گۈللۈكتە Levi'sنى ياقتۇرىدىغانلار خېلى كۆپ دەپ ئويلايمەن. ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغۇڭلار بارمۇ؟ 
Levi'sلىۋايس ئامېرىكىنىڭ غەربىدىن كەلگەن داڭلىق ماركىلارنىڭ بىرى.1853-يىلى گېرمانىيىدىن ئامېرىكىغا كەلگەن يەھۇدى ياش سودىگەر Levi strauss سېتىلماي بېسىلىپ قالغان يىرىك قاتتىق ماتىرىياللىق رەختلەردىن بىر تۈركۈم تۆۋەن بەل،تۈز،بەل قىسمى چىڭ كەلگەن ئىشتانلارنى لاھىيلەپ تىكىپ،سان-فىرانسىسكودىكى ئالتۇن قازغۇچى ئىشچىلارغا سېتىپ بەرگەن.بۇ خىل ئىشتانلار ئادەتتىكى پاختا ئىشتانلارغا قارىغاندا پۇختا ھەم چىداملىق بولغاچغا،ناھايىتى تېزلا قىزغىن ئالىقىشقا ئېرىشىكەن. شۇ سەۋەبتىن،leviئەپەندى مەخسۇس يىرىك قاتتىق رەختتىن تىكىلىدىغان ئىشتانلارنى ئىشلەپ چىقىرىش ۋە سېتىش شىركىتىدىن بىرنى قۇرغان ۋە ئۆز ئىسمى Levi'sنى مەھسۇلاتلارغا ماركا قىلىپ بېكىتكەن.... levi'sمانا شۇنداق دۇنياغا كەلگەن.. 
كۆپىنچە ئادەملەرگە نىسبەتەن levi's لىۋايس بولسا بارلىق جىنىزلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۈلگىسى بولالايدۇ. كۆك رەڭدىكى جىنىز رەختى،بەل قىسمىغا تىكىلگەن خۇرۇم ماركا ،ئارقا يانچۇققا تىكىلگەن ئەرگىمە سىزىقلار،ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تۈگمە،كىچىك لاھىيلەنگەن levi'sنامى بېسلغان قىزىل بايراق ....بۈگۈنكى كۈندە جىنزلارنىڭ ئەڭ مۇھىم لاھىيە ۋە تەركىبلىرى ھېسابلىنىدىغان ئېلىمىنتلارنىڭ ھەممىسى levi'sنىڭ ئىجادىيەتلىرى..... 
1855-يىل،levi فىرانسىيىدىن ئېمپورىت قىلىنغان كۆك رەڭلىك جىنىزنىڭ رەختىنى ئىشلىتىپ،ئەڭ دەسلەپكى قاتتىق يىرىك رەخت ماتىرىياللىرىنى ئىشلىتىشنى ئسلاھ قىلدى شۇنداقلا ھازىرقى زامان جىنىزنىڭ رەڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئۇل سالدى. 1873-يىل ئالتۇن قازغۇزچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئالتۇنلارنى قېزىپ چىقىشىغا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە،levi'sئىشتانلىرىنىڭ كەينى يانچۇقلىرىغا ئۆزگىچە مىخ تۈگمە ئورناتتى. يەنە شۇ يىلى leviئەپەندى ئىشتانلارنىڭ كەينى يانچۇقىغا قوش ئەگمە سىزىق شەكلىدە تىكىلگەن لايىھىنى تىكىپ،ئۇنىڭغا Arcuate designدەپ نام بەردى. 
1886-يىلى،levi'sئىشتانلىرىنىڭ بەل قىسمىغا قوش ئاتنىڭ رەسىمى بېسلغان،خۇرۇمدا ياسالغان ماركا چاپلاندى.بۇ لىۋايس ئىشتانلىرىنىڭ چىدامچانلىقىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە لايىھلەنگەن..(يۇقىرىدا رەسمى بار). 1890-يىلى،Levi Straussشىركىتى ئەڭ دەسلەپتە ئىشتانلارغا رەقەم نامى بەردى....ئەڭ داڭلىق levi's 501 دەل بىرىنچى بولۇپ رەقەملەنگەن لايىھە. 
