- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-9
- توردا
- 141 سائەت
- 经验
- 1 点
- 威望
- 433 点
- تىزىملاتقان
- 2011-2-22
- ھوقۇقى
- 100
- يازما
- 914
- تېما
- 4
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1
- UID
- 3633
  
|
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا josh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-26 09:59 7 N, q7 a: u8 K# t' C& e# K4 V
/ P- g3 L! P( @2 g5 j: \8 d«مەخپىي سودا»نىڭ بېشىنى كۆرۈش ھەقىقەتەن زېرىكىشلىك بىلىندى، ئىسلاندىيە ئىقتىسادى توغرىسىدا ئۇزۇندىن-ئۇزۇن مەنىسىز چۈشەندۈرۈشلەر ماڭا بۇ فىلىم ئادەتتىكى كەلسە-كەلمەس قاقشايدىغانلاردىن چىققان بىرنېمە ئوخشايدۇ دېگەن تۇيغۇغا ئەكىلىپ قويغىلى تۇردى. لېكىن چىداپ كۆرگەنسېرى ئىككى نەرسە مېنى قىزىقتۇرۇشقا باشلىدى:بىرىنى ئېنگىلىزچە massive interviews دەپ ئالساق بولار، زىيارەت قىلىنغانلار كۆپىنچە مۇشۇ ساھەنىڭ نوپۇزلۇقلىرى، ھەم ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىدە مۇھىم ۋەزىپە ئۆتىگەنلەر، كىتاپلارنىڭ ئاپتورلىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىدى.مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان زىيارەت قىلىنغۇچى بىر چوڭ قۇرۇقلۇق مۇتەخەسىسى بولۇپ، جوڭگو بانكا نازارەتچىلىك جەمئىيىتى دېدىمۇ ئىشقىلىپ شۇنداق بىر ئورگانغا تەۋە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئېنجىنىرلار بىلەن پۇل-مۇئامىلە ئېنجىنىرلىرىنى سېلىشتۇرغان بىر كەلىمىسى شۇنچىلىك شېئىرىي پۇراققا باي بولۇپ، يېنىمىزدا ياشاۋاتقان قېرىنداش مىللەتتىن بۇنچىلىك ئادەم چىقىدۇ دەپ ئويلىمىغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئەيىپلىك سانىدىم. ئەلۋەتتە بۇ خىل فىلىمدە زىيارەت قىلىنىشقا ھەممىلا ئادەم جۈرئەت قىلىۋەرمەيدۇ، قورقۇنچاقلارنىڭ ئىسمىنى پالانچى زىيارەتنى رەت قىلدى دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. بۇنىڭدىن كىمنىڭ قايسى مەۋقەدە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن؛ يەنە بىرى ئادەتتە كىنو فىلىملەردە ئاساسەن ئۇچرىمايدىغان بىر خىل شەكىل-- گىرافىكلار، بۇ گرافىكلار ئادەمنى خۇددى دەرسخانىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ، لېكىن ھەرگىز گرافىكلارنىڭ رولىغا سەل قارىماڭ، مۇشۇ گرافىكلارنىڭ ئىخچام، ئوبرازلىق چۈشەندۈرىشى بولغاچقىلا نۇرغۇن ئادەتتە كەسپ ئەھلى ئەمەسلەر ئېنىق ھېس قىلالمايدىغان كەسپىي ئۇقۇملارنىڭ ماھىيىتىنى (دىققەت ئېنىقلىمىسى ئەمەس، بەلكى ماھىيىتى، چۈنكى ئېنىقلىما پۇلدارلار ئۆزى تۈزگەن ياكى كەسپداشلىرىغا پارە بېرىپ تۈزگۈزگەن بولغاچقا بىزنى ئالدايدۇ) ھېس قىلالايسىز.
' p' X' y+ M j0 F, F6 \مەنمۇ بۇرۇن ئىزدىنىشتا كۆپ ئاڭلىغان «چىتلاق فوند»،«ئىككىلەمچى ئۆي قەرزى» ھەم گېزىتلەر شۇنداقلا باشقا فىلىملەردە تونۇشقان derivative دېگەندەك ئۇقۇملار بىلەن ھەقىقىي تۈردە بىلىشكەن بولدۇم، ھەم بۇ خىل derivative سودىلىرىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىپ، قانداق پۇل تېپىلىدىغانلىقى، خەتىرىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئېرىشتىم، شۇڭا بۇ تەرىپىنى فىلىمنىڭ ناھايىتى ئۇتۇقلۇق چىققان يېرى دەپ قارايمەن.
