقۇتۇش ئىشتىياقىدا يانماستىن، ئۇنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ غېمىنى قىلغان بولاتتى. بىر ئادەمنىڭ كىشىلەرنىڭ بەك شۇغۇللىنىپ كەتكەن ساھەسى بىلەن قېلىپ، بۇساھەنى تۆۋەنلىتىش ئىستىكى بۇ ئادەمنىڭ پىسخىكىسىدىكى ئېغىر كېسەلنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. ئۇ ئالماقچى بولغان مىللەتكە كۆيۈنگۈچىنىڭ رولى مەلۇم ساھەدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ كېتىلدى دەپ قاراپ ئۇنىڭدىن بىئارام بولۇشتا ئىپادىلەنمىسە ئاندىن بىز ئۇنى رولنى قاملاشتۇرۇپ ئېلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان بولاتتۇق. M3 Q1 q- E4 }% A. [
يېقىندا توردا بىراۋ يازغان «ناخشا - ئۇسسۇل ئەڭ خەتەرلىك بىھوشلاندۇرۇش دورىسى»دېگەن ماقالىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. بەزىلەر توردىكى ماقالە ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ كېتىشنىڭ نېمە ھاجىتى دەپ قارىشى مۇمكىن. مېنىڭچە توردىكى بەزى يازمىلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلماي بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق ماقالىلار ئاز بولمىغان كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشىغا ۋەكىللىق قىلىدۇ. رەسمىي گېزىت ۋە ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغاندەك نوپۇزلۇق بولمىسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ ئىنكاسلىرى ۋە قىزىقىشلارغا قاراپ ئۇنىڭ ئايرىم بىر ئادەمنىڭ قارىشى ئىكەنلىكىنى ياكى بىر پىكىر ئېقىمى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ ماقالىغا ئوخشاش ماقالىلار توردا ئىنتايىن كۆپ بولۇپلا قالماي يەنە بۇ خىل پىكىرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىمۇ ئاز ئەمەس.
~9 O8 K* d- E2 ~ ئەسلىدە بۇنداق غەيرى ئەقلىي مەسىلىلەردە باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلىشىش ئاخمىقانىلىق ئىدى، ئەسلىدە مۇنازىرىلىشىپ يۈرمەي، ئۇنداق ماقالىنى چوقۇم ياخشى ساقلاپ قويۇپ، پەقەت ئىنسانىيەت تارىخىدا مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىدىغان غەيرىي ئىنسانىي كىشىلەرنىڭ ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىساق ۋە كېيىنكىلەرگە خاتىرە قالدۇرساقلا كۇپايە ئىدى. چۈنكى بۇ ھەقتە مـۇنـازىـرە قىلىش ئۇنى مەلۇم جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىش بولۇپ قالاتتى. بىر نورمال ئىنساننىڭ سەنئەت بىھۇش قىلغۇچى زەھەرلىك بۇيۇممۇ ئەمەسمۇ دەپ مۇنازىلىشىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ سىز مۇنازىرىلەشكەن ئىكەنسىز دېمەك سىز بۇنى بىر مەسىلە دەپ ئېتىراپ قىلغان بولىسىز.) }! `" \( O3 o
مەن ئىشىنىمەنكى، «سەنئەت زىيانلىق، سەنئەت مىللەتنى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىدۇ»دەيدىغان بۇنداق بىمەنە گەپلەر غەلىتە ۋە ئەقىلگە قارشى گەپلەردىن تولا مەست بولۇپ بىمەنىلىكىنى سەزمەس بولۇپ كەتكەن بىزلەرگە غەلىتە تۇيۇلمىغان بىلەن، ئەتراپىمىزدىكى تـۈركلەردىن بولغان قازاق قىرغىزلار ئاڭلىسىمۇ يۈزىمىزگە سەت. ئۇلار بىزنى كۈندىلىك تامىقىغا نېمە يەۋاتقاندۇ دەپ قالىدۇ. شەرقتىكى ياپونلاردىن تارتىپ، ياۋروپا ئامېرىكىلىقلارنى قويۇپ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئىپتىدائى ھالەتتە ياشاۋاتقان ئوتتۇرا ئافرىقىلىقلارمۇ بۇ گەپنى تەرجىمە قىلىپ بەرسىڭىز ئاڭلاپ، دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ ئاخمىقانىلىك ۋە ساراڭلىق بىلەن پىكىر قىلىدىغان ئەزالارغا ئىگە بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ھېچكىمنى ئىشەندۈرگىلى بولمايدۇ. مېنىڭچە مۇشۇدۇنيادا، مۇشۇ دەۋردە ناخشا - ئۇسۇلنى زەھەرلىك بىھۇش قىلغۇچى دورا دەپ قارايدىغانلارنىڭ مەۋجۇتلىقى ئىنسانىيەتنىڭ جاراھىتى ۋە نومۇسى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئـۇيـغـۇرلارلا ئەمەس پۈتۈن ئىنسانىيەت نومۇس قىلىشى كېرەك. چۈنكى بۇ ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئىتى ۋە روھىغا قىلىنغان ھاقارەت. # J$ _- } W5 r* n& T' T8 w
ھېلىقى ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ناخشا - ئۇسسۇل ھېسسىياتقا مايىل مىللەتنى ياكى ئىنساننى ئاسانلا كاردىن چىقىرىدۇ». بۇ يەردە بىر مىللەتنى ھېسسىياتقا مايىل مىللەت دەپ ئاتاپلا قالماي يەنە ئۇنى سىگانلار بىلەن سېلىشتۇرغان.6 D3 d$ B7 ^" d3 m2 B8 s
مەسىلەن بىز سىگانلار ھەققىدە «دۇنيا مىللەتلىرى» دېگەن كىتابتا بېرىلگەن ئۇچۇرلارغا قاراپ باقايلى:
3 s& m* X z! |; P«سىگانلارنىڭ بەش مىليونى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى، ئىسپانىيە، ۋېنگىرىيە، بۇلغارىيە، گرېتسىيە، فىنلاندىيە، رۇمىنىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، سلوۋاكىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شۋېتسارىيە، ئالبانىيە، ماكېدونىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان؛ بىر مىليون توققۇز يۈزمىڭى شىمالىي ئامېرىكا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان؛ بىر مىليونى ئوتتۇرا شەرق، تـۈركىيە، بېنگال، ھىندىستان ۋە شىمالىي ئافرىقا ئەللىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان…»
8 S' J3 I2 H* f" }" q/ f ناھايىتى روشەنكى ئـۇيـغـۇرلار بۇنداق سەرگەردان ئەمەس، ئۆز زىمىنىدا ياشاۋاتقان بىر خەلق. سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە سىگانلار بىلەن ئـۇيـغـۇرلارنى سېلىشتۇرۇشقا قادىر ئەمەسمىز. چۈنكى ئـۇيـغـۇرلار ئورتاق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھالەتكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن سىگانلار ئۇنداق ئەمەس. ھەرقايسى رايونلاردا ياشىغان سىگانلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى بىر بىرىدىن پەرقلىنىشى مۇمكىن.3 i. d8 S, L1 @8 b) x- ?
«سىگانلار رومان تىلىدا سۆزلىشىدىغان روم گۇرۇھى، سىنتو تىلىدا سۆزلىشىدىغان مانوسلار گۇرۇھى، كالو تىلىدا سۆزلىشىدىغان كالو گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ گۇرۇھقا ۋە لوۋئارا، ماكۋايا، كادېراشا، چورارالاردىن ئىبارەت تۆت چوڭ قەبىلىگە بۆلۈنىدۇ، قەبىلىلەر ئارا پەرقمۇ خېلىلا چوڭ.»; x w9 v6 o& H9 q( H) C
ناھايىتى روشەنكى ئـۇيـغـۇرلاردا گورۇھلار ياكى قەبىلىلەر يوق. l* F& S. D" n5 V5 r+ f' M
«سىگانلارنىڭ ئەرلىرى تۆمۈرچىلىك، ئاتچىلىق، لاۋازىمەتچىلىك، مۇزىكانتىلىق قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاياللىرى پال ئېچىپ رەم بېقىش، سېھىرگەرلىك قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. سىگانلار ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر كېلىدۇ. سىگانلارنىڭ كۆپ قىسمى ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ، يۇرت - ئارىلاپ، جاھان كېزىپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن. شۇڭا بۇ مىللەت رومانتىك ۋە سىرلىق تۈس ئالغان بولۇپ، تارىختىن بۇيان يازغۇچىلار، شائىرلار ۋە مۇزىكانتلارنىڭ دائىملىق ئىجادىيەت تېمىسى بولۇپ كەلگەن.»2 ]$ q: e7 ~* d$ y8 J
«سىگانلار بۇرۇن دائىم يۇرت ئارىلاپ كۆچۈپ يۆتكىلىپ يۈرگەنلىكتىن، ئۇلاردا باشقا مىللەتلەردەك مۇقىم تۇرار جاي بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆيى - سەپەر ئۈستىدەھارۋا، قونالغۇ ئۆتەڭلەردە ۋاقىتلىق قۇرۇلغان چېدىر يەنى كېگىز ئۆيدىن ئىبارەت».
( Q; K# m$ \; B" b بۇ يەردە تەسۋىرلىنىۋاتقان سىگانلارغا ئـۇيـغـۇرلارنىڭ نەرى ئوخشايدۇ؟ ئـۇيـغـۇرلار كۈنلىرىنى ھارۋىلاردا ئۆتكۈزەمدۇ؟ ئـۇيـغـۇرلارنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى يوقمۇ؟ قەشقەردىكى ئالدى مىڭ يىللىق كەينى نەچچە ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە ئولتۇراق ئۆيلەر ئـۇيـغـۇرنىڭ ئەمەسمۇ؟ پەقەت ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر دېگەن تەرىپلەشلا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.. e* ]( o5 z7 u3 @ M2 l5 i6 s8 l
«دۇنيا مىللەتلىرى» دېگەن كىتابتا يەنە مۇنداق ئۇچۇرلار بار:
2 R& K: F+ J0 N a0 B( _9 @ «سىگانلار تۇغما مۇزىكا تالانتىغا ئىگە مىللەت بولۇپ، تارىختا سىگانلارنىڭ ئۆزئىچىدىن نۇرغۇنلىغان مەشھۇر كومپوزىتور، مۇزىكانتلار يېتىشىپ چىققان. مەسىلەن: گىتار پىرى مانىتىس، كومپوزىتور رېمىي قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق مۇزىكانتلارشۇلارنىڭ ۋەكىللىرى ھېسابلىنىدۇ. ۋېنگرىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى سىگانلار مۇشۇ ئەللەر مۇزىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان». 3 O; K; {% l8 l$ g( T% h
تۇرمۇشىمىز سىگانلاردىن ياخشىمۇ ياكى ناچارمۇ بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلمەيمىز. لېكىن بۇ قۇرلارنى ئوقۇغىنىمىزدا بىز ئىختىيارسىز بىر بىرىمىزدىن مۇنداق سوراشقا مەجبۇر بولىمىز: ئـۇيـغـۇرلار ئىچىدە گىتار پىرى مانىتىس، كومپوزىتور رېمىي قاتارلىقلاردەك دۇنياغا داڭلىق مۇزىكانتلار بارمۇ؟
( g" O3 S$ d; d3 kبىر مىللەتنى شۇقەدەر كۈلكىلىك ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، يەنە مىللەتنىڭ غېمىنى يەۋاتىمەن دېگەن ئادەملەرنىڭ بۇ غەمخانىلىقىغا يەنە ئىشىنىدىغان ئادەملەرنىڭ مەۋجۇتلىقى بۇ دەۋرنىڭ ئەڭ چوڭقۇر تراگىدىيىسىدۇر.
0 _% h. V3 I3 h) U" n. E ^ يۇشۇرۇشقا بولمايدۇكى، بىزدە كەسپى ئىختىساس ئىگىلىرى تولىمۇ كەمچىل. گەرچە دۆلەت ئىلكىدىكى ھەر دەرىجىلىك كەسپى سەنئەت ئۆمەكلىرىدە بىر قەدەر غوللۇق بولغان كەسىپكارلار قۇشۇنى بار بولسىمۇ ئۇلار پەقەت پارتىيەنىڭ فاڭجىن-سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان نەدىملەر تىپىغا مەنسۈپ بولغاچ پائالىيەت رامكىسىنىڭ چەكلىكلىگى بىلەن ئاۋامنىڭ ئاۋازىغا ۋەكىل بولالمايدۇ. ئەمما بۇ يەردە ئېيتىلۋاتقىنى ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاۋام بىلەن بولغان ئارلىغى ئىنتايىن يېقىن ۋە بىرقەدەر كەڭرى پائالىيەت بوشلىقىغا ئىگە. بۇلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالىتى يوق، بىراق ئۇلار چاغداش ئېقىملاردىن خەۋەردار ئاۋانگارت سەنئەتكارلار ھىساپلانسىمۇ تەرىزى ئېنىق ئەمەس، كۆلەملەشمىگەن مەغلۇپ قوشۇندۇر., D4 Q' r4 D9 ~
دەرۋەقە جۇڭگودا پاپ مۇزىكا ساھەسىدىكى چولپانلار باي. روك، جاز ۋە باشقا ساھەدىكىلەر نامرات. بۇنداق بولۇشنى خەنزۇ خەلقىنىڭ مەدىنيەت ئارقا كۆرىنىشى ۋە ئۇمۇمى نۇپۇسنىڭ يەتمىش پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان دېھقان، ئىشلەمچىلەرنىڭ ئاڭلاش، تۇيۇش، ھېس قىلىش ئىقتىدارى ۋە روھىيەت ساپاسى بەلگىلىگەن. ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىدە بولسا دەل ئەكسىچە. ئۇنداقتا رايونىمىزدىچۇ؟7 h" L5 \& s4 R( n* b
«ئون ئىككى مۇقام» دىن ئىبارەت بۈيۈك مۇزىكا ئېراسىنىڭ غۇجىسى بولغان، تۇغۇمدىن-ئۆلۈمگىچە بارلىق قايغۇ-شادلىقىنى سېمفۇنىك سەزگۈلەرگە بىرلەشتۇرۇپ ئەزەلدىن مۇنبەت بۇ تۇپراقتا يىلىكى توق ئۆتكەن ئاقسۆڭەك ئـۇيـغـۇرۇمنىڭ مەنىۋىي ئىستېمال سەۋىيەسى ھەر ھالدا مۇزىكا ئىختىراچىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن كۆپ ھالقىپ كەتكەن.. W6 X- M$ b& h# {" W9 P5 \0 B
شۇنداق بولغان ئىكەن، بىز نېمىشقا ھەرژانىردىكى يۇقۇرى سۈپەتلىك سەنئەت مەھسۇلاتلىرىنى، ئىجادىي ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىشلەپ چىقىرالمايمىز؟2 `; E$ Q4 C4 J
ئەمىليەتتە كاپتالدىن ئىبارەت بۈيۈك سەنئەتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرمەي تۇرۇپ مۇزىكىدا خەلىقئارالىق سەۋىيەدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرنىڭ روياپقا چىقمىقى بەسى مۈشكۈل. ئادەتتە سەنئەتنىڭ مۇزىكىدىن باشقا ھەرقانداق بىر تۈرى زور ئىقتىسادىي بەدەل تەلەپ قىلمايدۇ. مەسلەن، رەسسام، بىر يۈرۈش بۇياق ۋە بىر پارچە قەغەز بىلەن مەشھۇر بىرئەسەرنى رۇياپقا چىقىرىشى مۈمكىن، پەقەت ئىلھام، تەسەۋۋۇر بولسىلا. شائىر، بىردانە قەلەم ۋە بىر ۋاراق قەغەز بولسىلا، يەنە بەدىئى دىتى بولسىلا كاتتا شېئىردىن بىرنى يېزىپ تاشلىيالايدۇ. باشقا تۈرلەرنىڭمۇ ھەشىمى كۆپ ئەمەس، پەقەت كومپوزىتورلا بىر ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ، ئۇنى ئوركىستىلاشتۇرۇپ، ئاۋازغا ئېلىپ، ماستىرلاپ، سۈزۈپ-تەڭشەپ باشقىلار ئاڭلىغۇدەك ھالغا ئەكەلگۈچە، ئەڭ بولمىغاندا ئون مىڭ سوم ئەتراپىدا ئىقتىسادىي چىقىم كېتىدۇ. ئەگەر ئۇنى خەلقئارالىق سەۋىيىدە سۈپەتلىك ئىشلەپ چىقارماقچى بولسا ھەتتا يىگىرمە–ئوتتۇز مىڭ سوم چىقىم كېتىشى مۈمكىن.' C4 Z d& Y- ]* o9 _" y4 P
ئامېرىكىدا مۇزىكا ئوينايدىغانلار ئاساسەن دېگۈدەك بايلار ۋە ئاقسۇڭەك كىشىلەردۇر. بىز ئـۇيـغـۇرلاردىمۇ تارىختا مۇزىكا بىلەن شوغۇللانغۇچىلار دۆلەت ئەركانلىرى ۋە ئاقسۆڭەك سەرخىللاردىن بولغان. جۈملىدىن فارابى، نەۋائى، بابۇر، سەئىدخان، فۇزۇلى، ئاماننىساخان قاتارلىق تالايلىغان دۆلەت ۋە جامائەت ئەرباپلىرىنى مىسال كەلتۈرىشىمىز مۈمكىن. ئەمما بىز نامرات يەر ئاستى مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى. سەنئەتكە بولغان ئىلاھىي ئىشىق بىزنىڭ بىردىن-بىر بايلىقىمىز.' Y% M, _8 M2 q. l0 J
يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قۇلىڭىزدىكى چالغۇغا نەزەر سالسىڭىز ئۇ سىزنىڭ بايانىڭىز ھەم پايانىڭىزدۇر.
/ L' j1 z5 p7 k3 z D ئاخىردا بارلىق كەسىپ ئەھلى ۋە مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىغا شۇنى چاقىرىق قىلىمەنكى، قانداق سەۋەپ، ئامىللاردىن قەتئىي نەزەر، گەرچە ئاچ قالغان تەغدىردىمۇ بىزدە ھەرتەرىزدىكى خاس بولغان مۇنتىزىم مۇزىكا ئەترەتلىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى كېرەك. سىزنىڭ تىلىڭىزدىن خەلقىمىز دۇنيادىكى رەڭدار مۇزىكا ئېقىملىرى بىلەن ئۇچراشسۇن.
* M9 S- J8 x' E W* n" V0 B' M بۇ ھۆكۈمەت قىلدىغان ئىش ئەمەس، بايلارنىڭ ئىشىمۇ ئەمەس. بەلكى بىزنىڭ يەنى مۇزىكا قىلغۇچىلارنىڭ بوينىمىزغا يۈكلەنگەن مۇقەددەس بۇرچتۇر. چۈنكى ئۇ بارلىق ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان بىر مەدىنيەتتۇر!
% D8 m+ `8 @; I- {" E ئىشىنىمەنكى، سىزدە سەنئەتكە بولغان توغرا تۇنۇش بولسىلا بىر مەزگىللىك جاپالىق جەريانلاردىن كىيىن، خەلقىمىز كۈز ئالدىدا ئۇرۇنلانغان زامانىۋىي ئوركىستىرنىڭ نەخ مەيداندىكى ئىنكاسى پۇغانىڭىزنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتىدۇر.: y1 d- M* F3 t$ K
; o& u3 s, q+ X3 L8 M4 P5 K
ئىككىنچى، خەتتاتلار، رەسساملار ھەر ھالدا كۈننىڭ سېرىغىنى كۆرىۋاتىدۇ
' i5 P; G# G$ i# {, K
5 |1 U8 S T: d0 ]& o0 I) C6 ?& g رەسساملار كۆزگە كۆرۈنىدىغان يەنى كۆرۈش سەزگۈسىگە تەۋە سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن ھەر ھالدا يامان ئەمەس كۈننى كۆرۈۋاتىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ رەسىمنى تەرجىمە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىدىن، ئۇنىڭدىن كۆزىلا بار بولغان ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆرەلەيدىغانلىقىدىن ئەمەس. كۆرۈش بىلەن لەززەتلىنىش پۈتۈنلەي باشقا گەپ. بەلكىم رەسىمدىكى ئەڭ ئىنچىكە مەدەنىيەت ئىلمىنتلىرىنى چۈشىنىش باشقا بىر تىلنى ئۆگىنىپ، شۇ تىلدىكى ئەدەبىي ئەسەرنى چۈشىنىش بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشىشىپ كەتسە كېرەك. بۇندىن ئون بەش يىللار ئىلگىرى مەلۇم بىر داڭلىق باي ئۆزىنىڭ رېستۇرانىغا مەشھۇر رەسسام نەجمىدىن ئەزىزىگە رەسىم سىزدۇرغان. نەجمىدىن ئەزىزى يېرىم يىل ۋاقت سەرپ قىلىپ مىڭ بىر جاپادا سىزىپ چىققان رەسىمنى كۆرۈپ باي مۇشۇمۇ رەسىم بولدىمۇ دەپ سەكرەپ كەتكەن. دېمەك ئۇ باي رەسىمنى زادىلا چۈشەنمەيدۇ. جۇڭگو تەۋىسىدە ۋە چەتئەلدە شۆھرەت قازانغان بۇ رەسسامنىڭ بىر ساۋادسىز بايغا ئەسەر يارىتالمىغانلىقى ئۇنىڭ رەسىمىدىكى مەسىلە ئەمەس بەلكى ئاۋۇ بايدىكى مەسىلە. رەسىم سەنئىتىنى چۈشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئازلىقىدىن رەسساملىرىمىزنىڭ ئەمگىكى ئۆز دىيارىدا خار بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا سەنئەت ساھىسىدە كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتماقتا. ئامېرىكا، گېرمانىيە، نورۋىگىيە، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە دىلمۇرات ئابدۇقادىر، نىجاد ھوشۇر، مەرۋايىت ھاپىز قاتارلىق ياش سەنئەتكارلارنىڭ رەسىملىرى كۆزگەزمە قىلىنىپ، ئالاھىدە تەسىر قوزغىدى.
# ]2 [# h, m# v1 j, l دىلمۇرات ئابدۇقادىرنىڭ ئىنتايىن ئابىستىراكت سىزىلغان رەسىملىرى ئىنتايىن تىپىك پوستمودېرنزم ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ رېئاللىقنى فوتو سۈرەتتەك قايتا ئەكس ئەتتۈرۈپ قويۇشنى پۈتۈنلەي رەت قىلىپ، ئىنساندىكى تۇيغۇلارنى ساپ ھالەتتە رەڭلەرگە سىڭدۈرىۋەتكەن. ئۇقۇملاشقان، شۇ ئارلاشقان بايانلاردىن ئۆزىنى تارتقان. بۇ رەسىملەرنى ئادەتتىكى بىر ئـۇيـغـۇرغا بىكارغا سوغا قىلسىمۇ ئالماسلىقى مۇمكىن. ئۇنى ئەمەس، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت رەسىم ھېسابلىنىدىغان «ئاپتاپپەرەس» ناملىق رەسىمنى ئـۇيـغـۇرلار ئىچىدىكى ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس بىرەر داڭلىق زىيالىغا بىكارغا سوۋغا قىلسىمۇ، ئايالىنىڭ تامنى زىدە قىلدىڭ دېيىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆيىگە ئاسالماسلىقى مۇمكىن. بۇ رەسىمنى 80- يىللاردا ياپونىيەنىڭ پاناسونىك شىركىتى يۈز مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغان. شۇندىن بېرى ئۇلار بازارغا سالغىنى يوق. شۇڭا، ھازىر بازارغا سېلىنسا نەچچە پۇل بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۇرمۇ قىلغىلى بولمايدۇ.5 [2 L5 i+ y0 Q7 e9 o6 ^
ئۈچىنچى، مۇزىكىدىن قالسا ئەڭ يۈكسەك سەنئەت ھېسابلىنىدىغان ئۇسسۇل سەنئىتى ئـۇيـغـۇرلاردا نۆۋەتتە ئىنتايىن دەپسەندە ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ئۇسسۇل سەنئىتى بەدەن ۋە چىراي گۈزەللىكىنى تەلەپ قىلىدىغان سەنئەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا شەھۋەتخورلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بىمارلارنىڭ تىكىلىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. لېكىن ئۇنى ئاشۇ بىمارلارنىڭ كۆزىدىن ساقلاپ يۈكسەكلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغىنى يەنىلا ئىجتىمائىي فورماتسىيەدۇر. بىزنىڭ دەۋرىمىزدە مۇشۇنداق نەرسىنىڭ كاملىقىدىن ئۇسسۇل سەنئىتى خارلانماقتا. سەنئەت سەۋىيىسىلا ئەمەس ئەخلاقىي سەۋىيىسىمۇ تۆۋەن بولغان بەزى كىشىلەر ئۇسسۇل سەنئىتىنى يات شەھەرلەردە، يات مىللەتلەرگە سېتىپ ياشاش يولىنى تاللىغان. يەنە بىر جەھەتتىن بۇ سەنئەت ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتە كۆپىنچە ئۇسسۇلچىلارنىڭ سەھنە ھاياتى ئوتتۇز بەش ياشلاردا ئاخىرلىشىشقا يۈز تۇتىدۇ. شۇنداق بولغاچقا نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ئۇسسۇلچىلار بىردەمدىلا سەھنىلەردىن ئىرغىتىپ تاشلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاشۇ قىسقىغىنە سەنئەت ھاياتىدا جەمئىيەت تەرەپتىن ئېرىشكەنلىرى جىق بولغان بولسا، ئۇلارنىڭ سەھنە بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىنكى ھاياتىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولغان بولاتتى.: h) d+ t* N" W$ X" p( `& Q
تۆتىنچى، كىنو، تېلىۋىزىيە، ئېكران سەنئىتى تۇنجۇقماقتا$ v9 y1 h6 p* [! N7 J, M
كىنو، تېلىۋىزىيە، ئېكران سەنئىتى بىر تەرەپتىن بىيۇكراتلارنىڭ خىلمۇ خىل توسالغۇسى تۈپەيلىدىن راۋاجلىنالمىسا، يەنە بىر تەرەپتىن تاماشىبىنلارنىڭ سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى ناچار ۋە قولنىڭ ئۇچىدا ئىشلىگەن، بەدىئىيلىكى تۆۋەن، ھەتتا بەدىئىيلىك دېگەندىن سۆزمۇ ئاچقىلى بولمايدىغان فىلىملەرنىڭ يامراپ كېتىشى تۈپەيلىدىن تۇنجۇقماقتا. Y: v/ v- N8 }$ X7 Y
خۇلاسىلىغاندا، سەنئىتىمىز ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەپقاچتى گەپلەر، يالتىراق، كىشىنى جەلب قىلىدىغان، ھاياجانلىق قۇرۇق گەپلەر، ھاياتىنى بىرەر نەرسىنى يوقاتسا خوش بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان، بىرەر نەرسە ئىجاد قىلىنسا قاخشاپ قان يۇتىدىغان بىمارلارنىڭ زەھەرخەندە سۆزلىرى، كىشىلەرنى ئاجايىپ غارايىپ گەپلەر بىلەن تاڭ قالدۇرۇشنىلا ئويلايدىغان كىشىلەرنىڭ تۇيۇقسىز كاللىسىدىن كېچىپ قالغان كارامەت گەپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، سەنئىتىمىزنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە ئويلىنىش ئىنتايىن زۆرۈر.
, z2 w$ I! u7 c: l; r7 o7 H مەن بىرەر ئىشنى مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك غايەت زور ئىش قىلىپ كۆپتۈرىۋېلىشنى ياقتۇرمايمەن. خۇددى قۇشقاچنىڭمۇ ھەممە ئەزاسى بار بولغىنىدەك، شۇنداقلا ئۇنىڭ نورمال ياشىشىدا ھەممە ئەزاسى كېرەك بولغاندەك، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىدە ھەممە كەسپ كېرەكلىك. بۇ مىللەت سەنئەت بىلەن ئاسمانغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ. شۇنداقلا يەنە بەزى كىشىلەر تەشەببۇس قىلغاندەك سەنئەتنى يوقتىۋېتىش ئارقىلىقمۇ تەرەققىي قىلىپ كەتمەيدۇ.
N: X4 |" T, x/ Z |
|