  Mr.Zippo جورجى بلايسدېل(زىپپو ئەپەندى) [ 1895-GeorgeG.Blaisdell 1978] بولسا ھەممىمىز بىلىدىغان ھازىرقى كلاسسىك قىممەتكە ئىگە زىپپو چاقماقنىڭ ئىجادچىسىدۇر. زىپپونىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقىنىڭ كەڭلىكى ۋە مۇھىت تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلدى. 1932-يىلى ئامېرىكىدا بۈيۈك دېپرىسسىيە (1929-يىلدىن 1939-يىلغىچە غەرىپتە يۈزبەرگەن ئىقتسادىي كرىزىس) تازا ئەۋج ئالغان مەزگىل ئىدى. پىنسىلۋانىيەنىڭ تۇمان قاپلىغان يازكېچىسىدە يېزا كۇلۇبىدا جورجى بلايسدېل ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى پاراڭلىشىۋاتاتتى. شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەن بىر دوللارلىق ئاۋىستىرىيەدە ئىشلەنگەن چاقمىقىنى چىقاردى... بۇ ناھايىتى سەت ۋە قوپال ئىشلەنگەن،تۆمۈر ئاغزىنى باسسا يانىدىغان چاقماق بۇلۇپ جورجىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. جورجى سورىدى:‹ئادىشوي،قارىسا ھالىڭلىنى ئات تارتالمايدۇ. بى چاقماققا ئوخشاش بىرنەرسە ئىشلەتسەڭلا بولمامدا ؟قوينۇڭلىغا مەشئەل سېلىۋالماپسىلە ھېلىمۇ.› دوستى:‹سىلە بىلمەيسىلە جورجى قارى.بۇ ئوقەت سەت بولغىنى بىلەن مېھرى ئىسسق دەيمە...› بۇ گەپنى ئاڭلاپ جورجىنىڭ كاللىسىغا بىر خىيال چىدى. ئۆيگە قايتىپلا خۇتۇن بىلەن مەسلىھەتنى پۈتتۈرۈپ بۇخىلدىكى چاقماقنىڭ ئامېرىكىدىكى سېتىش ھوقۇقىنى سېتىۋالدى.ئەمما بۇخىلدىكى چاقماقنىڭ ياسىلىشى ئەسلىدىلا ئانچە قولايلىق بولمىغاچقا سېتىلىشى ياخشى بولمىدى،شۇنىڭ بىلەن جورجى ئۆزى باشتىن لايىھىلەشكە كىرىشتى. جورجى بۇخىلدىكى خىزمەتلەرگە خېلى پىششىق بۇلۇپ ،ئىلگىرى دادىسىنىڭ رىمونتخانىسىدا قول ھۈنەرۋەنلىكىنى ئۆگەنگەن بۇلۇپ،ئۇ چاغلاردا ھەپتىدە 59سائەت ،ھەر سائىتىگە 10سىنت تاپاتتىكە... ئۇ ئاۋال ئاۋىسترىيە چاقمىقىنىڭ قۇتىسىنى غىش شەكلىگە ئۆزگەرتىپ ئۇنىڭ بۇرۇنقى تۇتسا قوپال تۇرقىنى ئۆزگەرتىدۇ. قاپقاقلىق قىلىپ، گىرە ئارقىلىق تۇتاشتۇرىدۇ.يەنە پاختا پىلەكنىڭ ئەتراپىغا ھاۋا تۆشىكى ئېچىپ قۇيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ‹ئۆزى كۆركەم،قولايلىق›چاقماق دۇنياغا كېلىدۇ.ئەينى ۋاقىتتا يەنە بىر كەشپىيات-‹سىيرىتما›(ZIPPER) بارلىققا كېلىپ، بلايسدېل يېڭى چاقماقنىڭ نامىنى‹ zippo ›دەپ ئاتايدۇ.چاقماق تۇلۇقى ۋە قۇتىنىڭ سىرتقى يۈزىگە بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا جورجىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئىجادىيىتى ھازىرغىچە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ئىشلەپچىقىرىلغان 300مىليوندىن كۆپرەك چاقماقنىڭ ھەممىسى ئۆمۈرلۈك ئاسراش مۇلازىمىتىدىن بەھىرلىندىكەن،ئەمما ھازىرغىچە بىرەرسىدىمۇ چاتاق چىقماپتۇدەك... 1932-يىلى تۇنجى زىپپو بارلىققا كېلىپ 10يىلدىن كېيىن مىليۇنلۇق سېتىش ئۆتكۈلىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.1969-يىلىغا كەلگەندە بازاردىكى زىپپونىڭ سانى يۈزمىليۇندىن ئېشىپ كېتىدۇ.1996-يىلى 300مىليۇنىنچى زىپپو زاۋۇتتىن چىقىدۇ . بۇ چاقماقلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئۆلچەملىك پۇتبول مەيدانىغا يېيىتسا 12.8سانتىمېتىرلىق قېلىنلىقتا بولىدۇ دەيدۇ. بىرىنچى ئەۋلاد زىپپولار ھازىر يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ ئىشكاپىغا تىزىلىپ بولدى. 1932-يىلدىكى مەڭگۈلۈك نۇسخىسىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ باھاسىمۇ ناھايىتى يۇقىرى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكا نۇرغۇن ئىستىمال بۇيۇملىرى سانائىتىنى توختاتقان بولسىمۇ ئەمما زىپپو داۋاملىق ئىشلەپ چىقىرىلدى. 1936-يىلى زىپپو رەسمىي ئامېرىكىنىڭ پاتېنىت ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن قۇرۇلمىسى تىك تۆت بۇلۇڭ قىلىنىپ،قاپقاق بىلەن گەۋدە شارنىرلىق تۇتاشتۇرۇلۇپ،ئىلگىركى قىيىنچىلىقلار ھەل قىلىندى.ئوت پىلتىسىنىڭ ئەتراپىغا مەخسۇس شامال توسۇش ئۈچۈن تۆشۈكلۈك شامال توسقۇچ ئىشلىتىلدى.40-يىللارنىڭ بېشىدا زىپپو ئامېرىكا ئارمىيىسىگە سەپلەپ بېرىلگەندىن كېيىن ئەسكەرلەرنىڭ ناھايىتى ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. مەيلى جەڭلەردە بولسۇن ھەرقانداق كۈچلۈك شاماللىق مۇھىتلاردا زىپپو ئۆزىنىڭ شامالدىن قورقماس ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.زىپپونىڭ لاھىيەسى شەكىللەنگەن چاغدىلا ھەرخىل يامان كىلىماتلاردىكى ئىشلىتىشچانلىقى مەقسەت قىلىنغانلىقتىن ،ئۇنىڭ تېخنىكىلىق قىسمى ئىلغارلاشقانچە ئۇنىڭ بۇخىل ئىقتىدارلىرىمۇ ناھايىتى ئۆستى. ناۋادا سىزدە ھەقىقىي زىپپو بولسا يامغۇر ياغقاندا سىناپ بېقىڭ،لېكىن تۇربىدىن سۇ چۈشۈرۈپ ئەمەس...بۇلار زىپپونىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى. زىپپونىڭ شامالدىن قورقماس لاھىيەسى دۇنيادا ئەڭ داڭلىق.ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى ئۇنىڭ يالقۇنىدا.ئوخشاش تۈردىكى باشقا ماركىلىق چاقماقلارغا ئوخشىمايدىغان يىرى، زىپپو ھەرگىز يالغۇز يېقىلغۇ گاز تۈرىدىكى چاقماق ئەمەس.ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن يېقىلغۇ بىرخىل ناھايىتى تۇراقلىق بىرخىل نېفىت مەھسۇلاتى.ئۇنىڭ كۆيۈشى بىخەتەرلا بۇلۇپ قالماي بۇلغىنىش يوق.بۇخىل ئېرىتمە شامال توسقۇچنىڭ ئىچىدىكى ئەينەك تالالىق پىلىكنىڭ ئىچىدە ساقلىنىدۇ.زىپپونىڭ كۆيۈش شەكلى جىن چىراق بىلەن ئوخشاش بۇلۇپ، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ سۇ ۋە شامالدىن قورقماس ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرلىقىنىڭ سەۋەبى.
زىپپونىڭ پرىنسىپى-پايپاققا ناھال قاقمايمىز. بىز ھەرگىز ‹ئالەم دەۋرى›دىكى پولىمېرلىق ماتېرىياللار ۋە يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئوت يېقىش سىستېمىسىغا تايانمايمىز.بىزنىڭ نىشانىمىز-‹ئاددى،پۇختا،ئىشلىتىلىشچان بۇلۇش›.سىز مۇھتاج بولغان ھەرقانداق ۋاقىتتا،زىپپو سىزنى بىخەتەر ئوت مەنبەسى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.0.27ئىنگىلىز سۇڭى قېلىنلىقتىكى خروم يالىتىلغان برونزا قاپ،0.18ئىنگىلىز سۇڭى قېلىنلىقتىكى داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان ئىچكى قاپ زىپپونىڭ مۇستەھكەم گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.تالاسىمان ئەينەكتىن ياسالغان پىلەك ئەبەدىي كۈيۈشچانلىققا ئىگە.چاقماق تېشىنى 73000قېتىم پىرقىرتالايسىز.بۇخىل نومۇسسىزلىققا ئۇرۇن يوق تەرەپلىرى زىپپونى ئاددى،پۇختا ۋە ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە قىلغان.

زىپپونىڭ راست-ساختىلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئورالمىسى:1-ھەقىقىي چاقماق (شىياڭگاڭ بىجى شىركىتى تەرىپىدىن چوڭ قۇرۇقلۇققا ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلار) ئورالمىسى ناھايىتى سىپتا،ئادەتتە ئورىلىش شەكلى تۆت خىل.ئۇنىڭ بىرى ABSلىق سۇلياۋ قۇتا، قۇتا چىرايلىق ئەمما ئېچىش يامان تەس،دۆترەك بولسىڭىز يېرىم كۈن كېتىدىكەن. 2-ئۈستى قارا رەڭلىك قاپقاق،ئاستى سۇس سېرىق رەڭلىك قەغەز قاپ. 3-چاقماق چوقۇم مېتال بۇلىشى كېرەك.ھازىر تاس قالىدۇ پايپاققىمۇ nokia دەپ باسقىلى. 4-ئىچىدە كۆك رەڭلىك تىۋىت رەخت بىلەن ئورالغان بۇلىشى كېرەك. 5-ھەقىقىي زىپپونىڭ ئاستىدا ئىشلەنگەن ۋاقتى بار. 1932-يىلدىن 1956-يىلغىچە ئىشلەنگەنلىرىدە تۈز ئۆرنەك خەت نۇسخىسى،1957-يىلدىن 1976-يىلغىچە ئىشلەنگىنىدە خەت يانتو.1977-يىلدىن باشلاپ ئوتنىڭ بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن.1957-يىلدىن باشلاپ ئاستى قىسمىغا ئىشلەنگەن ۋاقتىغا ۋەكىل قىلىنغان سان-سىفىرلار ئۇيۇلغان.ئاندىن Sتەرتىپ نومۇرى. ۋەكىللىك ئىشلەنگەن دەۋرنىڭ سانلىرىنىڭ ئۇسلۇبى ئوخشىمايدۇ. [·]-1957-يىلدىن باشلاپ ئىشلەنگەن. [ | ]-1966-يىلدىن 1973-يىلغىچە. [ / ]-1974-يىلدىن 1981-يىلغىچە. [ \ ]-1982-يىلدىن 1986-يىلغىچە.ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى بۇلار.يىل سەككىز يىلدىن گوروپىلىندۇ.زىپپونىڭ بەلگىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئەڭ كۆپ بولسا تۆتى بولىدۇ.يىللار تەدرىجىي كېمەيتىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا بىرسى ئېشىپ قالىدۇ. 1986-يىلدىن باشلاپ ئايلارمۇ قۇشۇلغان.بەلگىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى رىم رەقىمىنىڭ مەنىسى-Ⅱ-1986-يىلغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. Ⅲ-1987،Ⅳ-1988... A-1-ئاي، B-2-ئاي...ساختىلىرىدا بۇلار يوق يا كەم.بەزىلىرىگە قارىسىڭىز ‹غ›مۇ تۇرغان. 6-ئاۋازى: ھەقىقىسىنى ياقسىڭىز ‹مەن جىڭ›دەپ ئاۋاز چىقىدۇ. جۇڭگودا ياسالغانلىرىنىڭ چاقماق تېشى نىپىز بولغانلىقتىن ئاۋازى قىسىلىپ چىقىدۇ. 7-شامالغا قارشى كۈچى: ھەقىقىيلىرىنى شامالدۇرغۇچقا 40سانتىمېتىر ئەتراپىدا قۇيۇپ، شامالنى ئەڭ يۇقىرى قىلىپ تەڭشىسىڭىزمۇ ئۆچمەيدۇ. 8-قاپقاق: ھەقىقىللىرىنىڭ قاپقىقىنىڭ ئېچىلىشى سىلىق،تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەن بولسىڭىزمۇ قولىڭىزنىڭ دۆتلىشىپ قالمىغانلىقىنى ھىس قىلسىز.ساختىلىرىنىڭ قاپقىقىنى ئاچسىڭىز خۇددى بانكىنىڭ ئىششكىنى ئاچقاندەك ھىسىياتتا بولىسىز. ... ئاندىن سېتىۋالغىنىڭىز مەيلى ھەقىقىي نۇسخا بولسۇن ياكى شۈيخو(ساختىسى ئەمەس) بولسۇن ھەممىسى ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن. زىپپونى ئويناش ئۇسۇلى بۇنىڭ دەرىجىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. دەسلەپكى،ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلەرگە بۆلىنىدۇ. 1-The Basic-ئادەتتىكىچە 2-Around The Wrold-دۇنيانى ئايلىنىش 3-The Dragon-ئەجدىھا 4-The Sanp-سەنپ(ئۆيىڭىز بىنادا بولسا دەرىزىڭىزنى ئېتىۋېتىپ ئويناڭ.) 5-The Tesperado-تەسپىرادو(ماۋۇ بىزە خەتەرلىك،ساقىلى ئۇزۇنلا دىققەت قىلىشى كېرەك.) 6-Roll In The Sky-ئاسماندىكى موللاق
زىپپونىڭ تارىخىدا جاننى قۇتقۇزغان ئىشلارمۇ جىق يۇز بېرىپتىكەن. ۋېتنام ئۇرۇشىدا بىر ئەسكەرنىڭ سول مەيدىسىگە ئوق تېگىپتۇ ئەمما ئۆلمەپتۇ.چۈنكى ئۇنىڭ سول مەيدە يانچۇقىدا زىپپو بارئىكەنتۇق... بۇ يازمىنى 2009-1-4 17:44:47 Ms.punk تەستىقلىغان! |