9 B6 Q" L' s% o9 \1 N
6 J7 s3 ^- G9 Hئەلۋەتتە فىلىمنىڭ ئۇتۇقلىرى يالغۇز بۇلا بولۇپ قالسا، ئاتايىتىن matt damonنى ياندىن بايان قىلغانغا تۇشلۇق ئىش بولماي قالار كۆرمىگەنلەر ئەگەر مېنىڭ سۆزلىرىمدىن فىلىمنى قۇرۇق نەزەرىيەلەر ھەم ۋەھىمىلىك تەھدىتلەرنىڭ يىغىندىسى دەپ ئويلاپ قالسا، كەچۈرۈم سورايمەن. فىلىمدە دراماتىك ئېلمېنتلار تولىمۇ قويۇق، ھەجۋىي يەرلىرىدە كۈلۈپ كېتىسىز، مەسىلەن قارشى پىكىردىكى ئىقتىسادشۇناسلارنى زىيارەت قىلغاندا سوئال سوراپ ئۇلارنى ئەپسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، بەزىلەر ھەتتا سوئالنىڭ سالمىقىدىن چىچاڭشىپ كېتىدۇ. تەسىرلىك يەرلىرىمۇ بار، جوڭگوغا ئاتايىن كېلىپ ئادەمسىز بولۇپ كەتكەن سېخلارنى بىرمۇ-بىر سۈرەتكە ئاپتۇ. بولۇپمۇ لاتىن ئامېرىكىسىلىق ئايال ئۆي سەۋەبىدىن قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، يولدىشىغا بەك ئىچى ئاغرىيدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىۋېتىپ، كۆزلىرى لىققىدە ياشقا تولىدۇ، بۇنى كۆرۈۋېتىپ باشتىراق چىققان ھېلىقى پاھىشىلەرگە ۋاستىچىلىق قىلىدىغان سەت خوتۇننىڭ " بىر سائەتكە ئونمىڭ دوللار..." دېگەن گەپلىرىنى ئويلاپ چىشلىرىم كىرىشىپ كەتتى...' B V, n8 ?, C% Z6 s8 C- @
1 _0 B3 G# C5 D$ hفىلىمنىڭ يېشىمىدە بىر ھالقىلىق مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان"بىز ھازىر قانداق ئەھۋالدا؟" lobbyist لارنىڭ ئاقساراينى ھەرقانداق دەۋردىن بەكرەك قاپلاپ كەتكەنلىكى؛ باي-كەمبەغەللىك پەرقى يوغىناش، كەمبەغەللەر ئالىي مائارىپتىن بەھرىمەن بولالماسلىق، شۇ سەۋەپتىن تېخىمۇ يوغىناش؛ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئىنىستىتۇتلىرى شۇ تەبىقە تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، دەرسلىكلەر ئۆزگەرتىلىپ، ھەقىقەت بۇرمىلانغانلىقى، جىنايەتلار يوشۇرۇنغانلىقى؛ ئوبامانىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكى......بۇ خىل ئەھۋالدا "نېمە قىلىش كېرەك؟" دېگەن سوئال تەبىئىيلا ئالدىمىزغا كېلىدۇ دەپ ئويلايمەن." z% L( @2 g* Y) o/ w& {! S! X
7 Z- w' _1 {7 N' e
% x/ ~3 C4 K- N1 \* W: [& I# P4 jفىلىمدىن ئالغان تەسىراتىم:& ^+ Z* S. q: Z2 I+ P$ w) J4 _8 |. {
تېرمىنلار ئېسىمدە قالمىدى، كەسپىي ئاتالغۇلار، گرافىكللار،سانلىق مەلۇماتلار ھەتتا يەكۈنلەر ئېسىمدە قالمىدى، ئېسىمدە قالغىنى پەقەت فىلىمدە بىزگە يەتكۈزۈلمەكچى بولغان ئىدىيە، بۇ نەرسە ئەكسچە تېرىلىرىم، سۆڭەكلىرىمدىن سىڭىپ ئۆتۈپ، نېرۋىلىرىمغا ئورناپ كەتتى، دېمەكچىمەنكى بۇ فىلىم مەيلى قايسى نۇقتىدىن قارىساقمۇ propaganda غا ئوخشىماي تۇرىدۇ، لكېىن مەن propaganda نىڭ قانداق قىلىپ بىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى قورقۇنچ ئىچىدە ھېس قىلدىم.
W6 M8 D/ M+ G! b3 s5 p- W7 ?/ ?
' ]# M8 K& B$ Q' P2 A& G% Y9 c+ z) s& O/ A8 l6 X
' e- A0 G5 L" Q' vشۇنداق قىلىپ پىلان بويىچە بىر قىسىم ھۆججەتلىك فىلىملەرنى يۈزە تونۇشتۇرغان بولدۇم، بۇ خىزمەت جەريانىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى بارغانسېرى كۆپ ھېس قىلدىم، لېكىن ۋەدەمگە ئاساسەن باشتىكى پىلانىمنى ئاساسەن ئورۇندىدىم، يېتەرسىز يەرلەرنى تولۇقلاپ كېتەرسىلەر، يەنە بۇ ھەقتە پاراڭ بولسا ئۈزۈپ قويماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن.2 ^) B( K+ r1 r' Q# ]
) N* v1 I( _, \
6 g. A+ K1 u3 E6 q4 o, m# c( a3 ?! D9 {
# e* d" S* R( [4 G8 m
7 p5 V$ R$ V% v* X
تۈگىدى. |
|