گۈللۈگ

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动 交友 discuz
كۆرۈش: 2528|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئانتونى گاۋدى كارنېت(Antoni Gaudi i Corn

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2009-2-11 14:54:12 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

ئانتونى گاۋدى كارنېت(Antoni Gaudi i Cornet)

مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سەنئەتكار

ئانتونى گاۋدى كارنېت (1862-يىل 25-سەپەردىن 1926-يىل 10-سەپەر)ئىسپانىيەلىك «كاتالان مودىرنىزىم»(بۇ ئېقىم يېڭى سەنئەت ھەركىتىگە مەنسۈپ بۇلۇپ،20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى مودىرنىزىم ئېقىمىغا ئوخشىمايدۇ.)ئېقىمىدىكى قۇرلۇش لايىھىلىگۈچى بۇلۇپ،يېڭى سەنئەت ھەركىتىگە ۋەكىل بولغۇچىلارنىڭ بىرسى ھىساپلىنىدۇ.

گاۋدى رېئۇس(Reus)تا تۇغۇلغان،ئاتا-بوۋىلىرى پار قازان ياسايدىغان تۆمۈرچى بولغاچقا،ئۇنىڭدا بوشلۇق قۇرۇلما ئىقتىدارى بىلەن ھەيكەلتاراشلىق ھېسىيادى تۇغما ئىدى؛كىچىك ۋاقتىدا شامال تىگىپ قالغاچقا، مەلىسىدىكى بالىلار بىلەن بىللە ئوينىيالمايدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىللە دەرىزىدىن تەبىئەتنى كۆز بىلەن كۈزىتىش ئىقتىدارى يېتىلىدۇ،كېيىن ئۇنىڭ بۇ خىل تۇرمۇشى قۇرلۇش ئاتامىنى بۇلۇپ چىقىشىغا زور دەرىجىدە ياردەم بولىدۇ. گاۋدى ئەتراپىدىكى مۇھىتنى كۈزۈتۈش جەريانىدا، تەبىئەت دۇنياسىدا مۇتلەق تۈز سىزىق بولمايدىغانلىقىنى سېزىۋالىدۇ،ئۇ بۇرۇن مۇنداق دىگەن:(تۈز سىزىقلار ئادەملەرگە مەنسۈپ،ئەگرى سىزىقلار خۇداغا مەنسۈپ).شۇنىڭدىن كېيىن، گاۋدى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەتلىرىدە تەبىئەتنى قوغلىشىدىغان بۇلىدۇ،ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىدە تۈز سىزىقنى ئاساسى جەھەتتىن تاپقىلى بولمايدۇ،كۆپۈنچە ۋاقىتتا ئۇ ئىنتايىن جانلىق،ھەركەتچان ئەگىرى سىزىق بىلەن كۆپ تەرەپلىك قۇرۇلمىلار ئارقىلىق قۇرلۇشنى تاماملايدۇ.

گاۋدى بەش قېرىنداشنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى بۇلۇپ،دادىسىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن بارسېلوناغا بارىدۇ،ھەمدە قۇرلۇش لايىھىلەش كەسپىدە ئوقۇيدۇ.1878-يىلى چىنە كىسەك سودىگىرى مانۇئېل ۋايسىن (Manuel Vicens) گاۋدىغا بىر قورۇق لايىھىلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.شۇندىن كېيىن گاۋدى ئۆزىنىڭ قۇرلۇش لايىھىلەش تۇرمۇشىنى باشلايدۇ.بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئىسىل لايىھىسى ئەمەس بۇلۇپ،بەلكى كېيىنكى ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ بىردىن-بىر ئالاھىدە ئۇسلوبىنى دۇنياغا نامايەندە قىلىشقا باشلايدۇ.1878-يىل ئۇ ئۆزىگە مەبلەغ سالغۇچى ۋە ۋاكالەتچىسى گۇئېل(Guell)ئەپەندىم بىلەن تونىشىدۇ،گۇئېل ئەپەندىم ئۇنىڭغا دائىم دىگۈدەك قەۋرە،چېركاۋ،ئائىلىك قوروسى قاتارلىق قۇرلۇش لايىھىلىرىنى زاكاس قىلىش ئارقىلىق، گاۋدىنىڭ ئەركىن ھالدا، ئۆزىنىڭ قابىليىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا مۇھىم بولغان مۇھىتنى ھازىرلاپ بېرىدۇ. گاۋدى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك بولغان ھىسىيادىنى ئىپادىلەشتىن باشقا،يەنە كېيىنكى كاتالان مودىرنىزىم ئېقىمىنى يارىتىشقا ئاساس سالىدۇ.

