بەك ياخشى تىمىكەن،ئەڭ ئاۋال تىما ئىگىسىگە رەھمەت! ئۇندىن كىيىن مۇنو ھازىرقى ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى توغرىلىق ئازراق سۆزلەپ ئۆتەي،قارىسام ھەممىدىن زىرىككەندەك تۇرىمىز.دوراپ باقتۇق ،"ياساپ"باقتۇق.خېلى بۇپتۇ چېلىپ باقماپتۇق.ئۈرۈمچىدە ھازىرچە پارچە-پۇرات مۇزىكا ئەترەتلىرىدىن ئۈچ-تۆتى بار.(مىنىڭ بىلىشىمچە) قايسى كۈنى چاقچاق قىلىپ نازىر كومنى ئىلىكتىرونلۇق گىتار بىلەن چېلىپ قۇيوپ ھەممەيلەننىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇمنى بايقىدىم.پەقەت چالدىغانلار كەمكەن.قانداق باشلايمىز؟مەسلىنىڭ مۇھىمى بۇيەردە. ئالدىنقى يىلى ئەركىن بىلەن تاماق يەۋىتىپ روك توغرىلىق پاراڭ بۇپقالدى.ئەركىن"بۇرۇن چەتئەل مۇزىكىلىرىنى تولا چېلىپ ئوينايىتتۇق،ھازىرقى باللار نىمە قىلۋاتغاندۇ؟"دىگەنتى "نىمە قىلاتتى ،سىنىڭ نەرسىلىرىڭنى چېلىپ بۇلالماي ئاۋارە"دەپ جاۋاپ بەردىم. ھەممەيلەن كۈلۈشۇپ كەتتۇق. ياخشى نەرسە بولسىلا ئاڭلايدىغان قۇلاق كۆپ. |