داڭلىقلارنىڭ كوچا رەسىملىرىدە داۋاملىق مۇنداق كۆرۈنۈشنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ... ھەرخىل ياسانغاندىن سىرت قولىدا يەنە بىر قۇتا ۋەياكى بىر بوتۇلكا ئىچىملىك... 

ھەممەيلەن ياقتۇرىدىغان بۇ زادى نېمە ئىچىملىك؟ ....... سىتار باكىس Starbucks قەھۋەلىرى ۋە ئىچىملىكلىرى!! قىزىقامسىز؟ داۋامىنى كۆرۈڭ ئەمىسىە...  قەھۋە ئىچىشنى ياقتۇرىدىغانلار starbucks بىلەن چوقۇم خېلى تونۇشلۇق دەپ ئويلايمەن..مەيلى سىز بار جايدا ئۇنىڭ دۇكىنى بولسۇن بولمىسۇن، ئەگەر قەھۋە ھەۋەسكارى بولسىڭىز بۇ ماركىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ... تۆۋەندە starbucksبىلەن يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تونۇشۇڭ... 
سىتارباكس دېگەن بۇ نام ئەڭ دەسلەپتە 19-ئەسىردىكى ئامېرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى Herman Melvilleخېرمەن مېلۋېل نىڭ "موبى دىك Moby Dick"ناملىق رومانىدىكى باش پېرسوناژ ئىسمدىن كەلگەن. 
starbucks قەھۋەچىلىكى 1971-يىلى ئامېرىكا سېئاتىل شەھەرىدە تۇنجى دۇكىنىنى ئاچقان..ئەڭ دەسلەپتە قەھۋە ئۇرىغى ۋە خۇشپۇراق ماتىرىياللارنى سېتىشتىن باشلىغان. 1987-يىلىغا كەلگەندە بازار ۋە پارچە سېتىشقا مەسئۇل بولغان Howard Schultz تۆت مىليون دوللار مەبلەغ بىلەن سىتارباكسنى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ،ئىتالىيەچە قەھۋەخانىلار شەكلىگە ئېلىپ كىرگەن. ھازىرقى سىتارباكىس دۇكانلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسى.... 1992-يىلى سىتارباكس تۇنجى بولۇپ نيويورك ناسداك پاي-چەڭ بازىرىغا كىرگەن مەخسۇس قەھۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان شىركەت... ھازىر دۇنيا مىقياسىدا 37 دۆلەتتە 13000غا يېقىن تارماق دۇكان ئېچىلىپ بولدى..145000غا يېقىن خىزمەتچسى بولغان زور قوشۇنغا ئايلاندى.. نۇرغۇن قېتىم بايلىق ژۇرنىلىFortune تەرىپىدىن ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كارخانا دېگەن ئاتاققا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە..
دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 30 خىلدىن ئارتۇق قەھۋە ئۇرۇقلىرى،قولدا ياسالغان Espresso قەھۋەسى..(قايسىڭلار ئامراق espressoغا..) ھەرخىل سوغۇق،ئىسسق قەھۋە ئىچىملىكلىرى،ھەرخىل تۈردىكى تورت ۋە تاتلىق تۈرۈملىرى شۇنداقلا قەھۋە ماشىنىلىرى ،قەھۋە ئىستاكانلىرى ...بۇلار ھەممسىى سىتارباكسىنىڭ ئەڭ ئالاھىدە ۋە ئالقىشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان مەھسۇلاتلىرى... 
قەھۋە ۋە ئىچىملىكلىرى ئومۇمەن بىر قانچە تۈرلەردە: HOT ESPRESSO ئىسسىق قەھۋەلەر ،مەسىلەن: ،Caffe latte,Cafe Americano,Cappucinoقاتارلىقلار.. (لاتۆ نى ياقتۇرىمەن...) يەنە بىر تۈرى:COLD ESPRSSO مۇزلۇق قەھۋەلەر.. مەسىلەن:Iced caffe mochaدېگەندەك... ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىدىغان تۈرى Frappuccino(بۇنىڭ ئىچىدىمۇ بىرمۇنچە تۈرى بار)... بۇنىڭدىن سىرت يەنە چاي تۈرلىرى،ئىسسىق شاكىلات ئىچىملىكرى دېگەندەك نۇرغۇن نەرسىلىرى بار بۇلارنىڭ... 
سىتارباكىسنىڭ logo سىدا ئەكىس ئەتكىنى 16-ئەسىردىكى Skandinavien سىكەندىناۋىيەننىڭ قوش قۇيرۇقلۇق بېلىقىزنىڭ سۈرىتى... سىتارباكىس قەھۋە قۇتىسنىڭ سىرتىغا بېسىلىدىغان ھەرخىل كىچىك پارچىلار بار تېخى.. 
....... سىتارباكىس توغرىلىق مۇشۇنچىلىك يازاي.. قەھۋەنى ياقتۇرامسىلەر؟ مەيلى سىتار باكس بولامدۇ ياكى باشقا قايسى ماركىدىكى قايسى تۈردىكى ... مەن ياقتۇرىمەن قەھۋەنى.. nestalنىڭ خالتىلىق قەھۋەسىنى ئىچىشنى ياقتۇرىدىكەنمەن،ئاددي ھەم قولايلىققۇ تەمىمۇ ياخشى.. سىلەرچۇ؟؟ قەھۋە توغرىلىق گەپ سۆزلەر بارمۇ؟ ئاخىرىدا سىتار باكىسنىڭ ئېلانىدىن 2 پارچە: (!!!They r so starbucks) رەسىم بەك جىق بولۇپ كەتتى بۇ تېمىدا... 

بۇ يازمىنى 2009-1-4 3:20:06 Ms.punk تەستىقلىغان! |