1936-يىلى،باشقا شىركەتلەرنىڭ ئىشتانلىرىدىن پەرقلىق بولۇش ئۈچۈن،ئىشتاننىڭ كەينى قىسمىغا levi'sنامى بېسلغان كىچىك قىزىل بايراق تىكىلدى. 
levi'sجىنىزلارنىڭ يېتەكچى ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئۈزلۈكسز يېڭىلقلارنى بارلىققا كەلتۈردى.1960-يىلى،لىۋايىسنىڭ سۇدا يۇغىلى بولىدىغان ئىشتانلىرى بازارغا سېلىندى.1967-يىلى،لابا شەكلىدىكى ئىشتانلىرى،1986-يىلى ئەڭ دەسلەپتە تۆشۈكچىلىرى ۋە يىرتىق لايىھەلىرى بولغان ئىشتانلىرىنى،پۇشقاقلىرىنى تۈرۈپ تىكىۋېتىلگەن ئىشتانلىرى،2003-يىلدىن تارتىپ بازارغا سالغان، ئۆزگىچە ئىشلەنگەن TYPE 1 TMئىشتانلىرى پۈتۈن دۇنيا تەۋەسىدە قىزغىن ئالقىشلارغا ئېرىشتى... 


levi'sنىڭ قىزىل بايراق شەكلىدە،ئارقا يانچۇققا تىكلگەن levi'sبەلگسىنىڭ يېنىدا ئادەتتە يەنە بىر يۇمىلاقنىڭ ئىچىگە ئېلىنغان Rھەرىپى بولىدۇ.ئەڭ دەسلەپتە كىچىك قىزىل بايراقنىڭ ئۈستىدە پەقەت Rھەرىپىلا بولغان،كېيىنچە levi'sدېگەن خەت قوشۇلغان. ھازىر R ھەرىپى يالغۇزلام بېسلىغان ئىشتان ھەر 1000 لىۋايسىنىڭ ئىچىدە پەقەتلا بىرسىدە بولىدۇ.شۇڭلاشقا،ئەگەر Rھەرىپى يالغۇز بېسلىغان لىۋايس ئىشتىنىڭىز بولسا چوقۇم ساقلاپ قويۇڭ..چۈنكى بۇنداق لىۋايسقا ئۇچراش 1000/1 بولغان ئېھتىماللىققا ئىگە.. 
يېقىندا، تەخمىنەن 100 يىللارچە تارىخقا ئىگە بىر قۇر levi's ئىبەي ebay دە كىمئارتۇق قىلىنىپ،ئاخىرى 17000دوللارغا سېتىلغان. بۇ لىۋايس كالىفورنىيىدىكى mojaveقۇملىقىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر ئالتۇن كانىدىن تېپىلغان بولۇپ،تېپىلغان ۋاقتىدا بىر قەغەز سومكىغا قاچىلاقلىق ھالاتتە بايقالغان،خالتىنىڭ ئۈستىگە مەلۇم دۇكاننىڭ نامى يېزىلغان،1895-1898يىللىرىدا ئىشلىتىلگەن لېۋايسكەن.. 
levi's نىڭ يانفونىمۇ چىقىپتۇ تېخى... 
levi'sنىڭ ھېكايىسى مۇشۇنچىلىك يېزىلدى...لېكىن ئۇ ئۈزلۈكسز ئەڭ داڭلىق،ئەڭ تونۇلغان ماركىلارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ مېڭىۋېرىدۇ...ئۇنىڭ شوئارى: I cannot choose the best,the best chooses me مەن ئەڭ ياخشىسىنى تاللىيالمايمەن،پەقەت ئەڭ ياخشىسىلا مېنى تاللايدۇ قىستۇرۇپ قويىدىغان يەنە بىر گەپ،مەنچە پادىچىلار ئىشتىنى دېمىسىمۇ بولغىدەك،بۇنداق دېيىشتكى سەۋەپ بەلكىم ئامېرىكا غەرىب رايونىدىكى پادىچىلارنىڭ دائىم كېيىۋېلىشدىن بولسا كېرەك...جىنىز دەپ ئالدىم شۇڭغا.jeans. ئالتۇنچىلارغا تىكىلگەن ئىشتان ئەسلىدە،پادىچىلارغا ئەمەس... 牛仔裤دېمەي،淘金裤دېسە بوپتىكەن ئەسلىدە... بۇ يازمىنى 2008-10-25 20:15:39 Ms.punk تەستىقلىغان! |