گاۋدى ھاياتىنى بويتاق ئۆتكۈزىدۇ،ئۇنىڭ خىزمەتتىن باشقا ھىچقانداق قىزىقىشى يوق ئىدى.( TEMPLE EXPIATORI DE LA SAGRADA FAMILIA)چېركاۋ ئۇنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئەسىرى ھىساپلىنىدۇ،43 يىللىق ئۆمۈرىنى مۇشۇ قۇرلۇشقا بېغىشلىغان دىسەكمۇ بولىدۇ،1925-يىلى گاۋدى بۇ پۈتمىگەن قۇرلۇشتا تۇرىدۇ،ئۇ پۈتۈن ھىسىيادى ۋە قان-تەرى بىلەن چېركاۋنىڭ قۇرۇلمىسىنى لايىھىلەيدۇ،1926-يىل 7-سەپەردە گاۋدى شۇ كۈنلۈك خىزمىتىنى تۈگۈتۈپ، چېركاۋدىن چىقىپ شەھەر مەركىزىدىكى چېركاۋغا دۇئا تاۋابات قىلغىلى ماڭغان چېغىدا يولدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچۇراپ قالىدۇ،ئۇ ئۈستىگە كونا خىزمەت كىيىملىرىنى كىيىۋالغاچقا،يولدىكىلەر ئۇنى بىچچارە مۇساپىر ئوخشايدۇ دەپ،قىزىل كىرىس دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قويىدۇ،ئۈچ كۈندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۆنۈم بەرمەي ۋاپات بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن ھەشەمەتلىك دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ،دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقانلار شەھەر مەركىزىدىكى قىزىل كىرىس دوختۇرخانسىدىن تارتىپ،تاكى ئۆزى لايىھىلىگەن(TEMPLE EXPIATORI DE LA SAGRADA FAMILIA)چىركاۋغىچە داۋام ئىتىدۇ.ئۇنىڭ مېيىتىنى ئاشۇ تېخى پۈتمىگەن چېركاۋنىڭ ئاستىغا قويىدۇ.

ئۇنىڭ ئەسەرلىرى:

CASA VICENS (1883-1888) دۇنيا مىراسىغا كىردى

TEMPLE EXPIATORI DE LA SAGRADA FAMILIA (1882- ) دۇنيا مىراسىغا كىردى

PAVELLONS DE LA FINCA GÜELL (1884-1887)

PALAU GUELL (1886 - 1889) دۇنيا مىراسىغا كىردى

COL.LEGI DE LES TERESIANES (1888-1889)

CASA CALVET (1898-1899)

TORRE DE BELLESGUARD (1900 - 1909)

PARC GÜELL (1900-1914) دۇنيا مىراسىغا كىردى

 

PORTA DE LA FINCA MIRALLES (1902)

CASA BATLLÓ (1904-1906) دۇنيا مىراسىغا كىردى

CASA MILÀ, LA PEDRERA (1906-1912) دۇنيا مىراسىغا كىردى

ESGLÉSIA DE LA COLONIA GÜELL (1908 - 1917) دۇنيا مىراسىغا كىردى

ESCOLES DE LA SAGRADA FAMILIA (1909)

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

2#
يوللىغان ۋاقتى 2009-2-11 15:00:40 |ئايرىم كۆرۈش

ئانتونى گاۋدى كارنېت(Antoni Gaudi i Cornet)

0

تېما

0

دوست

2710

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

3#
يوللىغان ۋاقتى 2009-2-12 00:13:43 |ئايرىم كۆرۈش

wow... گاۋدى!! ...ئىسپانىيە قۇرۇلۇشى دېسىلا بىرىنچى بولۇپ Gaudiۋە ئۇنىڭ قۇرۇلۇشلىرى تىلغا ئېلىنىدۇ ھە.....

ئىسپانىيەدىن داڭلىق قۇرۇلۇش ئىنژېنىرلىرى كۆپرەك چىقامدۇ قانداق...رىكاردو بوففىلRicardo Bofill دەك(ئەلۋەتتە.بۇلار ھەممسىسى ھازىرقى زامان قۇرۇلۇش ئېنژېنىرلىرى...)

Guggenheim گۇگىنخيىم ھازىرقى زامان سەنئەت موزىيى ئېسىمگە كېلىپ قالدى..ئىسپانىيە قۇرۇلۇشى دېسە..

 

 

 

 

0

تېما

0

دوست

8910

جۇغلانما

پومېشچىك

Rank: 8Rank: 8

4#
يوللىغان ۋاقتى 2009-2-12 08:07:33 |ئايرىم كۆرۈش
ئىسپانىيەلىكلەر پىكاسونىڭ تەسىرىگە دەھشەت ئۇچۇرغاندەك قىلىدۇ

0

تېما

0

دوست

7257

جۇغلانما

بۇلبۇل

Rank: 2

5#
يوللىغان ۋاقتى 2009-2-12 09:11:01 |ئايرىم كۆرۈش

گاۋدىنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ waking life دىگەن كىنودىكى بىر گەپلەر يادىمغا كەپقالدى.

 

You want to go with the flow. The sea refuses no river.

you come onto this planet with a crayon box. Now, you may get the 8-pack, you may get the 16-pack. But it's all in what you do with the crayons, the colors that you're given. And don't worry about drawing within the lines or coloring outside the lines. I say color outside the lines. You know what I mean? Color right off the page. Don't box me in. We're in motion to the ocean. We are not landlocked

 

0

تېما

0

دوست

8080

جۇغلانما

باغۋەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

6#
يوللىغان ۋاقتى 2009-2-14 02:38:27 |ئايرىم كۆرۈش

Ajayip, ajayip

!!!!!!!!!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|手机版| ( 新ICP:13003540 )

GMT+6, 2017-4-23 09:17 , Processed in 0.210979 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش