گۈللۈگ

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动 交友 discuz
كۆرۈش: 8689|ئىنكاس: 24
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سەئۇدى ئەرەبىستان داڭلىق ماركىسى ئەلبەيكنى بىلەمسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

0

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 00:30:20 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
" ئەلبەيك "سەئۇدى ئەرەبىستان زەنجىرسىمان يۈرۈشلۈك تىز تاماقخانىسىنىڭ نامى بولۇپ ئۇ مەملىكەت ئىچىدە ئىشەنچىلىك، پاكىزە، يېيىشلىك ،باھاسى ئەڭ مۇۋاپىق بولغان داڭلىق يېمەكلىك ماركىسى بولۇپلا قالماي ئۇنىڭ نامى ھەج-ئۆمۈرگە يىل بويى كېلىپ-كېتىپ تۇرغان ھاجىلار ئارقىلىق ئوتتۇرا قولتۇق ۋە باشقا رايونلارغا كەڭ تارالغان،كىشلەر ئارىسىدا تېخى، ئاشۇرۇۋېتىلگەن بولسىمۇ " ئەلبەيك ئۆمۈرنىڭ ئەركانلىرىنىڭ بېرى" "لەببەيك ئەلبەيك" -دەيدىغان ھەزىل گەپ- سۆزلەر ئېقىپ يۈرىدۇ. ئۇنىڭ بازىرى ئىنتايىن ئىتتىك بولۇپ ئۆچىرەت تۇرۇپ سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ، مەۋسۇم كۈنلىرىگە ( رامزان ھەج دېگەندەك) توغرىلىنىپ قالسا تېخىمۇ قىزىپ كېتىدۇ، بۇنداق چاغلاردا" سىز لەببەيك ئەلبەيك"- دەيدىغانلاردىن بولمىسىڭىزلا ئاستا كەينىڭىزگە يېنىپ ئىبادىتىڭىز بىلەن مەشغۇل بولسىڭىز بۇ سىزنىڭ دانالارچە تاللىشىڭىز ھېسابلىنىدۇ..بىكالىققا قوغۇن تاقاتقاندەك ئادەم دېڭىزىغا تولغان ئەلبەيك تېز تاماقخانىلىرىغا يانداش ياكى ئۇدۇل سېلىنغان "كىنتىجىخان" "ماكدونالىزجانلار" ئادەمسىرەپ قالغان پوتەيلىرىگە قاراپ ئېچى سېرىلىدۇ-ئادەمنىڭ، بىراق ئۇلار مۇشۇ ئورۇننى ئىگىلەپ تۇرغىنىمىز نىڭ ئۆزى چوڭ پايدا ، ئادەم كېرمىگىنگە بىز گە زىيان نە؟-دېگەندەك موڭسىرىغان چىرايىنى سەت ھېجايىتىپ تۇرغىنى تۇرغان.., Y2 J, j3 Q5 K- b+ E
داڭلىق ماركىلار تولۇپ تاشقان بۇ دۆلەتتە ئەلبەيكنىڭ ئىمتىيازلىق بولۇپ شۆھرەت تېپىپ ئاممىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە قوللىشىغا ئېرىشىشىدىكى تۈپ سەۋەپلەرنى ئۇنىڭ قۇرغۇچىسىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. مەيلى قايسى ساھەدە بولمىسۇن داڭلىقلارغا ئىمتىيازلىقلارغا ھەۋەس قىلىش ئىنسانلىقىمىزنىڭ ئاددى دەلىلى بولسا كېرەك. پۇل تېپىپ ياخشى ئىشلارغا ئىشلەتكەنلەرگە ھەۋەس قىلىش(مەنمۇ ھەق يولىداشۇنداق قىلسام دېگەن نىيەتتە) ئېتقادىمىزدا تەرىپلەنگەن بولسىمۇ     پۇلدارلارغا ئۇنچىلىك ھەۋەس قىلىپ كەتمەيمەن،مال-دۇنيالىرنى خەير-ساخاۋاتكە ئاتىغانلارغا ئاپىرىن ئېيتساممۇ.، ھەۋەس قىلمىغىنىم ئۈچۈن غېرىب-غۇربەتچىلىكتە ياشاپ قالمىدىم، ھەر" جانلىقنىڭ رىزقى پۇتىۋېتىلگەن" - دېگەن ئېتىقادقا بولغان ھۆرمەتسىزلىك كۈنسېرى يامراۋاتقان مۇشۇ زامانلاردا ئۇنىڭغا بولغان چەك سىز ھۆرمەت سەۋەبىدىنمۇ  قەيەر گە بارماي ئەلھەمدۇ لىللا،ئويلىمىغان يەرلەردىن رىزقىمنى بېرىپ ئوبدان ياشاتقۇزدى..ئەمما بىلىملىك كىشلەر گە راسلا ئىختىيارسىز ھەۋەس قىلىپ تاشلايمەن، بولۇپمۇ بىلىمى ھەقىقەتكە ئېلىپ بارغانلارغا ، ئۇلارنى غايىۋانە سۆيۈپ ئۇلار ئۈچۈن  ئاللادىن گۈزەل تىلەكلەر نى ، ساباتلارنى تىلەپ دىلىم ھۇزۇر سۈرىدۇ..ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش شەرىپىگە نائىل بولسام ..8 J, o" F) ~% }; s: X7 I
ھەر قانداق موۋەپپەقىيەتنىڭ كەينىدە نۇرغۇنلىغان ئاچچىق كۆزياشلارنى قالدۇرغان بولىمىز، بىزنىڭ  نەتىجىلىرىمىزنى كۆرگەنلەر ئاشۇ كۆزياشلىرىمىزنىڭ ئەلەملىرىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن بىز نى تەلەيلىكلەر-دەپ قارايدۇ..بىزگە تەلەي ئاسماندىن پوككىدە چۈشۈپ قالغان ئەمەس، ئالتۇن تاۋاقلار بىلەن سۇنۇلغانمۇ  ئەمەس، قىسقىچە ئېيتقاندا بۇ دۇنيا جەننەت ئەمەس. بىر تەبەسسۇم كەينىگە يۇشۇرۇنغان ئەلەملەر..بىر نەتىجە ئارقىسىدىكى يۈرەكتىن تامچىغان قان-تەرلەر..ئاللا ئەجىرلەرنى بىكارقىلىۋەتكۇچىمۇ؟!.. ئەلبەيكمۇ  بۇ كۈنكى كۈنگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئاز بولمىغان جاپالارنى تارتمىغان دەمسىز ،بۈشىكىدىلام تۇنجۇقۇپ قالغىلى تاس قالغان بېچارە بايقۇش. كۆردىغان كۈنى بولغاچ بۈگۈنگە ئولۇشۇپتۇ.
( a" g- U. \) C; ?7 o1974-يىللىرى، يېڭىلىقلار ھەر تەرەپتىن خەلق رايىغا باقماستىن ئاستا-ئاستا بېسىپ كىرىۋاتقان كىشلەر سەكرەش باسقۇچىدا،كۆپىنچە تاماقلارنى ئوي سىرتىدا يېيىش ئەۋج ئېلىۋاتقان ھالقىلىق مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدۇ، خەلقنىڭ ساغلام تېز تاماقخانىلار غا بولغان تەخىرسىز تەقەززاسى ھەر تامانلاردىن ئىپادىلىنىشىنى تىزدىن بايقاپ بۇ چوڭ ئىشقا تۇتۇش قىلغان بۈگۈنكى ئەلبەيكنىڭ قۇرغۇچىسى پەلەستىنلىك "رامى ئەبۇ غەزالە" خەلق ئاشخانىلىرىنى ئارلاپ ئۇلارنىڭ تازىلىقىنىڭ ناچار جەمئىيەت ئېھتىياجىنى كۆڭۈلدىكىدەك قامدىيالمايېاتقانلىقىنى كۆرۈپ، چەتئەلگە چىقىپ "بۇرۇست" شېركىتى بىلەن ۋەكىللىك توختامىنى تۈزۈپ تۈنجى تارمقىنى جىددە شەھىرىگە قۇرۇپ بۇرۇست شىركىتىنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇپ ئىش باشلايدۇ، دەسلىپىدە تاماق تەييارلاش،خېرىدارلار مۇلازىمىتى،ھېسابات ئىشلىرىنىڭ ھەممىنى بىر قوللۇق ئۆزىلا قىلغاچ بەكلا جاپالىق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە كىشلەر ئەئەنىۋى يەرلىك تاماقلارغا كۆنۈپ قالغان بولغاچ بۇ ئۇلارغا يېڭىلىق بولۇپ تۇيۇلىدۇ، خېرىدارلار سانىنىڭ ئاز قۇبۇل قىلىنىشنىڭ ئاستا بولۇشى ھەتتا بىر يىلدا 100 خىرىداردىن ئاشماسلىقتەك ناچار شارائىت ئۇنى مەيۈسلەندۇرسىمۇ ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ، ئۇ موۋەپپە قىيەت قازىنىشىغا بولغان قاتتىق ئىشەنچ بىلەن بەل قويىۋەتمەي جاپالىق ئىزدىنىدۇ،بىراق ئەجەلگە ئامال يوق-دە.. ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇ ۋاقىتسىز بۇ ئالەمدىن كېتىپ قالىدۇ ، بۇ ئىز شۇنداقلا ئۆچۈپ قالارمۇ؟.
& ~- e* X9 Q$ `' o4 f" o% k5 Y$ K4 M جاندىن ئايرىسىمۇ سالىھ پەرزەنتتىن ئايرىمىسۇن. ئۇنىڭ نېفىت ۋە مەدەنشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئىككى ئوغلى شىركەتتىن دادىسىنىڭ ۋاپاتى بىلەن پۈتۈن توختامنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىق خېتىنى  تاپشۇرۇپ ئالىدۇ،دادىسى كۆرسەتكەن خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى نۆلگە تەڭ بولۇپ ئۇلارنىڭ بۇ ئىشنى ئاخىرىغا چېقىشىغا كۆز يەتمەيدۇ. بۇ ئىش بولۇپ ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇلار ئوقۇش پۇتتۇرۇپ دادىسى مىڭ جاپالاردا ياندۇرغان بۇ چىراغنى پېلىكىگە قايتا ئوت ئىستىكى ۋاپادار يۈرەكلەرگە ئارام  بەرمەيدۇ، ئەمما ئىشلار ئىنتايىن قالايمىقانلىشىپ كەتكەن بولۇپ ئۇلار ئىشنى زادى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي ئاخىرى كەسىپ ھەممە ئىشلارنى قايرىپ قويۇپ بارلىق تىرىشچانلىقىنى بۇ ئىشقا قاراتىشتەك ھالقىلىق بىر قارارنى چىقىرىپ تۇرغاندا "كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال" دېگەندەك بانكىدىن مىليونلىغان قەرزلەرنى قايتۇرۇشنى سۈيلەپ ئەۋەتكەن خەت-چەكلەرنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.بانكا ئۇلارغا ئىككى خىل تاللاشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىرىنچى: قەرزلەرنى ئىككى يىلغا بۆلەپ تۆلەپ بولۇش. ياكى پۈتۈن مال-مۈلكىنى قەرزگە ھېسابلاش. ئۇلاردا ئاتىسى باشلىغان بۇ مۇساپىنى ئاخىرغا چىقىرىش ئىستىكى ۋە ئىشەنچىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچ بىرىنجىسىغا ئىمزا قويىدۇ. ئۇلار ئىنتايىن ئاددىي- ساددىلىق بىلەن بىشىنى كۆتۈرسە بېشى تورىسىغا، پۇتىنى سوزسا تامغا تاقىشىپ قالغۇدەك تار-كېچىك پاكار ئىشخانىدا ئىشىنى باشلىۋېتىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار ئىشخانىسىدا قەھۋە -چايلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، ئۇلار بۇ تەجرىبىدىن ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى ھالاللىرىنى قانداق قوغداشنى، بانكىدىن قەرز ئالماسلىقنى ئۆگەندۇق -دەيدۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار تاماقچىلىق ساھەسىگە چېتىقلىق بارلىق بىلىملەرنى پۇختا ئىگىلەشكە كۈچەيدۇ،بىر قېرىندىشى باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن پىرانسىيەگە سەپەر قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇلار ۋاكالەتچىلىكتەك بېقىندى پاسسىپلىقتىن مۇستەقىل ئىجابىيلىق ۋە ئىجادىيلىق قاينىمىغا شۇڭغۇيدۇ. ئۇلار دەسلىۋىدە مەخپىي رېتسىپلارنى شېركەتلەردىن سېتىۋېلىپ ئىشلەتكەن بولسىمۇ، چىقىمنىڭ ئېغىر، ھەر خەلق زەۋقىنىڭ رەڭدار بولۇشى ئۇلارنى رېتسىپلارنى ئۆزلىرى تەجرىبە قىلىپ تەييارلاشقا تۈرتكە بولىدۇ، ئۇلار رېتسىپلارنى ئىنتايىن مەخپىي تۈردە ئىشلەپ سۇنۇپ ئىستېمالچىلارنىڭ باھاسى ۋە ئىنكاسىنى كۆزىتىپ ئاخىرى مۇكەممەل بولغان ئەلبەيك رېتسىپىنى بارلىققاكەلتۇرىدۇ. بۇ جەريانغا تۆت-بەش يىل ۋاقىت كېتىدۇ.  ئىشلار بارا- بارا ئىزىغا چۈشىۋاتقان چاغلار ئۇلار چوڭ بىر رىقابەتنى بايقايدۇ ئۇ بولسىمۇ جىددىنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇنلىغان بۇرۇست تاماقخانىلىرىنىڭ بولۇشى، غەيۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا نامىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، بۇرست دېسە ئىشەنچلىكمۇ دەيدىغان كۆز- قاراشلارنىڭ كۆپلۈكى شۇنىڭ بىلەن رىقابەتچى ئاشخانىلاردىن پەرقلىق يول تۇتۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇلار تۈنجى بولۇپ ئائىلىدىكىلەر يىغىلىپ بۇرست نامىدىن قۇتۇلۇپ يېڭى نام قويۇش ئۈچۈن ھەممىسى تاللىغان ئىسىملارنى رەتلەپ ئوسمانىيە ئىستىلاھىدىن كەلگەن ئەلباشا نامىنى ئاساس قىلغان ئەلبەيك نامىنى تاللاپ چىقىدۇ. خىز مەتچىلەرنى خېرىدارلار پەرقنى ئېنىق ھېس قىلغۇدەك دەرىجىدە ئالاھىدە تەربىيىلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار روناق تېپىپ بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە روناق تېپىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنى تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.& Y- t( W& [$ `- A
1-خەلق قوللايدۇ. ئۇلار خەلق مەنپەتنى ئەڭ ئالدىدا قويۇپ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسى قوللىشىغا ئېرىشكەن., H4 e/ a! K; O  w8 F& `/ a, g( Y
2- تۈگمىنى -دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالماسلىق ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە ئىنتايىن گەۋدىلەنگەن. 25 يىلدىن كۆپرەك 10رىياللىق باھانى ئۆستۈرمەستىن ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن., v  V* I0 J% c" Z# @' ^3 M- e
3- "بېيىغاندا ئاممىنى ئۇنۇتماسلىق" "خەلقتىن ئېلىپ خەلققە بېرىش" سىياسىتىنى بەك ۋايىغا يەتكۈزگەن بولسا كېرەك، خەيرىيەت ئىشلىرىغا قىلغان ياردەملىرىدىن جەمئىيەتنىڭ تەسىرلىنىشى،ھەر بىر ۋاقلىق تاماقتىن بىر رىيالنى پەلەستىن ئۈچۈن خۇسىيسىلاشتۇرۇش دېگەندەك.& J' ?$ R7 l4 t: Z

+ I  B. K& Y9 o ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەن ئەلبەيكنىڭ ۋاكالەتچىسى ئەمەس، مەندە مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبىسىنى ئۆزۈمنىڭ غەلىبىسى- دەپ خۇشال بولدىغان ئاددىي بىر قەلبلا بار خالاس.ئۆتكەندە ھىندىستاننىڭ شارولخان ھەم بىر قانچە داڭدارلاردىن تەشكىللەنگەن بىر پروگراممىسىنى كۆرۈپ قالغاندىم، بۇنىڭغا خىلى نوپۇزلۇق بىر دىنىي ئالىممۇ قاتناشقان ئىدى. شارولخان سۆزلەپ كىشلەر سەن مۇسۇلمانمۇ؟ مۇسۇلمان بولساڭ ناماز ئوقۇمسەن، روزاتۇتامسەن ھاراق ئېچمەمسەن تاماكا چەكمەمسەن دېگەندەك سۇ ئاللارنى سورايدۇ، مەن ھەئە مۇسۇلمان ھەم پەخىرلىنىمەن بىراق ئىبادەتلەرنى قىلپ كەتمەيمەن مەن بىر زامانىۋي مۇسۇلمان بولسام كېرەك دېگەن تەرەزدە گەپلەرنى قىلغانتى، ھىلىقى ئالىم قوپۇپ زامانىۋي مۇسۇلمان، ئەمەس مۇسۇلمان- دەپ گەپ يوق، ئىجرا قىلىدىغان قىلمايدىغان- دەپ بار دېگەنتى، مەيلى ئەمەل قىلىدىغان مۇسۇلمانلار بولسۇن ياكى ئەمەل قىلالمايۋااتقانلار بولسۇن ئۇلارنىڭ يۈرىكىدە ھامان بۇ ئاتەش زېمىنگە بولغان بىر ئوت ئىختىيارسىز يالقۇنجاپ تۇرىدۇ كىم بىلىدۇ بۇ ئوتنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ يەرگە كېلىپ ئەلبەيكنى تېتىپ قالامسىلەر تېخى.# j/ R; u$ \' o) q9 B

. w# l/ f- Z# j" @2 x8 m
+ |4 m2 f0 z9 Q+ g2 I& v( Q+ U1 B& r* u$ m) V

( G2 @6 n+ i* A2 T! a ) ]0 o3 m! e5 b2 F

) R! U9 _% R8 D  f; p" ?8 ^$ m( B7 ~! G* I: d$ G* d0 a/ T& r+ P
0 @1 z7 d# g( M% [3 y- x' \7 Q
! J& x& o9 l- t! B- Z# @: o
' {$ u* H' v' g! G- D6 g, K

; V6 H2 O0 }$ \5 L5 P   
% z8 G4 }  O6 z( S0 l9 D' t+ m+ @. W* R4 G$ O/ m
    ! N# g/ h& i! X' d3 K8 m% A2 B/ P
دىرىكتۇر-رامى مەشكۇر ئەبۇ غەزالە

2

تېما

0

دوست

2522

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

2#
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 01:38:12 |ئايرىم كۆرۈش
ماكدونالد، كېنتاكىيلارمۇ توشۇپ كېتىدىكەن ھۇي، ئۇنچىلا مۇبالىغە قىلىۋەتمەڭ.
! F* a& t4 ^& C3 J7 ]2 v0 X; hلېكىن ئەلبەيك سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر بەلگىسىدەك بولۇپ قاپتۇ. مەن جىق يەپ باقمىدىم، تەمى خېلى بولىدىكەن ئىشقىلىپ.

0

تېما

0

دوست

0

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

3#
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 04:35:41 |ئايرىم كۆرۈش
بەلكىم مۇبالىغە قىلىۋەتكەندىمەن،  سىز چەتئەللىكلەرنى مەركەز قىلغان رايۇندا بولسىڭىز كېرەك،  ئادەم كىرمەيدۇ ئەمەس كىرىدۇ ، سىلىشتۇرغاندا دەۋاتىمەن-دە. ئەمما ماڭا شۇنداق ۋاقىتلارغا توغرا كېلىپ قالامدۇ ئۇقمۇدۇم، ئۇلارنى ئەلبەيكنىڭ ئالدىدا بەك موڭلىنىپ قالغاندەك پۇل تېپىش مەقسەت ئەمەستەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمەن.

1

تېما

0

دوست

4

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

4#
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 08:05:38 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا  koxuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-28 08:08  
# x, O. s' O. Z1 h8 b2 r
* N, k: K. y$ m1 w- _3 t' R' {قارىغانداق ئۆچرەت تۇرۇپ سېتىۋېلىش ئەلبەيكنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا كېرەك. دوڭكۆۋرۈكتىكىدىمۇ ئۆچرەت.نەچچە كىردىم،ھەر قېتىمدىلا يېرىم كۈن ئۆچرەت ساقلايدىغان گەپ. بازار بەك ئالدىراش ۋاقىتتا كىرىپ قالدىممىكىن يا.

4

تېما

0

دوست

1

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

5#
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 10:21:40 |ئايرىم كۆرۈش
تەمى بولىدىكەن، لېكىن ماڭا قويۇق مۇسۇلمان تۈسى بېرەلمىدى، ياكى مەن بايقىيالماي قالدىممۇ؟
, |! K/ A1 k, ~6 F. Fبەلكىم ھەرەمدىكىسى ئايرىم بولىدىغاندۇ-ھە؟

2

تېما

0

دوست

2522

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

6#
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 12:37:41 |ئايرىم كۆرۈش
ئەمدى يەيدىغان نەرسىنىڭمۇ مۇسۇلمان، باشقا دىندىكىلىرى بولامدۇ؟ 3 j8 t: p2 p* ]* t8 P( J4 B
ماكدونالدنى بىلمەيمەن، لېكىن ئەلبەيكنىڭ تەمى KFC غا يەتمەيدۇ مۇسۇلمانلارنى قوللاي دەپلا  ئەلبەيكتىن يەيمەن.....تىللاپ كەتمەڭلار، راست گەپنى قىلدىم. بەكلا قۇرغاق، بىرلا يېسەم ئىسسىق تۇتۇۋېلىپ ئاغرىپ قالىمەن داۋاملىق. بىلمىدىم نېمىكىن، ئىشقىلىپ بىر گەپ بار.

149

تېما

0

دوست

7796

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

7#
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 14:18:57 |ئايرىم كۆرۈش
ئۈرۈمچىدىكى كى ئېف سنى  مۇسۇلمانچىمۇ؟؟؟  
/ Q0 M/ v, ?' Q& E% Pلېكىن بۇ خىل تاماقلار مۇسۇلمانچە بولۇش بولماسلىقىنى قويۇپ تۇرساقمۇ ئەخلەت يېمەكلىكلەرگە كىرىدۇ. ئامېرىكلار بىلەن ئاياللار ئامراقكەن بۇ خىل نەرسىلەرگە...

2

تېما

0

دوست

2522

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

8#
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 14:39:59 |ئايرىم كۆرۈش
شۇنداقمىدۇ؟ قارىسامغۇ ھېچبىرىيېرىدە ھالال دەيدىغان خەتلىرىمۇ يوقكەنتۇق.
+ _* P/ F" }& u' b; _تۇنجى قېتىم KFC غا مالايسىيادا كىرگەنتىم، پۈتۈنلەي مالايسىياچە تاماقلارنى چىقىرىدىكەنتۇق.

17

تېما

0

دوست

6206

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

9#
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 05:46:56 |ئايرىم كۆرۈش
ئۈرۈمچىدىكى كى ئېف سنى  مۇسۇلمانچىمۇ؟؟؟  
; p% ]' q' U5 |3 v+ wلېكىن بۇ خىل  ...
$ k2 [# ?' V( P( c# A, MAchilles يوللانغان ۋاقتى 2011-9-28 14:18

8 n# Z+ l; }8 \; X- v. q$ K, a6 F* S) }6 v+ v5 {1 N
( u. K% N( F+ f
  ئا ھەرىپى بىلەن باشلىنىدىغان توپلار ياخشى كۆرسە كېرەك.  ئالىملارمۇ ئامراق ئەخلەت يىمەكلىكلەرگە ۋاقىتنى تىجەيدۇ دەپ...   :)))))

4

تېما

0

دوست

1

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

10#
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 09:03:11 |ئايرىم كۆرۈش
ھەييى... نېمە دېسەم بولار؟ گەپنىڭ راستىنى قىلسام سوئالنى سىزدىن سورىمىغان. پەين تېمىسىدا شۇنداق گەپنى ئۆزى قىپتىكەن، مەنمۇ شۇنىڭغا يارىشا گەپ قىلدىم، يەنە ئارىچىلاپ چۈشۈپ كېتىپسىز، بولمىسا نېمىنى قانداق يېيىش ھەققىدە مەندىمۇ بىر كۆز قاراش بار ئىدى.& K$ |7 j, e1 {, Y; G) C% r1 D
! [7 z/ t/ G8 g% W. b
خۇلاسە كالام: سوئالنى راستىنلا سىزدىن سورىمىغان.

2

تېما

0

دوست

2522

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

11#
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 11:52:15 |ئايرىم كۆرۈش
ئەگەر جوش ماڭا دەۋاتقان بولسىڭىز مەنمۇ سىزگە جاۋاب بەرمىدىم.

17

تېما

0

دوست

6206

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

12#
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 20:14:26 |ئايرىم كۆرۈش
خە خە خە... شۇ ئاكىللىسمۇ يىمەۋاتقىنىغا نەچچە ھەپتە بولدى تېخى...

4

تېما

0

دوست

1

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

13#
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 22:56:18 |ئايرىم كۆرۈش
بولاپتۇ...

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

14#
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 07:25:59 |ئايرىم كۆرۈش
ئاۋۇ ياڭيو قىزارتمىسىنى ماروژنىغا ئارلاشتۇرۇپ يىسە پەيزى بولىدۇ
This too shall pass

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

15#
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 18:12:20 |ئايرىم كۆرۈش
سىزمۇ شۇنداقما؟" W  m8 m: i- O: N) B9 a( H6 i! h8 t
مەن مەكدونالدىنىڭ ئورىيول ئارىلاشتۇرىدىغان يېڭى چىققان بىر خىل ماروژنىسىنى چىپ بىلەن يىيىشكە ئامراق
This too shall pass

2

تېما

0

دوست

262

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

16#
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 18:33:29 |ئايرىم كۆرۈش
ئاللاھ خالىسا مەنمۇ كەلگۈسى ئىككى يىلنىڭ ئىچىدە ''ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق ماركىسى مىسران قېزىلىرىنى بىلەمسىز؟''دەپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ''قۇملۇق'' تور بىكىتىگە يىزىپ قويمىسام..

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

17#
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 19:03:06 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇ كۈنلەرمۇ پاتلا كەلگۈسى
This too shall pass

0

تېما

0

دوست

0

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

18#
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 19:43:49 |ئايرىم كۆرۈش
ەمى بولىدىكەن، لېكىن ماڭا قويۇق مۇسۇلمان تۈسى بېرەلمىدى، ياكى مەن بايقىيالماي قالدىممۇ؟
8 Y3 B! Q) I1 |. zبەلكىم ھەرەمدىكىسى ئايرىم بولىدىغاندۇ-ھە؟5 ~6 _% H8 ?: ~

! t: z% I2 K! g* |8 W& E+ n, Vمۇندا دېسەم تېخىمۇ چۈشۈنىشلىك بولامدۇ قانداق، خوگو ، بىر ئىتقادلىق ئىزدەنگۈچى مۇسۇلمان خەلىق ۋە ئېتقادغا بولغان ھۆرمىتنى ئاساس قىلىپ خۇرۇچلىرى ئىشەنچىلىك «ھالال» بولغان يەل قازان شورپىخانىسىنى ئاچتى، خۇرۇچلىرى ئىشەنچىلىڭ ئىسمىمۇ ئۇيغۇرچە بىراق ئۇ يەنىلا خوگو، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەئەنىۋى قوي گۆشى شورپىسى ئەمەس.8 K) m/ O+ f. V6 b& b) m" p' \1 M
مەن ئۈچۈن مەيلى ئەلبەيك ياكى ئالبەك ۋە ياكى ئەلبەگ بولسۇن ۋە باشقا مەكلەر بولسۇن ھەممىسى بىر قىتىملىق كۆڭۈل خوشى..تومور- تومورلارغا تارايدىغان ئۇيغۇرمەككە ھۆددەس يەتمەيدۇ- ئەينا. ئاندا -ساند كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تولا-تولا قۇلىقىمغا كېرىپ قالدىغان ئۇلارنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرنىڭ تۈرتكىسىدە ماتىر ياللارنى كۈرسەم بۇ مەلۈماتلارغا ئېرىشتىم، تېخى  مەن ئۇلارنى دادىسى جاپادا تېكلەپ قويغان ئېگىلىككە موككىدە ۋارىس بولىۋىلىپ ئاقسالىق قىلدىغان سۆلەتۋازلار-دەپ پەرەز قىلغان ئىدىم..كىم بىلسۇن بۇنچىلىك قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن نەتىجىلەر ئىكەنلىكىنى ئازراق تەسىرلىنىپ قىلىپ يوللىغان..گۈللۈكتىكىلەر زېرىكىپ قاپتۇ يۇمۇر يوللاپ قويسام بولغىدەك.) h; i$ `. }" E  d0 `7 q8 U
ۋەتەندىن كېلىدغان ھاجىم بوۋاشلار بەك ئوماق، بۇ ئەلبەگنىڭ ئىككى خىلى بارچۇ، ئاچچىق ئاددى- دەپ، ئاچچىقىغا قىزىلمۇچ قىيامىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرامدۇ-تاڭ،گۆش ئارلىقلىرىدىن قىزىل ئاچچىق قىيام ئېقىپ تۈرىدۇ. دەسلەپ بۇنى يېگەن ئوماق بوۋاشلار قاراپ كېتىپ ،بالاموي بۇ توخو پاچىقنى ئوبدان پىشۇرماپتۇ،قارىسلا گۈشلىرى قانسىراپ تۇرىدۇ، دېگىننى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتكەنمەن.! H% O7 l8 C) Q2 Q( N
ئەلبەگنىڭ سېرىق مايلىق قونىقى ياخشى.

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

19#
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 19:52:48 |ئايرىم كۆرۈش
سېرىق مايلىق قوناق دىگەن قوناقنى ياغدا قىزارتىپ پۇشۇرغاننى كۆرسىتەمدۇ؟
This too shall pass

2

تېما

0

دوست

262

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

20#
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-1 03:19:53 |ئايرىم كۆرۈش
pain ..يۇمۇر يوللىماڭ!' Y1 G7 S7 d8 e
مۇمكىن بولسا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يىمەك-تائام مەزمۇندىكى ئۇچۇرلار بولسا مەن سىزنىڭ بىرىنجى خېرىدارىڭىز!!

122

تېما

0

دوست

706

جۇغلانما

ئەمىر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

21#
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-1 10:31:19 |ئايرىم كۆرۈش
تۇرىۋاتقان يېرىڭلاردىكى كىچىك شەھەرلەردىن باشلاپ تەپسىلى ساياھەت خاتىرسى يېزىپ ماڭساڭلار بولاتتى.# |/ c* K) l5 Q7 i/ b
1 [& h6 z+ z4 \7 z' i$ O0 Y
ياۋۇزجان سىلىمۇ شۇ، تاغ باغلارنى رەسىمگە تارتىپ ئۆيلىرىدىلا ساقلىماي بۇ يەرگىمۇ چىقىرىپ قويسىلا.
This too shall pass

4

تېما

0

دوست

1

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

22#
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-1 13:28:02 |ئايرىم كۆرۈش
ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدۇم.
" V& g9 i, _( K! tبۇ يەردىكى ئەلبەيككە كىرىپ قارىسام، مەيلى يېمەكلىكلەر ياكى كولالار بولسۇن، كفس دىن پەرقلەنمەيدىغان بىلىندى، شۇڭا سىزنىڭ پەرق توغرىلىق دېگەن گەپلىرىڭىزگە قارىتا شۇنداق سورىغانتىم. ئەمدى تەمىگە كەلسەك مەن باشقىلىرىنى يەپ باقمىغاچقا بىلەلمىدىم. مالايسىيىدە يېگەن، لېكىن يەنىلا توخۇ گۆشىنى تېتىپ باقماپتىمەن.

0

تېما

0

دوست

0

جۇغلانما

ئوتچۆپ

Rank: 1

23#
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-2 15:07:57 |ئايرىم كۆرۈش
     سېرىق مايلىق قوناق، رەسىمدىكىدەك سودا پېشۇرۇلغان سېرىق ماي بىلەن يەيدىغان يۇمران سۈتلۈك قوناقنى كۆرسىتىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|手机版| ( 新ICP:13003540 )

GMT+6, 2017-4-23 09:01 , Processed in 0.205085 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش